بىر جېنىڭغا مىڭ جانان پىدا - [شېئىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2009年04月18日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/38090989.html

    بىر جېنىڭغا مىڭ جانان پىدا


    ساداقەتجان ھاجى


     ( ئاللاھ بىردۇر.
    قۇدرىتى چەكسىزدۇر.
    رەھمىتى چەكسىزدۇر.
    ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
    ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ... )



    بىر زەررەڭدە مىڭ قۇچاق نۇر بار،
    بىر قۇچاقتا مىڭ قۇياش تەپتى.
    زەررىلىرىڭ قۇچاقلاپ مېنى،
    يۈرىكىمگە مۇھەببەت سەپتى.

    بىر بەرگىڭدە مىڭ دەستە غۇنچە،
    بىر غۇنچەڭدە باردۇر مىڭ بوستان.
    ئىلھام ئېلىپ غۇنچىلىرىڭدىن
    يازماقتىمەن دەستىلەپ داستان.

    بىر چوغۇڭدا مىڭ دۆۋە گۈلخان،
    بىر دۆۋەڭدە مىڭ تاغ لاۋاسى.
    ئۆزۈڭ سالدىڭ كۆڭلۈمگە ئوتنى،
    ئۆزۈڭدىدۇر دەرتنىڭ داۋاسى.

    بىر تىنىقىڭ مىڭ تۈننى ئۆرتەر،
    بىر تېڭىڭدىن تۇغۇلار مىڭ كۈن.
    ئۆرتەشلىرىڭ قىلىدۇ ھەرئان
    دىل بېغىمدىن زۇلمەتنى سۈرگۈن.

    بىر جىلۋەڭدە مىڭ جان جۇلاسى،
    بىر جېنىڭغا مىڭ جانان پىدا.
    ۋەسلىڭنى دەپ بىر دەقىقىدە
    مىڭ مەرتىۋە قىلىمەن نىدا.

    بىر كۆزۈڭدە مىڭ كۆڭۈل زاھىر.
    بىر كۆڭلۈڭدە مىڭ تىلسىم ئايان.
    يەتمەك ئۈچۈن ۋەسلىڭگە ئاخىر،
    ھىجرانىڭغا ئىزدەيمەن پايان.


    2001- يىل 6- ئاي.
    («تارىم» 2002-يىل 9-سان)
    &&&&&&&&&&&&&


    历史上的今天:

    سىمۋول ئىزدەش 2009年04月18日
    يامغۇر... قان 2009年04月18日
    غەزەللەر 2009年04月18日
    كۆڭلۈمگە خىتاب 2009年04月18日

    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: