版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/121718838.html

    ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشى (2)

    (تاھىر ئىمىن)

    ھەرقانداق قىممەت قاراشنى ئوخشاش قوبۇل قىلىدىغان ياكى مۇستەقىل ئورتاق قىممەت قاراش بولمىغان دۆلەت ياكى مىللەت تەدرىجىي يوقىلىدۇ.
    - بىل پەررى(ئامېرىكا قىممەت قاراش مۇتەخەسسىسى)

     

    21-ئەسىردىكى ئامېرىكا قىممەت قارىشى

    يۇقىرىدا بايان قىلغانلىرىمىز بۈگۈنكى دەۋر ئامېرىكا خەلقنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئاساس ۋە يىلتىز بولغان مەنبەلەر بولۇپ، تۆۋەندە بىر نەچچە بازارلىق ئامېرىكا قىممەت قارىشىنى سۆزلەيمىز:

    1- ئۆزگىرىش.
    ئۆزگىرىش ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى ئەڭ قىزغىن قارشى ئىلىنىدىغان قىممەت قاراش بولۇپ، كىشىلەر ھەمىشە پاسسىپ ۋە تۇرغۇنلۇقتىن، ئاكتىپ ۋە ئۆزگىرىشنى كۇب ياقتۇرىدۇ. تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ كۆپىنچە يۈكسىلىش ۋە ئىلغارلىقنى روياپقا چىقىرىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى، بۇ خىل تەپەككۇر ئاساسى كىشىلەرنى جەمئىيەت ئۈچۈن ئۆزگىرىش ياساش ئارقىلىق تېخىمۇ ئالقىشقا ئېرىشىش، قەدىرلىنىش تۇيغۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مەنىۋى شارائىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. شۇڭا ئامېرىكا مىڭلىغان تۈرلۈك ئىدىيە، تەشكىلات- ئېقىم، ۋە ھەرىكەتلەرنىڭ بارلىققا كۈلىدىغان جايىغا ئايلاندى. مەسىلەن: بىر زىيارەتچى تەلىماتلىرى بىر-بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان تۈمەن خىل چېركاۋلارنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىدا 1960-يىلدىن بۇيان چوڭ ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن نۇرغۇن بالىلار تۇغۇلدى، (1964-1946) بۇ بىر ئەۋلاد «بوۋاقلار دولقۇنى» دەۋرىدىكى بالىلار دەپ ئاتالدى، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى رىقابەتنى كەسكىنلەشتۈردى. ئالاقىنىڭ كۆپىيىشى ئارقىلىق ئاممىۋى مەدەنىيەت ناھايىتى تىزلا كەڭ خەلق ئارىسىغا تارقالدى، يىڭى ئىدىيىلەرگە بازار ھازىرلاندى. ئاتا-ئانىلار بۇ بىر ئەۋلادنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ھەرقانداق بىر ئەۋلادتىن پەرقلىق چوڭ قىلدى. چوڭ بولغان بوۋاقلار دولقۇنى دەۋرىدىكى بالىلار قورامىغا يەتكەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى قىممەت قاراشلارنى رەت قىلدى، بولۇپمۇ دىنى ئېتىقادنى رەت قىلدى. ھەممە ئىشنى ئۆزى ياقتۇرغان ئۇسۇل بويىچە قىلماقچى بولۇشتى، ھەتتا بەزىلىرى زوراۋانلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن يېڭىلىقلارنى بارلىققا كەلتۈرمەكچى بولۇشتى. گەرچە ئۇلارنىڭ يىڭى خاھىشلىرى تىز ئۇنۇم بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار قىرىپ رەھبەرلەرگە ئايلانغاندا ھۆكۈمەت سىياسىتى، قانۇن، داۋالىنىش، مائارىپ، سەنئەت ۋە باشقا ئىدېئولوگىيە بازىرىدا چوڭ ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۈگۈنكى ئامېرىكا ئاشۇ قەدىمكى ۋە بۇ يىڭى ئىدىيە ۋە خاھىشلارنىڭ غەلىتە يۇغۇرۇلمىسىدىن ئىبارەت.
    2- نىسپىيلىك.
    بۇنىڭ مەنىسى- ھېچ قانداق نەرسە مۇتلەق ھەم مۇكەممەل، شۇنداقلا ئۆزگەرمەيدىغان بولمايدۇ، ھەرقانداق نەرسە ئۆزگىرىش ئىچىدە بولىدۇ دېگەنلىك بولۇپ، ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ بىر تەركىبى بولغان ئۆزگىرىشكە ماسلىشىدۇ. ئەمما نىسپىيلىك ئەنئەنىۋى ئامېرىكا قىممەت قارىشىدىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. مەسىلەن: ئامېرىكىدىكى پروتېستانت خرىستىئانلار تەڭرى ۋە ئىنجىلنىڭ مۇتلەق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما نىسپىيلىك بۇنى ئىنكار قىلىدۇ. يەنە بىر مىسال «ئۇنىۋېرساللىق» دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، «يۇنىۋىرسىتى» دېگەن بۇ ئىنگلىزچە سۆز ئىككى گرېكچە سۆزدىن تەشكىل تاپقان، «يۇنى»-دېگەنلىك- بىر دېگەن مەنىنى، «ۋىرس» دېگەنلىك بۇرۇلۇش دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، قوشقاندا، كىشىلەر ئالەمدىكى شەيئىلەرنى تەتقىق قىلغاندا، ئۇلار بىر تەڭرىدىن كەلگەن بىردەكلىككە بۇرۇلىدۇ دېگەنلىك... باشقىچە ئېيتقاندا، ئالەمدىكى ھەممە نەرسىنىڭ لايىھە، مەنە، ۋە مەقسىتى بولىدۇ، بۇلار مۇتلەق ھەقىقەت بولۇپ، ئىلىم-پەن ۋە تەتقىقات بەزى قىممەت قاراشلارنىڭ ھەممە ئادەم ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ۋە ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرىدۇ......
    پەيلاسوپلار بۇنداق مۇتلەقلىقلارنىڭ ئورنىنى تۇنجى بولۇپ نىسپىيلىككە تېگىشتى. ئاندىن كېيىن سەنئەتكارلار ۋە كۆڭۈل ئىچىش ساھەسىدىكىلەر نىسپىيلىكنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇنىۋېرسىتېت ۋە مەكتەپلەردىكى پروفېسسورلار نىسپىيلىكنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگەتتى. بۈگۈنكى دەۋردە مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار نىسپىيلىكنى قوبۇل قىلىدۇ.
    3- كۆپ خىل مەدەنىيەت.
    ئۈچىنچى ئىدىيە كۆپ خىللىق ياكى كۆپ خىل مەدەنىيەت تىن ئىبارەت. بۇنىڭ مەنىسى دۇنيادىكى بارلىق ئىدىيىلەر ئوخشاشلا مۇئەييەن ئەقلىيىلىككە ئىگە، ئوخشاشلا قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ، ھەممىسىنىڭ قىممىتى بولىدۇ دېگەنلىكتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا ئۇ خىل ئىدىيىنىڭ زادى نەدىن كەلگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلمەيدۇ. ئىدىيىلەرنىڭ ئۆزى ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىيىلەرگە ئىشىنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىت ئىدىيىلەرنى قىممەتكە، باراۋەر مۇھىملىققا ئىگە قىلىدۇ.
    4- يول قويۇش.
    1960-يىلىدىن باشلاپ ئومۇملىشىشقا باشلىغان يەنە بىر ئىدىيە-يول قويۇش، كەڭ قورساقلىق بولۇپ، دەسلەپكى چاغلاردا يول قويۇش سۆزى –كىشىلەرنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمىغان ئىدىيىلەردە بولۇش ئەركىنلىكىگە يول قويۇش دېگەنلىكنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ھازىرقى مەنىسى جەمئىيەتتە دېگۈدەك ھەرقانداق ئىدىيە ئالغا سۈرۈلسە، تەرەققىي قىلدۇرۇلسا بولىدۇ دېگەنلىكتۇر. ھازىر ئامېرىكا پۇقرالىرى ئارقا كۆرۈنۈشى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوخشىمىغان ئېتىقاد ۋە ئوخشىمىغان قىممەت قاراشتىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈلۈۋاتىدۇ. «يول قويۇش» سۆزى كۈچلۈك مەنىسى بىلەن ئېيتقاندا (باشقىلارنىڭ ئىدىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇش خاتالىقتۇر )دېگەنلىكتىن ئىبارەت.

    ماھىيەتلىك ئامېرىكا قىممەت قاراشلىرى

    كىتابلاردا يېزىلغان قىممەت قاراشلار:
    1- شەخسنى تەكىتلەش
    2- باراۋەرلىك، ئادىللىق
    3- ئوچۇق-ئاشكارىلىق
    4- كەلگۈسىنى مەركەز قىلىش
    5- مۇھىتنى كونترول قىلىش
    6- تەبىئىي ۋە ئاكتىپ يوسۇندا ئۆزگەرتىش
    7- ۋاقىتنى كونترول قىلىش
    8- قائىدىسىزلىك
    9- ئۆزىنى قۇتقۇزۇش، شەخسى تەرەققىيات
    10- رىقابەت
    11- «قىلىش»نى مەركەز قىلىش ۋە ئۇتۇق قازىنىش
    12- ئەمەلىيەتچىللىك، ئۈنۈمدارلىق ۋە «چوت سوقۇش»
    13- ماتېرىيالىزم

    باشقىچە قىممەت قاراشلار:

    1- گورۇپپىغا تەۋە بولۇش
    2- دەرىجە-ئىجتىمائىي ئورۇن
    3- ۋاسىتىلىك بولۇش، باشقىلارغا «يۈز» بېرىش
    4- ئۆتمۈشنى ئۇلۇغلاش
    5- تەقدىرنى قوبۇل قىلىش
    6- مۇقىملىق، ئىزچىللىق ۋە ئەنئەنە
    7- كىشىلىك مۇناسىۋەت ۋە ئىناقلىق
    8- قائىدىگە ئەھمىيەت بېرىش
    9- تۇغما ھوقۇق ئەنئەنىسى
    10- ھەمكارلىق
    11- «مەۋجۇتلۇق»نى تەكىتلەش
    12- پەلسەپەۋىي ئامىللار
    13- روھى ئامىللار
    (<ئامېرىكىغا نەزەر>، بىل پەررى، 11-بەت)

    ئامېرىكىنىڭ سىياسىي قىممەت قارىشى

    «كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك»تىن ئىبارەت «سىياسىي قىممەت قاراش» دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ ياشلىرىنى ئامېرىكىغا تارتىپ تۇرىدىغان مۇھىم تەرەپ بولۇپ كەلدى. قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش- ئامېرىكىنىڭ مەزمۇت دۆلەتلىك ئوبرازىنى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، كۈچلۈك، ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىش، دۈشمەنگە مۇشت ئېتىش، گېپىڭ بولسا مەيدانغا چىقمامسەن، ئاكاڭ قارىغاي ھەممىدىن نوچى، كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ دېگەن گاڭگۇڭلۇق -جەلپكار نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.

    دۆلەت مەنپەئەتى-ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنچى
    مەڭگۈلۈك دوست يوق، مەڭگۈلۈك دۈشمەن. پەقەت ئامېرىكا مەنپەئەتىلا بار.
    ئامېرىكىغا پايدىلىق بولىدىكەن، چوقۇم قىلىش كېرەك، زىيانلىق بولىدىكەن، ۋاز كېچىش كېرەك،
    ئاشكارا بولۇش-دۆلەت ئىشلىرىدا، ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولۇش

    ئەخلاقى قىممەت قاراشلار:

    مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەخلاقسىزلىقلار: سەمىمىيەتسىزلىك قىلىش، باشقىلارنىڭ مال-دۇنياسىغا چىقىلىش، باشقىلارنى ھاقارەت قىلىش... قاتارلىق ئۆزىنى دەپ باشقىلارغا دەخلى-تەرۇز قىلىش خاراكتېرىدىكى ئىشلار ئىكەن.
    ئېتىقاد تۈرتكىسىدىكى ئەخلاق ئۇقۇمىغا بەرگەن تەبىرنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئىككى جىنس ئوتتۇرىسىدىكى ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيە –ئىسلام ۋە شەرق ئەللىرى نەزىرىدىكى بىلەن تۈپتىن پەرق قىلىدىكەن.

    غەيرىي رەسمىيلىك
    تەكەللۇپ، تۈزۈت، رەسمىيەت قاتارلىق چەكلەش خاراكتېردىكى ئەخلاقى ئۆلچەملەردىن كۆرە، باشقىلارغا ھۆرمەتسىزلىك بولمىغان ئەھۋالدا تۇز ۋە غەيرىي رەسمىيلىك تەشەببۇسى ئومۇمى مۇئامىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئىش ئىكەن.

    2) كىنولاردىكى ئامېرىكا قىممەت قارىشى

    ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئامېرىكا فىلىملىرىنىڭ مەستانىلىرى ياشلارنى ئاساس قىلىدۇ، ئامېرىكا كىنولىرىنىڭ ھېرىسمەنلىرىنىڭ ئورتاقلىقى‹ئىدىيە ئازادلىقى› غا بولغان مايىللىق بولۇپ، پەن-تېخنىكا، ئۆزگىچە تەسەۋۋۇر ۋە يۇقىرى پەن-تېخنىكا، ئەسلى ھېسسىيات ۋە رېئال ئېھتىياج، تارىخ ۋە بۈگۈن، فانتازىيە ۋە رېئاللىق يۇغۇرۇلۇپ سۇنۇلغان ئامېرىكا فىلىملىرى كۆپ خىل ساھەلەرگە چېتىشلىق رەڭدارلىقى، ھەممىنىڭ زوقىنى قوزغايدىغان كۈچ-قۇۋۋەت بىلەن كۆپنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ھېسسىياتى مەزمۇنلىرى بىلەن دۇنيا كىنو بازىرىدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى، غەرب مەدەنىيەتنى، قىممەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىشتا ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن قالسا ئىككىنچى ئاساسى ۋاسىتە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.
    ئامېرىكا فىلىملىرىنى كۆرگەندە يەنە تۆۋەندىكى ئوبرازلارنى ھېس قىلىمىز، ئەمما بۇ قىسمەن ياشلاردىكى ئايرىم ھادىسە ئىكەنلىكى ئېنىق، ئەلۋەتتە ئۇ ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مەۋجۇت ھادىسىلەرنىڭ بىر ئەينىكى:
    بىپەرۋالىق، بىگانىلىك، ئۆز بېشىمچىلىق، تۇتۇرۇقسىزلىق، ئۈمىدسىزلىك، چۈشكۈنلۈك، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىلىك، ئالدىراڭغۇلۇق، غەلىتىلىك، قائىدىسىزلىك، رەھىمسىزلىك... !
    ئامېرىكا قىممەت قارىشى ۋە ئىدېئولوگىيىسى بىلەن چىقىشالمايدىغان نۇرغۇن ئەللەر، جۈملىدىن ئىسلام ئەللىرى ھوللىۋۇد فىلىملىرىنى ئامېرىكىنىڭ غايەت زور تەسىرگە ئىگە «مەدەنىيەت ۋە قىممەت قاراش ئۆزگەرتىش» تەشۋىقات ماشىنىسى دەپ ھېسابلايدۇ.
    بىر باياندا مۇنداق دېيىلگەن: ھوللىۋۇد فىلىملىرى بەشبۇرجەكلىك بىنا، ئامېرىكا ئارمىيىسى قىلالمايدىغان ئىشنى قىلدى، دۇنيادىكى نۇرغۇن ئەللەرنىڭ سىياسىي قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىدا ئوق چىقارماي ئۆزگىرىش ياسىدى.

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرى ۋە زۇڭتۇڭ رىقابەت سايلىمى نۇتۇقلىرىدا كۆپ تەكىتلەنگەن قىممەت قاراشلار:

    مەن ئۆزۈم ئوقۇغان ۋە ئاڭلىغان نۇتۇق مەزمۇنىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىلەرنى ھېس قىلدىم.
    1- ۋەتەنپەرۋەرلىك- «مەن ئامېرىكىنى سۆيىمەن. ئۇنىڭ ۋە خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى...»
    2- ئائىلە تەربىيىسى ۋە مېھرىبانلىق- «مەن كىچىك چىغىمدا ئاپامدىن، ياكى بوۋامدىن شۇنى چوڭقۇر ئۆگەنگەنمەنكى…»
    3- جاپالىق ئىشلەش- «ئامېرىكىلىقلار ئىنتايىن تىرىشچان خەلقىمىزكى، بۈگۈنىمىزنى ئۆزىمىز ياراتقان…»
    4- شەخسى ئىقتىدار -«ئىقتىدارلىقلار يېڭىدۇ»، «مەن ئەقلىم، بىلىمىم بىلەن ھۆددە قىلىمەنكى…»
    5- دۆلەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى- «دۆلىتىمىز ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەت…»
    6- ئىنسانپەرۋەرلىك روھى- «ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئومۇملىشىشى ئۈچۈن... نامراتلىق، ئۇرۇش، ئاپەتلىرىنىڭ تۈگىشى ئۈچۈن…»
    7- مال-دۇنيا توپلاشنىڭ مۇھىملىقى- «ئىشسىزلىقنى تۈگىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىمەن،» «ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا غايەت زور ماددىي ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتۇق»

    ئامېرىكا قىممەت قارىشىنىڭ «بازىرى»

    ئامېرىكا قىممەت قارىشى- ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدە، ئامېرىكا خەلقىنىڭ نورمال تۇرمۇشىدا، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەنئەت، تەنتەربىيە... ھەممە ساھەدە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلدى.
    ئامېرىكا قىممەت قارىشى-ئابستراكت ئۇقۇم بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ تەسىرى ئىنتايىن ئەمەلىي بولدى.
    ئامېرىكا قىممەت قارىشى ئامېرىكىلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى، بىرلىشىشى، تەرەققىياتى،  ۋە دىپلوماتىيىسى ئۈچۈن ئىنتايىن كەم بولسا بولمايدىغان مەنىۋى ئاساس بولدى
    <كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك>تىن ئىبارەت 3 ئاساسى پرىنسىپ دۇنيادىكى بۇلارغا ئىنتىلىدىغان ئەل پۇقرالىرىنى ئامېرىكىغا تارتىپ تۇرىدىغان مۇھىم تەرەپ بولۇپ كەلدى.
    قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش- ئامېرىكىنىڭ مەزمۇت دۆلەتلىك ئوبرازىنى يۇمشاق دېتال بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، كۈچلۈك، ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇش، ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىش، دۈشمەنگە مۇشت ئېتىش، «گېپىڭ بولسا مەيدانغا چىق، ئاكاڭ قارىغاي ھەممىدىن نوچى، كۈچۈڭ يەتسە ئالساڭچۇ» دېگەن گاڭگۇڭلۇقى- جەلپكار نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
    ئامېرىكا قىممەت قارشى ۋە مەدەنىيەت كىملىكى -سەنئەت، تەنتەربىيە، پۇلدارلىق، جىنسىيەت، ئۆزىنى ئىپادىلەش، كىنو، ھوللىۋۇد، ساغلاملىق، ياشلارنى مەركەز قىلغان مۇلازىمەت ساھەسى-ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئىنتىلىشى بولدى.
    دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە پۇقرالارنىڭ ئامانلىقى، شۇنداقلا يەرشارىلاشقان ئىستراتېگىيىسى ئۈچۈن مۇداپىئە ۋە ئالدىن قول سېلىش، مۇھىم ساھەلەردە كۈچلۈك ئورۇننى قولدىن بەرمەسلىك،
    دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئومۇملاشتۇرۇش، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك ئىزدىگەنلەرگە قول سۇنۇش، ئىنسانپەرۋەرلىكنى يەتكۈزۈش-سىياسىي نىجاتلىق ئىزدەۋاتقانلارغا مادار نۇقتىسى بولدى.
    ئالىي مائارىپتىن باراۋەر بەھرىمەن بولۇش پۇرسىتى ۋە ئۆزىنى ئىسپاتلاش شارائىتى، شەخسنىڭ بارلىق ئىقتىدارنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىغا بوشلۇق ھازىرلاش-ئۆزىگە ئىشىنىدىغان تالانت ئىگىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا ئېقىشىغا سەۋەب بولدى.
    گەرچە ئۇسۇلى ۋە نىشانى جەھەتلەردىن چۈشىنىش ئوخشىمىسىمۇ -دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك... قاتارلىق سىياسىي قىممەت قاراش ۋە ھۆكۈمرانلىق پرىنسىپلىرىنى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتى نۇقتىسىدىن ھەممە زۆرۈرىيەت ھېسابلايدۇ.
    مانا شۇ سەۋەب «كۈچى بار، روھى بار، گېپى بار، ئاچچىقى بار، تاتلىقى بار» ئامېرىكا دەپ نادىرلاپ كېلىنگەن مەزكۇر دۆلەت سېھرى كۈچىنى خىلى زامانلار ساقلايدۇ. باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىنسان تەبىئىتى ھامان ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ دېيىلسە، ئۇنداقتا ئاشۇ خىل قىممەت قاراشتىكى ھاكىمىيەتلەر كۆپىيىدۇ. ئالدىنقى شەرتى جىنىغا تۇشلۇق دائىرىدە مەۋجۇتلۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش.

    ئامېرىكا قىممەت قارىشى ئۆزگىرەمدۇ؟

    دۇنيا ئۆزگىرىش بىلەن دۇنيا بولىدۇ، ھەر كۈنى، ھەر سائەت تۈمەنلىگەن ئۆزگىرىشلەر روياپقا چىقىدۇ. دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە يەنىلا ئۆزگىرىشتۇر، ئامېرىكا رېئاللىقى، سىياسىيسى ئۆزگىرىشكە قەدەم قويدى، ئامېرىكا خەلقنىڭ ئىدىيىسىمۇ ئۆزگىرىشنى ئىپادىلىدى. دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدە يۈز بەرگەن چوڭ ۋەقە-ھادىسىلەر ئامېرىكا بىلەن باغلىنىشلىق بولۇپ كەلدى. ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرمۇ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىپ كەلدى. 11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ ئامېرىكىلىقلارنىڭ بۈگۈنگە قەدەر سىياسىي، مەدىنى ۋە ئىقتىسادى ھاياتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىكى تۇرمۇشىدا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھېلىھەم مۇھىم قىزىق تېما ۋە تەتقىقات نۇقتىسى بولۇپ كەلدى. ئۆز بابىدا يەنە پۇقرالارنىڭ ئىدىيىسىدە، قىممەت قارىشىدا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنى ئىلىپ كەلدى. دۇنياغا بولغان تونۇش ۋە چۈشەنچە ئىزچىل يېڭىلىنىپ كەلدى.
    مەسىلە: ئامېرىكىلىقلار كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرگە پۈتۈنلەي شەرقچە، ئىسلامچە ياكى خەنزۇچە(پۈتۈنلەي دىنسىز) شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشقا ئۆزگىرىپ قالارمۇ-يوق؟ بۇ بىزگە نىسبەتەن بەك پايدىسى بار مەسىلىدەك قىلمايدۇ، خۇدانىڭ ئىلكىدىكى ئىشقا بىر نېمە دېمەك تەس، ئەمما ئىدېئولوگىيە-دىموگرافىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئامېرىكا سىياسىيونلىرى بۇنىڭدىن خىلى بۇرۇنلا ئەندىشە قىلىپ ياش ئەۋلادلارنىڭ مىللىي كىملىك ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مائارىپنىڭ ئاساسى نىشانلىرىدىن بىرى قىلىش لازىملىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. سامۇئىل خانتىڭتۇن ۋەكىللىكىدىكى مەدەنىيەت سىياسىيسى نەزەرىيىۋى ئېقىمىدىكىلەر بۇنىڭغا مايىل. خانتىڭتۇن «بىز كىم؟» ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق بۇ ئەندىشىسىنى ئاشكارىلىدى. بىر ئەسىر مابەينىدە كۆپ ئۆزگىرىشلەر بولدى، ئىرقى كەمسىتىشكە قارشى قانۇن لايىھىسىنىڭ تۈزۈلۈشىدىن تاكى نېگىر پۇشتىنىڭ پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغۇچە دەۋر ئامېرىكا خەلقىنىڭ سىياسىي، دىنى، مەدىنى ھاياتىدا يۈز بەرگەن مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدى. ۋە ئۆزگىرىشنى شوئار قىلغان يىڭى پرېزىدېنت دەۋرىنىڭ سايلانغانلىقىغا بەلگە بولۇپ قالدى. «ئامېرىكا شۇنىڭدىن باشلاپ ئۆزگىرىشكە دەۋرىگە قەدەم قويدى» نىيويورك ۋاقتى، سىملىق تېلېۋىزىيە قاناللىرى، ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى قاتارلىقلار ئوخشاش تېمىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئوبزور ئېلان قىلدى.
    گەرچە بۇ ئۆزگىرىش- ئىقتىسادى تەرەققىيات، خەلقئارا ھۆرمەت، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بىلەن نەتىجىلىنىشىنى بەك ئارزۇ قىلىنسىمۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: