版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/121702215.html

    ئەي قىزىم، دانىشمەنلەرنىڭ ئەقلىدىن قۇ ۋ ۋەت ئال!


    (1)
    ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغىنىدۇر.
    ھەقىقەتەنمۇ قىزلار قەلەمقاش، شەھلا كۆز ، ئۇزۇن چاچ، كېلىشكەن، گۈزەل بولسمۇ، شەرم-ھايالىق بولمىسا، ئۇلارنى ھېچكىم گۈزەل دېمەيدۇ.
    ئىپپەتلىك قىز دېگەندە، كۆز ئالدىمىزغا تەبىئىي مۇلايىم، ئەقىل-پاراسەتلىك، ھايالىق، نۇمۇسچان، ئاتا-ئانىغا مېھرىبان، قېرىنداشلىرىغا كۆيۈمچان، چوڭ-كىچىكلەرگە ئېتىبارلىق قىز نامايەن بولىدۇ ۋە بۇنداقلار كۆزىمىزگە چىرايلىق، يېقملىق كۆرۈنىدۇ.
    ھايا كىشىلەرنى يامان يولدىن قايتۇرغۇچى ۋە ياخشىلىققا ئۈندىگۈچىدۇر.
    كىمنىڭ ھاياسى بولمىسا، شۇنىڭدا ئۇيات بولمايدۇ ۋە بارچە قەبىھ ئىشلارنى قىلىشتىنمۇ يانمايدۇ.

    (2)
    ئەي قىزىم، ئىپپەت- ۋىجدانىي پاكلىق، نۇمۇس، ھايا دېگەنلىكتۇر.
    قىزلارنىڭ تەبىئىتىگە خاس پاكىزلىق، ھايا، نەپىسلىك، زىبالىق، ھوشيارلىق كەبى پەزىلەتلەر ئۇلارنىڭ ھۆسنىگە ھۆسۈن، لاتاپىتىگە لاتاپەت قوشىدۇ.
    قىزنىڭ ھۆسنى-يېرىم بايلىق،  ئەقلى بولسا خەزىنە.
    ئۇلۇغ ئالىم ئىبىن سىنا:
    «ئىنساندا مەڭگۇ تۇرىدىغان ھۆسۈن ۋە لاتاپەت-ھايا بىلەن ئىپپەتتۇر، ھاياسىز يۈز-جانسىز جەسەت كەبىيدۇر» دېگەن ئىدى.
    دەرھەقىقەت، ئادەمنى ئۆزىگە تارتىدىغان، ئىسسىق كۆرسىتىدىغان نەرسە-كىشىنىڭ ھايا ۋە ئىپپىتىدۇر.
    ھايا ۋە ئىپپەتنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قىز ھامان ھەقىقىي ئىنسانلىق خاراكتىرىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ.

    (3)
    ئەي قىزىم، تىل بىلەن يۈرەك- ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ بۇلىقى.
    بۇ ئىككىسى ياخشى بولسا، ئادەممۇ بەختلىك ۋە ياخشى بولىدۇ.
    بۇ ئىككىسى يامان بولسا، ئادەممۇ يامانلىق ۋە بەختسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ.
    بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب:
    تىل-يۈرەكنىڭ جارچىسى. يۈرەك نېمىنى ئويلسىا، تىل شۇنى سۆزلەيدۇ، كۆڭۈلگە كەلگەننى ئالەمگە ئايان قىلىدۇ،
    كىشىلەر سۆزگە ئۇستىلىقى بىلەن ماختانسا، سەن سۈكۈت قىلىش بىلەن ماختان.
    ھەر نەرسنىڭ دەلىلى بار.
    ئەقىلنىڭ دەلىلى-پىكىر،
    پىكىرنىڭ دەلىلى-سۈ كۈتتۇر.
    سەن سۈ كۈت قىلىش ئارقىلىق ئۆز مەقستىڭگە يېتەلەيسەن.
    سۈكۈتتىن يىراقلاشساڭ مەغلۇبىيەت سېنى قارشى ئالىدۇ.

    (4)
    ئەي قىزىم، كىشىنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا مەسىلە سورىما.
    ئەگەر سېنىڭ خاپا بولۇپ تۇرغان ۋاقتىڭدا بىراۋ مەسلە سورىسا، سۆزىگە قاراپ جاۋاب بەر.
    ئەقلىڭ يەتمەس سۆزنى سۆزلىمە.
    كۈچۈڭ يەتمەس ئىشقا ئېسىلما.
    ھەر ئىشتا ئوتتۇرا يولنى تۇتۇش كېرەك .
    جامائەت بار يەردە، مەجلىستە بىرىگە سۆزۈڭ بولسا، ئاشكارە سۆزلە،
    زۆرۈر بولمىسا، پىچىرلاپ سۆزلىشىشنىڭ ھېچ پايدىسى يوق.
    ھەر تۈرلۈك سۆزنى ئاڭلىساڭ گوياكى ئاجىزلىقتىن كۈچلەنگەندەك ئاڭلىغىن.
    بۇ سۆزلەر مەيلى كېرەككە كەلسۇن-كەلمسىۇن، جېنىڭ، تېنىڭ بىلەن ئاڭلا.
    چۈنكى سۆز بىر سەدەپكە ئوخشايدۇ. ئۇ كۆڭۈل دەرياسىدىن چىقىدۇ.

    (5)
    ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نازاكىتىنى، قىزلىق قەدىر-قىممىتىنى ئاشۇرىدىغان ئەمەللەرنىڭ كاتتىسى- سىيلىق، سىپايە، دەل جايىغا كەلتۈرۈپ، مېھرىبانلىق پۇرىقىنى سىڭدۈرۈپ تۇرۇپ ئەدەپلىك سۆزلەشتۇر.
    سۆزلىگەندىمۇ راست سۆزلەش، گەپنى قىسقا، مېغىزلىق قىلىشقا، مەنىلىك، ئورۇنلۇق سۆزلەشكە ئادەتلىنىش؛
    ئۇزۇن، بىمەززە سۆزلەپ كىشىلەرنى بىزار قىلماسلىق كېرەك.
    خەلقىمىز تولا گەپ قىلىدىغان كىشىلەرنى «ئەدەپسىز، كوت-كوت، لاۋزا» دەپ ئاتايدۇ.
    كۆپ گەپ قىلغۇچىلار ئۆزىنىڭلا گېپىنى يورغىلىتىدۇ،
    خاراكتېرىدىن مەمەندانلىق چىقىپ تۇرىدۇ.
    ئۇلارنىڭ كۆپ گەپ قىلىشىدىكى مەقستى-ئۆزىنى كۆرسىتىشتۇر.

    (6)
    ئەي قىزىم، ئىپپەتلىك قىزلار ئۆزلىرىگە تەلەپچان، ھايالىق بولىدۇ.
    يۈرۈش-تۈرۈش، كىيىنىش، مۇئامىلە، مۇناسىۋەتلەردە قىزلىق شەنىگە يارىشا ئىش تۇتىدۇ.
    كىشىلەر ئارىسىدا كالتە، تار، كۆكرىكى چوڭ كىيىملەرنى كىيىشنى، مەمەدانلىق، چاكىنا قىلىق، ئورۇنسىز ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى ئۆزلىرىگە ھار ئالىدۇ.
    ئىپپەتلىك قىزلار، بولۇپمۇ يىگىتلەرنىڭ ئالدىدا، چوڭلار بار سورۇنلاردا ئۆزلىرىنى قانداق تۇتۇشنى ياخشى بىلىدۇ.
    ھەربىر قەدىمىنى ئويلاپ باسىدۇ.
    قىز بالا ئۆزىنىڭ تەبىئىي چىرايى بىلەن يېقىملىقتۇر.
    ئۇنىڭغا يەنە پەرداز قىلىش ئۇنى سۈنئىيلەشتۈرۈ پ قويۇشى مۇمكىن.
    بولۇپمۇ ھەددىدىن زىيادە پەرداز قىلىش، كەلسە-كەلمەس زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقاش، قىممەت باھالىق كىيىملەرنى كىيىش قىزلارنى يەڭگىلتەك، قونچاق سۈپەت كۆرسىتىپ قويۇشى مۇمكىن.

    (7)
    ئەي قىزىم، دانالار ئىلىمنى مال-مۈلۈكتىن ئەۋزەل دېيىشىدۇ.
    ئېيتىشلىرىچە، ئىلىم مېغىز بولسا، بايلىق ئۇنىڭ پوستى.
    ئىلىم گۈل بولسا، بايلىق ئۇنىڭ ھىدىدۇر.
    دانا كىشىلەر ھەر دائىم ئەنە شۇ مېغىزنى قولغا كىرگۈزۈش يولىدا جاپا چېكىدۇ.
    چۈنكى،
    بىرىنچىدىن، پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئىلىم مىراس قالۇر، مال-بايلىق بولسا ھارۇن ۋە ھاماننىڭ مىراسىدۇر؛
    ئىككىنچىدىن، ئىلىم كىشىدە كەمتەرلىك پەيدا قىلسا، بايلىق مەنمەنلىك پەيدا قىلۇر؛
    ئۈچىنچىدىن، ئىلىملىك كىشىنىڭ دوستى كۆپ بولسا، مالدار كىشىنىڭ دۈشمىنى كۆپ بولۇر؛
    تۆتىنچىدىن، مالدار كىشىلەر ئۆتە خەسىس ۋە بېخىل بولسا، ئالىم كىشىلەر ساخاۋەت ئىگىسى بولۇر؛
    بەشىنچىدىن، ئىلىم كىشىگە دۇنيادا ئابرۇي كەلتۈرسە، مال-دۇنيا ئازاب كەلتۈرۇر.

    (8)
    ئەي قىزىم، ئۈچ خىل كىشى ھېكمەت رەۋىشىدىن يىراق ۋە ئەقىل يولىدىن تاشقىرىدۇر.
    بىرىنچىسى، ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇۋۋىتىگە ئىشىنىپ، ھەر قانداق بالا كەلسە قارشى كېتىۋىرىدىغانلار؛
    بۇنداق كىشىلەر ئاقىۋەت ئۆزىنى ھالاكەتكە سالىدۇ؛
    ئىككىنچىسى، تائامنىڭ ئۆزىگە يېتەرلىك مىقدارىنى بىلمەيدىغانلار ۋە مەيدىسنىڭ ھەزىم قىلىشقا ئاجىز كېلىشىدىن قورقماي يەۋىرىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، بۇنداق كىشىلەر ئۆز جېنىنىڭ دۈشمىىنىدۇر.
    ئۈچىنچىىسى، ئاداۋەت ئەھلىنىڭ سۆزىگە مەغرۇر بولۇپ، ئۇلارنىڭ خۇشامەتلىرىگە ئالدانغانلار، بۇنداق كىشىنىڭ ئىشى ئاخىرى ھەسرەت-نادامەت ۋە پۇشايمان كەلتۈرىدۇ.

    (9)
    ئەي قىزىم، ياخشى خۇيلۇق، ئەدەپ-ئەخلاقلىق، مىجەز-خاراكتىردا خاسلىققا ئىگە، كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ياراملىق قىز بولۇش ئاسان ئىش ئەمەس.
    بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچىنىڭ قىزنى كىچىكىدىن باشلاپ تۈجۈپىلەپ تەربىيەلەپ ئەجىر سىڭدۈرىشىگە، شۇنداقلا قىزلارمۇ ئېسىنى تاپقاندىن كېيىن ئۈنسىز تەربىيە ۋە ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ياخشى-يامان ئىشلارنى جايىدا پەرقلەندۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيەلىشىگە توغرا كېلىدۇ.
    بۇنداق تەربىيەلەنگەن قىزلارنىڭ ئەخلاق گۈزەللىكى ۋە پەزىلەت غۇنچىىسى قەلب بوستانىدا ئېچىلغان بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا چىراي گۈزەللىكى قوشۇلسا، بۇنداق گۈزەللىك كامالەتكە يەتكەن گۈزەللىك بولىدۇ.

    (10)
    ئەي قىزىم، شىجائەتلىك، ساخاۋەتلىك ۋە خۇشخۇلق بولۇش-ئەڭ ئەلا پەزىلەتلەردىن بولۇپ، بۇ سۈپەتلەرگە ئىگە بولغان كىشىلەر ھەردائىم ئولۇغلۇق سەرمايىسىدىن بەھرىمەن بولۇر.
    مەزكۈر سۈپەتلەر ئىچىدە خۇشخۇلققا ئىگە بولۇش ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەردۇر.
    چۈنكى، ساخاۋەت ئالىي پەزىلەت بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ھەممىلا كىشى مۇيەسسەر بولىۋەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىش ئۈچۈن، كىشىلەرگە ھەرخىل شەرت-شارائىتلار كېرەك.
    ئەمما، خۇشخۇلق بولماق شۇنداق پەزىلەتكى، ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدۇ.
    يېقىملىق خۇلق ئېگىسىدىن چوڭ-كىچىكنىڭ بارچىسى خۇرسەن بولىدۇ.
    بۇنداق خۇلق ئىگىسى باشقىلارنى خۇرسەن قىلىشتىن تاشقىرى، ئۆزىمۇ دائىم خۇرسەن يۈرىدۇ.
    باشقىلاردىن بولسا ئۇنىڭغا مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىق قايتىدۇ.

    (11)
    ئەي قىزىم، دەۋرداشلىرىڭدىن ئەقىل-پاراسەتتە، ئىلىم-پەن جەھەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇش تولىمۇ نۇمۇسلۇق ئىش.
    ئادەم تۇرۇپ ئادىمىيلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولالماسلىق، ئادەم تۇرۇپ ئادەمدەك ياشىيالماسلىقتەك ئېغىر مەھرۇملۇق بولمايدۇ.
    شۇڭا ئىنسان بالىسى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئەيىب-بىلىمسىزلىكتۇر.
    نۇمۇس قىلىش توغرا كەلسە، ئۆزۈڭنىڭ نادانلىقىدىن نۇمۇس قىل.
    خورلۇق ھېس قىلىش توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ بىلىمسىزلىكىڭدىن خورلان.
    بىلىمسىزلىك سېنى ئىنسانىي تۇيغۇدىن مەھرۇم قىلىدۇ.
    ئەگەر سەندە ئەقىل-پاراسەت ۋە بىلىم-قابىلىيەت يېتەرلىك بولمىسا، ھاياتتا ئالدىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ، ھاقارەتلىنىۋاتقانلىقىڭنىمۇ ھېس قىلالمايسەن.
    نېمىنىڭ ھەق، نېمىنىڭ ناھەق ئىكەنلىكىنى توغرا پەرقلەندۈرەلمەيسەن.
    شۇنىڭ بىلەن ئۆزۈڭگە قانچىلىغان ھاقارەت تامغىسىنىڭ بېسىلىۋاتقانلىقىنى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرەلمەيسەن.

    (12)
    ئەي قىزىم، قىزلارنىڭ نامىغا چۈشكەن يامان داغ-نۇمۇسنىڭ كېتىشى بەكمۇ قېيىن.
    بەزىدە بايقىماي بېسىلغان تىكەننىڭ جەبرىنى بىر ئۆمۈر تارتىپ يۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    بەزىدە ئۇ كىشىنى ئۆمۈرۋايەت گۇمان، شۇبھە قىيناقلىرىغا دۇچار قىلىدۇ.
    بۇلارغا كۆپىنچە ئويلىماي ئىش قىلىش، ئىرادىنىڭ تىزگىنىنى ئازراقلا بوش قويۇۋېتىش سەۋەب بولىدۇ.
    ئىنسانىي پەزىلەتلەر، مەنىۋى قەدىر-قىممەتلەر ھەققىدە سۆز بولسا، ئۇلارنىڭ قىزلاردا ئەڭ ئالىي دەرىجىدە بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
    چۈنكى، قىز بالا-مىللەتنىڭ كۆركى، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ھېسابلىنىدۇ.
    شۇڭا قىزلار ناھايىتى نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك، سەۋر-تاقەتلىك، ئاقىل، مېھرىبان بولۇشى كېرەك.
    ئەيىب ياكى گۇناھ ئىش قىلىپ قويغان باشقا ھەممە كىشىلەر ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن، پەقەت قىز بالا ئەپۇ قىلىنمايدۇ.

    (13)
    ئەي قىزىم، راھەتنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ راھەتنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كۆڭلۈڭگە دائىم ئارزۇ-ئۈمىد يار بولسۇن.
    شۇ چاغدا تېنىڭ نەپەس ئېلىپ قانغان ھالەتتىمۇ روھىڭ مەڭگۈ ئىنتىزار بولۇپ تۇرىدۇ.
    ئەگەر ھەممىگە ئېرىشسەڭ، ئۇ ھالدا ھەممە ئۈمىدسىزلىك ۋە نارازىلىققا ئۆزگىرىدۇ.
    ئاقىل بولغانلارمۇ باشقا شەيئىلەرنى چۈشىنىپ ھەۋىسىنى قاندۇرۇشى لازىم.
    ئۈمىد-بىزگە ھايات بېغىشلايدۇ،
    ئەمما قورساق تويغۇزىۋېلىپ تاماشا بىلەن ئۆتۈش جاننى ئالىدۇ.
    باشقىلارنىڭ ياخشلىقىنى قايتۇرغاندا ئۇلارنى قانائەتلەندۈرەلمەسلىكتىن ئەنسىرىمەسلىك لازىم.
    ئۇلارنىڭ ھېچ نەرسىگە ھاجىتى چۈشمىگەندە، ئۆزۈڭگە ھەممە يەردە ئاگاھ بولۇشۇڭ لازىم.
    ھەر قانداق خۇشاللىق ئۇلارنى خۇشال قىلالمايدۇ.
    ئارزۇنىڭ ئاخىرى غەم-قايغۇ دېمەكتۇر.

    (14)
    ئەي قىزىم، دېڭىز كەڭ بولغانلىقتىن ھەممە دەريا-ئېقىنلارنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدۇ.
    باشقىلارغا پايدا يەتكۈزۈش-ئۆزىگە پايدا يەتكۈزگەنلىك.
    باشقىلارغا زىيان سېلىش-ئۆزىگە زىيان سالغانلىق.
    باشقىلارغا يول قويۇش-ئۆزىگە يول قويغانلىق.
    باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش-ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىق بولىدۇ.
    باشقىلارغا يول قويۇشنى ئۆگىنىۋىلىڭ!
    باشقىلارنى ھۆرمەت قىلسىڭىز ئىززەت تاپىسىز.
    يول قويسىڭىز مۇراد-مەقسىتىڭىزگە يېتىسىز.
    ھۆرمەت قىلىشتا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇش، ئىشنى چوڭ-كىچىك دەپ ئايرىماسلىق، ھەممىسىگە سەل قارىماسلىق كېرەك.
    يول قۇيۇشتا ھەر قانداق ئىشقا ئىمكانىيەت قالدۇرۇش، تۆھپىنى يالغۇز ئىگەللىۋالماسلىق، خاتالاشقاندا باشقىلارغا دۆڭگىمەسلىك كېرەك.

    (15)
    ئەي قىزىم، ھەر ۋاقىت پەزىلىتىڭنى ساقلاپ، پەزىلەتتە باشقىلارغا ئۈلگە بولغايسىز.
    تاكى جەمىئىيەتتە كىشىلەر سىزگە ھەۋەس قىلىپ: «بۇ كىمنىڭ قىزىدۇ؟ ئەجەپ ئەدەپلىك قىزكىنا!» دەپ ئېغىزىنى چاكىلدىتىپ قالسۇن.
    سىزدىن ھەرگىز ئەدەبسىز قىلىقلار سادىر بولۇپ قالمىسۇن،
    ئەگەر سىزدە كىچىككىنە ئەدەبسىزلىك سېزىلىپ قالسا، شۇ ھامان شەنىڭىز بۇلغىنىدۇ.
    ئابرويىڭىزنى مىڭ قىلغان بىلەنمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلمەيسز.
    سىز پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ ئىپپەت-نۇمۇسىنى چىڭ ساقلىيالىسىڭىزلا، ئۆزىڭىزنىڭ ئىنسانىي قەدىر-قىممىتىڭىزنى، بولۇپمۇ قىزلىق قەدىر-قىممىتىڭىزنى قولىڭىزدا تۇتالايسىز، ئەڭگۈشتەر قولىڭىزدا بولىدۇ.
    ئەڭگۈشتەرنى قولىڭىزدىن بېرىپ قويدىڭىزمۇ، ئۆز قەدىر-قىممىتىڭىزنى يەرگە ئۇرىسىز.

    (16)
    ئەي قىزىم، مۇغەمبەر ئادەملەر ھەمىشە يوقىلاڭ ئىشلار بىلەن باشقىلارنى دەي-دەيگە سالىدۇ.
    شۇڭا زەربىگە ئۇچرىغان، خورلانغان ۋە ئاھانەتكە قالغان چاغلىرىڭىزدا، سوغۇققانلىق بىلەن ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ئىشنىڭ باش-ئايىغىنى تەھلىل قىلىپ كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن بىر قارارغا كېلىڭ.
    بولۇپمۇ بەزىلەر سىزگە بەزىبىر ئىشلاردىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەرگەن چاغلاردا، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئىنچىكە ئويلىنىپ، ئۇنىڭدا باشقا بىر غەيرىي نىيەتنىڭ بار-يۇقلىقىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىڭ.
    چۈنكى نۇرغۇن ئىشلار سىز ئويلىغاندەك ئۇنچىۋالا ئاددىي بولمايدۇ.
    ئۇنىڭ ئارقىسىغا كىشىگە دېگىلى بولمايدىغان بىرەر مۇددىئا يوشۇرۇنغان بولىدۇ.
    شۇڭا كۆڭلىڭىزدە ئېدىتلىق سان بولسۇن؛
    ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ قولچومىقىغا ئايلىنىپ قالماڭ.

    (17)
    ئەي قىزىم، ئۆزىڭىزگە توغرا تونۇشتا بولمىسڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەنمىسىڭىز، باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولۇشىڭىز تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
    ئۆز-ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش، تىزگىنلەش داۋامىدا، ئۆزلۈكنىڭ پۈتۈنلەي يېڭىلىنىشى مۇقەررەر ياخشى ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ.
    ئۆزىمىزنى توغرا تونۇپ، ئۆزىمىزنىڭ ئوبرازىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئۆگەنگەندىلا، ئاندىن ھەتتا ئۆزىمىزمۇ ئۇقمايدىغان يوشۇرۇن ئېڭىمىزنى ئويغۇتالىشىمىز ۋە تامامەن يىپيېڭى گۈزەل ھاياتنى يارىتىشىمىز مۇمكىن،
    ئۆزىگە ئىشىنىش-مۈمكىنسىزلىكنى مۈمكىنچىلىككە، ئارزۇنى رىئاللىققا ئايلاندۇرىدۇ.
    ئەمما، ئۆزىگە ئشەنمەسلىك-ئەسلىدىكى مۈمكىنچىلىكىنى مۈمكىنسىزلىككە ئۆزگەرتىۋىتىدۇ.

    (18)
    ئەي قىزىم، ئاقىللار ئۆزلىرىنى دۈشمەننىڭ ھىلە-مىكىرىدىن ياخشى مۇھاپىزەت قىلىدۇ.
    دۈشمەننىڭ يامان سۆزلىرى بىلەن يولدىن چىقمايدۇ.
    غاپىل كىشىلەر بولسا دۈشمەننىڭ يالۋۇرۇشى ۋە مۇلايىملىقىنى كۆرۈپ، ئاداۋەتنى ئۇنتۇيدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئاشنا بولىدۇ.
    ئۇلار دۈشمەننىڭ سىرتىنى پەردازلاپ كۆرسەتكەن بىلەن كۆڭلىدە ئاداۋەت ساقلىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.
    ھەر قانداق دۈشمەننىڭ كىشىگە قەست قىلىشقا قۇدرىتى يەتمسىە، ھىلە-مىكىر ئىشلىتىپ يېقىنلىق قىلىپ، نەسىھەت يولىنى تۇتىدۇ ۋە مەھرۈم بولىۋىلىپ، سىرلىرىدىن ۋاقىپ بولىدۇ-دە، پۇرسەت تاپسا ئۆز ئىشىغا تۇتۇش قىلىپ، تۈرلۈك زىيانلارنى سالىدۇ.

    (19)
    ئەي قىزىم، ئەگەر بىرسى سېنىڭ ئەيىب-نوقسانلىرىڭنى ئېيتسا قوبۇل قىلىپ كەمچىلىكىڭنى تۈگىتىشكە تىرىش.
    سېنىڭ ئالدىڭغا ئۆز ھالىنى ئېيتىپ كەلگەن كىشىنى زادى كەمسىتمە.
    بەلكى ياردەم قىلىپ، ئۇنى مۇھتاجلىقىدىن قۇتۇلدۇر.
    ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە ياخشى مۇئامىلە قىل، ئۇلارغا مېھرىبان بول.
    چۈنكى كىچىكلەر سېنىڭ ئېكىنزارىڭدۇر، ھەممە ئىشىڭ ئاشۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن پۈتىدۇ.
    ئەگەر تېرىلغۇ يەرلىرىڭ ۋەيران بولسا تېرىكچىلىكىڭ قېيىنچىلىقتا ئۆتىدۇ.
    دوستۇڭغا ياخشى نىيەتتە بول.
    خەلقنىڭ ئالقىشىغا ئىگە بولۇشنى ئىزلىسەڭ، ئالىيجاناپلىق يولىنى تۇت.

    (20)
    ئەي قىزىم، ئەگەر قىز بالا گۈزەل، خۇش قامەت، زىبۇ زىننەتلىرى جايىدا بولسىمۇ، مۇئامىلىسى قۇپال، چېچىلاڭغۇ بولسا، ئەتراپىدىكىلەرنىڭ دىلىنى ئاغرىتسا، ئىشىنىڭكى، ئۇنى ھېچكىم، ھېچقاچان گۈزەللەر سېپىگە قوشمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆڭلى قالىدۇ.
    ھېچقانداق نەرسە كىشىنىڭ ئەقلىنى مۇئامىلە كەبى نامايەن قىلالمايدۇ.
    قىزلار ئۆزىگە قانچىلىك زىننەت بەرمىسۇن، مۇئامىلە مەدەنىيىتىنى، مۇئامىلە سەنئىتىنى بىلمىسە، ھېچقاچان ئۆزگىلەرنىڭ ھۆرمەت ئىتىبارىغا سازاۋەر بولالمايدۇ.
    يىگىتلەرنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر بولۇش ئۈچۈنمۇ قىزلاردا ئالدى بىلەن مۇئامىلە سەنئىتى يۇقىرى بولۇشى كېرەك.

    (21)
    ئەي قىزىم، سۆزلەش ئېگىز-پەس ۋە خەۋپلىك بولۇپ، كۆپ خەتەرلەر ئۇچرايدۇ.
    ئويلىماي-پىكىرلىمەي تۇرۇپ بىرەر سۆزنى ئىزھارلاشقا لەۋنى ئاچماسلىق كېرەك.
    ئويلىماي ئېيتىلغان سۆز كۆپلىگەن باشلارنى ئۆلۈم چەۋگاندارىغا توپ قىلىپ بەرگەن ھەم جان خەزىنىسىنى زاۋاللىق ۋە نۇقسان قىمارىغا ئۇتقۇزغان.
    سۆزلەشتە بىر نەچچە قائىدە بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە رىئايە قىلماق لازىم.
    بۇ قائىدىلەرنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، سەۋەبسىزلىك ۋە بىمەھەللىك ئاچقۇچى بىلەن سۆزلىشىش قۇلۇپنى ئاچماسلىق كېرەككى، گەرچە سۆز گۆھىرى توغرا ۋە ئېنىق بولسىمۇ، بىۋاقىت ۋە ئورۇنسىز ئېيتىلسا، ئىدراك بازىرىنىڭ گۆھەرشۇناسلىرى ۋە قائىدە بىلگۈچىلىرى نەزىرىدە ئېتىباردىن چەتتە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى ئاڭلاشقا رىغبەت قىلمايدۇ.

    (22)
    ئەي قىزىم، يادىڭدا بولسۇنكى، تۇرمۇشتا پۇل دېگەن ھەقىقەتەن تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك نەرسە.
    پۇل بولمىسا ھاياتتا بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك نۇرغۇن نەرسىلەردىن مەھرۇم قالىدىغان گەپ.
    لېكىن، ئادەمنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش ئالدىدا ئۆزىنى تۇتالىشى ۋە پۇلغا ئەسىر بولۇپ ئۆزىنى بولغىماسلىقى بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە قەدىرلىكتۇر.
    ئۆزىنى پۇل قاپقىنىدىن ئامان ساقلىيالالىغان ئادەملا ھەقىقىي قەدىر-قىممەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
    ئۇنداق چىن-دۇرۇس ئادەمنى كۆزگە سۈرتسىمۇ ئەرزىيدۇ.
    پۇل تاپ، لېكىن پۇلنىڭ قۇلى بولۇپ قالما.
    پۇل دېگەن ئادەمنى ئەزىزمۇ قىلىدۇ، خارمۇ قىلىدۇ.
    پۇل ئۈچۈن ئىماننى، ۋىجداننى بۇلغاپ ئىنسانىي پەزىلەتنى يەرگە ئۇرۇش-خارلىق دېگەن شۇ.

    (23)
    ئەي قىزىم، بىلىڭكى، گۈزەل ئەخلاقنى ئۆزىگە يار قىلغان، ھايا، نۇمۇس چۈمپەردىسىگە چۆمكەلگەن، لېۋەن، ياخشى خۇيلۇق، ئىپپەت گۆھىرىنى چىڭ ساقلىغان، پەزىلەت غۇنچىسىنى يۈرىكىدە ئېچىلدۇرالىغان، سىپايە، قائىدە-يۇسۇنلۇق، جەلىپكار، سېپى ئۆزىدىن ھەقىقىي ئۇيغۇر قىزىغا خاس خىسلەتنى يېتىلدۈرگەن بولسىڭىز، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بولسىڭىز مەكتەپتە ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ، ئوقۇتقۇچىلىرىڭىزنىڭ سىزگە چىن يۈرىكىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ؛
    ئەگەر سىز كەسپىي ئورۇنلاردا ئىشلەپ قالسىڭىزمۇ، ئەتراپىڭىزدىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سىزگە قايىللىقىدىن ئىچى كۆيمەي قالمايدۇ.
    شۇندىلا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي جەلىپ قىلىش كۈچىڭىزنى ھېس قىلىسىز ۋە ئۇنىڭ تۈرتكىسدە ھەممە ھۆرمەتلەيدىغان شەخسكە ئايلىنىسىز.

    (24)
    ئەي قىزىم، ئېغىر-بېسىقلىقنى خۇددى بىر گۆھەر دېسەك، مۇلايىملىق باشقا كاندىن ئېلىنغان مەدەندۇر.
    بۇلار ئارقىلىق سىز شاھ بىلەن گاداينى ئۆزىڭىزگە ئىتائەت قىلدۇرالايسىز.
    ئوچۇق چىراي، ئەخلاقلىق بولۇش كىشىنى ئادەملەر ئارىسىدىكى زىددىيەتلەردىن، ئارازچىلىق ۋە پىتنە-پاساتلاردىن خالىي قىلىدۇ.
    مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇش ئىنسان ۋۇجۇدىنىڭ مېۋىلىك باغىدۇر.
    بۇ باغدا چېچەكلىگەن مېۋىلەرنىڭ خوش ھېدى پۈتكۈل يەر-جاھاننى دائىما ئىللىتىپ تۇرغاي.
    مۇلايىم ۋە ئەدەبلىك بولۇش يەنە ئادەملىك تېغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەتلىك يەر ئاستى بايلىقلار بىلەن تولغان زەر كاندۇر.
    بۇ كاننىڭ بايلىقلىرى چەكسىزكى، قېزىپ-قېزىپمۇ تۈگەتكىلى بولماس.

    (25)
    ئەي قىزىم، دۇنيانىڭ قانۇن-قائىدىلىرى مەۋجۇت بولسا، ئادەمگە ئادىمىيگەرچىلىك قىلىش ئۇنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.
    كىشى ياخشىلىققا ياخشىلىق قىلىدۇ، بىر ياخشىلىققا ئون ياخشىلىق بىلەن جاۋاب بىرىدۇ.
    كىمنىڭ ياخشى نام بىلەن جېنى چىقسا، ئۇنىڭ ياخشى نامى دۇئا بىلەن داۋاملىق يادلىنىدۇ.
    ئۆلگەندىن كېيىن، كىم ياخشى دۇئا بىلەن يادلانسا، ئۇ قايتىدىن تۇغۇلۇپ، يەنە بىر ھايات باشلىغاندەك بولىدۇ.
    مەيلى يەرنىڭ ئۈستىدە بول، ياكى يەرنىڭ ئاستىدا بول، ياخشى نامىڭ مەشھۇر بولسا، شان-شەرىپىدىن ئۆزۈڭ بەھرىمەن بولىسەن.

    (26)
    ئەي قىزىم، بىلىم بىلەن جاسارەت ئۇنتۇلماستۇر.
    دېمەك، ئۇلار سېنىمۇ ئۇنتۇلماس قىلىپ قويالايدۇ.
    سەن قانداق بىلىم ئىگەللىگەن بولساڭ، شۇنداق ئادەم بولىسەن.
    ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە بولساڭ، خالىغىنىڭچە ئىش قىلالايدىغان بولىسىەن.
    ھېچنىمىدىن خەۋىرى يوقلار ئۆزىنى قاراڭغۇ دۇنياغا قاماپ قويغان بىلەن باراۋەر.
    جسىمانىي قۇدرەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت گويا ئىككى قول ۋە ئىككى كۆزگە ئوخشايدۇ.
    پاراسەتلىك، ئەمما جاسارەتسىز  بولغانلارنىڭ پاراسىتى مېۋە بەرمەيدۇ.

    (27)
    ئەي قىزىم، مۇنۇ ئون گۈزەل خىسلەت ئادەمگە بەخت-قۇت كەلتۈرىدۇ:
    ھايا، مۇرۇۋۋەت، ساداقەت، تەۋززۇ، ئەمگەك، سېخىيلىق، نۇمۇس، ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق، ئادالەت، ھېلىم (مۇلايىملىق) ۋە شىجائەت.
    مۇنۇ ئون يامان خىسلەت ئادەمنى بەختىسىزلىك-پالاكەتكە سۆرەيدۇ:
    ھەسەت، ئاداۋەت، بېخىللىق، تەكەببۇرلۇق، يالغانچىلىق، مۇناپىقلىق، چېقىمچىلىق، خىيانەت، جاھىللىق ۋە ھورۇنلۇق.
    كىمنىڭ ھىممىتى ئۈستۈن بولسا، شۇنىڭ بىلەن قەدىر-قىممىتىمۇ ئۈستۈن بولغۇسى.
    بىراۋ ئەدەب ئۆگەتسە، ئۆگەنمىگەن كىشى ھايۋاندۇر.
    ئۆزرە سورىسا، قوبۇل قىلمىغان كىشى شەيتاندۇر.

    (28)
    ئەي قىزىم، ئېيتقان سۆزىدىن يانمايدىغان، ۋەدىسىدە تۇرىدىغان ئادەم بۈگۈن سۆزلىگەن سۆزىدىن ئەتىسى تېنىۋالمايدۇ.
    ۋەدىسىدە چىڭ تۇرىدۇ.
    كىشى ۋەدە قىلىپ، قىلغان ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرسا، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلسا، خەلقنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچى ئاشىدۇ.
    ۋەدىنىڭ ئاپىتى-ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق ياكى ئۇنى سەۋەبسىز كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشتۇر.
    ۋەدىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ، ۋەدە قىلغۇچى باشقىلار ماقۇل بولغۇدەك بىر ئۆزرە كۆرسىتەلمىسە، كىشىلەر ئۇنىڭدىن ۋەدە تەلەپ قىلمايدىغان، ۋەدە بەرسىمۇ ۋەدىسىگە ئىشەنمەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا بىرەر نەرسە بەرمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    شۇڭلاشقا، بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش-چىن ئىنسانلىق خىسلىتىدۇر.

    (29)
    ئەي قىزىم، ئنسانلار ئۈچۈن ھايا-ئىنتايىن شەرەپلىك بىر خىسلەت ۋە ئۇلۇغۋار ئەخلاقتۇر.
    ھايا ئادەمزات جەمئىيىتىنىڭ گۈزەل ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم بىر شەرتتۇر.
    ھايادىن ئىبارەت بۇ ئەخلاق كىشىلەر ئارىسىدىن يوقۇلۇپ كەتسە، كىشى-كىشىدىن سۆز ۋە ھەرىكەتتە ئۇيالمايدىغان بولۇپ قالسا، ئالەمنىڭ نىزامى بۇزۇلىدۇ.
    خەلق ئارا ئېسىل رەسمىيەتلەر يوقىلىدۇ.
    مەئىشەت ئامانلىقىغا زور  بالالار يېتىدۇ.
    كىشىلەر بىر-بىرىنىڭ ھەققىدە دىيانەت ۋە ساداقەت ساقلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.
    كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى تالاپ ۋەيران قىلىدۇ.
    ھايا-كىشىلەرنى ناچار ئەخلاق ۋە قىلىقلاردىن چەتكە تارتىدىغان تەبىئىي كۈچتۈر.
    ئىنسانغا ھايادىن تولۇق پايدا ۋە مەنپەئەت باردۇر،
    ياخشى خۇي-ئەخلاق مېۋىسى ھايانىڭ سۈيى ۋە ئاپتىپىدىن پەرۋىش تاپمسىا، تولۇق پىشالمايدۇ.

    (30)
    ئەي قىزىم، ھۆكۈمالار «خۇشخۇيلۇقنىڭ بەلگىسى-ئون خىل بولىدۇ» دەيدۇ:
    بىرىنچى، ياخشى ئىش توغرىسىدا كىشىلەرگە مۇخالىپەتچىلىك قىلماسلىق.
    ئىككىنچى، ئۆز نەپسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئىنساپ كۆرسىتىش.
    ئۈچىنچى، كىشىلەرنىڭ ئەيىبىنى ئىزدىمەسلىك.
    تۆتىنچى، كىشىلەردىن نالايىق ئىشلار سادىر بولسا، ئۇنى ياخشىلىققا جۆرۈش.
    بەشىنچى، گۇناھكار گۇناھىدىن ئۆزرە ئېيتىپ كەلسە قوبۇل قىلىش،
    ئالتىنچى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىنى ھەل قىلىش.
    يەتتىنچى، كىشىلەرنىڭ خىزمىتى ئۈچۈن مۇشەققەت تارتىش.
    سەككىزىنچى، ئۆز نەپسىنى كۆزلىمەسلىك
    توققۇزىنچى، باشقا كىشىلەرگە چېھرىدىن مېھرىنى كۆرسىتىش.
    ئونىنچى، كىشىلەرگە ياخشى سۆز قىلىش

    (داۋامى بار)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «قىزلارغا يۈز نەسىھەت»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: