版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/223793170.html

    جۇڭگو سەككىز جەھەتتىن دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ


    ئەنگلىيە رادىيو شىركىتىنىڭ 2012-يىلى 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرى،
    ئەسلى تېمىسى: جۇڭگونىڭ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان سەككىز ئۇسۇلى
    جۇڭگو كومپارتىيەسى 2012-يىلى 11-ئايدا قۇرۇلتاي چاقىرىدۇ، شۇ چاغدا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى خەلق سارىيىدىكى ھەر بىر ئىشقا مەركەزلىشىدۇ، بۇنىڭ مۇنداق سەككىز خىل سەۋەبى بار:


    بىرىنچى، بېيىش شەرەپ. كىشىنى جەلپ قىلىدىغان بۇ شوئار جۇڭگونىڭ دۇنياغا ئېچىۋېتىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ بىرى ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. ھازىرقى ھالقىلىق مەسىلە شۇكى، يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىدىكىلەر ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات سۈرئىتىنى ساقلاپ قالالامدۇ، ھەمدە باشقا دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرەلەمدۇ؟


    ئىككىنچى، جاھاندا ئۇزىمايدىغان سورۇن يوق. جۇڭگو ئىقتىسادى شۇنداق تېز تەرەققىي قىلدىكى، توختاپ تۇرۇپ مۇھىت بەدىلىنى ئويلىشىدىغانغا ئاساسەن ۋاقىت چىقمىدى. ھازىر بېيجىڭ مۇھىت تۈزەش ئىرادىسىگە كەلگەندەك قىلىدۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، جۇڭەونىڭ ئىقتىسادى ۋە نوپۇس كۆلىمىنى چىقىش قىلغاندا، بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىماق ئىنتايىن مۈشكۈل.


    ئۈچىنچى، بالىلارغا ئورتاق تىل ئۆگىتىش. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قەد كۆتۈرۈشى چەتئەللىكلەرنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇ تىلىغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغىدى. 30 يىلنىڭ ئالدىدا غەربلىكلەر پەقەت جۇڭگونىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىنىلا تونۇيتتى. ھازىر بولسا يا ۋمىڭ قاتارلىقلار دۇنياۋى شەخسكە ئايلاندى، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا مەكتەپلىرى بالىلار ئۈچۈن ئورتاق تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىشقا باشلىدى.


    تۆتىنچى، تىنچلىقنى قوغداش. جۇڭگو «تىنچ قەد كۆتۈرۈش» ئارقىلىق قوشنا دۆلەتلەرنى ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىر كۈچىگە تايىنىپ زوراۋانلىق قىلمايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرۈشكە ئۇرۇندى، ئەمما قوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن نىزاسى، ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋىتى بۇ گەپلەرنى ئاڭلىماققا ئانچە سەمىمىي ئەمەستەك قىلىپ قويدى.


    بەشىنچى، كېيىنكى قېتىم ئايغا چىقىدىغان ئادەم جۇڭگولۇق. ئالەم بوشلۇقى تۈرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئورۇنغا ئىگە بولغانلىقىنىڭ دەلىلى دەپ قارالدى. جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا خىرىس يەتكۈزىدۇ.


    ئالتىنچى، پىل، كەركىدان قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ مەھشەر كۈنى. جۇڭگودىكى يېڭى بايلار يوقىلىش گېرداۋىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلارنى ئوۋلاش ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى دەپ قارالماقتا. ھازىر جۇڭگولۇقلار ئىستېمال قىلىدىغان چوشقا گۆشىنىڭ مىقدارى 1979-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا بەش ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ، دۇنيا بويىچە ئېكسپورت قىلىنغان دادۇرنىڭ %60 نى جۇڭگو ئىمپورت قىلىدۇ، جۇڭگو كەلگۈسىدە دۇنيادا %9 نى ئىگىلەيدىغان تېرىلغۇ يەر بىلەن دۇنيا نوپۇسىنىڭ %21 تىنى باقىدۇ ...... بۇلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ.


    يەتتىنچى، تۈمەنلەپ كىتاب ئوقۇغاندىن تۈمەن چاقىرىم يول يۈرگەن ياخشى. 1995-يىلىغا قەدەر، جۇڭگودا چەتئەلگە چىقىدىغان پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن نەچچە ئاي رەسمىيەت كېتەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلدار ئىدى. ھازىر، پاسپورت ئىلتىماس قىلىشقا نەچچە كۈنلا كېتىدۇ. مىليونلىغان جۇڭگولۇقلار چەتئەلدە ساياھەت قىلىدۇ ياكى چەتئەلدە ئوقۇيدۇ.


    سەككىزىنچى، يەرشارىنى سېتىۋېلىش. جۇڭگودا يارىتىلغان بايلىق پۈتۈن دۇنياغا تارالماقتا: خام ئەشيا باھاسى ئۇچقاندەك ئۆرلىدى، ھەشەمەتلىك بۇيۇم بازىرى جانلاندى، ئەلا سۈپەتلىك قىزىل ھاراقنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئۆزگەردى، 2011-يىلى سېتىلغان ئەڭ قىممەت 10 رەسىمنىڭ ئۈچى جۇڭگولۇق سەنئەتكارنىڭ قولىدىن چىقتى. كېيىنكى باسقۇچتا جۇڭگونىڭ ھەر قايسى كەسىپلىرىدىكى كاتتىباشلار چەتئەلگە يۈرۈش قىلىپ، يېڭى بازار ۋە كەسپىي تېخنىكا ئىزدەيدۇ. بۇ ئىش زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى كونترول قىلىپ تۇرماقتا. ئۇچۇر ئالاقە ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە، غەرب بىلەن سودا ئۇرۇشى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
    ★★★★★
    http://www.nur.cn/news/2012/10/86279.shtml
    ★★★★★
    مەنبە: oversea.huanqiu.com
    يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-16 13:18:04
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: