版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/124644121.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ ماقالىنىڭ بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، «ئوكيان قامۇسى»دىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ، بلوگىمغا چاپلاپ قويدۇم. ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ «ئوكيان قامۇسى»غا يوللىغۇچى «قارلۇق» ئەپەندىدىن بۇ قىلمىشىم سەۋەپلىك كەچۈرۈم سورايمەن)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى


    ئاپتورى: پەن شىياۋخوڭ


    ئىراق ئۇرۇشى شىئە مەزھىپىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىي ئەندىزىسىدىكى ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈپ چىقتى، كىشىلەر ئىران ۋە ئىراقتىن ئىبارەت بۇ ئىككى چوڭ شىئەلەر دۆلىتىگە دىققىتىنى يىغىش بىلەن بىرگە، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ كىشىلەرنىڭ ئۇدا كۆزىگە چېلىقىشىغا ئەگىشىپ، لىۋان شىئە مەزھىپىمۇ كۆپلىگەن دىققەتلەرگە سازاۋەر بولۇشقا باشلىدى. لىۋان مەزھەپلەر مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولغان بىر دۆلەت، پۈتۈن مەملىكەتتە 18 دىننىي مەزھەپ بار، لىۋاندىكى نىسبەتەن چوڭ بولغان 3 مەزھەپنىڭ بىرى بولغان شىئەلەر مەزھىپى تارىختا ئىزچىل سىياسىينىڭ چېتىدا تۇرۇپ كېلىۋاتاتتى. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىكى سىياسىي ئويغىنىش ۋە كېيىنكى ئىچكى ئۇرۇش سەرگۈزەشتىسى لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي جەھەتتە قەد كۆتۈرۈشىگە ئاساس سېلىپ بەردى. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئون نەچچە يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىئە مەزھىپى لىۋان سىياسىي سەھنىسىنى ئۇيان-بۇيان قىلالىغۇدەك كۈچ بولۇپ قالدى. بۇ ماقالە لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىيات باسقۇچى، ئالاھىدىلىكى ۋە تەسىرىنى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئامىللارنى يۈزەكى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، كىشىلەردە ئوتتۇرا شەرقتىكى بۇ كىچىك دۆلەت ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ مول تونۇش ھاسىل قىلىدۇ.

    1. لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىيات باسقۇچى

    (1) تارىختا ئۇزۇن مۇددەت چەتلەشتۈرۈلگەن لىۋان شىئە مەزھىپى
    «شىئە» دېگەنلىك «ئەگەشكۈچى» دېگەن مەنىدە(ئەلىگە ئەگەشكۈچىلەر) بولۇپ، شىئە مەزھىپى ئەلىنى خەلىپە دەپ قارايدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا ئەگىشىدۇ.
    شىئە مەزھىپى يەنە ئۆز ئىچىدىن زەيدى مەزھىپى، ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى، ئىسمائىل مەزھىپى قاتارلىق نۇرغۇن مەزھەپلەرگە بۆلىنىدۇ.
    نۆۋەتتىكى شىئەلەر ئىچىدە ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغىنى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپى بولۇپ، لىۋان شىئەلىرى ئون ئىككى ئىمام مەزھىپىگە تەۋە.
    شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ ئەڭ دەسلەپتە لىۋاندا پەيدا بولىشىنى 7-ئەسىردىن سۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.① شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئايرىلغاندىن باشلاپ، شىئە مەزھىپىدىكىلەر ئۇزۇن مۇددەت بېسىمغا ئۇچراپ كەلدى، نىسبەتەن گۈللەنگەن دەۋرلىرى ئاساسلىقى 10~13 ئەسىرلەر بولۇپ، ئۈچ شىئە پادىشاھلىقى مەيدانغا كەلدى، لىۋاندىكى شىئە مەزھىپىمۇ موشۇ مەزگىلدە نىسبەتەن تېز تەرەققىي قىلدى. ئەمما 13-ئەسىر باشلانغاندىن كېيىن، لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ تەرەققىياتى توختاپ قالدى، شىئەلەرنىڭ نوپۇسى ۋە ئىجتىمائىي كوللىكتىپىنىڭ دائىرىسى بارا-بارا تارايدى. كېيىن مەيلى ماملۇك خانلىقى بولسۇن ياكى ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدا بولسۇن، لىۋان شىئەلىرى ئېتبارغا ئېلىنمايدىغان توپ بولۇپ قالدى.
    20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدىن ئىلگىرى لىۋان شىئەلىرى ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلدى ھەمدە بىرلىككە كەلگەن ئىجتىمائىي، دىننىي ۋە سىياسىي كۈچ شەكىللەندۈرەلمىدى. ئەنئەنىۋى جەمەت مەزكۇر مەزھەپنىڭ سىياسىي ۋەكىلى بولۇپ، شىئەلەرنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىنى مونوپول قىلدى. 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا، گەرچە شىئە مەزھىپىنىڭ ئەنئەنىۋى جەمەتلىرى فرانسىيە ھاۋالە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تىكلىنىشىنى قوللىدى، ئەمما فرانسىيە ئەڭ ئاخىرى خىرىستىئانلار ۋە بۈيۈك سۇرىيە قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان سۈننىي مەزھىپىكىلەرگە تايىنىپ ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلىدى، شىئەلەر سىياسىي جەھەتتە ھوقوقسىز ھالەتتە تۇردى. مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، لىۋان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ مەركىزى بېيرۇتتا بولۇپ، خىرىستىئانلار ۋە سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر شەھەرلىرى بىلەن غەرب كاپىتال تورى مۇناسىۋىتى قويۇقلاشتى، ئەمما شىئەلەر ئولتۇراقلاشقان يېزىلار سىرت بىلەن ئايرىۋېتىلدى، جەنۇبىي لىۋان رايونى مۇستەقىل بولغاندا، دوختۇرخانا يوق، مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن، تۇرمۇشى نامرات ئىدى.② يېقىنغا قەدەر، شىئەلەر يەنىلا لىۋان دىننىي گۇرۇپپىلىرىدىكى سىياسىي جەھەتتە ئاڭ سۈكۈتتە تۇرغان گۇرۇھ ئىدى.③ 20-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا شىئە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلىرىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىران، ئىراق قاتارلىق جايلاردىن لىۋانغان قايتقان دىننىي ئالىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، لىۋان شىئە مەزھىپى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشكىلاتلىرى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۈنلۈك خىتاب قىلىشقا باشلاپ، شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي ئويغىنىش پەردىسىنى ئاچتى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ پەردىسى لىۋان شىئە مەزھىپىگە جان كىرگۈزدى. 1975-1989 يىللىرىدىكى ئىچكى ئۇرۇش لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىدىكى مۇھىم باسقۇچ بولۇپ قالدى، ئىچكى ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ سىياسىي پارتىيىسى ۋە قوراللىق كۈچلىرىنى قۇرۇپ، ئۇرۇشتىن كېيىنكى قەد كۆتۈرۈشكە ئاساس سالدى.

    (2) ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن شىئەلەرنىڭ سىياسىي ئورنىنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشىدىكى ئۈچ باسقۇچ

    بىرىنچى باسقۇچ. 1990-2000 يىللار، لىۋاننىڭ ئىچكى سىياسىي ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ، شىئەلەرنىڭ سىياسىي ئورنى پەندىنپەي ئۆرلىدى.
    سوغاق ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشى، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ قايتىدىن قوزغىتىلىشى ۋە ئوسلو كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشى بىلەن كىشىلەر ئەرەب-ئىسرائىلىيە تىنچلىق بىر مەزگىل ئۈمىدلەندى، مۇۋاپىق خەلقئارا مۇھىت لىۋانغا تىنچ تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. 1990-2000 يىللار لىۋان ئىچكى سىياسىتى نىسبەتەن مۇقىم بولغان مەزگىل بولۇپ، شىئە مەزھىپىمۇ چەتلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئۆزگەرتكەن، سىياسىي ئورنىمۇ پەندىنپەي يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن مەزگىل بولدى. شىئە مەزھىپى تائىف كېلىشىمىنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىسى، تائىف كېلىشىمى پارلامېنت ۋەكىللىرى نىسبىتىنى ئەسلىدىكى خىرىستىئان دىنى 6 نىسبەت ئىسلام دىنىدىكىلەر 5 نىسبەت بولۇشنى ئۆزگەرتىپ 6:6 قىلدى، شىئە مەزھىپى پارلامېنت باشلىقى بولدى، ئەسلىدىكى بىر يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىدىغان تۈزۈمدىن 4 يىلدا بىر قېتىم ئالمىشىغان تۈزۈمگە ئۆزگەرتتى ھەمدە پارلامېنت باشلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ھەركىتىنى نازارەت قىلىش ھوقوقىغا ئىگە، پىرىزدېنت پارلامېنتنى تارقىتىۋەتسە بولمايدۇ، پالامېنت ئەزاسى پارلامېنت باشلىقىغا پەقەت بىر قېتىم ئىشەنمەسلىك بېلىتى تاشلىيالايدۇ.④ 1992-يىلى پارلامېنت ئورنى كۆپەيتىلىپ، شىئەلەرنىڭ ئەسلىدىكى 19 ئورنى كۆپىيپ 27 ئورۇنغا يەتتى، ئىگەللىگەن نىسبىتى %19 تىن %22 گە يەتتى، ئەمما ئۇلار لىۋاندا ئىگەللىگە %40 نوپوس نىسبىتىدىن تۆۋەن تۇردى.⑤ بۇ مەزگىلدە، لىۋان سىياسىي سەھنىسىدە سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر باشلامچىلىق ئورۇندا تۇردى، خىرىستىئانلار ھازىرقى ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشتى، شىئە مەزھىپىدىكىلەر تېگىشلىك سىياسىي ھوقوق-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇدا كۈرەش قىلدى.
    ئۇرۇشتىن كېيىنكى شىئەلەر ئەمەل (Harakah Al-Amal) ھەركىتى ۋە ئاللاھ پارتىيىسى (Hizbullah) قاتناشقان سىياسىي سەھنىنى ئاساس قىلدى. ئەمەل ھەركىتى شىئە مەزھىپىدىكى ئوتتۇرا، يۇقىرى قاتلام زاتلارغا ئاساسلىق ۋەكىل بولۇپ، لىۋان دىننىي مەزھەپلىرىنىڭ ھوقوق تەقسىملەش تۈزۈلمىسىنى نىسبەتەن بالدۇر قوبۇل قىلدى، ھازىرقى تۈزۈلمە ئىچىدە شىئە مەزھىپى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ سىياسىي مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئۈمۈد قىلدى. ئەمەل ھەركىتىنىڭ رەھبىرى(Nabih Berri) نەبى 1992-يىلىدىن باشلاپ پارلامېنت باشلىقى بولۇپ، نىسبەتەن چوڭقۇر سىياسىي ئاساسقا ئىگە بولدى، ھۆكۈمەت ئارقلىق ئۆز مەزھىپى خادىملىرىغا مەنپەئەت يەتكۈزدى. ئەمەل ھەركىتى يەنە ھۆكۈمەت مەبلەغ چىقارغان جەنۇب تەرەققىيات كومىتىتىنى كونترول قىلدى. لىۋان ئاللاھ پارتىيىسى ئاساسلىقى تۆۋەن قاتلامدىكى نامرات سىنىپقا ۋەكىل بولدى. ئىچكى ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئاللاھ پارتىيىسى تايىف كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا قاتناشمىدى ھەم تايىف كېلىشىمىنى ئېتراپ قىلىشنى رەت قىلدى. 1992-يىلى ھەسەن نەسرۇللاھ (Hasan Nasrallah) تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئىچىدە پراگماتىزمچىلار ئۈستۈنلىكنى ئىگەللىدى، ئاللاھ پارتىيىسى پالامېنت سايلىمىغا قاتنىشىشقا قوشۇلدى، ئەمما ھۆكۈمەتكە قاتنىشىپ لىۋان سىياسىي تۈزۈلمىسىدىكى ئۆكتىچلەرگە ئايلىنىشنى رەت قىلدى. ئاللاھ پارتىيىسى ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشىلىق كۆرسىتىشنى بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە قىلدى، ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشتى، شىئە مەزھىپى ئىچىدىلا ئەمەس، باشقا مەزھەپلەر ئىچىدىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى شۆھرەتكە ئېرىشىپ، لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر قوراللىق كۈچلىرى بار سىياسىي پارتىيە بولۇپ قالدى. ئاللاھ پارتىيىسى يەنە مەكتەپ، دوختۇرخانا ياساش ئارقىلىق تۆۋەنكى قاتلام ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇنغا ئېرىشتى. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئۆزىنىڭ گېزىتى، رادىئو ئىستانسىسى بار، ماياك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى پۈتكۈل لىۋاندا كۆرۈش نىسبىتى تەرتىپىدە ئۈچۈنچى ئورۇنغا ئۆتتى. بۇ مەزگىلدە، ئاللاھ پارتىيىسى سىياسىيدا پەندىنپەي پىشىپ يېتىلدى، ھەربىي تەشكىلاتتىن سىياسىي پارتىيەگە ئۆزگەردى، سىياسىي نۇقتىئىنەزىرىدىمۇ تەڭشەش بولدى، ھازىرقى ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشتىن لىۋاننىڭ ھازىرقى ھالىتىنى قوبۇل قىلىشقا باشلىدى، لىۋاندا ئىرانچە ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىدى، ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمە رامكىسى ئچىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گەرچە يەنىلا كۈچلۈك ئامېرىكىغا قارشى ئاڭ بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇن قىلىش، پارتىلىتىش قاتارلىق زوراۋانلىق ھەركەتلىرى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن زور دەرىجىدە ئدزلىدى. ئاللاھ پارتىيىسى بىلەن ئەمەل ھەركىتىنىڭ غەرب ۋە ئىسرائىلىيە بولغان پوزىتسىيىسىدە ئوخشىماسلىق بار.
    20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن باشلاپ، ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئەمەل ھەركىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئاساسىي جەھەتتىن ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى سۇرىيە ۋە ئىران سىزىپ بەرگەن لىنىيىنى بويلاپ كەلدى، لىۋاننىڭ جەنۇبىي قىسىمى ئەمەل ھەركىتىنىڭ بازىسى بولدى، ئاللاھ پارتىيىسى بېكا جىلغىسى، بېيرۇتنىڭ جەنۇبىي قىسىمىنى ئىگەللىدى. ئىككى پارتىيە يەنىلا رىقابەتچىلەر بولسىمۇ، ئەمما بىر قىسىم ئورتاق مەنپەئەتكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە ھەمكارلاشتى، مەسىلەن ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئەمەل ھەركىتى سايلام قانونىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق شىئەلەرنىڭ نوپوس ئۈستۈنلىكىنى نامايەن قىلىشنى ئۈمىد قىلدى، ئىككى پارتىيە بىرلىشىپ سايلام يېشىنى 21 ياشتىن 18 ياشقا تۆۋەنلىتىشنى تەلەپ قىلدى؛ 1998-يىلى، ئاللاھ پارتىيىسى ھاررىغا قارشى تۇرۇپ، 1992-يىلى ۋە 1995-يىلى ھاررى ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىش بېلىتى تاشلاشنى رەت قىلدى؛ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلىشىنى قوللىدى؛ ئاللاھ پارتىيىسىسىنىڭ لىۋان سىياسىي تۇرمىشىغا قاتنىشىشى ھەمدە ئىككى پارتىيىنىڭ مۇۋاپىق پەيىتتە ھەمكارلىشىشى شىئە مەزھىپىنىڭ كۈچىنى زورايتتى.
    مەنبە: پەن شىياخوڭ(攀小红) نىڭ ئىلمىي ماقالىسى بولۇپ، ئاپتور جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا تەتقىقات ئورگىنىدىن(ئاخىرى داۋاملىق ئېلان قىلىنىدۇ، باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1263
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئىككىنچى باسقۇچ. 2000-2005 يىللار، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئورنىنى زىل ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى، تەسىر كۈچى ۋە بېسىم تەڭلا ئاشتى.
    2000-يىلدىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى:
    ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن قوشۇن چېكىندۈردى؛
    پەلەستىن ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسى توختاپ قېلىپ، ۋەزىيەت يەنىمۇ يامانلاشتى؛
    2001-يىلدىكى 11-سېنتەبىر ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ئىستراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتتى، تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويدى؛
    2003-يىلدىكى ئىراق ئۇرۇشى ئامېرىكا-سۇرىيە، ئامېرىكا-ئىران مۇناسىۋىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ قويدى. بۇ ئۆزگىرىشلەر ئاجىز لىۋانغا تەسىر كۆرسەتتى، ئۆز ئىچىدىمۇ ئەنسىزلىك ئامىللىرى توپلىنىۋاتقان ئىدى. شىئە مەزھىپى ئىچىدە ئاللاھ پارتىيىسى ئالدى بىلەن زەربىگە ئۇچراپ ئەھۋالى نازۇك ھالدا قالدى. بىر تەرەپتىن، ئىسرائىلىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرىشى ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارالدى، ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن قوشۇن چېكىندۈرگەندىكى بوشلۇقنى ئاللاھ پارتىيىسى تېزلىكتە تولدۇردى، شۇڭا، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ لىۋاندىكى شۆھرىتى ۋە تەسىر كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپە قىلغانلىقتىن، ئامېرىكا قارا تىزىملىكىگە چۈشۈپ قالغان ئاللاھ پارتىيىسى ئۇدا ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراپ كەلدى. ئامېرىكا بىرلا ۋاقىتتا لىۋاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشنى ئوتتۇرا شەرقتە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەم قىلدى، بوش 2006-يىلى زىيارەتكە كەلگەن سائاد ھاررى(Saad Hariri) بىلەن كۆرۈشكەندە: «لىۋاننىڭ دېموكراتىيىسى ئوتتۇرا شەرق رايونى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم» دېدى.⑦ شىئە مەزھىپى بولسا لىۋاننىڭ دېموكراتىيىلىشىشىدىكى ئاچقۇچ، شۇڭا تەبىئىي ھالدا ئامېرىكىنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققىتىنى تارتتى. بۇنىڭدىن سىرت، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ چېكىنىشى بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا لىۋان ئاللا پارتىيىسىدىن قوراللىرىنى تاشلىشىنى تەلەپ قىلغان سادالار كېلىشكە باشلىدى، لىۋاندىكى بىر قىسىم گۇرۇھلارنىڭ سۇرىيەگە بولغان نارازىلىقىمۇ كۈنسېرى ئاشتى. ب د ت 2004-يىلى 1559-نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، سۇرىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرىشىنى، لىۋان دۆلىتى ئىچىدىكى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ قورالسىزلىنىشىنى تەلەپ قىلدى. ئاللاھ پارتىيىسى ئۇچرىغان خەلقئارالىق ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بېسىم ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

    ئۈچىنچى باسقۇچ. 2005-يىلدىن بۇيان، شىئە مەزھىپى سۇرىيە تەرەپدارلارلىرى ئىچىدىكى ئاساسىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن لىۋان سىياسىي سەھنىسىدە ھەل قىلغۇچ كۈچكە ئايلاندى.
    2005-يىلى باش مىنىستىر رەفىق ھاررىنىڭ(Rafik Hariri) ماشىنا بومبا قەستىگە ئۇچراپ ئۆلىشى لىۋان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇغلانغان زىددىيەتلەرنىڭ پارتىلىشىنىڭ پىلتىسى بولۇپ قالدى. 2005-يىلدىن ھازىرغا قەدەر، لىۋاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئۇدا داۋالغۇپ تۇردى. ھاررى قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى بىلەن، سۈرىيە لىۋاندىن قوشۇن چېكىندۈردى، سۇرىيە بىلەن مۇناسىۋىتى يېقىن بولغان شىئەلەرنىڭ ئەمەل ھەركىتى بىلەن ئاللاھ پارتىيىسى ئورتاق كىرزىس سەۋەبلىك ئىتتىپاق تۈزۈشكە باشلىدى. 2005-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا، ھاررىنىڭ ئوغلى رەھبەرلىكىدىكى 14-مارت ئىتتىپاقى پارلامېنتتا كۆپ سانلىق ئورۇنغا ئېرىشتى، ئاللاھ پارتىيىسىمۇ 14 ئورۇنغا ئېرىشتى ھەمدە ئىچكى كابېنتقا كىرىشنى قارار قىلدى، ئىككى نەپەر ئەزاسى ئىچكى كابېنت مىنىستىرى بولۇپ سۇرىيەگە مايىل كۈچلەرنىڭ بايرىقىنى كۆتۈردى. 2006-يىلى 7-ئايدىكى لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنىشىدىن كېيىن، لىۋاننىڭ ئىچكى سىياسىي كۈرەشلىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، 11-ئايدا شىئە مەزھىپىدىكىلەردىن 6 نەپەر مىنىستىر ئىستىپا بەردى، ئاللاھ پارتىيىسى ئىتتىپاقى مىللىي بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پارتىيىسى ۋە ئەمەل ھەركىتىنى ئاساس قىلغان شىئەلەر بىلەن ئانن گېنرال باشچىلىقىدىكى قىسمەن سۇرىيەگە مايىل تەرەپدارلار بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ قوللىشىدىكى ھاررىنىڭ ئوغلى رەھبەرلىك قىلغان سۈننىي مەزھىپى، خىرىستىئان مارون مەزھىپى، درۇز مەزھىپى(Druze) قاتارلىقلار بىرلىشىشىدىن شەكىللەنگەن سۇرىيەگە قارشى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قارشىلىشىش شەكىللەندى. شىئە مەزھىپى لىۋان سىياسىتىدىكى ھەل قىلغۇچ سىياسىي كۈچ بولۇپ قالدى. شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت لىۋان ئىچكى سىياسىيسىدىكى ئاساسلىق زىددىيەت بولۇپ قالدى. ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدا ھارى سۈيقەستكە ئۇچراش دېلوسىنى تەكشۈرۈش خەلقئارا سوتى تەسىس قىلىش، پىرىزدېنت سايلىمى مەسىلىسىدە ئېغىر ئىختىلاپ كۆرۈلۈپ، ھۆكۈمەتنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قوياي دېدى. ئىككى تەرەپ يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ تەشكىللىنىشى، پارلامېنتتىكى ئورۇننىڭ تەقسىملىنىشى ۋە ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەر سەۋەبلىك سايلام ۋاقتىنى 19 قېتىم كېچىكتۈردى، جاپالىق سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئەڭ ئاخىرى قوراللىق قىسىمنىڭ قوماندانى سۇلايماننى پىرىزدېنت قىلدى. پىرىزدېنت سايلىمى بوران-چاپقۇنىنىڭ چوڭ-توزانلىرى بېسىققان بولسىمۇ، ئەمما لىۋاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى يەنىلا ئاجىز ھالەتتە.
    ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق، ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكىدەك يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ:
    (1) لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى. لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدا، شىئەلەر ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە ئۇرۇشتا تەرەققىي قىلىپ زورايدى.
    (2) سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ قوللىشى. ئىچكى ئۇرۇش سۇرىيە، ئىران قاتارلىق سىرتقى كۈچلەرنىڭ لىۋانغا سىڭىپ كىرىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى، لىۋان شىئەلىرى بىلەن ئىران، سۇرىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ قويۇقلىشىشى ئۇرۇشتىن كېيىنكى سىياسىي جەھەتتە زور قوللاشقا ئېرىشتۈردى.
    (3) ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى. ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان شىئە خەلقىنى قاتتىق تالاپەتكە ئۇچراتتى، ئۆي-ماكانىدىن ئايرىلىپ قالغان نۇرغۇن شىئەلەر شەھەرلەرگە ئېقىپ كىردى، ئەمما ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلمىدى، ياشاش مۇھىتى يامانلاشتى، تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالدى، ئىسرائىلىيەگە قەتئىي قارشى تۇرغان ئاللاھ پارتىيىسى شىئەلەرنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.
    نۆۋەتتە، شىئە مەزھىپى تەرەققىي قىلىپ لىۋاننىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى ئۇيان-بۇيان قىلالايدىغان سىياسىي كۈچكە ئايلىنىپ، مۇناسىپ سىياسىي ھوقوق-مەنپەئەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى؛ شىئەلەرنىڭ ئىككى چوڭ پارتىيىسى ئارىسىدىكى ئىختىلاپمۇ بارا-بارا ئازلاپ سىياسىي ئىتتىپاقلىقى كۈچەيدى؛ ئاللاھ پارتىيىسى ئەمەلىي سىياسىي پارتىيەگە ئايلاندى، گەرچە ئامېرىكا، ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇشتا يەنىلا نىسبەتەن كەسكىن بولسىمۇ، دۆلەت ئىچىدە پراگماتىزم(سۈيئىستىمالچىلىق) ئاساسىي ئېقىم بولۇپ قالدى، ھازىرقى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىنى ئىسلاپ قىلىپ شىئە مەزھىپى ئۈچۈن تېخىمۇ زور مەنپەئەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئەمەل ھەركىتى ۋە ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئورتاق تونۇشى بولۇپ قالدى.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1270
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    2. لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى⑧

    (1) جەمەتلەرنىڭ تەسىر كۈچى ئاجىزلاشتى، سىياسىي پارتىيە ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى شىئەلەرنىڭ سىياسىي ۋەكىلى بولۇپ قالدى.
    جەمەت سىياسىيسى لىۋان سىياسىيسىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى، سىياسىي جەمەتلەر لىۋاندىكى ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ ھەممىسىدە مەۋجۇت، ئەمما ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، شىئە مەزھىپىدىكى ئەنئەنىۋى جەمەتلەرنىڭ سىياسىي ئورنىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسى ھۆكۈمرانلىقىدىن فرانسىيە ھۆكۈمرانلىقىچە يەنە 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىچە، شىئە مەزھىپى سىياسىي جەھەتتە ئەنئەنىۋى جەمەتلەرنىڭ مونوپوللىقىدا تۇردى. بۇ سەۋەبلىك نىسبەتەن تەسىرى بولغان بىر قانچە سىياسىي جەمەتلەرنى شەكىللەندۈردى، مەسىلەن ئەل-ئاساد(al-As’ad)، خەلىل (al-Khalil)، ئەل-زەين(al-Zayn)، ئۇسايرەن (Usayran)، ھەيدەر (Haydar)، ھاماداھ (Hamadah) قاتارلىقلار.⑨
    ئەمما 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدىن باشلاپ، شىئە ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىنىڭ زورىيىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئەنئەنىۋى جەمەتلەرنىڭ سىياسىيدىكى مونوپوللىقى خىرىسقا ئۇچرىدى، ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن بارا-بارا ئاجىزلاشتى.
    سەۋەبلىرى:
    <1> ئىچكى ئۇرۇش ۋاقتىدا، قوراللىق كۈچلەرنىڭ رولى گەۋدىلىك بولغاچقا، شىئە مەزھىپى ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ يەتتى، سادىر شۇ سەۋەبلىك قوراللىق تەشكىلات (Lebanese Movment of Oepried) نى قۇردى. ئاللاھ پارتىيىسى مەخپىي ھەربىي تەشكىلات سۈپىتىدە بارلىققا كەلدى. بۇ ھەربىي تەشكىلاتلارنىڭ ئادەم كۈچى، مالىيە كۈچى ۋە تەشكىلچانلىقىغا فېئودال جەمەتلەرنىڭ قارشى تۇرالىشى ناھايىتى تەس.
    <2> ئىچكى ئۇرۇشتا ۋە ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن سۇرىيەنىڭ لىۋان سىياسىي تۇرمۇشىدىكى رولى بارغانسېرى مۇھىم بولۇپ قالدى، ئەنئەنىۋى جەمەتلەر سۇرىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى.
    <3> ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، نىسبەتەن ئابرويى بار كۆپ قىسىم ئاقساقاللار ئارقا-ئارقىدىن ئالەمدىن ئۆتتى، جەمەتتىكى باشقا كىشىلەر كۆپچىلىكنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى تەس، سىياسىي جەھەتتىمۇ شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي پارتىيىلىرى بىلەن رىقابەتلىشەلمەيتتى، ئۇرۇشتىن كېيىنكى پارلامېنت سايلىمىدا ئەنئەنىۋى سىياسىي جەمەتلەر ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.⑩ ئەنئەنىۋى سىياسىي جەمەتلەرنىڭ سىياسىيدا ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئەمەل ھەركىتى ۋە ئاللاھ پارتىيىسى ئاساسلىق ۋەكىل بولغان سىياسىي پارتىيە شىئە مەزھىپىدىكى ئامما سىياسىي رولىنى جارى قىلدۇرىدىغان سەھنە بولۇپ قالدى.

    (2) شىئە مەزھىپى سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىدى
    لىۋاندا، ھەر قايسى سىياسىي گۇرۇھلارنىڭ ئارقىسىدا سىرتقى قوللىغۇچىلارنىڭ سايىسى بار، بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق كۆز قاراش بار: لىۋاندىكى شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي قاتماللىقنى ھەل قىلىش سايلام بېلىتى ساندۇقىغا باغلىق ئەمەس بەلكى ۋاشىڭتون، رىياد، تېھران ۋە دەمەشىقلەرگە باغلىق.  شىئە مەزھىپىدىكى ئىككى پارتىيە ئەمەل ھەركىتى بىلەن ئاللاھ پارتىيىسى سۇرىيە ۋە ئىران كۆڭۈل بۆلىدىغان ئوبيېكىتقا ئايلاندى. ئىچكى ئۇرۇش لىۋانغا ئىنتايىن ئېغىر تالاپەت يەتكۈزدى، سۇرىيەمۇ لىۋاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا باشلىدى، ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى لىۋان-سۇرىيە «ئالاھىدە مۇناسىۋىتى» ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى. 1991-يىلى 5-ئايدا، لىۋان بىلەن سۇرىيە «قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ھەمكارلىقى ۋە ماسلاشتۇرۇش شەرتنامىسى» ۋە «بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە شەرتنامىسى» ئىمزالاپ، ئىتتىپاق تۈزۈش ۋە ھەربىي جەھەتتە ئۆز ئارا يادرەم بېرىشنى قارار قىلدى. 1996-يىلى 1-ئايدا، لىۋان بىلەن سۇرىيە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش، قوش ئۆلچەملىك باجنى بىكار قىلىش، مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلىك قىلىش، بىرلەشمە چېگرا قاراۋۇلخانىسى قۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق بەش تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى كەلگۈسى «بىر گەۋدىلىشىش» يۆلىنىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلدى. ئەمەل ھەركىتى بىلەن سۇرىيەنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ئەمەل ھەركىتىنى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى سىياسىيدا زور نەپكە ئېرىشتۈردى، مەسىلەن ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ئالەم ئۆتتى، ئۇلارنىڭ پارلامېنتتىكى ئورنىغا سۇرىيە كۆرسەتكەن ئەمەل ھەركىتىنىڭ خادىملىرى ئولتۇردى. ماس ھالدا، ئەمەل ھەركىتىنىڭ سىياسىتى، تەشەببۇسى بەلگىلىك دەرىجىدە سۇرىيەنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىدى.
    ئاللاھ پارتىيىسى بىلەن سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى نىسبەتەن مۇرەككەپ. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئىران زىچ بىرىكىپ كەتكەن، ئىران ئىقتىساد، سىياسەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئاللاھ پارتىيىسىنى ئومۇميۈزلۈك قوللىغان. ئىران ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ رادىئو ئىستانسىسى، مەكتەپ، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ ياردىمى بەردى، بېكا جىلغىسىدىكى ھۆمەينى ئىمام مەكتىپى، جەنۇبىي لىۋاندىكى خەيرى-ساخاۋەت ئورگىنى دېگەندەك، ئىراننىڭ ھەممە تارماقلىرىنىڭ بېيرۇتتا ئىشخانىسى بار، ئىران يەنە زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ لىۋاندا كۆۋرۈك، تاشيول، دوختۇرخانا، مەكتەپ قۇردى.⑾ ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسىتى ئىراننىڭ قاتتىق تەسىرىگە ئۇچرىدى. رافسانجانى تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئېدىئولوگىيە سىڭىپ كىرىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتتى، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئەيىبلىدى، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سىياسىتىدىمۇ شۇنىڭ بىلەن ئۆزگىرىش بولدى، 1992-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىغا قاتناشتى، ھازىرقى سىياسىي تۈزۈلمىنى قوبۇل قىلدى، غەربكە قارىتىلغان زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى ئازلاتتى. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى ھامىنىينىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ⑿ ئىران بىلەن سۇرىيە ئىسرائىليەگە قارشى تۇرۇش ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئاللاھ پارتىيىسىگە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسدە يوشۇرۇن كېلىشىم ھاسىل قىلدى. سۇرىيە ئىراننىڭ ئۆز چېگرىسى ئارقىلىق ئاللاھ پارتىيىسىگە ماددىي ئەشيا يەتكۈزۈپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلدى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلىۋالغان لىۋان زېمىنىدىكى قوراللىق ھەركەتكە قارىتا قاتتىق چەكلىمە قويدى. ئەمەل ھەركىتى بىلەن ئاللاھ پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ سۇرىيە ۋە ئىراننىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرىدى، مەسىلەن بېري پارلامېنت باشلىقى بولىشى، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قوراللىق كۈچىنى ساقلاپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىشى،⒀ ئىككى پارتىيە سايلامدى ئىتتىپاق تۈزىشى قاتارلىقلار سۇرىيە، ئىراننىڭ ياراشتۇرىشىنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
    مەدەنىيەت جەھەتتە، لىۋان شىئە مەزھىپى ئىران ۋە ئىراقنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى گەۋدىلىك بولدى. 16-ئەسىردىن باشلاپ لىۋاندىكى دىننىي ئورۇن تۆۋەنلەشكە باشلىدى، لىۋان شىئەلىرى كۆپىنچى ھاللاردا ئىراننىڭ قۇم، ئىراقنىڭ نەجەف شەھىرى قاتارلىق شىئە مەزھىپىنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا بېرىپ ئىلىم تەھسىل قىلدى. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ نۇرغۇن خادىمى ھۆمەينىنىڭ دىننىي ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ھۆمەينىنى دىننىي داھىي سۈپىتىدە ھۆرمەتلەيدۇ. بىرقىسىملار ئىراقنىڭ نىسبەتەن زور تەسىرىگە ئۇچرىدى. لىۋاننىڭ نىسبەتەن داڭلىق دىننىي ئالىملىرى نەجەفتە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن قايتىپ كەلگەنلەر، مەسىلەن مۇسا سادىر (Musa Sadr)، مۇھەممەد ھۇسەين فادلاللاھ (Muhammad Hussyin Fadlallah) قاتارلىقلار.

    (3) شىئە مەزھىپى دىننىي ئۆلىمالىرى ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋان سىياسىي تۇرمىشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى
    شىئە مەزھىپى مۇرىتلىرىدا، دىننىي ئىلىم بىلەن دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە سىياسىيغا ئاكىتىپ قاتنىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئاكتىۋىزمچىلار بىلەن سىياسىيدىن يىراقلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان كىۋىيېتىزمچىلار بار.
    لىۋاندا سىياسىي كىۋىيېتىزمچىلار ئۇزۇن مۇددەت رەھبەرلىك ئورنىنى ئىگەللەپ كەلگەن، «شىئە مەزھىپىى ئۆلىمالىرى 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىغىغا كەلگەندە پۈتكۈل گەۋدە ئىقتىسادىي جەھەتتە زەئىپلەشتى، سىياسىيدا نەزەردىن قالدى».⒁ مۇسا سادىرنىڭ پەيدا بولىشى بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتتى. سادىر كۆپلەپ ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شوغۇللىنىپ، «ئىسلام شىئە مەزھىپى ئەڭ ئالىي كومىتىتى» قۇرۇپ، ئەمەل ھەركىتى تەشكىلاتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، لىۋان شىئەلىرىنىڭ سىياسىي داھىيسى بولۇپ قالدى. سىياسىي ئاكتىۋىزمچىلار شىئە مەزھىپىدە كەڭ قوبۇل قىلىندى. سادىرنىڭ سىياسىي ئاكتىۋىزمچىلىرى شىئە مەزھىپى دىننىي داھىيسىنى بىر خىل سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇردى. ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قۇرۇلىشى ۋە زورىيىشى سىياسىي ئاكتىۋىزمچىلارنىڭ ئېقىمىنى تېزلەتتى. ئاللاھ پارتىيىسى ئەسلىيەتچى سىياسىي پارتىيە دەپ قارالدى، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىك گۇرۇھى ئاساسلىقى دىننىي ئۆلىمالاردىن تەركىب تاپقان، خادىملىرى ئىسلام قانونى ئارقىلىق ھاكىميەت يۈرگۈزۈش ئىدىيىسىگە ئىشىنىدۇ.⒂ «سادىر ۋە ئاللاھ پارتىيىسى پەيدا بولغان ۋە گۈللەنگەندىن بۇيان، نۇرغۇن شىئە ئۆلىمالىرى سىياسىي بىلەن ئارىلىق ساقلاشتىن ۋاز كېچىپ ئىجتىمائىي تەرەققىيات سېپىنىڭ ئالدا تۇردى».⒃
    ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، لىۋان شىئەلىرىدىكى نىسبەتەن ئابرويلۇق دىننىي ئۆلىما مۇھەممەد ھۇسەين فادلاللاھ، مۇھەممەد مەھدى شامس ئەل-دىن (Muhammad Mahdi Shams al-Din) ۋە ھەسەن نەسرۇللاھ قاتارلىقلار لىۋان سىياسىي سەھنىسىدە جانلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دىننىي ئۆلىمالارنىڭ دۆلەتتىكى رولىغا بولغان قارىشى بىردەك ئەمەس،  فادلاللاھ ئىسلام ھەركىتىدىكى لىۋانلاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ پارلامېنتقا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ؛ شامىس ئەل-دىن لىۋان مىللىي ئېڭىنى كۈچلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ نەسرۇللاھ ھامىنىينىڭ قاتتىق ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ دىننىي ئۆلىمالار ئارىسىدىكى سىياسىي ئىختىلاپلار تارىيىشقا باشلىدى. ھازىر، ئۇلارنىڭ ئىدىيىيىسى يەنىلا شىئە مەزھىپى ۋە لىۋان سىياسىتىگە مۇھىم تەسىر كۆرسەتمەكتە.

    3. شىئە مەزھىپىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

    شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي ئىستىقبالىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، مەزھەپ مەسىلىسى، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سىياسىي ئىپادىسى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەل قارىغىلى بولمايدىغان مۇھىم ئامىللار.

    (1) مەزھەپلەرنىڭ ھوقوق بۆلىشىش تۈزۈمىگە بولغان سىناق
    مەزھەپلەرنىڭ ھوقوقنى بۆلىشىش تۈزۈمى لىۋان سىياسىيسىدىكى ساقايماس كېسەل بولۇپ قالدى. مەزھەپلەر ھوقوق بۆلىشىش تۈزۈمى ئاستىدا، ھەر قايسى مەزھەپلەرنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتتىكى ۋەكىلىنىڭ نىسبىتى ئېنىق بەلگىلەنگەن، سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقى مەزھەپلەر ئارىسىدىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا تايىنىدۇ، ئەمما بۇ خىل ئاجىز تەڭپۇڭلۇق مەزھەپلەر ئارىسىدىكى نوپوس، ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرى بىلەن ئاسانلا بۇزۇلۇپ كېتىپ، زىددىيەتلەرنىڭ ئۆتكۈرلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئالدىقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىكى لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىمۇ موشۇ سەۋەبلىك ئىدى.
    مەزھەپلەرنىڭ ھوقوقنى بۆلىشىش تۈزىمىنىڭ يەنە بىر چاتىقى بولسا مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى دەزنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى. لىۋاندا بىر خىل دىننىي سالاھىيەتنى رەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس.⒄ دىننىي مەزھەپ مەنپەئەتى ۋە شەخسىي مەنپەئەت كىشىلەر ئالدى بىلەن ئويلىشىدۇ، دۆلەت مەنپەئەتىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، يەنە كېلىپ ئاۋام مەنپەئەتى، مىللىي ئۇقۇم سۇس، دىن قاتارلىق باشقا تونۇشلارنى ھەمىشە لىۋاننىڭ ئۆزىگە بولغان تونۇشتىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىدۇ، ئىچكى ئۇرۇش بۇ خىل نىزالارنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. خېلى كۆپ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن لىۋانلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ نەتىجىسى بولسا دىننىي مەزھەپ تونۇشىنى مۇقىملاشتۇردى.⒅ مەزھەپلەر ئارىسىدىكى تارىخىي ئاداۋەت پۈتكۈل جەمئىيەتنى چاك-چېكىدىن بۆلۈپ تاشلىدى. فادلاللاھ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «لىۋان بىرلىككە كەلگەن دۆلەت ئەمەس» دېگەن.⒆
    شۇڭا،  شىئەلەرنىڭ نوپۇسى، كۈچى ئۈزلۈكسىز ئېشىۋاتقان بولغاچقا، تايىف كېلىشىمى بەرپا قىلغان تەڭپۇڭلۇق بۇرۇنلا بۇزۇلۇپ كەتتى، مەزھەپلەر ھوقوق بۆلىشىش تۈزىمى ئاستىدا، شىئەلەرنىڭ مەنپەئەت تەلىپىنى قانائەتلەندۈرۈش ناھايىتى تەس ھەمدە مۇنداق ھالەتنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۆزگەرتمەكمۇ تەس. بۇنىڭدىن سىرت، مەزھەپلەر ئارىسىدىكى ئارازلىق ۋە ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئاسانلا ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ تاشلىدى، بۇ قانداق قىلىپ مۇقىم ھوقوقنى بۆلىشىش تۈزىمى ئاستىدا ۋە چاك-چېكىدىن ئاجراپ كەتكەن ئىجتىمائىي مۇھىتتا ھەم سىياسىي ھوقوققا ئېرىشىش ھەم دۆلەتنىڭ ئۇرۇش پاتقىغا پېتىش قېلىشىدىن ساقلىنىش شىئە مەزھىپى ۋە باشقا مەزھەپلەر چوقۇم يۈزلىنىدىغان ۋە ھەل قىلىشى كېرەك بولغان قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى.

    (2) ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى
    ئاللاھ پارتىيىسى مىليون كىشىلىك ئېتىراز بىلدۈرۈش نامايىشى تەشكىللىيەلەيدۇ، بۇنىڭدىن ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ تەسىر كۈچى ۋە چاقىرىق كۈچىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ، شەك-شۈبھىسىزكى ئاللاھ پارتىيىسى شىئە مەزھىپىنىڭ ئاساسلىق ۋەكىلى بولۇپ قالدى. ئەمما ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئىچكى تاشقى سىياسىتىدە يەنىلا بىر قىسىم مەسىلىلەر مەۋجۇت، بىر تەرەپ قىلىش قىلالماسلىق كەلگۈسىدىكى شىئە مەزھىپىنىڭ لىۋان سىياسىي سەھنىسىدىكى ئورنى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىمدۇر.

    ‹1› يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى ئىسرائىلىيەگە قارشى كۈرەش
    ئاللاھ پارتىيىسى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، مەخپىي قوراللىق تەشكىلات سۈپىتىدە مەيدانغا كەلگەن. ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئاللاھ پارتىيىسى پارلامېنتقا قاتناشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش يەنىلا ھەممىدىن مۇھىم ۋەزىپىسى بولۇپ كەلدى، دۆلەت ئىچىدىكى ئىشلار جەھەتتە، ئاللاھ پارتىيىسى توختىماي ئەمەلىي ئىشلار بىلەن شوغۇللىنىپ، پەندىنپەي بىر قوراللىق تەشكىلاتتىن قوراللىق كۈچلىرى بولغان سىياسىي پارتىيەگە ئۆزگەردى. ئاللاھ پارتىيىسى ئىسرائىلىيەگە قارشى ئۇرۇشتا تەرەققىي قىلىپ زورايغان، ئەمما ئىسرائىلىيە قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، لىۋان ئىچىدە ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ قورالسىزلىنىشىنى تەلەپ قىلغان سادالار كۈچىيىشكە باشلىدى، 2006-يىلدىكى لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنىشىدا ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئابرويى ئۆسۈش بىلەن بىرگە، بىر قىسىم تەنقىدلەرگىمۇ ئۇچرىدى.  بۇ ئوخشىمىغان سادالار باشقا مەزھەپلەردىن كەلگەن ھەم شىئەلەرنىڭ ئىچكى قىسىمىدىن كەلگەن. شىئە مەزھىپىنىڭ قارشى تۇرىدىغان سادالىرى گەرچە ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ كۈرىشىدە بارغانسېرى دىققەتنى تارتتى. لىۋان خەلقى ئۇرۇشتىن بىزار بولغان، ئىسرائىلىيە لىۋاندىن قوشۇن چېكىندۈرگەن ۋەزىيەتتە، ئاللاھ پارتىيىسى ۋاقتىدا ئىستراتىگىيىسىنى تەڭشەپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى تۇرۇش بىلەن دۆلەت ئىچى سىياسىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ قوللىشىغا داۋاملىق ئېرىشىشى كېرەك.

    ‹2› ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ ئەسلىيەتچىلىك خوسوسىيىتى باشقا مەزھەپلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغىدى.
    لىۋاندىكى سىياسىي كۈرەشلەردە تەنھا قوراللىنىپ جەڭگە تەييارلىنىشى شىئە مەزھىپى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز. شۇڭا، ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ باشقا كۆپلىگەن مەزھەپلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولىشىنىڭ ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن. لىۋاندا، ئاللاھ پارتىيىسىدىن باشقا سىياسىي پارتىيەلەر ئاساسىي جەھەتتىن ھەممىسى دىندىن خالىي پارتىيەلەر. گەرچە يېقىنقى يىللاردا ئاللاھ پارتىيىسى ئىلگىركى ئەسلىيەتچى پارتىيە ئوبرازىنى ئۇدا ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا باشقا مەزھەپلەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر گۇماندا بولماقتا. سۈننىي مەزھىپىدىكى نۇرغۇن ياشلار: «ئەگەر شىئە مەزھىپىدىكىلەر دۆلەتنى ئۆتكۈزۈۋالسا، ئاللاھ پارتىيىسى ھوقوقنى قولغا ئالسا، بىز شىئە مەزھىپىدىكى دۆلەتكە ئايلىنىپ قالىمىز، مۇنداق بولىشىغا يول قويمايمىز» دېگەن.⒇ ئاللاھ پارتىيىسى بىلەن ئانن تۈزگەن ئىتتىپاق ئانچە مۇقىم ئەمەس، ئىلگىرى ئاننى قوللىغۇچىلار ئانننىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىغا «ئانن خىرىستىئانلار رايونىدىكى ئىشەنچنى يوقىتىپ قويدى، چۈنكى ئاللاھ پارتىيىسى دۆلەتتىكى بارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەنبەسى». «ئاللاھ پارتىيىسى قورالسىزلىنىشنى رەت قىلدى، ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت بولۇش ئورنىنى ساقلاپ قالدى، بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ»(21) دېگەندەك باشقىچە پىكىردە بولدى.
    بۇنىڭدىن سىرت، گەرچە ئاللاھ پارتىيىسى بىلەن ئەمەل ھەركىتىنىڭ سىياسىي مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردا قويۇق بولسىمۇ، ئەمما ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ يوقالمىدى، ئىككى پارتىيە مۇناسىۋىتى يەنە كەلگۈسى سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ سىنىقىغا ئۇچرايدۇ.
    ئىقتىسادىي ئاساس ئۈستى قۇرۇلمىنى بەلگىلەيدۇ، شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۇزۇن مۇددەت چەتلەشتۈرىلىشى شىئە مەزھىپى رايونىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئارقىدا قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، نامرات نوپۇس كۆپەيدى، ئىقتىسادىنىڭ ئارقىدا قېلىشى يەنە سىياسىي ئورنىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. پەقەت ئىقتىساد ۋە سىياسەت ئوتتۇرىسىدىكى ياخشى ماسلىشىشنى ساھىل قىلغاندا، ئاندىن شىئە مەزھىپىنىڭ پاسسىپ ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئاللاھ پارتىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، مۇھىم نۇقتىنى دۆلەت ئىچى سىياسىتىگە قويۇش كەلگۈسىدىكى مۇقەررەر تاللاش.

    (3) لىۋان ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشى خەلقئارا مۇھىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى.
    كەلگۈسىدىكى لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى يەنىلا خەلقئارا مۇھىتنىڭ تەسىر قىلىشىدىن قۇتۇلۇپ چىقمىقى تەس. بۇنىڭدا ئامېرىكا-سۇرىيە، ئامېرىكا-ئىران ۋە سۇرىيە-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى لىۋان شىئەلىرىگە بىۋاستە تەسىر قىلىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى، سۇرىيە ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىشى، سۇرىيە ئامېرىكا قوزغىغان دېڭىز قولتۇقى ئۇرۇشىنى قوللاش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەنىڭ لىۋاندىكى ئالاھىدە ئورنىنى ئېتراپ قىلىشىغا ئالماشتۇردى.
    21-ئەسىرگە كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ «11-سېنتەبىر ۋەقەسى»دىن كېيىن، ئامېرىكا ئىستراتىگىيىسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ئامېرىكىچە دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قاراتتى، ئىراق ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئامېرىكا سۇرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يامانلىشىشى ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە جازا يۈرگۈزىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، لىۋانمۇ ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەگە بېسىم ئىشلىتىشىدىكى باھانىسى بولۇپ قالدى، سۇرىيەنىڭ قوشۇن چېكىندۈرىشىنى تەلەپ قىلىش، لىۋان ئاللاھ پارتىيىسىنى قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ب د ت قارارلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا ئامېرىكا ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. ئامېرىكا-سۇرىيە مۇناسىۋىتى 2003-يىلدىن بۇيان ئىزچىل سوغاق بولۇپ كەلدى، يېقىنقى ئىككى يىلدا ئىران بىلەن سۇرىيەنىڭ يېقىنلىشىشى ئامېرىكا-سۇرىيە مۇناسىۋىتىگە يەنە قارا سايە تاشلىدى. سۇرىيەنىڭ لىۋان شىئەلىرىگە بولغان تەسىر كۈچىنى نەزەردە تۇتقاندا، كەلگۈسى ئامېرىكا-سۇرىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا سەل قاراشقا بولمايدۇ.

    ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ خەتەرلىك. ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئىراننىڭ يادرو كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىشى سەۋەبلىك ئۇزۇن مۇددەت قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا قورال ئىشلىتىشنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ، ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان ئاللاھ پارتىيىسى ئۆزىنى چەتكە ئېلىشى ناھايىتى تەس.
    لىۋان شىئە مەزھىپىنىڭ سىياسىي تەرەققىياتى يەنە رايونلۇق خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بۇنىڭدا سۇرىيە بىلەن ئىسرائىلىيە، يەنە ئىران ۋە ئىراقتىن ئىبارەت ئىككى شىئە چوڭ دۆلىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنىڭ يۆلىنىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېقىندا، سۇرىيە ۋە ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش مەقسىتىنى بىلدۈردى، بۇ لىۋان-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە، يەنىمۇ ئىچكىرلەپ ئاللاھ پارتىيىسىنىڭ لىۋاندىكى ئورنىغا چوقۇم تەسىر قىلىدۇ.
    ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان لىۋان نۆۋەتتە ئاچا يولدا تۇرماقتا، لىۋاننىڭ سىياسىي قاتماللىقىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، مەزھەپ مەسىلىسى ئىچكى ئامىل، سىرتقى كۈچلەرنىڭ لىۋاندا پۇت تېپىشىشى سىرتقى ئامىلدۇر.
    لىۋاندىكى شىئەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزھەپلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تار مەزھەپ مەنپەئەتىدىن ۋاز كېچىپ، دۆلەتنى كۈچلەندۈرۈپ، مىللىي سالاھىيەتنى تونۇش مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى.(تامام)


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (بۇ ماقالىنىڭ بەلگىلىك پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن، «ئوكيان قامۇسى»دىن كۆچۈرۈپ ئېلىپ، بلوگىمغا چاپلاپ قويدۇم. ماقالىنى تەرجىمە قىلىپ تەييارلاپ «ئوكيان قامۇسى»غا يوللىغۇچى «قارلۇق» ئەپەندىدىن بۇ قىلمىشىم سەۋەپلىك كەچۈرۈم سورايمەن)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: پەن شىياخوڭ(攀小红) نىڭ ئىلمىي ماقالىسى بولۇپ، ئاپتور جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى غەربىي ئاسىيا شىمالىي ئافرىقا تەتقىقات ئورگىنىدىن(باشقا تور بەتلەرگە يۆتكەشكە بولمايدۇ)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://news.okyan.com/View.aspx?ID=1280
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: