سىمۋول ئىزدەش - [شېئىرلىرىم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2009年04月18日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/38091447.html
سىمۋول ئىزدەش
ساداقەتجان ھاجى
شېئىردا سىمۋول ھىچنىمىگە ئەسقاتمايدۇ.
سىمۋولنىڭ كۆڭلىدە سىر ياتمايدۇ.
تۈن دىسەڭ، كۈن چىقىدۇ يېرىم كېچىدە.
كۈن دىسەڭ، چىڭقى چۈشتىمۇ تاڭ ئاتمايدۇ.
شائىر شېئىر يازمايدۇ.
شېئىر يازىدۇ ھەرپ ۋە تاۋۇش.
قۇش – شائىر ئۈچۈن يەنە بىر سىمۋول،
لېكىن شائىردەك ياشاشنى خالىمايدۇ قۇش.
شائىر – شېئىرنى ئىزدىگۈچى.
ئىزدەيدۇ... ئىزدەيدۇ... تاپالمايدۇ...
شائىر ئىزدەيدۇ كىچىككىنە بىر تۈپ گىياھنى،
لېكىن ئۇ شائىرنىڭ قەبرىسىنى ياپالمايدۇ.
قەبرە!
شائىر ئىزدىگەن سىمۋول شۇمۇ؟
تېپىلمايدۇ قەبرىدە
قەلەمگە ئىچۈرۈدىغان سۇمۇ.
2008-يىل 1-ئاينىڭ 18-كۈنى
历史上的今天:
يامغۇر... قان 2009年04月18日
بىر جېنىڭغا مىڭ جانان پىدا 2009年04月18日
غەزەللەر 2009年04月18日
كۆڭلۈمگە خىتاب 2009年04月18日
收藏到:Del.icio.us
引用地址: