版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38078005.html

    كۆڭلۈمگە خىتاب


    ساداقەتجان ھاجى


    (1)
    ئاراملىق يوق ساڭا ھەرگىز جاھان غەۋغاسىدىن كۆڭلۈم.
    ئازاپقا مۇپتىلادۇرسەن جانان سەۋداسىدىن كۆڭلۈم.
    قىزىل قان بولسىمۇ جان - تەن قىزىل گۈل ۋەسلىدە ئۆرتەن!
    قانات قاق ئاشىيان ئىزدەپ زامان سەيناسىدىن كۆڭلۈم.
    (2)
    ئى كۆڭلۈم سەن سامادا بالقىغان ئەختەرگە ئايلانغىن.
    نە ئەختەر، بەلكى نۇرلۇق كۈن كەبى رەھبەرگە ئايلانغىن.
    تىڭىرقاپ قالمىسۇن توپان بالاسىدا بۈيۈك ئارمان،
    ئۈمىد بەر ئەلگە، ئامەت ئەلچىسى كەپتەرگە ئايلانغىن.
    (3)
    بۇ ئالەمدە گۈزەل بولماق قىيىن پەرداز بىلەن كۆڭلۈم.
    ۋە ياكى ئۆزگىلەر ھۆسنىدىكى ئەنداز بىلەن كۆڭلۈم.
    گۈزەللىك تاجىنى كەيمەك نىسىپ بولماس ساڭا ھەرگىز
    ئەگەر نۇرلانمىسا ئارمانلىرىڭ پەرۋاز بىلەن كۆڭلۈم.
    (4)
    ئى كۆڭلۈم نائۈمىد بولما كۆرۈپ روھىمنى ھەسرەتتە.
    ئۇ شۇنداق ئاھ ئۇرۇپ تۇرغاچ جاھان قالمايدۇ غەپلەتتە.
    ئۇنىڭ ئارمان گۈلى ئىشرەت بېغى ئىچرە ئېچىلمايدۇ،
    تۈمەن ھىكمەت تۇرار چاقناپ ئۇ چەككەن ھەر مۇشەققەتتە.
    (5)
    مۇھەببەت دەشتىدە دوستلار ئەمەس ھەرگىز بىغەم كۆڭلۈم.
    ئاداشماس ئەقلىدىن چەككەن بىلەن قايغۇ – ئەلەم كۆڭلۈم.
    ئۇ يار ۋەسلىگە تەشنادۇر، باھار پەسلىگە ئاشنادۇر،
    يازار ئىشقىي غەزەللەرنى بولۇپ بىدار قەلەم كۆڭلۈم.
    (6)
    ئى كۆڭلۈم سۆيگۇدە سەن قەلبى چۆل گۈليۈزگە ئىنتىلمە.
    قۇياشقا ئالدىنىپ جانغا جاپا كۈندۈزگە ئىنتىلمە.
    بېشىڭدا گەرچە تاج يوق بولسىمۇ باردۇر تۈمەن ھىكمەت،
    قەدىرلە ئادىمىيلىكنى ھامان، مۈڭگۈزگە ئىنتىلمە.
    (7)
    قۇرۇق قۇمدەك چېچىلماستىن ياشا تاغدەك چىڭىپ كۆڭلۈم.
    ئانا يەرنىڭ ۋۇجۇدىغا گويا سۇدەك سىڭىپ كۆڭلۈم.
    يېڭىلگەن ياخشى كۈن كۆرمەس، يىلىنغان يالجىماس ئەسلا،
    ھايات گوياكى بىر جەڭدۇر، بۇ جەڭدە چىق يېڭىپ كۆڭلۈم.
    (8)
    ئى كۆڭلۈم باتىنىڭ نۇر، زاھىرىڭ بولغان بىلەن زۇلمەت.
    ئىماندىن ئاجرىما زۇلمەت ساڭا يەتكۈزسىمۇ كۈلپەت.
    ھاياتىڭنى ھالال ئەجرىڭ بىلەن جەننەتكە ئايلاندۇر،
    ئۈمىد قىلساڭ ئەگەر ھۆرلەر بىلەن بولماقنى سەن ئۈلپەت.
    (9)
    كۆرمىسەڭ ۋاپا ياردىن بولمىغىن خاپا كۆڭلۈم.
    ئۈزمەستىن ئۈمىدىڭنى قىلىۋەر ۋاپا كۆڭلۈم.
    باغرىڭ بولسىمۇ داغلىق، داغنىڭ كارىدۇر چاغلىق!
    يار بەرمەس ۋىسالىنى چەكمىسەڭ جاپا كۆڭلۈم.

    *********************
    (2001-يىلى. قەشقەر)
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    *********************


    历史上的今天:

    سىمۋول ئىزدەش 2009年04月18日
    يامغۇر... قان 2009年04月18日
    غەزەللەر 2009年04月18日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: