ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن - [شېئىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2009年04月04日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/37464029.html

    ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن


    ساداقەتجان ھاجى


    ئۇلۇغ سەن ئالەمدە ، ئۇلۇغ شۇ قەدەر.
    ھەممىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىسى ۋەتەن.
    سەن ئەڭ پاك ئىشقىمنى بەخش ئەتكەن دىلبەر.
    قەلبىمنىڭ شادلىقى، قايغۇسى ۋەتەن.

    نېمە ئۇ گۈل دېگەن، سولىدۇ ئاخىر.
    نېمە ئۇ نۇر دېگەن، ئۆچىدۇ يەنە.
    نېمە ئۇ قاشتېشى، ئالتۇن، جاۋاھىر،
    ھەممىدىن ئۇلۇغ بوپ تۇرۇپسەن ئەنە.

    پارلىدى قۇياشمۇ، ئاخىرى پاتتى.
    ئاينىڭمۇ نۇرلىرى شۇقەدەر خىرە.
    سېنىڭسىز ئالەمدە قاچان تاڭ ئاتتى؟
    ھەم بولدى چىرايلىق قايسى مەنزىرە؟

    دېڭىزلار ئۇخلايدۇ دولقۇنلىيالماي.
    دەريالار ئۇخلايدۇ چۆكۈپ قايغۇغا.
    بۇلاقلار ئۇخلايدۇ بۇلدۇقلىيالماي.
    سېنىڭسىز بۇ دۇنيا كېتەر ئۇيقۇغا.

    سەن ئۈچۈن بەھەيۋەت تۇرىدۇ تاغلار.
    سەن ئۈچۈن ئاسماننىڭ چىھرىدۇر پارلاق.
    سەن ئۈچۈن ياشىرىپ تۇرىدۇ باغلار.
    سەن ئۈچۈن قۇشلارنىڭ ناخشىسى ياڭراق.

    سەن ئۈچۈن ھەممىنىڭ قەلبىدە ئىمان.
    سەن ئۈچۈن ياشايدۇ جىمى مەۋجۇدات.
    سەن ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئويغاقتۇر زامان.
    سەن ئۈچۈن پىدادۇر قىممەتلىك ھايات.

    ئۇلۇغ سەن ئالەمدە. ئۇلۇغ سەن مەڭگۈ.
    بەختىڭنى ھىچكىممۇ قىلالماس خاراپ.
    مەن ئۈچۈن سەن گويا دىلرەبا سۆيگۈ.
    ۋەسلىڭنى بىر ئۆمۈر قىلىمەن تاۋاپ.


    (1996- يىل 5- ئاينىڭ 20- كۈنى. قەشقەر)
    ***********************
    («تارىم» ژۇرنىلى 1996- يىللىق 10- سان)
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    ***********************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: