«سەن مەڭگۈ جۇڭگولۇق بولالمايسەن» - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:جۇڭگو   2012年10月13日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/223643869.html

    «سەن مەڭگۈ جۇڭگولۇق بولالمايسەن»


    تەرجىمە قىلغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل


    يېقىندا، جۇڭگولۇق خوتۇن ئېلىپ، ئىككى بالىلىق بولغان، ھەمدە جۇڭگودا ئۇزۇن مەزگىل ياشاپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىگەن ئەنگلىيىلىك ئەر مارك كىتتو (Mark Kitto) ئېنگلىز تىلىدىكى تاراتقۇلاردا «سەن مەڭگۈ جۇڭگولۇق بولالمايسەن – ئۆزەم ياخشى كۆرگەن جۇڭگودىن ئايرىلىشىمنىڭ سەۋەبى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىدا، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاسىيا- ئافرىقا ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن بۇ جۇڭگوخۇمار ئەنگىلىيىلىكنىڭ يازغىنىغا كۆرە، جۇڭگودا ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش جەريانىدىكى ئون نەچچە يىلدا، جۇڭگودىكى ماددى تۇرمۇشتا زور ئۆزگىرىش بولغان بولسىمۇ، لېكىن پۇلغا چىرىكلىشىش ۋە بىر قاتار مەسىلىلەر ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ ئەنگلىيەگە كېتىش قارارىغا سەۋەبچى بولغان. بۇنىڭغا ئوخشاش جۇڭگونى قىزغىن سۆيۈپ تۇرۇپ، يەنە جۇڭگودىن ئايرىلىپ كېتىۋاتقان ئەجنەبىيلەر ئاز ئەمەس.
    «مەڭگۈ جۇڭگولۇق بولالمايدىغانلىقى»نى تونۇپ يەتكەن چەتئەللىكلەرلا ئەمەس، بەلكى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزلىرىمۇ تۇشمۇ-تۇشتىن چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بارغانسېرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. خۇرۈن شىركىتىنىڭ 2011- يىلى ئېلىپ بارغان 18 شەھەردىكى ئون مىليوندىن كۆپ پۇلى بار بايلار ئارىسىدىكى تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، %14 باي ئاللىقاچان چەتئەلگە كۆچمەن بولۇپ بولغان ياكى ئىلتىماس قىلىۋاتقان ئىكەن، يەنە %46 باي كۆچمەن بولۇشنى ئويلىشىۋېتىپتۇ. گەرچە بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ توغرا-خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلالمىساقمۇ، لېكىن بۇ، بىر خىل ۋەزىيەتنى، يەنى نەزەردىن ساقىت قىلسا بولمايدىغان بىر خىل ئىجتىمائىي ھادىسىنى كۆرسىتىپ بەردى. دەرۋەقە، بەزى جۇڭگولۇقلار جۇڭگودىن «تەلتۆكۈس» ئايرىلىپ كېتىۋاتىدۇ، ياكى ئىككىلا تەرەپكە تەڭ دو تىكىپ، ھەر ئېھتىماللىقنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتىدۇ.
    ئوتتۇز نەچچە يىللىق ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىش ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگودا غايەت زور ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كەلدى. شەھەرلىشىش، زامانىۋىيلىشىش داۋامىدا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى ۋە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قىممەت ئۈزلۈكسىز ئاشتى. دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلانغاندىن تاشقىرى، يەنە كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قىممىتى  5400 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ (سېتىۋېلىش كۈچى بويىچە ھېساپلىغاندا 8000 ئامېرىكا دوللىرى)، 180 نەچچە دۆلەت ئىچىدە 90-ئورۇنغا تىزىلدى، بۇ دەل ئوتتۇرىسى بولغاچقا، ھېچبولمىغاندا جۇڭگونى نامرات دۆلەت دېگىلى بولمايدۇ.
    بۇنىڭ ئەكسىچە، ئاۋام خەلقنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئاجىزلاپ، مۆلچەرلەش ھېسسىياتى ئېشىپ كەتتى. ئەسلىدە، ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى 30 يىلىدا، مەركىزى كومىتېت بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا «مۇقىملىق ئىچىدە جۇڭگونى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، زامانىۋىلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»تەك ئەھدىنامە تۈزۈلگەن ئىدى. بۇ ئەھدىنامە ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنلۇق ئورنى ۋە مۇقىم تەرەققىياتىنى يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە كاپالەتكە ئىگە قىلدى، لېكىن ئىجتىمائىي ئەھدىنىڭمۇ مەلۇم ۋاقىت چېكى بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا، ئامېرىكىلىق ئەدىب سىمور مارتىن لىپسېت (Seymour Martin Lipset) ئۆزىنىڭ مەشھۇر «ئىقتىسادى تەرەققىيات-مائارىپنىڭ يۈكسىلىشى-ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە-دېموكراتىيە تەلىپى» دەيدىغان «ئىقتىساد دېموكراتىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش نەزەرىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. مەزكۇر نەزەرىيەنىڭ تەسىرىدە، نۇرغۇن ئەدىبلەر نەچچە قېتىملىق دېموكراتىيە دولقۇنىنى تەھلىل قىلىپ، ئىقتىسادى تەرەققىيات بىلەن دېموكراتىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى ئىچكى مېخانىزىم ھەققىدە چوڭقۇر ئىزدەندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقلىرىدىن ساموئېل خانتىڭتون (Samuel Huntington) نىڭ كۆرسىتىشىچە، تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قىممەت 3000 ئامېرىكا دوللىرىدىن (90-يىللارنىڭ دەسلىۋىدىكى قىممەت) 10 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا بولغان مەزگىل ئەڭ ئاسان دېموكراتىيەگە ئۆتۈش دائىرىسى (transition zone) بولۇپ، بۇ مەزگىلدە، كونا ئىجتىمائىي تۈزۈلمە يېڭى ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ ھەرخىل مەنپەئەت تەلىۋىنى قاندۇرالمايدىكەن، ئەسلىدىكى ئىجتىمائىي ئەھدىنامە كۈچىدىن قالىدىكەن. نۆۋەتتە جۇڭگو دەل مۇشۇ «ئۆتۈشمە دائىرە»گە كىرىپ قالدى، نۇرغۇن ئالامەتلەرمۇ جۇڭگونىڭ دەل مۇشۇ يولدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇۋاتىدۇ.
    ئوتتۇز يىللىق ئىقتىسادى ئىسلاھات ئاز بولمىغان كىشىلەرگە مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى، ئومومىي خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدىمۇ غايەت زور ياخشىلىنىش بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېقىنقى مەزگىللەردە مەنپەئەتلەرنىڭ بۆلۈنىشى، تەبىقەلەرگە ئايرىلىش كېلىپ چىقتى، بىر تەرەپتىن باي-كەمبەغەللىك پەرقى زورايسا، يەنە بىر تەرەپتىن شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە قاتلىمى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندى. دۆلەت يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان زامانىۋى تەرەققىيات قۇرۇلمىسى ۋە تۈزۈلمە مېخانىزىمى ھەرقايسى قاتلاملارنىڭ ۋە مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ گۇمانلىنىشىغا، ھەتتا رىقابىتىگە ئۇچرىدى. ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ ئۆزىگە چۈشلۇق نارازىلىقى بار، ھەممەيلەن ئۆزلىرىنى ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىغا تولۇق ئېرىشەلمىدۇق دەپ قارىدى، نارازىلىقلار بارغانسېرى كۆپىيىپ باردى. ئاددى ئاۋام ۋە شەھەرلەردىكى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلا ئەمەس، بەلكى ھەرقايسى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى ۋە بايلارنىڭمۇ ھازىرقى ئىجتىمائىي ئەھدىنامىگە ئانچە ئىشەنچىسى قالمىدى. ئالدىنقىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆز ئالدىدىكى ئادالەتسىزلىك ئەڭ چوڭ نارازىلىق ھېساپلىنىپ، شەخس ۋە كوللىكتىپ ھالدا يۇقىرىغا ئەرز قىلىش، قارشىلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. كېيىنكىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ ئەندىشە كەلگۈسىنىڭ ئېنىقسىزلىكى بولۇپ، بۇنى «چەتئەلگە قېچىپ كېتىش» ئارقىلىق ئىشەنچىسى يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.
    ئەگەر سىز يانچۇقىڭىزدا بىر تىيىن يوق نامرات بولسىڭىز، كەلگۉسىدىن ئەندىشە قىلمايسىز، چۈنكى كەلگۈسىدىكى كۈنىڭىز پەقەت ياخشىلىنىشقىلا قاراپ ماڭىدۇ. ئەگەر سىز نۇرغۇن مۈلۈككە ئىگە باي بولسىڭىز، چوقۇم بايلىقىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، كەلگۈسىگە بولغان يۆنىلىشىڭىز ئېنىق بولماي قالىدۇ. بىر جەمئىيەت «ئۆتۈشمە دائىرە»گە كىرگەنلىكنىڭ ئەڭ روشەن ئىپادىسى ئېنىقسىزلىق بولۇپ، بۇنداق مەزگىلدە، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
    جۇڭگو جەمئىيىتىدىكى يوشۇرۇن قائىدىلەرنىڭ ئاۋۇپ كېتىپ، رەسمىي قائىدىلەرنىڭ ئەكسىچە بۇرمىلىنىپ كېتىشى ئېنىقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ھۆكۈمەت تارماقلىرى خالىغانچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئىسلاھاتتىن كېيىنكى 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھاكىمىيەتتىمۇ كۆپ قېتىم ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، كىشىلەرنىڭ يەنىلا ھۆكۈمەتكە ئىشەنچىسى يوق ھەم ئىشەنمەيدۇ. مارك كىتتو موگەن تېغىدا ماكانلىشىپ، قەھۋەخانا ۋە ئائىلە مېھمانخانا تىجارىتىنى قىلغان، يەنە ژۇرنالمۇ ساتقان. ئۇ ھەر ئۈچ يىلدا بىر قېتىم تىجارەت كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرىدىغان چاغدا، قاچان يەرلىك ھۆكۈمەت قايتا كىنىشكا تارقىتىشنى رەت قىلىۋېتەر دەپ، ئىنتايىن يۈرەكئالدى بولۇپ كېتىدىكەن. تىجارەتچىلەرگە نىسبەتەن، بۇ خىلدىكى پۇل، ۋاقىت ۋە زېھىن ئىسراپ بولىدىغان، ھەتتا كاپالەتسىز مەبلەغ سالىدىغان تىجارەت مۇھىتى ئۇلارنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىكەن. يېقىندا، شەرقىي شىمالدىكى مەلۇم يەرلىك ھۆكۈمەت باج ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولالمىغانلىقتىن، ج خ، باج ۋە سەھىيە قاتارلىق تارماقلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇششاق تىجارەتچىلەرگە بېسىم ئىشلەتكەنلىك خەۋىرى تارقالدى. مەيلى بۇ ئىغۋا بولۇش-بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەرنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرىدىن ھۈركۈيدىغان ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، چىرىك، ئەخلاقسىز بولغان يوشۇرۇن قائىدىلەرگە تىجارەتچىلەر ھەر كۈنى ئۇچراپ تۇرىدۇ، جۇڭگودا ياشاپ تۇرۇۋاتقان ھەر بىر ئادەم دۈچ كېلىدۇ.
    نارازى بولۇپ چەتئەلگە كېتىدىغان ئىشلار ئىقتىسادى تېز تەرەققىي قىلغان ئىجتىمائىي مۇھىت ئاستىدا بولىدۇ. ئوتتۇز يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، جۇڭگولۇقلارنىڭ ماددىي تۇرمۇشى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پەقەت پۇلنىلا كۆرىدىغان «ماتېرىيالىزىملىق» ئىدىيەنى تەڭ ئېلىپ كەلدى. بۇ بىر ماددىغا مۇھەببەت باغلانغان جەمئىيەت، بۇ يەردىكى يۇقىرى تەرەققىيات پەقەت مۇھىت بۇلغاش، ناچار سۈپەت بەدىلىگە كېلىدۇ. جۇڭگولۇقلار ماددىي بۇيۇمغا باي، مەنىۋىي تۇرمۇشقا كەمبەغەل، ئەخلاق قارىشى كەمچىل.
    جۇڭگودا ئۇزۇن مەزگىل تۇرغان كىتتو 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى جۇڭگونى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ چاغلاردا مەن تۈنجى قېتىم جۇڭگوغا كېلىشىم بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ خۇشاللىق بىلەن، كەلگۈسىنىڭ ئۈمىد بىلەن تولغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدىم». شۇنداق، ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلىۋىدىكى جۇڭگو جەمئىيىتى گەرچە نامرات بولسىمۇ، لېكىن كىشىلەر ماددىي ھەۋەسنىڭ قۇلى ئەمەس ئىدى، ئەخلاقى ۋە قىممەت قارشى ھازىرقىدەك چىرىپ كەتمىگەن ئىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئېيتقاندا، بۇمۇ زامانىۋىيلىشىش جەريانىدا دائىم كۆرۈلىدىغان نەتىجە ھېساپلىنىدۇ. كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشقا بولغان مىقدار تەلىۋى ھامان بىر كۈنى سۈپەت تەلىۋىگە ئۆزگىرىدۇ. جىددى ئۆزگىرىش ھالىتىدىكى زامانىۋىيلاشقان جەمئىيەتتىكى مەنىۋى تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ئەخلاق قارشى ھامان يوقلۇقتىن بارلىققا، كونىنى تاشلاپ يېڭىلىققا قاراپ ماڭىدۇ. بۈگۈنكى جۇڭگو يەنىلا قىممەت قارىشى كەمچىل بولغان مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.
    جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلگە كۆچمەن بولۇش ئىستىكىدىن ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، يەنە دائىم پەرزەنتلەرنىڭ ئوقۇش ئىشلىرى تىلغا ئېلىنىدۇ. كىتتومۇ بۇنى جۇڭگودىن ئەنگلىيەگە قايتىش سەۋەبلىرىنىڭ قاتارىدا تىلغا ئالدى. بۇ، جۇڭگونىڭ مائارىپ تۈزۈلمىسى بىلەن ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق. جۇڭگودىكى ئوقۇش ۋە تەربىيىلىنىش پۇرسەتلىرى كۆپ ئەمەس، ھەتتا يوقنىڭ ئورنىدا. يەنە نۇرغۇن بالىلار ئىقتىساد ۋە تۈزۈلمە سەۋەبلىك ئوقۇيالمايدۇ. مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ۋە ئۇسۇلىمۇ ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدۇ. كىتتو جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىنى تەنقىتلەپ: «ئۇلار بىلىم ئېلىشنى ئەمەس، بەلكى قانداق ئىمتىھان بېرىشنى ئۆگىتىدۇ». گەرچە بۇ سۆز سەل ئېشىپ كەتكەندەك كۆرۈنسىمۇ، يەنىلا دىگەن يەرگە باردى. ئالىي مائارىپ گەرچە ئون نەچچە يىل جەريانىدا خېلى كېڭەيگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپلەرگە ئۆتۈش ئۈچۈن، جېنىنىڭ بارىچە ئىمتىھانغا تەييارلىق قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىغا ئوخشاش ئېشىپ بارغىنى يوق. مانا بۇ، كىشىلەر نۇرغۇن پۇل خەجلىسىمۇ بالىلىرىنى چەتئەللەرگە ئوقۇشقا ئەۋەتىشىنىڭ، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭمۇ چەتئەللەرگە كۆچمەن بولۇپ چىقىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى.
    ئۇنىڭدىن باشقا، تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان مۇھىت بۇلغىنىش، يېمەكلىك سۈپىتى، قاتناش قىستاڭچىلىقى قاتارلىق زامانىۋىلىشىشنىڭ مەھسۇللىرىمۇ نۇرغۇن جۇڭگولۇق ۋە جۇڭگودا ئولتۇراقلاشقان چەتئەللىكلەرنى جۇڭگودىن ئايرىلىپ كېتىش خىيالىغا كەلتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ.
    بۈگۈنكى دۇنيا ئەسلىدىنلا كۈنسېرى بىرىكىپ كېتىۋاتقان «يەرشارى كەنتى». جۇڭگولۇقلارنىڭ چەتئەلگە كۆچمەن بولۇش تارىخى 100 يىلدىن ئاشىدۇ، چەتئەللكلەرنىڭ جۇڭگودا ئولتۇراقلىشىشىمۇ 1980-يىللاردىن كېيىن بولۇۋاتقان ئىش ئەمەس. كۆچۈپ كېتىش ۋە كۆچۈپ كېلىشنىڭ ھېچقانداق ئەجەبلىنەرلىك يېرى يوق. لېكىن، كىشىلەرنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىپ كېتىشىدەك ئەمەلىيەت جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ «ئۆتۈشمە دائىرە»گە كىرگەنلىكىدەك مۇھىم ئەھۋالىنى يورۇتۇپ بەردى، بۇنىڭغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئىسكەندەر جېلىل
    ****************
    مەنبە: http://cn.nytimes.com/article/opinion/2012/08/24/cc24lvxiaobo
    http://www.sodiger.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=903&extra=page%3D1
    ****************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: