版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/117224703.html

    «خۇدا ئۇرغان سىگانلار»


    سىگانلار ۋە ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى

              سىگانلار ياۋروپادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئازسانلىق مىللەت.
              مىلادى 5-ئەسىردىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بۇ مىللەت، ئۇزۇن يول بېسىپ يۇرتى ھىندىستاندىكى پەنجاپتىن ياۋروپاغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. نوپۇسى تېز كۆپىيىپ ھازىرقى مىليونغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن سانىنىڭ كۆپىيىشى، بۇ مىللەتكە ھېچقانداق ئابرۇي ئېلىپ كېلەلمىگەن.
              «سىگان» سۆزى سەرگەردان دېگەن مەنىدە بولغاچقا باشقا مىللەتلەر ئۇلارنى «ئوغرى، مەينەت، ھۇرۇن» دەپ سۈپەتلىگەن.
              سىگانلار شامالغا ئوخشايدىغان مىللەت، دائىم كارۋان ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇششاق قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدۇ ، كوچا ئارىلاپ ئۇششاق سودا-سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئەرلىرى توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا سۇناي، دۇمباق چېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئاياللىرى بولسا باشقىلارغا قەرىت بىلەن پال سېلىپ پۇل تاپىدۇ.
              15-ئەسىردىن باشلاپ ياۋروپادىكى كۆپ سانلىق دۆلەتلەر سىگانلارنى «ۋابا كېسىلى تارقاتتى، ئوغرىلۇق ۋە سېھرىگەرلىك بىلەن شۇغۇللاندى» دېگەن بەتنام بىلەن ئارقا-ئارقىدىن دۆلەتتىن قوغلاپ چىقاردى. 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىست گېرمانىيىسى 200 مىڭ سىگاننى جازا لاگىرىدە قىرىپ تاشلىدى. شەرقى ياۋروپادىكى سوتسىيالىستىك دۆلەتلەر گەرچە سىگانلارنى «نامدا، ھوقۇقتا باراۋەر» دېگەن بولسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىنى چەكلىدى، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار يەنىلا 2-دەرىجىلىك پۇقرا.
              ياۋروپا دۆلەتلىرىدە سىگانلارنىڭ خىزمىتى يوق، قۇتقۇزۇش پۇلى يوق. گېرمانىيەدە كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۇلار بىلەن قوشنا بولۇشنى خالىمايدۇ. فرانسىيەنىڭ مۇشۇ قېتىمقى كەڭ-كۆلەمدە سىگانلارنى چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىش ئىشى خەلىقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسانىي ھوقۇق كومىتېتى فرانسىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ ئايرىم كىشىلەرنىڭ جىنايىتىنى پۈتۈن مىللەت بىلەن ئارىلاشتۇرماسلىقنى ئەسكەرتتى.
              بىراق، سىگانلارنىڭ مۇشۇ كۈنگە قېلىشىنى پۈتۈنلەي باشقىلاردىن كۆرۈشكىمۇ بولمايدۇ. سىگانلارنىڭ خاس تۇرمۇش ئادىتى ۋە مىللەت ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ مۇشۇ قىيىنچىلىققا قېلىشتىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
              سىگانلارنىڭ ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئادىتى بىلەن ياۋروپالىقلارنىڭ تۈزۈمى زادى ئوخشىمايدۇ.
              سىگانلار كىچىك بالىلىرىنى يېتىلەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزىدۇ. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ تۇرمۇش مىزانى. سىگانلار قانۇن ۋە ساقچىلارنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىنى «شەرەپلىك» دەپ ھېس قىلىدۇ. ئۇلار تۈزۈمنى «مەۋجۇت ئەمەس» دەپ قارايدۇ.
              ھۆكۈمەت ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلار بۇنى «ئەنئەنىمىزگە بولغان بۇزغۇنچىلىق» دەپ قاراپ مائارىپ تەربىيىسىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىدىكەن.
              ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆپ سانلىق بالىلار 15-16ياشتىلا مەكتەپتىن چېكىنىدۇ. شۇڭا سىگانلار ئىچىدە زىيالىيلار يوق دېيەرلىك.
              بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، سىگانلارنىڭ تازلىق ئادىتىمۇ غەيرى، ئۇلار كارۋان ھارۋىلىرىنىڭ ئىچىنى كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك بېزەيدىكەن، ئەمما سىرتى بىلەن كارى يوق ئىكەن. ئۇلار «ئۆيدە يېمەكلىك ساقلانغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىچىگە ھاجەتخانا ۋە مۇنچا لايىھەلەشكە بولمايدۇ» دەپ قاراپ ھەشەمەتلىك داچا سالغان ھالەتتىمۇ، تالاغا قومۇشتا كەپە ياساپ تەرەت قىلىدىكەن.
              سىگانلار ئوغرىلىققا بەك ماھىر بولۇپ، بۇ ئىشتىن قول ئۈزەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭ دۈشمەنلىك قارىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن.
              سىگانلار ئىچىدە مۇنداق بىر رىۋايەت بار ئىكەن:
              «ئەيسانى كىرىستقا مىخلايدىغان چاغدا بىر سىگان ئۇنىڭ كۈرىكىگە مىخلايدىغان مىخنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تەڭرى سىگانلارغا ئوغرىلۇق قىلىش ئىجازىتى بەرگەنمىش...»
              قارىماققا ئەركىن ياشاۋاتقان بۇ مىللەتنىڭ ياشاش بوشلۇقى بارغانچە تارلاپ بارماقتا.
              سىگان يازغۇچىسى لوناردو لى «خۇدا ئۇرغان سىگانلار» دېگەن كىتابىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «بىزنىڭ مۇزىكىلىرىمىز، سەنئىتىمىز، ئەنئەنىۋى كىيىم كېچەكلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلىنىپ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كۆرگەزمىخانىلاردا ئىسپانلارنىڭ، ۋېنگىرلارنىڭ، چېخلارنىڭ، فرانسۇزلارنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇمى سۈپىتىدە كۆرگەزمە قىلىنماقتا، نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئوغرىلاپ كېتىلدى، ئەمما بىز تاكى ھازىرغىچە ئوغرى دېگەن نامدىن قۇتۇلالماي كېلىۋاتىمىز! ئېھتىمال بۇ سىگانلارنىڭ پاجىئەسى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ پاجىئەسىدۇر.»

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: http://www.uycnr.com/
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ياۋرۇپادىكى سىگانلار


              ياۋرۇپادىكى بىر قىسم سىگانلار ئۆزىنىڭ «سىگان» دەپ ئاتىلىشىنى ئانچە ياقتۇرمايدۇ، شۇڭا ئۇلار 1971-يىلى دۇنيا Romaلىقلار ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىپ، ئۆزلىرىنى Romaلىقلار دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان، ھەمدە خەلقئارادىن «Romaلىقلار»نىڭ بىر مۇستەقىل مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلىشىنى رەسمىي تۈردە تەلەپ قىلغان.
              سىگانلار-ھىندىستاندىن كەلگەن كىشىلەر بولۇپ، رىۋايەت قىلىنىشىچە 10-ئەسىردىن باشلاپ ئوتتۇرا شەرققە قاراپ سۈرۈلۈشكە باشلىغان. نۆۋەتتە ياۋرۇپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا 12 مىليۇن سىگان بار، فىرانسىيە چىگىرىسى ئىچىدە تەخمىنەن 15 مىڭ سىگان بار. ئالدىنقى كۈنلەردە فىرانسىيەدە سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش دولقۇنى قوزغۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادا غولغولا قوزغىغان.
              سىگانلار كۆچمەن تۇرمۇشنى ئاساس قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ مىللى تىلى رومىنىي تىلى. نۆۋەتتە فىرانسىيەگە كېلىۋاتقان سىگانلار ئاساسلىقى رومىنىيە ۋە بۇلغارىيەدىن كېلىدۇ.
              ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سىگانلار يەھۇدىلارغا ئوخشاشلا گىرمانىيە تەرىپىدىن «پەس مىللەت» دەپ قارىلىپ زىيانكەشلىككە ئۇچىرىغان.
              سىگانلار نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان، ئاساسلىقى ياۋروپادا تارقاق ھالەتتە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان كۆچمەن مىللەت بولۇپ، ئۇلار ئادەتتە ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ تىلى ياكى سىگان تىلىنى ئىشلىتىدۇ.
              سىگانلار پەرزەنتلىرىنى كىچىكلا ياتلىق قىلىۋېتىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا ئاتا-ئانا تېپىشتۇرۇش شەكلىدىلا ئۆز ئۆيىدە ئاددىي ئەمما قىزغىن مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ توينى تەبرىكلەيدۇ. سىگانلاردىمۇ ناخشا-ئۇسۇلسىز توي قىزىمايدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئىسپانىيەدىكى سىگانلار

              فىرانسىيە ھۆكۈمىتى سىگانلارنى قوغلاپ چىقارغاندا، ئىسپانىيەلىكلەر فىرانسىيەنىڭ بۇ قىلمىشىغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆكۈزدى. ئەمەلىيەتتىمۇ، ئوتتۇرا ئەسىردىلا ئىسپانىيە سىگانلارنىڭ «ئىككىنچى يۇرتى» بولۇپ قالغان. ئىسپانىيەنىڭ «مەدەنىيەت جەۋھىرى» بولغان فلامىنگو ئۇسۇلىنىڭ رېتىم، قائىدە-پىرىنسىپلىرىغىمۇ سىگان ناخشا-ئۇسسۇللىرىنىڭ رومانتىكلىقى مۇجەسسەملەنگەن. ئىسپانىيەدە ھازىرمۇ سىگانلار ناھايىتى كۆپ.
              ئىسپانىيەدىكى سىگانلار زادى قانداق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ؟
              بىر قىسىم ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا خەۋەر قىلىنغاندەك، ئوغرىلىق ۋە تىلەمچىلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزەمدۇ؟
              مۇخبىرىمىزنىڭ ئىسپانىيەدە نۇرغۇن سىگان تونۇشى بولۇپ، ئىسپانىيەدىكى سىگانلار ناھايىتى تىرىشچان، راستچىل، ئەمگىكىگە تايىنىپ جان باقىدىغان بولغاچقا، ھۆرمەت-ئابرۇيغا سازاۋەر بولغان. ئۇلار سىگانلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
              20 ياشلىق مارىيە دولالىس ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇلچىسى. ئۇ ئىشلەيدىغان ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكىدە توققۇز ئادەم بولۇپ، ھەممىسى سىگان. ئۇلار ھەر قايسى جايلارغا بېرىپ ئويۇن قويىدۇ، باشقا ئىسپانىيەلىكلەرگە ئوخشاش ھەپتە ئاخىرىدىكى قوش دەم ئىلىشتا دەم ئالىدۇ ياكى ساياھەت قىلىدۇ. ئۇلار بەزىدە بىر كۈندە ئۈچ مەيدان ئويۇن قويىدۇ، ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن چارچاپ ھالىدىن كەتكەن ھالدا دەم ئالىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئەتىسى يەنە داۋاملىق ئويۇن قويۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ كەسىپنى قەدىرلەش روھى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
              كاسترو ئىسىملىق بىر سىگان بوۋاي مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «كىچىكىمدىن تارتىپلا دادامغا ئەگىشىپ كېرەكسىز تۆمۈر، مىس يىغىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق، كېيىن مەخسۇس ئەينەك قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ياسايدىغان زاۋۇتقا كىرىپ ئىشلىدىم. تىرىشچان، ئەقىللىق بولغاچقا، ھەر خىل ماھارەت باسقۈچلىرىنى بىر قېتىمدىلا ئۆگىنىۋالاتتىم، بولۇپمۇ ئەينەكنى پۈۋلەپ سەنئەت بۇيۇمى ياساشتا ئۇستازىمنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتىم. ئۇستازىم بىلىدىغان بارلىق ھۈنەرلىرىنى ماڭا ئۆگەتتى». ھازىر كاسترو پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئەينەك قول ھۈنەر بۇيۇملىرى زاۋۇتىنىڭ تارىخىدا خاتىرىلەندى.
              مۇخبىرىمىز كېرەكسىز تۆمۈر تەسەك يىغىدىغان سىگان يىگىت يوسېنى زىيارەت قىلدى. ئۇ بۇ يىل 22 ياشتا بولۇپ، ئايالى بىلەن كۈندە ئاز دېگەندە 12-13 سائەت ئىشلەيدىكەن، ئىشى ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، ئەركىن-ئازادىلىكىدىن خۇشال ئىكەن. سىگان يىگىت يوسېنى: «سىگانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى دەل باشقىلارنىڭ باشقۇرمىغانلىقىدا، شۇڭا سىگانلار ئاساسەن سىرتلاردا جاھاندارچىلىق قىلىدۇ. سىگانلار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى ئەمگەكچان مىللەت، كۆپچىلىك ئىشقا تۇتۇش قىلغاندا شىرغا ئوخشاپ كېتىدۇ، بىراق كۈچلۈك ئۇيۇشۇش كۈچى كەمچىل، شۇڭا سىگانلارنى بىر مىللىي كۈچ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئىنتايىن تەس» دېدى.
              مۇخبىر يەنە پالوما ئىسىملىك بىر سىگان قىزنى زىيارەت قىلدى. ئۇ 17 يېشىدا بارسېلونادىكى ئەڭ چوڭ تۈرلۈك ماللار شىركىتى-«ئەنگلىيە شىركىتى»گە كىرىپ ئىشلىگەن بولۇپ، پالومانىڭ خىزمەتتىكى ئىپادىسىدىن ئۇنىڭ باشلىقلىرىنىڭ سىگانلارغا بولغان قارشى ئۆزگەرگەن. پالوما ھازىر بىر بۆلۈمنىڭ مەسئۇلى. ئۇ: «مېنىڭ باشقىلارنىڭ سىگانلارغا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىم يوق، بىراق باشقىلارنىڭ ماڭا بولغان قارىشىنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىم بار. ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ، سىگانلار سۇ ئامبىرىدىكى سۇغا ئوخشايدۇ، توسمىنى ئاچقاندىن كېيىن توغرا يېتەكلەنسە، ئېتىزلارنى سۇغىرىدۇ، يۆنىلىش خاتا بولۇپ قالسا، كەلكۈن پەيدا قىلىدۇ» دېدى.

    ھ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى»دىن
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2010-11-11)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    دۆلەت تەۋەلىكى بولمىغان «دېڭىزدا ياشايدىغان سىگانلار»

              ئۇلارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى يوق، ھېچقانداق پاسپورتىمۇ يوق. ئۇلار كېمىنى ئۆي قىلىپ، دېڭىز ئۈستىدە لەيلەپ يۈرىدۇ
              تايلاندنىڭ ئاندامان دېڭىز ساھىلى بىلەن بىرمىنىڭ تاقىم ئاراللىرىدا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قەبىلە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، تىلى، مەدەنىيىتى تايلاندتىكى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاشمايدۇ. ئۇلار كىچىكىدىن باشلاپ، دېڭىز ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەچكە كىشىلەر ئۇلارنى «دېڭىزدا ياشايدىغان سىگانلار» دەپ ئاتايدۇ.
              «دېڭىزدا ياشايدىغان سىگانلار» ھازىر تەخمىنەن 9500 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى 7000 ئادەم تايلاندتا، تەخمىنەن 2500 ئادەم بېرمىدا ياشايدۇ.
              ئۇلارنىڭ سۇغا شۇڭغۇش ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، سۇغا شۇڭغىغاندا نەپەسلىنىش ئەسلىھەلىرى، كۆز ئەينەك... قاتارلىقلارنى ئىشلەتمەي، ئەسلىدىكى ئەنئەنىۋى سۇغا شۇڭغۇش ئادىتىنى ساقلاپ قالغان.
              بۇ يەردىكى بالىلارنىڭ سۇ ئاستىدا كۆرۈش قۇۋۋىتى ياۋروپادىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىدىن بىر ھەسسە ئەتراپىدا يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئانچە پەرقلەنمەيدۇ.
              سۇ ئاستىدىكى قاراڭغۇ جايلاردا ئۇلارنىڭ كۆز قارىچۇقى كۆرۈنەرلىك كىچىكلەپ كۆرۈشكە ياردەم بېرىدۇ

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010-07-14)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    فىرانسىيەنىڭ  سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش سىياسىتى يۈز مىڭ كىشىلىك نامايىشقا سەۋەپ بولدى .

              دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش شۇئارى ئاللىبۇرۇن ئادىللىقنىڭ ئۆلچىمى بولۇپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، «دىموكراتىيەنىڭ بۆشۈكى» بولغان فىرانسىيە جۇمھۇرىيىتىدە سىگانلارنى خورلاش ۋە ھەتتا چېگرىدىن قوغلاش ۋەقەسى يۈز بەردى. كۆچمەنلەر ئەۋلادىدىن بولغان ساركوزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشى دۇنيانى يەنە بى قېتىم «فىرانسىيە-دىموكراتىك دۆلەتمۇ؟» دىگەن گۇمانغا سالدى.
              خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ ئەيىپلەش سادالىرى ئىچىدە فرانسىيە سىگانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى توختىتىپ قويمىدى. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى فرانسىيىنىڭ كۆچمەنلەر مىنىستىرى ئەيلىك بىلسۇن، فرانسىيىنىڭ كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، چەتئەللىك كۆچمەنلەرنى يۇرتىغا قايتۇرۇشنى تېخىمۇ قانۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئاشكارلىدى. بۇ خەلقئارا جەمىئىيەتنىڭ فرانسىيىنىڭ ئامانلىقنى باھانە قىلىپ كۆچمەنلەرنى كەڭ كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشىدىن ئەندىشە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
              فرانسىيىنىڭ كۆچمەنلەر مىنىستىرى بىلسۇن 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانى كىلەر ئاينىڭ 27-كۈنى مىللىي پارلامېنتنىڭ مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇلىدۇ. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى كۆچمەنلەر قانۇنى، رۇمىنىيە، بولغارىيىدىن كەلگەن چېگرىدىن ئوغۇرلۇقچە ئۆتۈدىغانلار ۋە ئادەم بىدىكلىرىگە زەربە بىرىشكە تېخىمۇ پايدىلىق. بىلسون مۇنداق دېدى: بىز زەربە بىرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاممىۋى تەرتىپكە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئوغرى ۋە تىلەمچىلەرنى يۇرتىغا قايتۇرىمىز.
              يېڭى كۆچمەنلەر قانۇنىغا يېڭىدىن قوشۇلغان ئىككى ماددىنىڭ مەزمۇنى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
              بىرىنچى، 3 ئاي قىسقا مۇددەت تۇرىدىغانلارنى قالايمىقان ئىشلەتكەنلەرنى جازالاش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ قاتتىق بولغان ئۇزاق مۇددەت تۇرۇش مىزان يېڭىدىن كۆپەيتىلىدۇ. بىلسۇن مۇنداق دېدى: ياۋروپا پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن كۆچۈپ يۈرۈشىگە بولمايدۇ، تۇرۇش ۋاقتى 3ئايدىن ئاشقان چەتئەللىكلەر خىزمەت قىلىش ئىجازەتنامىسى، ئوقۇغۇچىلىق سالاھىيىتى ۋە ياكى يىتەرلىك تۇرمۇش راسخوتى ھازىرلىشى كېرەك.
              ئىككىنچى، تۈزىتىش- كىرگۈزۈلگەندىن كىيىنكى يېڭى نىزام فرانسيىنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىغا سېلىق پەيدا قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ يۇرتىغا قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.
              كۆچمەنلەر قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش پىلانى ئۈستىدە، «سول قانات ساركوسىزمچىلار» بىلەن «ئوڭ قانات ساركوزىمچىلار» ئوتتۇرىسىدا تالاش-تارتىش مەۋجۇت، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئورتىفىل: «جۆرىسى كۆپ كۆچمەنلەرنىڭ فرانسىيە تەۋەلىكىنى بىكار قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى، ئەمما كۆچمەنلەر مىنىستىرى بىلسۇن جىنايەت ئۆتكۈزگەن كۆچمەنلەرنىڭ فرانسىيە دۆلەت تەۋەلىكىنى بىكار قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بەردى. سوتسىيالىستلار پارتىيىسىدىن بولغان دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىرنا كۇشنا ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بىرىش ئۈستىدە ئويلىنىۋاتىدۇ. فرانسىيە ئوبزورچىلىرى بۇنىڭغا باھا بىرىپ مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: «فرانسىيە ئامانلىقنى باھانە قىلىپ، كۆرۈنۈشتە كۆچمەنلەر سىياسىىتىنى مۇھاكىمە قىلىش قىياپىتىگە كىرىۋالدى، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەقسىتى-سىگانلارنى قوغلاش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئاشكارىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. مۇشۇنداق شارائىتتا كۆچمەنلەر پىلانىغا قاراپ چىقىش-بىر خىل قىلتاق».
              ئامانلىقنى ياخشىلاش-سىگانلارنى زور كۆلەمدە قوغلاپ چىقىرىشنىڭ ئەڭ ياخشى باھانىسى بولۇپ قالدى. كۆچمەنلەر مىنىستىرى بىلسۇن ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئورتىفىلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ يىل ئەتىيازدا، فرانسىيە سىگانلارنىڭ 128 قانۇنسىز لاگېرىنى چېقىپ تاشلاپ، مىڭدىن ئارتۇق سىگاننى يۇرتىغا قايتۇرغان. ئورتىفىل 8-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق دېدى: پارىژدىكى 5 ئوغرىنىڭ بىرى سىگان، قورامىغا يەتمىگەن 4 ئوغرىنىڭ بىرى سىگان بالىسى. ساقچى ئورگانلىرىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئىلگىرىكى 18ئاي ئىچىدە فرانسىيىدىكى سىگانلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى %259 كۆپەيگەن.
              سىگانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش ھەرىكىتى ئەل رايىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ۋاستسىگە ئايلاندى، فرانسىيىدە چىقىدىغان «فىيگالو گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان خەلق راىيىنى تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، فرانسىيىدە %70 ئاۋام فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىگانلار قۇرغان قانۇنسىز لاگېرلارنى چېقىۋېتىشىنى ھەمدە سىگانلارنى يۇرتى رۇمىنىيىگە قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللايدىكەن. ساركوزى ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق رايىنى تەكشۈرۈشتە قوللاش نىسبىتىنىڭ چۈشۈپ كىتىشىنى ئوڭشاش ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش پارتىيىسىنىڭ ئوبرازىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، فرانسىيە سىگانلارنى يۇرتىغا كەڭ كۆلەمدە قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق يولغا قويىدىكەن.
              بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومىتېتى فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىگانلار قاتارلىق ياۋروپادىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنى كوللىكتىپ يۇرتىغا قايتۇرۇشتەك قاتتىق سىياسىتىنى يۈرگۈزگەنلىكىنى تەنقىدلىدى ھەمدە فرانسىيە دائىرلىرىنىڭ ئېلان قىلغان كەمسىتىش خاراكتىرىنى ئالغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلەتكەنلىكىدىن تەشۋىشلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ كومىتېت فرانسىيىنىڭ سىگانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش ھەرىكىتىنى «بۇ ھەرگىزمۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقى ئارزۇسى ۋە ئەركىن تاللىشى بىلەن بولغان ئەمەس» دەپ ئەيىپلىدى ھەمدە فرانسىيىنىڭ ئۇسۇلى سىگانلارنى ئىرىقچىلىق تۈسىنى ئالغان زوراۋانلىق قىلمىشىنىڭ ئۆرلىشىدىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، دەپ ھىسابلىدى.
              ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى فرانسىيىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە سىگانلارنى قوغلاپ چىقىرىش سىياسىتى يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى تەكشۈرىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنداق دەپ ھىسابلىدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بارلىق پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن كۆچۈپ يۈرۈش ھوقۇقى بار، ئۇلارغا كەمسىتىش خاراكتىرلىك تەدبىرنى يولغا قويۇشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كېرەك».
              فرانسىيىنىڭ ئىرىقچىلىققا قارشى تەشكىلاتى فرانسىيىنىڭ نامۇۋاپىق ھەرىكىتىنى كۈچلۈك ئەيىپلىدى.
              فرانسىيە كاتولىك دىنىي جەمىئىيىتى مۇنداق دېدى: «ساقچىلار يېرىم كېچىدە سىگانلارنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى لاگېرىنى چېقىۋەتتى، بۇ جايدا بالىلار ئۇخلاۋاتقان ئىدى، بۇ مەجبۇرلاش خارەكتىرلىك قوغلاش ھەرىكىتى ئىنسانپەرۋەرلىك قېلىپىدىن چىققانلىق». يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بەزى شەھەرلەردە سىگانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇشقا قارشى يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى، دىنىي زاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فرانسىيىنىڭ ھەر ساھەدىكى ئەرباپلارمۇ ئېتىراز بىلدۈرۈش ھەرىكىتىگە قاتناشتى.
              فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى، لىئېر شەھىرىنىڭ باشلىقى ئوبلى مۇنداق دېدى: «ساركوزى ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرى جۇمھۇرىيەت پرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىش جەھەتتە تاشلانغان تۇنچى چوڭ قەدەم، ئۇلار ئادىل بولمىغان، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ بولغان ئالاھىدە قانۇن ئارقىلىق، فرانىسىيىنىڭ ئوبرازى ۋە قىممىتىگە زىيان يەتكۈزمەكچى». ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مۇنداق دېدى: «ساركوزىنىڭ مۇشۇنداق قىلىشتىن مەقسىتى-دائىرلەرنىڭ بىخەتەرلىك سىياسىتىدە ئۇچرىغان مەغلۇبىيىتىنى يېپىشتىن ئىبارەت». ئۇ يەنە: «سىگانلارنى ئۈزلۈكسىز قوغلاپ چىقىرىش قىلمىشىنى فىرانسىيىلىلەر ئۆزىنىڭ ئار-نومۇسى دەپ بىلىشى كېرەك» دېدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uyghurqamus.com/read.php?tid=105
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: