版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38090684.html

    غەزەللەر


    ساداقەتجان ھاجى


    خۇمار بولدى

    قۇيە ساقى شارابىڭنى، كۆڭۈل مەيگە خۇمار بولدى.
    قەدەھنىڭ پارچىسى ئەمدى ماڭا ئالتۇن تۇمار بولدى.
    قۇيە دىسەم، ھاراق قۇيما. گۇلابقا جامنى توشقۇزغىن.
    ئېچىلىپ باغدا گۈل-غۇنچە ئانا يۇرت گۈلدىيار بولدى.
    ساماۋەرنىڭ چېيى كەۋسەر، پىيالەمگە قىنى قۇيغىن.
    ھاراقتىن نەچچە يۈز ھەسسە مېنى چاي خۇش قىلار بولدى.
    بولۇپ يۈرمە ئايا ساقى، ئاۋارە ئوت قالاپ مەشكە.
    تۈمەن دەريا سۈيى مۇزدەك يۈرەككە بەك ياقار بولدى.
    شارابتىن تەم تەلەپ قىلساڭ، تۈمەننىڭ سۈيىنى ئىچكەن
    ئەزىزانە دىيار كۆركى – قوغۇندىن بال تامار بولدى.
    ئىچىپ باققانمۇ رەڭدار مەي جاناننىڭ لېۋىدەك قىزىل.
    بېھىشكىرەم ئانارىدىن قىزىل ياقۇت ئاقار بولدى.
    شاھانە جامدا مەي ئىچمەي بېسىلماس بۇ خۇمار ئەسلا.
    گويا ئالتۇن قەدەھ – ئەنجۈر. قەدەھ يۇرتى – دىيار بولدى.
    كۆرۈپ بىزنىڭ شارابلارنى ھاراق ئاتلىق ھارام ھەمراھ،
    كۆڭۈل بوستانىدىن قېچىپ نەزەردىن ھەم بىكار بولدى.
    خۇمارى تۇتتى خەلقىمنىڭ. قىنى ساقى شاراب كەلتۈر.
    سۆزۈم ساقى ئۈچۈن مەيلەر بېغىدا بىر شىكار بولدى.

    1985-يىل 2-ئاي. قەشقەر (مەنبە: «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 3-سان)


    تەلپۈنۈش

    ئەي گۈزەل ئايدۇر يۈزۈڭ، بىر جۈپ كۆزۈڭ كۆك ئەختىرى.
    جاننى قويغاي ئوڭدا جىلۋە قىلسا قاشىڭ خەنجىرى.
    قايسى جاننىڭ جۈرئىتى بار كۆرگىلى شەھلا كۆزۈڭ،
    تۇرسا قوغداپ بىرلە سەپ ھەيۋەتتە كىرپىك ئەسكىرى.
    ئىزدىمەس جەننەت ماكاندىن كەۋسەرۇ زەمزەم كۆڭۈل،
    تۇرسا غۇنچە لەۋلىرىڭ گوياكى چەشمە كەۋسىرى.
    گۈلگە زار بۇلبۇل كەبى باققاي كۆزۈم ھەردەم ساڭا،
    توز قاناتىدەك لىباسىڭدۇر چىمەنلەر تەسۋىرى.
    ئەيلىگەي دەرمان بولۇپ دەردمەن دىلىمنى شاد-خۇرام ،
    يەتسە دىماققا  بويۇڭدىن تارىغان خۇش ئەنبىرى.
    ئەي گۈزەل، ئىشقى بىدار ئىشقىڭدا چەكتى كۆپ پىراق،
    ئاڭا باغرىنى ئاچار قاي چاغ  ۋىسالنىڭ مۇنبىرى؟

    1985-يىل 3-ئاينىڭ 10-كۈنى («قەشقەر ئەدەبىياتى» 1986-يىللىق 3-سان)


    历史上的今天:

    سىمۋول ئىزدەش 2009年04月18日
    يامغۇر... قان 2009年04月18日
    كۆڭلۈمگە خىتاب 2009年04月18日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: