版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/121707997.html

    ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى (1)

    (تاھىر ئىمىن)

    ھەرقانداق قىممەت قاراشنى ئوخشاش قوبۇل قىلىدىغان ياكى مۇستەقىل ئورتاق قىممەت قاراش بولمىغان دۆلەت ياكى مىللەت تەدرىجىي يوقىلىدۇ.
    - بىل پەررى(ئامېرىكا قىممەت قاراش مۇتەخەسسىسى)

    قىستۇرما:
    ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى چۈشىنىش ئارقىلىق ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئامېرىكا تەرەققىياتىدىكى رولىنى چۈشىنىش، ئۆز قىممەت قارىشىمىزنىڭ نېمىلىكى ۋە ئۇنىڭ رولى ھەققىدە ئويلىنىش مەقسىتىگە يىتىش ئاددىي مەقسەتلەرنىڭ بىرى.
    سۈزۈك چۈشىنىش ئۈچۈن، ئەسلى ماتېرىيالنى ئەينەن سۇنۇشنى مەقسەت قىلساممۇ، ئەمما ئۆزۈمنىڭ بايان قىلىش ئۇسلۇبۇمغا ماس ئەسلى ئەسەر تاپالمىغاچقا، تاللاپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردىن نەقىلى قىلدىم. ئەينى نۆۋىتىدە گەپ قىستۇردۇم.
    بۇ ماتېرىياللارنى ئىنگلىز تىلى مۇئەللىملىرى قوشۇمچە پايدىلىنىش ماتېرىيالى سۈپىتىدە سۆزلەپ ئۆتۈشكە بولىدۇ!

    1- ئورتاق قىممەت قاراشنىڭ رولى
    2- ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مەنبەسى
    3- ئامېرىكا قىممەت قارىشى
    4- ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ بازىرى

    1- ئورتاق قىممەت قاراشنىڭ رولى

    «ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە»

    تېخنىكا تەرەققىي قىلىپ مىسلىسىز نەتىجىلەرگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، ماددىي بۇيۇملار تۇرمۇشىمىزغا چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرىۋاتسىمۇ، كىشىلەرنىڭ كاللىسىنى(ئوي-خىيالىنى) ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان تۈرلۈك-تۈمەن ۋاقىتلىق ئېقىم-ئىزىملار كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، دۇنيا قاراش، قىممەت قاراشلار ئىدېئولوگىيە سۈپىتىدە يەنىلا كۈچلۈك تەسىرىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ زۆرۈر ئېھتىياجى ماددىي نەرسىلەرگە باغلانغان بىلەن، قانداق ماتېرىيال تاللاش، ئۇنىڭغا قانداق ئېرىشىش، قانداق پايدىلىنىش قاتارلىق ماھىيەتلىك ئەمەلىيەتلەر يەنىلا شۇ ئىدېئولوگىيە، قىممەت قاراشلارنىڭ بەلگىلىشى ئارقىلىق قارار قىلىنىۋاتىدۇ. كىشىلەر نەدىلا بولۇپ، نېمىلا قىلمىسۇن، ئۆزى ھېس قىلسۇن ياكى ھېس قىلمىسۇن، ئاڭنىڭ، قىممەت قاراشنىڭ تەسىرىدە ھەرىكەت يۆنىلىشنى بېكىتىپ كەلدى. قىممەت قاراش- شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا خۇددى ئۇ ھازىرلىغان ئىقتىدارغا ئوخشاش تۇرمۇش سەۋىيىسى، مۇناسىۋەت دائىرىسى، پائالىيەت ئالاھىدىلىكى، خاراكتېرى. مۇۋەپپەقىيىتى ھەتتا بىر پۈتۈن ھاياتى-تەقدىرىگە تەسىرگە كۆرسىتىدۇ. بىر توپقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىممەت قاراش-تەرەققىياتنىڭ، مۇنداقچە ئېيتقاندا شۇ توپنىڭ مەۋجۇتلۇقنىڭ ئالدىنقى شەرتى. بىر مىللەت ياكى دۆلەت –زېمىن ياكى تىل ئورتاقلىقى تۈپەيلىدىن ئورتاق سىياسىي ئىدىيە شەكىللىنىشنىڭ مۇھىم بىر شەرتى بولغان مەنپەئەت بىرلىكىنى ھازىرلىغان بولىدۇ. بۇ خىل توپقا نىسبەتەن ئومۇمى ھەرىكەت قائىدىسى بولالايدىغان ئورتاق قىممەت قاراش ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم.
    بىر خەلق ئورتاق قىممەت قاراش، ئورتاق مەنپەئەت- تەقدىر ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن بىرلىك پۇختا بولغان بىرلىك بولۇپ، بۇ خىل ئورتاقلىققا ھەرىكەت ئورتاقلىقى قوشۇلسا ئۇلار كۆزلىگەن نىشانغا يىتىشنىڭ ئىنسان قولىدىكى شەرتىنى ھازىرلىغان بولىدۇ.
    تارىخ مۇنۇلارغا شاھىت بولۇپ كەلدى:
    ئەقىللىق دۈشمەن دەل مۇشۇنداق يەردىن تۇتىدۇ:
    1- ئېتىقاد، قىممەت قاراش بىرلىكىنى پارچىلاش ئارقىلىق، بىر توپنىڭ كۈچىنى، مەدەنىيەت يىلتىزنى ئىدىيە توقۇنۇشى ئارقىلىق ۋەيران قىلىدۇ.
    2- مەنپەئەت بىرلىكىنى پارچىلايدۇ، توپ ئىچىدە بىر قىسىم كۈچلەرنى ئىقتىساد، ھوقۇق ۋە ماددىي ئاساس بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇمى توپتىن ئايرىپ چىقىدۇ. كۈچسىز توپنى بولسا ھەرخىل تۈرگە ئايرىپ خورىتىدۇ.
    3- بارلىق ئورتاق مەدەنىيەت ھادىسىلىرىنى پارچىلايدۇ، تىل، ئەنئەنە، ئەخلاقى يوسۇن، مائارىپ،....... شۇنىڭ بىلەن توپنىڭ ئارزۇسى ۋە ھەرىكەت- پائالىيىتى ئورتاقلىقنى يوقىتىدۇ. بىر-بىرىگە مەسئۇل بولمايدىغان، كۆيۈنمەيدىغان بۇنداق توپنى كىچىك بالىمۇ باشقۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار ئۆز-ئارا توقۇنۇشىدۇ. ئىدىيە ۋە مەنپەئەتى ئوخشىمىغان بۇ كىشىلەر «نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق بولىدۇ، بۇنى ئۆزگەرتمەمدۇق؟» دەپ ئەمەس، «خەپ، سىنى» دەپ ئۆتۈپ كېتىدۇ.

    بۈگۈنكى زاماندىمۇ ئۆتمۈشتىن بىرى ئورتاق تارىخى قىسمەتلەرگە ئىگە توپ-ئوخشاش سىياسىي ۋە ئىقتىسادى سىنىپلارغا ئايرىلىپ كەلدى.
    دۇنيادىكى ئاساسى دىنلاردىن بولغان ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، ئورتودوكس دىنى، بۇددا دىنلىرىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىدىن ئۆز مەسلەكداشلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، باشقىلاردىن مۇداپىئەلىنىش ياكى قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغانلىقى بۈگۈنكى دۇنيادا دۇنيا قاراشنىڭ ھېلىھەم ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلىپ تۇرۇپتۇ. كوممۇنىزم داھىيلىرى: «پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار !»دېگەن بولسا، خرىستىئان دىنى«قېرىندىشىڭنى ئۆزۈڭدىنمۇ ئەزىز بىلىپ سۆي»، ئىسلام دىنى «بارچە مۇئمىنلار قېرىنداشتۇر»دەپ تۇر ئىچىدە ئومۇملاشتۇرۇپ خىتاب قىلغان.
    دىنى ئەقىدە كىمنىڭ دوست، كىمنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئەمەس، ئىشىنىدىغان مەبۇد نۇقتىسىدىن ئايرىيدۇ
    كۆپچىلىك مۇسۇلمانلار ئاممىسى «ئاللاھ ئۈچۈن ياشاش، ئاللاھ ئۈچۈن ئۆلۈش» ئەقىدىسىگە ھېلىھەم مەھكەم ئەقىدە قىلىدۇ. ھەم نۇرغۇنلار شۇ ئەقىدە يولىدا ئۆزلىرىنى پىدا قىلىشىۋاتىدۇ. ئەقىدە ئۈچۈن قۇربان بېرىش- پەقەت ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭلا قولىدىن كۈلىدىغان ئىش بولۇپ قالدى- دەپ قاقشايدۇ بەزى خرىستىئان مىسسىئونىرلار.
    دىنى ئېتىقاد قىزغىنلىقى ئەزەلدىن-تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە بولغان قىزغىنلىق، ئىلىم-پەنگە بولغان قىزغىنلىق، مۇھەببەت- ھېسسىيات قىزغىنلىقى، سەنئەت-مۇزىكىغا بولغان قىزغىنلىقتىن ھالقىپ كەلسە كەلدىكى، چۈشۈپ قالمىدى.
    ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ جاندىن ئەزىز بىلىش بىلەن ئېتىقادقا پەرۋا قىلمايدىغان ئىككى يۇقىرى قۇتۇپ
    مەۋقەنى ئورتاق رەت قىلىدىغانلار دۇنيادا كۆپ ساننى ئىگىلىسە كېرەك. ئەمما شەخسنىڭ بىر كىشىلىك مۇۋەپپەقىيىتى بولسۇن ياكى بىر خەلقنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بولسۇن، بىر مۇقىم قىممەت قاراشنىڭ رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان كىشىلەر مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەردۇر.
    بىز گېپىنى قىلىۋاتقان قىممەت قاراش –ئاشۇ دىنى، سىياسىي ئەقىدىنى مەركەز قىلغان ئىدىيىلەرنىڭ يىغىندىسى، كىشىلەر ئاشۇ قىممەت قاراش بىلەن ھۆكۈم قىلىدۇ، تاللايدۇ، بىرلىشىدۇ. ئايرىلىدۇ. ھەرىكەت قىلىدۇ، ئۇتۇق قازىنىدۇ، مەغلۇپ بولىدۇ. ياخشى-ياماننى، توغرا-خاتانى ئايرىيدۇ. قىممىتىگە باھا بېرىدۇ.
    قىسقىسى كىملىكىمىزنى قىممەت قارشىمىز بەلگىلەيدۇ. قىممەت قاراش- بىزنى بىز قىلىدىغان ئاساسلارنىڭ ئاساسى!!!
    مەۋجۇتلۇق-بىرلىك-مەدەنىيەت ئورتاقلىقى-ئىقتىسادى ئاساس-

    2- ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مەنبەسى

    ئامېرىكا- غەرب دۇنياسىنىڭ بىر تەركىبى، ئامېرىكا قىممەت قارىشى-بىر پۈتۈن «غەرب قىممەت قارىشى» دەپ ئاتىلىدىغان ئومۇمى گەۋدە بىلەن ماھىيەتلىك ئورتاقلىققا ئىگە. چۈنكى ئامېرىكىلىقلار غەرب ئەللىرىنى تەشكىل قىلىدىغان ياۋروپادىن كېلىشكەن ۋە تەرەققىي قىلىشقان. ئامېرىكا قىممەت قارىشى –غەرب قىممەت قارىشىنى مەنبە قىلغان.
    غەرب ئالىملىرى -خرىستىئان دىنى ئاساسى قىممەت قاراشلىرىنى ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ يىلتىزى ۋە ئاساسى مەنبەسى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكىنىڭ يارىتىلىش ھېكايىسى ئۇچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ؛ئۇلار تاۋاپ قىلىش ھەرىكىتى، ساپلىغۇچىلار ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بولۇپ، خرىستىئان دىنى بۇلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن.
    ئامېرىكىلىقلار دىنى ئەقىدىگە غەربتىكى ھەرقانداق دۆلەت پۇقرالىرىدىن بەكرەك مايىل بولۇپ، ساداقەت ئەھدىسىدە: «تەڭرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى دۆلەت»دەپ يېزىلغان. ئامېرىكا- دۇنيادىكى دۆلەت پۇلىغا (بىز تەڭرىگە ئىشىنىمىز) دەپ «گات-تەڭرى» سۆزىنى يازغان بىردىنبىر دۆلەت، مەشھۇر ھۆكۈمەت بىنالىرىغا ئىنجىلدىن ئۈزۈندىلەر يېزىلغان.
    دىن (خرىستىئان دىنى)، پەلسەپە (غەرب پەلسەپىسى)، سىياسىي يول (ھاكىمىيەت بىلەن دىن ئايرىۋېتىلگەن سىياسىي تۈزۈلمە) ۋە ئىلىم-پەندىن ئىبارەت تۆت مەنبەدىن بىرىككەن قىممەت قاراش- 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شەكىللەنگەن ياش ئامېرىكا دۆلىتىگە كۆچۈپ كەلگەن ياۋروپا كۆچمەنلىرىنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھى دۇنياسىنىڭ قاتلام-قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرىپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر دۆلەت ۋە شەخس ھاياتىدا داۋاملىق كۈچلۈك يېتەكچى رولىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

    ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قارىشىنى كىشىلەر دائىم مۇنۇ تۆت ئىشنى مەنبە قىلىپ، تەرەققىي قىلغان دەپ قارايدۇ:
    1- پىروتىستانتلار ئىسلاھاتى (16-17-ئەسىرلەر)
    2- ئويغىنىش ھەرىكىتى (18-ئەسىر)
    3- سانائەت ئىنقىلابى(18-19-ئەسىرلەر)
    4- غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتى(17-19-ئەسىرلەر)
    (مەنبە: «ئامېرىكىغا نەزەر›)

    1-پىروتىستانلار ئىسلاھاتى(16-17ئەسىرلەر)

    16-ئەسىر ئىسلاھات ھەرىكىتىدىن بۇرۇن ياۋروپادا پادىشاھ پۈتۈن ساھەگە قول سوزۇپ، ھاكىممۇتلەقلىق سىياسىي تۈزۈلمە يۈرگۈزۈپ كەلگەن.
    «پىروتىستانلار ئىسلاھاتى 1517-يىلى رىم كاتولىك دىنى پوپى مارتىن لىيۇتىر تەرىپىدىن قوزغالغان ھەرىكەت بولۇپ، شۇ يىلى مارتىن لىيۇتىر چېركاۋنىڭ بىر قاتار دىنى تەلىملىرى ۋە ئىجرا سىياسەتلىرىگە قارشى تۇرغان. لىيۇتىر: كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ دىنى ئېتىقادىنى تاللاش ئەركىنلىكى بولۇشى كېرەك، دىنلار مەجبۇرى يوسۇندا ئەمەس، كىشىلەرنىڭ ئەركىن تاللىشى بويىچە قوبۇل قىلىنىشى كېرەك، دەپ قارىغان، چېركاۋنىڭ ھوقۇقىغا، مەجبۇرى دىنى ئىبادەتلەرگە قارشى تۇرغانلىقتىن دىنى ھوقۇقىدىن ئېلىپ تاشلانغان لىيۇتىر گېرمانىيىدىكى قوللىغۇچىلىرى بىلەن ئىسلاھات ئىلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولغان. ئۇ نۇرغۇن يىڭى ئىدىيە ۋە تېمىلار ھەققىدە ئىزدەنگەن ۋە تەتقىق ئىلىپ بارغان. شۇ ئىدىيىلەردىن بىرى :چېركاۋنى ھاكىمىيەتتىن ئايرىۋېتىش بولۇپ، لىيۇتىر :ھۆكۈمەت بۇ دۇنيالىق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، تەڭرى بولسا مەنىۋى ئىشلارغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك دەپ قارىغان. ئۇ :«ھەممە ئادەمدە ئاڭ ئەركىنلىكى بولۇشى، ھەممە كىشىنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى تاللاش ئەركىنلىكى بولۇشى، دۆلەت دىنى ئىشلارغا ئارىلاشماسلىقى كېرەك» دەپ قارىغان. باشقا ئىسلاھاتچىلارمۇ لىيۇتىرنىڭ قارىشىغا قوشۇلدى. «ئىسلاھات ھەرىكىتى 1517-يىلى باشلىنىپ، ناھايىتى تىزلا پۈتۈن ياۋروپانى قاپلىدى.... ئىسلاھات ھەرىكىتى خۇددى قايتا ئويغىنىش ھەرىكىتىگە ئوخشاش، دىنغا بولغان يېڭىچە كۆز-قاراشنىڭ مۇقەددىمىسىگە بەلگە بولدى، چېركاۋ بەلگىلىگەن دىنى ئىبادەتلەرگە سادىق بولۇشتىن كۆرە، شەخسنىڭ ئەركىن ئېتىقادى ياۋروپا پىروتىستانلىرىنىڭ دىنى ھاياتى بولۇپ قالدى.... يەرلىك دىنى يىغىلىش ۋە چېركاۋلار دۆلەت ھالقىغان دىنى مەھكىمىنىڭ ئورنىنى ئالدى»
    (مەنبە: «غەرب مەدەنىيىتى» ناملىق كىتاب، پىررى چەس، ئىنگلىزچە، 295-بەت. )
    شۋېتسارىيىلىك پوپ جون كالۋىن «خرىستىئان دىنىنىڭ ئەقىدە ئاساسلىرى» ناملىق كىتاب يېزىپ، «ئەگەر ھۆكۈمەت باشلىقلىرى تەڭرىنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلسا، كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بويسۇنماسلىق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بار دەپ يازدى. ئۇ ئىنجىلدىن دەلىل كۆرسىتىپ، ئەگەر سىياسىي رەھبەرلەر خۇداغا قارشى تۈزۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، ئۇلارغا قەتئىي بويسۇنۇشقا بولمايدۇ دېدى. بۇ بايانلار ياۋروپادا 2 ئەسىردىن كۆپرەك مۇھاكىمىگە سەۋەب بولدى. بەزى ئىسلاھاتچىلار ئۆلتۈرۈلدى... 1535-يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى ھىنرى VIII ئەڭ ئالىي مەسلىھەتچىسى ئالىم توماس مۇرنى ئولتۇردى. ئىسلاھات ھەرىكىتى داۋاملىق تەرەققىي قىلدى. دىنى ئىسلاھات نامىدا تەشكىلات ۋە گۇرۇپپىلار قانات يايدى. مەسىلەن گېرمانىيىدە:لىيۇتىرچىلار، فرانسىيىدە خۇگىنوتىسلار، شوتلاندىيىگە ئوخشاش باشقا جايلاردا پىرەسبىتىرىيانلار بارلىققا كەلدى. ئەنگلىيىدە ئۆزىنى «ساپلاشتۇرغۇچىلار» دەپ ئاتىغان يەنە بىر ئېقىم بارلىققا كەلدى. بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ باشلىقلىرى ئەگەشكۈچىلەرگە :«ھەر بىر شەخسنىڭ خۇدانىڭ ئالدىدا شەخسى مەسئۇلىيىتى بار» لىقىنى، «ئاڭ ئەركىنلىكى» ۋە «ھەممە ئادەمنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكى»نى تەشۋىق قىلىشتى، ئۇلار : «ھەممە ئادەم باراۋەر، چۈنكى ئىنجىلدا تەڭرى ھەممە ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ شەكلىدە ياراتقان دېيىلگەن»دەپ ئۆگەتتى.» ( «ئامېرىكىغا نەزەر»، ئاپتورى بىل پىررى، 12-بەت
    سىنىپلارغا، گۇرۇھلارغا ئايرىلىپ كەتكەن ئەينى ياۋروپا جەمئىيىتىدە پەقەت پادىشاھ، دىنى كۈچلەر، ئاقسۆڭەكلەرلا ئالىي مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇپ كەلگەن ئىدى.
    سودىگەرلەر، ئىجتىمائىي ئورنى دىنى ھۆكۈمەت ۋە ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان مەنپەئەت ئىگىلىرى بولۇش سۈپىتىدە ئۆز ئورنىنى تىكلەش ئۈچۈن ھۆكۈمەت ۋە ئېسىلزادىلەر تەبىقىسى بىلەن رىقابەتلىشىشكە يۈزلەندى. ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى پەقەت ئۆزىلا قوغدىيالايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. (يۇقىرىقى كىتاب، 13-بەت)
    ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى ئۈزەلمەي مەيدانغا كەلدى، تۈرلۈك ئېقىملار شەكىللەندى. «18-ئەسىردە شىمالى ئامېرىكىدىكى ئەنگلىيە مۇستەملىكە قىلغان جايلاردىكى خەلق-1620-يىلى «تاۋاپچىلار» تەرىپىدىن يېزىلغان «ماي گۈلى ئەھدىسى»گە كىرگۈزۈلگەن «بىز پەقەت ئۆم بولۇپ ياشايمىز»، «بىز پەقەت ئادىل ۋە باراۋەر قانۇن ئاستىدىلا ياشايمىز» دېگەن ئەقىدىگە ئىشىنىدىغانلاردىن ئىدى. «تاۋاپچىلار»دىن كېيىن «تازىلىغۇچىلار» ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇلار: «كىشىلەر ئەركىن بولۇشى، ئەمما ئۆز قىلمىشىغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك» دېگەننى تەرغىب قىلدى. شەخس ھوقۇقىنى، تەڭرى قانۇنىنى، ۋە باراۋەرلىك مەزمۇنىنى تەشۋىق قىلدى». (يۇقىرىقى كىتاب). ئامېرىكا دىن ئىبارەت يىڭى زېمىن شەخسنىڭ ئىقتىسادى ئاساسى ۋە غۇرۇرىنى تىكلەشكە شارائىت ھازىرلاپ بەردى. ئۇلارنىڭ مەشھۇر «خىزمەت قائىدىسى»نىڭ بىر سۆزى-(ھەر بىر خىزمەت خۇددى تەڭرى ئۈچۈن قىلىنغاندەك ياخشى قىلىنىشى كېرەك» روھى ئۇلارغا ئۇتۇقلۇق ئەمگەك نەتىجىسى ئاتا قىلدى. «ئۇلار يەنە خەلقنى ئەزگەن ھۆكۈمەتكە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشەندى». (يۇقىرىقى كىتاب)
    مۇستەملىكە زېمىنلاردىكى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇلغان بۇ ئىدىيىلەر ئىنگلىزلارغا ياقمىدى. ئەنگلىيە پادىشاھى شىمالى ئامېرىكا مۇستەملىكە زېمىنلىرىنى قوغدىمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مۇستەملىكە خەلق ئۆزلىرى ئۇيۇشۇپ، ئاشۇ ئۆگىتىلگەن مۇھىم ئىدىيىلەرنى شتات ۋە يەرلىك ئاساسى قانۇنلارغا يېزىپ كىرگۈزدى، ۋىرگىنىيە شتاتلىق ئاساسى قانۇنغا : «ھەممە ئادەم تۇغۇلۇشىدىنلا باراۋەر ھالدا ئەركىن ۋە مۇستەقىل بولىدۇ» دەپ يېزىلدى. كېيىن توماس جىففىرسون ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىغا «بىز بۇ ھەقىقەتلەرگە شەكسىز ئىشىنىمىزكى، ھەممە ئادەم باراۋەر يارىتىلغاندۇر» دەپ يازدى.
    تۇنجى قېتىم تولۇق ئامېرىكا تارىخىنى يېزىپ چىققان ئامېرىكا تارىخچىسى جورجى بانكىروفىت(1891-1800) «ئامېرىكا تارىخى، ئامېرىكا قۇرۇقلۇقىنى بايقاشتىن باشلاپ» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق يازغان: 1776-يىلىدىكى ئامېرىكا ئىنقىلابى تىپىك كونا دىنى جەمئىيەت تەلىماتىنىڭ ئۇسۇل- ۋاسىتىلىرى بىلەن بولغان بولۇپ، مۇستەقىللىق ئىنقىلابى-كونا دىنى جەمئىيەت ئالىمىنىڭ كېيىنكىلەرگە ئۆگەتكەن پرىنسىپلىرىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدىن ئىبارەت». شۇ دەۋردىكى ئەنگلىيىنىڭ سىياسىي داھىيلىرى بۇنىڭ راستلىقىنى تەستىقلاشقان، ۋىلىيام جونىس پادىشاھ جورجى IIIگە مۇنداق دېگەن: «بۇ ئۇرۇش باشتىن ئاخىرى كونا دىنى تەلىماتنىڭ تەسىرىدىن بولغان ئۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس». «خرىستىئان دىنى ئامېرىكىنىڭ مەدىنى قىممەت قاراش سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئاساسى رول ئوينىدى»(ئامېرىكىغا نەزەر، بىل پەررى)، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىدىن باشلاپ، دۆلەت تۈزۈمىگىچە، قانۇن ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشقىچە دىننىڭ تەڭرىگە ئىشىنىش، شەخسى ئەركىنلىكنى تەڭرى بەرگەن ھوقۇق دەپ ئەتىۋارلاش... ھەممىسىگە قەدەر دىنى ئەقىدە ۋە دىنى تەلىماتنىڭ، يەنى دىنى قىممەت قاراشنىڭ تامغىسىنى باستى.
    پىروتىستانلارنىڭ دىنى ئىسلاھاتى كېيىكى دەۋرلەرگە كەلگەندە ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن ئويغىنىش، گۈللىنىش، ئاقارتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاۋانگارتى بولۇپ قالدى. (دۇنيا مەدەنىيەت تارىخى، )

    2-ئويغىنىش ھەرىكىتى(18-ئەسىر)

    ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئىككىنچى مەنبەسى-ياراتقۇچىلىرى ياۋروپادىكى يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرلار بولغان، تارىختا ئۆز ئىسمى بىلەن ئاتالغان ئاز ساندىكى ھەرىكەتلەرنىڭ بىرى بولمىش ئويغىنىش ھەرىكىتى بولۇپ، بۇ يازغۇچى ۋە مۇتەپەككۇرلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن كۆپ مەدەنىيەتلىك، ئىلغار دەپ قارىغان. ئۇلارنىڭ مەقسىتى-يىڭى ئىدىيە ھەققىدە مۇنازىرە قىلىش ۋە ئەسەر يېزىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئويغىتىشتۇر.
    ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن لوگىكا، ئەقىل-پاراسەت ئىشلىتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان. ئىلمى بايقاشلار ئىنسان مېڭىسىنىڭ چەكسىز يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىشارە قىلغاندىن كېيىن، ئويغىتىش ھەرىكىتىنىڭ پائالىيەتچىلىرى ئىنسان ئەقلى باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى ئىنسان تەڭرىنىڭ ئەڭ كاتتا ياراتمىسى دېيىشتى، بارغانسېرى ئەقلىيلەشكەن، ئىلمىيلاشقان ئاقارتقۇچىلار دىنسىزلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. ئۇلار پەقەت پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشكە ئۆزلىرىنى بېغىشلىغاندىلا، كەلگۈسىنىڭ، ئۆز ھاياتىنىڭ كاتتا ئۆزگىرىشلەرنى ياسايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشەندى. كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىق ۋە يۈزلىنىش ئۇلارنى بارلىق كونا ئەنئەنىلەرنى ئىنكار قىلىشقا ئىلىپ باردى. شۇندىن كېيىن ئۇلار ئوتتۇرا ئەسىر(1500-500) دىن بىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن جەمئىيەتتىكى ئىككى ئاساسى كۈچ –ھۆكۈمەت ۋە رىم كاتولىك چېركاۋىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلماقچى بولۇشتى. بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىدىكى شەكلى ئوخشىمىدى. فرانسىيىدە ئويغىنىش ئاساسلىقى خرىستىئان دىنىغا قارشى ئىلىپ بېرىلدى. كاتولىك چېركاۋى پىروتىستانلارغا كۈن بەرمىدى. چېركاۋ بىلەن ھۆكۈمەت جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆز كونتروللۇقىغا ئالغان ئىدى. ئويغاتقۇچىلار بۇنىڭغا قارشى تۇردى. ئويغاتقۇچىلارنىڭ ئەركىنلىك، باراۋەرلىك ۋە ھەممىنىڭ قېرىنداشلىقى دىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسى نىشانى ئىنجىلدىن كەلگەن ئىدى. بىراق فرانسىيە ئاقارتقۇچىلىرى جەمئىيەتنى ئىسلاھ قىلىش ئۈچۈن ئىنجىلنى ئىشلەتمىدى. ئۇلار ھەقىقەت ۋە سەپسەتە، توغرا-خاتا ھەققىدە مۇستەقىل ئىدىيە تۈزۈلمىسى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسىگە قارشى تۇرغۇچىلارنى ئۆلتۈرۈشكە تېگىشلىك دۈشمەن دەپ قارىغاچقا فرانسىيە ئىنقىلابىدا(1799-1789)نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلۈپ كەتتى. پارىژ ۋە باشقا شەھەرلەردە قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى. كىشىلەر تاكى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشەببۇسچىلىرىدىن بىرى گېنېرال ناپالىئون بۇناپارت دىكتاتور بولغۇچە ئارىلىقتا ساراسىمىدە ياشىدى.
    ئەنگلىيىدە بولسا نۇرغۇن خرىستىئان ئالىم ۋە مۇرىتلار ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ، ھۆكۈمەتنى ئۆزگىرىش ۋە يىڭى ئىدىيىلەرگە ئېچىۋېتىشكە ھەرىكەت قىلدى. فىرانسىز بىكون، ئسساك نيۇتون ۋە جون لوك قاتارلىق مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار ئىنجىلدىكى ئىدىيىلەرنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە تاراتتى. ئۇلار ئىنجىلنى ئۆگەنگەندە ئەقىل ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلدى، ئۇلار ھۆكۈمەتتە فرانسىيىدىكىگە ئوخشاش تېز ئەمەس بەلكى ئاستا ئۆزگىرىش ياسىدى. ئىنگلىزلار بۇ خىل كۆز قاراش ۋە يېڭىلىقلارنى شىمالى ئامېرىكىغا ئېلىپ باردى. شۇنىڭدىن كېيىن خارۋارد، يالى، پىرىنستون قاتارلىق ئىلىم يۇرتلىرىنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى كىشىلەرگە دىنى يېتەكچى يېتىشتۈرۈپ چىقىش بولغان ئىدى. بۇلار ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئۇرۇشىغا قەدەر داۋاملاشتى (1783-1775). ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى-ئويغىتىش ھەرىكىتىنىڭ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىلغار ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئويغىنىش ھەرىكىتى ئامېرىكا مەدەنىيىتىگە بەزى يىڭى ئېلېمېنتلارنى قوشتى. مەسىلەن :ئىندىۋىدۇئالىزم –شەخسنى تەكىتلەش-يەنە بىرى:ئاكتىپ ئۆزگەرتىش، بۇ دېگەنلىك ھەممە نەرسىنى جاپالىق ئەمگەك ۋە كاللا ئىشلىتىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ دەپ قاراش بولۇپ، يىڭى ئىلمى بايقاشلارمۇ كەلگۈسىگە يىڭى ئۈمىدۋارلىقنى قوشتى. «ئۆتكىنى-تارىخ، ياشىسۇن كەلگۈسى» دېگەن قاراش بارلىققا كەلدى.
    ئويغىنىش ھەرىكىتى غەربكە باراۋەرلىكتىن ئىبارەت قىممەت قاراشنى ئومۇملاشتۇرۇشتا زور رول ئوينىدى.

    3- سانائەت ئىنقىلابى(18-19-ئەسىرلەر)

    ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ ئۈچىنچى مەنبەسى –سانائەت ئىنقىلابى. ئىسلاھات ۋە ئويغىنىش ھەرىكىتىدىن كېيىن كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىدا كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى. تەپەككۇرنىڭ ئۆزگىرىشى ئەلۋەتتە ھەرىكەت ئۇسۇلى ۋە ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىشلەر كىشىلەرنىڭ ئىجادچانلىقىغا ئىلھام بېرىدۇ، غەرب دۇنياسى ئەنگلىيىدە باشلىنىپ، تىزلا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا تارالغان سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن بۇرۇنقىدىن پۈتۈنلەي ئۆزگىرىشكە قاراپ يۈز تۇتتى. سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ھۈنەرۋەنلەر كۆپىنچە مەھسۇلاتلارنى ئۆيلىرىدە ياكى ئىشخانىلاردا قول ياكى كىچىك ھەم ئاددىي ماشىنا ئارقىلىق ياسايتتى. مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سودىگەرلەر ئىشچىلارنى ياللاپ، ئۇلارنى ئۆي بىلەن تەمىنلەيتتى، سودىگەرلەر يەنە تەجرىبىسىز ياش ئىشچىلار، شاگىرتلارنى تەربىيىلەپ چىقىشى كېرەك ئىدى، بەزىدە ئىشچىلار بىر نەچچە سودىگەرگە ياللىنىپ ئىشلەيتتى، بۇ ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن مەھسۇلاتلارنىڭ ياسىلىش تەننەرخنى ئۆستۈرۈۋېتەتتى، سودىگەرلەر تېخىمۇ ئەرزان باھادا مەھسۇلات ياساپ چىقىشقا ئامالسىز قالاتتى، شۇڭا ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىدا تەننەرخنى تۆۋەنلىتىدىغان زور بىر ئۆزگىرىش بولۇشىغا موھتاج ئىدى.
    1700-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئەنگلىيە دۇنيادىكى ئەڭ زور مۇستەملىكە كۈچ بولۇپ قالدى، ئەنگلىيە مۇستەملىكە قىلغان رايونلار بۈيۈك برىتانىيە ئىمپېرىيىسى ئۈچۈن خام ماتېرىيال ۋە يىڭى سودا ھەمراھى بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇستەملىكە رايونلاردىكى خەلقلەر بۇنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلاتلارغا موھتاج ئىدى. شۇڭا مەھسۇلاتلارغا بولغان ئېھتىياج دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ھەسسىلەپ ئېشىشقا باشلىدى، ئېھتىياجنىڭ ئېشىشى باھانىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەگەر باھا بەك يۇقىرى بولسا، سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، شۇڭا ئەنگلىيە سودىگەرلىرى تىز ھەم ئەرزان باھادا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئامال ئىزدەشكە كىرىشتى. ئۇلار مەھسۇلاتىنى تېخىمۇ ئەرزان سېتىش ئارقىلىق سودا دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى ئىدى، شۇنىڭ بىلەن رىقابەت-ئەنگلىيە ئىقتىسادىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالدى.
    1730-يىللىرى ئەنگلىيە توقۇمىچىلىق سانائىتىدە بارلىققا كەلگەن مېخانىكىلىق ئۆزگىرىش –سانائەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قالدى. ھور ماشىنىسى، يىپ ئېگىرىش ماشىنىسى، پاختا ماتورى (ئېلى ۋىتنى 1793-يىلى )ئارقىمۇ-ئارقا كەشىپ قىلىندى. ئادەم كۈچى، ۋاقىت ۋە باشقا چىقىمنى ئازايتىدىغان ماشىنىلار ئارقىمۇ-ئارقا كەشىپ قىلىنىشقا باشلىدى. شىمالى ئامېرىكا تىزلا بۇ ماشىنىلارنىڭ پايدىلانغۇچىلىرىدىن بولۇپ قالدى.
    تىرىشچانلىق بەدىلىگە كەلگەن ئۆزگىرىشلەر ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە ھەرىكىتىدە ئىزچىل ئۆزگىرىش ياسىدى. ئۇلاردا رېئاللىق ۋە مۇھىتنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزگەرتىشكە بولغان ئىشەنچ بارغانسېرى ئېشىشقا باشلىدى. 1776-يىلىغا كەلگەندە، ئەنگلىيە پاراخوتلىرىنىڭ 3دىن بىرى ئامېرىكىدا ياسالدى. ئامېرىكىلىقلار بارغانسېرى ئىقتىسادى تۇرمۇشىنىڭ يۈكسىلىشىگە دىققەت قىلىشقا، ماشىنا ۋە مەھسۇلاتلارنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشىغا، سانائەت مەشغۇلاتىدا تېخىمۇ ئۈنۈمدار بولۇشقا يۈزلەندى.
    زاۋۇت ئىگىلىرى، سودىگەرلەر ھەممىسى ئەڭ تۆۋەن چەك -قانچە پۇل؟ ۋە قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
    دېگەنگە بۇرۇلۇشتى. كەسىپداشلار ئارا رىقابەت –ۋاقىت ئېڭىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.
    سانائەت ئىنقىلابى ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا تەبىقىلەرنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. ئۇتۇق قازانغانلار بايلىق ۋە پاراغەتتىن بەھرىمەن بولدى ۋە ئۆز مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆزى ئېرىشكەن ۋە سېتىۋالغان نەرسىلەر بىلەن ئۆلچەيدىغان ماتېرىيالىزمچى بولۇشتى. يەنە نۇرغۇن كىشىلەر ئۆز بايلىقى ئارقىلىق دوختۇرخانا، كۇتۇپخانا، مەكتەپ، چېركاۋ سېلىش ئارقىلىق جەمئىيەتكە تۆھپە قوشتى. ئەنگلىيىدىمۇ شۇنداق بولدى. سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن ئەنگلىيىدە ئوكسىفورد ۋە كامبىرىج دىن ئىبارەت ئىككى ئۇنىۋېرسىتېت بولۇپ، سانائەتلىشىشتىن كېيىن نۇرغۇن يىڭى مەكتەپلەر ۋە تۈرلۈك مائارىپ پروگراممىلىرى بارلىققا كەلدى. ماتېرىيالىزملىق قاراش ئىشچىلار سىنىپى ۋە جەمئىيەتنىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغا قەدەر كېڭىيىپ، ئاستا-ئاستا ئەركىنلىكتىن ئىندىۋىدۇئالىزم، جاپالىق ئىشلەشكە كېڭەيگەن قىممەت قاراشلار يىڭى شەيئى «ئامېرىكا غايىسى»نى رېئاللىققا ئايلاندۇردى. بۇ غايە-ياخشى مائاشلىق خىزمەت، ئۆز ئۆيى ۋە ماشىنىسى بولۇش، ئالىي مائارىپتىن بەھرىمەن بولۇش، ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. «ئامېرىكا غايىسى»- تارىخچى ھىنرى ئادامىس يازغاندەك ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىقتىسادى ۋە ماددىي پۇرسەت ئىزدەش غايىسىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.
    يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خىزمەت، رىقابەت، ماتېرىيالىزملىق ئەمەلىيەتلەر ئامېرىكىلىقلارغا خىزمەت ۋە ئىشلەشنىڭ باشقا ھەرقانداق نەرسىدىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. ئامېرىكىلىقلار ئائىلىدىن خىزمەتكە بەكرەك تەۋە بولۇشتى، كىملىكتىكى «قىلىش» دىن ئىبارەت ئۆزگىرىش- ئىنگلىزلار ۋە غەيرىي غەرب ئەللىرىدە مەۋجۇت كونا ‹بولۇش› (تۇرغۇنلۇقتىن ئىشارەت) ئىدىيىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. بۇلار 1800-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن ئاخىرلىرىغىچە، ئىچكى ئۇرۇش (65-1861)، بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى (17-1914) مەزگىللىرىدە روشەن ئىپادىلەندى. بۇ مەزگىلىدە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئەڭ زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. نۇرغۇن كىشىلەر غەربكە كۆچۈپ كېلىپ ئادەم ئولتۇرمىغان يەرلەرنى زېمىن تۇتتى. تاۋار ۋە مۇلازىمەتنى ئاساس قىلغان مىللىي بازارلار ئىچىلدى، ترانسپورت، ئالاقە ۋە سانائەت تېخنىكىلىرى تېخىمۇ چوڭ شىركەت ۋە كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىشلەش ياكى قىلىش نى تەكىتلەش قارىشى مۇستەھكەم ئورۇن ئالدى.

    4- غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتى(17-19-ئەسىرلەر)

    ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۆھپە قوشقان ئاخىرقى مەنبە –غەربى قىسىمغا كۆچۈش ھەرىكىتى بولۇپ، شىمالى ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان جايلىرىغا كۆچۈش، يەرلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ شىمالى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ ئۆزىلا غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، چۈنكى ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالى ئامېرىكا غەربى تەرەپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ مۇكەممەللىشىشىگە تۆھپە قوشقان ئاخىرقى مەنبە –غەربى قىسىمغا كۆچۈش ھەرىكىتى بولۇپ، شىمالى ئامېرىكىنىڭ ئادەم ئولتۇراقلاشمىغان جايلىرىغا كۆچۈش، يەرلىشىشنى كۆرسىتىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ شىمالى ئامېرىكىغا كۆچۈپ كېلىشنىڭ ئۆزىلا غەربكە كۆچۈش ھەرىكىتىدىن ئىبارەت، چۈنكى ياۋروپاغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىمالى ئامېرىكا غەربى تەرەپ ھېسابلىنىدۇ.
    كۆچۈش ھەرىكىتى بىر نەچچە باسقۇچ بىلەن ئىلىپ بېرىلغان، دەسلىپىدە دېڭىز بويلىرى رايونلىرىغا كۆچۈپ كېلىشكەن، 1670 -يىللىرى يول ئاچقۇچىلار فىلورىدادىن باشقا كېمە بارالايدىغان تۆۋەن قىرغاق جايلارغا يەرلىشىشكە باشلىغان.
    مۇستەملىكىچى ۋىلىيام پىن (1718-1644) ئۆز مۇستەملىكە تەۋەسىگە باشقىلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، 1700-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا ئۆز دۆلەتلىرىدىن نارازى ياۋروپالىقلار بەس-بەستە كۆچۈپ كېلىشكە باشلىغان. بۇ مەزگىللەردىكى باشقا كۆچمەنلەر ئاپپالاچا تاغلىرىنىڭ جىلغىلىرىغا چىقىپ كېتىشكەن. دانىيال بۇنى (1820-1734)غا ئوخشاش يەنە بەزىلەر 1775-يىللىرى ئادەم باشلاپ تاغلاردىن ھالقىپ، كىنتاكى شتاتىغا كۆچۈپ كەلگەن. بۇ مەزگىلدە ئامېرىكا كۆچمەنلىرى ئۆزلىرى ياشاپ كەلگەن جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن تۈرلۈك-تۈمەن كۆز-قاراشلارنى شەكىللەندۈرگەن. غەربكە كۆچۈپ كەلگەن بۇ كىشىلەر دەسلەپتە مۇستەقىل ياشىغان ۋە شەرقتىكى باشقىلارغا ئىشەنمىگەن، كىيىن كۆچۈپ كەلگەنلەر بۇرۇنقىلارنى قوپال ۋە مەدەنىيەتسىز دەپ ئويلىغان، مۇشەققەت يىڭى تۇرمۇشقا بەرداشلىق بېرىش ئۈچۈن كىشىلەر ئۆزىنى ئۆزى قۇتقۇزۇش قا مەجبۇر بولغان. ئۇلار چوڭ ئامبار ۋە دەڭلەرنى ياساپ ئۇخلىغان، ھايۋانلار تېرىسىنى يېپىنچا قىلغان.
    بارلىق ئوخشىماس مەدىنى قىممەت قاراشلارنىڭ بىرلىكتە مەۋجۇت بولۇشى ئامېرىكىنى ئۆزگىچە قىلغان. بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنى باشقىلاردىن پەرقلىق، ئۆزگىچە ھېس قىلىشقان. غەربتىكى جاپالىق تۇرمۇش، ئۆز تۇرمۇشىغا ئۆزى كۆڭۈل بۆلۈش كىشىلەرنى قاتتىق شەخسىيەتچى –يېگانە –ئۆزىگە مەسئۇل خاراكتېرگە باغلاپ قويغان. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئۇزۇن مەزگىلىگىچە تەسىس قىلىنمىغان بولغاچقا كىشىلەر ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقىش قا مەسئۇل بولغان. تۇرمۇش بارغانسېرى ئىشلەش ۋە خىزمەتكە مەركەزلەشكەن.
    كۆپ خىل ئارىلاشمىلىقنىڭ نەتىجىسى-مۇناسىۋەتتە بىۋاسىتە، ئوچۇق-يورۇق بولۇشنى، ئوخشاشلا مۇساپىر يۇرتداش بولغان ھەممەيلەننىڭ ئامېرىكا غايىسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا باراۋەر ھوقۇقى بارلىقىنى، ئوخشىمىغان قائىدە-يوسۇنلارنىڭ چەكلىمىسى ئارقىلىق توسالغۇ ۋە چۈشىنىشمەسلىك پەيدا قىلىشنىڭ ئورنىغا بىراقلا قائىدىسىزلىك ياكى غەيرىي رەسمىي مۇئامىلە قىلىشنى ئورتاق قىممەت قاراش قىلىش ئومۇمىيلىققا ئايلاندى.

    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    داۋامى: logs/121718838.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: