يامغۇر... قان - [شېئىرلىرىم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2009年04月18日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38091336.html
يامغۇر... قان
ساداقەتجان ھاجى
مەن قەلبىمنى ۋاراقلايمەن
بەش قېتىم ئەمەس، چەكسىز...
ھەر بىر ۋاراققا قارايمەن.
قاناپ كەتتى كۆزۈمنىڭ نۇرى... شەكسىز!
قان ئاشىقتەك ئاقار
قايناپ تېشىپ نالە قىلىپ يارغا.
ئاشىقنىڭ ھالىغا كىم باقار؟
ئاشىق ئېسىلار ئاخىرى دارغا!
قان– قايناۋاتقان قان
ماڭا ئوخشاش ئويلاپ ئۆلۈمنى.
قان– ئويغانغان قان.
قاندا سۇغۇرىمەن گۈلۈمنى...
غۇنچە... غۇنچە... غۇنچە...
ئاشىقنىڭ باغرىنى قان قىلدى شۇنچە!
يەنە شۇ قان.
يامغۇر...قان...
ياغدى قان
تۈنلەردە تامچىلاپ
تاڭلاردا ياندى قان!
مەن قەلبىمنى ۋاراقلايمەن...
ھەر بىر ۋاراققا قارايمەن
ئوقۇماقچى بولۇپ قاننىڭ ئىچىدىكى خەتنى.
يازماقچى بولۇپ خەتنىڭ ئىچىدىكى قاننى...
2008-يىل 1-ئاينىڭ 18- كۈنى. قەشقەر
ر
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us