版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/122570962.html

    كىتاب ۋە ھايات(2)

    (ئەدەبىي خاتىرە)

    باتۇر روزى


    كىتاب-قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. ھايات جاڭگاللىرىدا قايمۇقۇپ، ئېزىپ قالغان ئادەم كىتاب ئوقۇسا چىقىش يولى تاپالايدۇ. بىز كىتابتىن ئوزۇق ئالىمىز، بىلىم ئالىمىز، روھ ئالىمىز، كۈچ-قۇۋۋەت ئالىمىز، غەيرەت-شىجائەت ئالىمىز. ۋۇجۇدىمىزنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەندە كىتاب قەلبىمىزنى يورۇتۇپ، بىزگە يېڭى بىر دۇنيانىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بېرىدۇ. ئېغىر قىسمەتلەرگە تولغان قايغۇلۇق كۈنلەردە كىتاب بىزگە ئەڭ ياخشى سىرداش بولۇپ بىزگە تەسەللى بېرىدۇ، مەدەت بېرىدۇ، كۆڭلىمىزنى ئاۋۇندۇرىدۇ. كۇتۇپخانا بىلىم ئېلىشقا ئىنتىلىدىغان ھەرقانداق كىشى ئۈچۈن ئىشىكى مەڭگۈ ئوچۇق تۇرىدىغان دەرسخانىدۇر.
    دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ۋە مەدەنىيەت تارىخىدا كۇتۇپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇش مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيىلىك، غايىلىك كىشىلىرى مۇئەييەن تارىخىي دەۋردە مىللىي مەدەنىيەت ئېڭى بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇپ، مەنىۋى مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ بارغان، ئۇلار ھەم ئەينى دەۋر مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ يۈكسەك پەللىسىدە تۇرۇپ دۇنيا مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن، بۇ تارىخىي دەۋرلەردە كۇتۇپخانا چوڭ رول ئوينىغانىدى.
    كۇتۇپخانا قۇرۇش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسىدۇر. مەدەنىيەت تارىخىمىزدا ئەجدادلىرىمىز نەچچە ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ھاياتىدا جەمئىيەتنى كۆزىتىش، تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئارقىلىق جانلىق تەپەككۇر قىلىپ، ئەينى دەۋر مىللىي مەدەنىيىتىمىزگە ئاساس سېلىپ، شۇ زامانلاردىلا كۇتۇپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇش بىلەن مەنىۋى مەدەنىيەت ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ بارغانىدى. شۇڭىمۇ تۈرك ماقال-تەمسىللىرىدە «كىتابسىز ئۆي-چىراغسىز ئۆي» دەپ تەسۋىرلەنگەنىدى. شىكىسپىر مۇنداق دېگەنىدى: «كىتابتىن ئايرىلغان ھايات قۇياشسىز ھاياتقا، كىتابتىن ئايرىلغان ئەقىل قاناتسىز قۇشقا ئوخشاپ قالىدۇ». كىتاب ئوقۇيدىغان، گېزىت-ژۇرنال كۆرۈپ تۇرىدىغان، مول بىلىمى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى تەربىيىلەپ تۇرىدىغان ۋە جەمئىيەتكە ئۆز لايىقىدا ھەسسە قوشۇپ تۇرىدىغان كىشىلەرنى سامادا پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارغا ئوخشاتساق بولىدۇ.
    ئەنگلىيىلىك ئاتاقلىق ماتېرىيالىزىمچى پەيلاسوپ فرانىس بىكون مۇنداق دېگەنىدى: «كىتاب ئوقۇغان كىشى تولۇق ئادەم بولالايدۇ. دۇنيادا تۇغۇلۇپ ئادەم بولماق ئاسان، لېكىن تولۇق ئادەم بولماق ھەقىقەتەن تەس».
    بىلىنىسكى: «ياخشى كىتاب ئەڭ قىممەتلىك گۆھەر» دېگەنىدى. مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئۇستاز بولغىنىدەك، ئائىلىلەردە، جەمئىيەتتە كىتاب ئۇستاز. كىتاب ئوقۇپ تۇرساق ئۇ بىزگە مىننەتسىز ئۇستاز بولىدۇ. ئەنە شۇ ئۇستازنىڭ بىلىمى (كىتابىي بىلىم) بىزنىڭ ھاياتلىق دۇنياسىدا ئېرىشكەن ئەڭ قىممەتلىك گۆھەرلىرىمىزگە ئوخشاشتۇر. بۈگۈنكى مەدەنىيەتلىك ۋە زامانىۋى دۇنيادا ئىنسانلارنى ئەڭ ياخشى تەربىيىلەيدىغان، روھىي ئوزۇق بېرىدىغان نەرسە كىتاب، گېزىت-ژۇرنال. دائىم كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغان كىشىلەر كەلگۈسىدىن ئۈمىدۋار بولۇپ ياشايدۇ، دۇنيا ۋە كەلگۈسىنىڭ بىلىم ۋە تېخنىكىلىرىنى كىتاب ۋە گېزىت-ژۇرنال ئوقۇش ئارقىلىق بىلىپ تۇرىدۇ.
    كۇتۇپخانا ۋە قىرائەتخانا قۇرۇش، شۇنداقلا كىتاب ئوقۇش مەدەنىيىتى ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگە قالغان تەۋەررۈك خىسلەتتۇر. كىتاب مەدەنىيەت توشۇغۇچى ۋاسىتە بولۇش سۈپىتى بىلەن دىللارنى دىللارغا باغلاپ كەلمەكتە.
    بىزنىڭ ئائىلە كۇتۇپخانىمىزنى ھەر ساھەدىكى ئاتاقلىق زاتلار كۆرۈپ ئاپىرىن ئېيتتى. جۈملىدىن ئاتاقلىق ئالىم ۋە ئەدىب، مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندىم ئەينى يىللاردا كۇتۇپخانىمىزنى زىيارەت قىلىپ، «كۇتۇپخانىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ جەمئىيەتكە ئاچسىلا، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر كۆرسۇن» دېگەن ھەمدە «ئىز»، «ئۆمۈر مەنزىللىرى» دېگەن كىتابلىرىنى تەقدىم قىلىپ، تۆۋەندىكى رۇبائىينى يېزىپ، خاتىرە قىلىپ قالدۇرغانىدى:

    «ئاقار دەريا يۈزىمۇ قىشتا مۇزلار،
    قىزىل گۈلنىڭمۇ بىر كۈن خازانى بار؛
    ئۇلۇغ غايە بىلەن سۇغۇرۇلسا دىل،
    ئۇنىڭدا تۆت پەسىل ھەمىشە باھار!

    بىلىم، ئۇ يۈگەنسىز بىر ئۇچقۇر تۇلپار،
    مىنەلىگەن كىشى مۇرادقا يېتەر.
    ئۇ شۇنداق ئاجايىپ مۆجىزەدۇركى،
    قارا تاش ئۈستىگە تېرىساڭ ئۈنەر.»

    بىز بۇ يەردە كىتاب ئوقۇپ ئۆلۈك بىلىملەر بىلەن كاللاڭنى توشقۇز، دېمەكچى ئەمەس. جانلىقراق ئېيتقاندا «كىتاب خالتىسى» بولۇڭلار، دېمەكچى ئەمەسمىز. ئەكسىچە، كىتاب ئوقۇپ ھاياتىڭنى ئەنە شۇ ئۆزۈڭ ئوقۇغان كىتابتىكىدەك مەنىلىك، چەكسىز گۈزەل ئۆتكۈز، دېمەكچىمىز. كىتاب مەدەنىيەتنىڭ ئەڭ جانلىق ۋە ئەڭ ئاددىي بەلگىسى. كىتاب ئوقۇماي تۇرۇپ مەنىۋى دۇنيايىمىزنى بېيىتماي، خاراكتېرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرمەي تۇرۇپ ھازىرقى زامانغا لايىق نورمال ئادەم سالاھىيىتىگە ئىگە بولالمايمىز. كىتاب ئوقۇشتىن مەقسەت، ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەمنىڭ ئۆزىنى چىن ھاياتقا يېقىنلاشتۇرۇش، ئۆز-ئۆزىنى، شۇنداقلا باشقىلارنى، جۈملىدىن مىللەت-خەلقنى، ھەتتا پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى چۈشىنىش ئۈچۈن تاشلانغان ئەمەلىي قەدەم. بىز مەدەنىيەتنىڭ باش-ئاخىرى، چېكى بولمىغان بۇ ئۇزۇن مۇساپىسىدە ئاز-ئازدىن قەدەم ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىسەك، ئىشىنىمەنكى، بىزمۇ باشقىلاردەك ئۆز-ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزالايمىز، ئۆز-ئۆزىمىزنى دۇنياغا تونۇتالايمىز.

    (تۈگىدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: