版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/223643289.html

    تىل جاھانگىرلىكى  ۋە تىل توقۇنۇشى


    جاۋبويىڭ
    (مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى ئەدەبىيات-تارىخ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور)
    تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇكېرىم مامۇت



    ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر دۇنيادا تەخمىنەن 60 مىڭ خىل تىل بار ئىكەن. ئىنگلىز تىلى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىستېمال قىلىنىش دائىرىسى ئەڭ كەڭ تىل ھېسابلىنىدىكەن. 70 نەچچە دۆلەت  ئىنگلىز تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى ياكى يېرىم ھۆكۈمەت تىلى، 380 مىليون  ئادەم ئىنگلىز تىلىكىنى ئانا تىل قىلىدىكەن؛ تەخمىنەن 1 مىليارد 600 مىليون ئادەم مەلۇم شەكىللەر ئارقىلىق ئىنگلىز تىلىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاز كەم ئۈچتىن بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. پۈتۈن دۇنيادىكى %80 ئېلېكتىرون ئۇچۇرى ئىنگلىز تىلىدا ساقلىنىدىكەن، ئىنتېرنېتتىكى مەزمۇنلارنىڭ %80تىن كۆپرەكى ئىنگلىز تىلىدا ئىكەن. دىپلوماتىيەدىن سودىغىچە، پەن-تېخنىكىدىن مائارىپقىچە، كۆڭۈل ئېچىشتىن تەنتەربىيەگىچە ئىنگلىزتىلى ئالاقە قىلىش قورالى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەممە  ئىشتا دېگۈدەك قوللىنىلىدىكەن. ئىنگلىز تىلى  خەلقئارا ماناسىۋەتتىكى يېتەكچى تىل بولۇپ قالغان. گېرمانيە زۇڭلىسى شرود بىلەن فىرانسىيە زۇڭتۇڭى شراك تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىپ ئىككى دۆلەتنىڭ كەلگۈسى ھەمكارلىقى ئۈستىدە  مۇزاكىرەلەشكەندە،  ئۇلارنىڭ قوللانغان تىلى فىرانسۇز تىلىمۇ ئەمەس، نېمىس تىلىمۇ  ئەمەس، بەلكى ئىنگلىز تىلى بولغان. ئەنگلىيە ياۋروپا پۇل ئىتتىپاقىغا كىرمىگەن، ياۋروپا مەركىزىي بانكىسى گېرمانىيەنىڭ فرانكفورت شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان، خىزمەتچىلىرىنىڭ  %10تىلا ئىنگلىز بولسىمۇ، لېكىن بانكىنىڭ خىزمەت تىلى ئىنگلىز تىلى بولغان. ئىنسانىيەت تارىخىدا، ئەزەلدىن ھېچقانداق بىر تىل ئىنگلىز تىلىدەك بۇنداق  كەڭ تارقالغان، ئۇنى شۇنچە كۆپ ئادەم قوللانغان ئەمەس.
    ئىنگلىز تىلىنىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىشى، ئالدى بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بىرقانچە ئەسىردىن بۇيان چەتئەللەرنى تالان-تاراج قىلىشى، سودا قىلىشى ۋە مۇستەملىكە قىلىشىدىن بولغان. كونا مۇستەملىكىچىلەر ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ تىلىنى بويسۇندۇرۇلغۇچى مىللەتكە تاڭىدۇ. 1940-يىلدىن 1990-يىلغىچە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن 100 مۇستەملىكىنىڭ 56سى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى، بىرسى ئامېرىكىغا قارام يەر ئىدى. مۇستەقىل بولغان بۇ رايونلار يا ئىنگلىز تىلىنى ھۆكۈمەت تىلى  قىلغان، يا ھېچبولمىغاندا ئىنگلىز تىلىنىڭ ئەمەلىي ئىستېمال خاراكتېرىنى ئېتىراپ  قىلغان. ئىنگلىز تىلىنىڭ ھازىرمۇ داۋاملىق تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشى، روشەنكى دۇنياۋىلىشىش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. خەلقئارا سودىنىڭ ئېشىشى، كۆپ دۆلەت شىركەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، پەن-تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆپىيىشى،خەۋەرلىشىش تورلىرىنىڭ كېڭىيىشى روشەن تۈرتكىلىك رول ئوينىماقتا. ئامېرىكىنىڭ رادىيو ئىستانسىلىرى، تېلېۋىزىيەلىرى، كىنولىرى ئىنگلىز تىلىنى تەرەپ-تەرەپلەرگە بىۋاسىتە تارقىتىدۇ. باشقا ئامىللار بەلكىم ئانچە روشەن بولمىسىمۇ، ئەمما ئوخشاش دېگۈدەك رول ئوينىماقتا، مەسىلەن، نۇرغۇنلىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىلاندىيە ۋە ئېرلاندىيەدىن ئىبارەت ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئالتە دۆلەتتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇيدۇ. ئىنگلىز تىلى يۇقىرى  قاتلام دىپلوماتىيەسىدىن تارتىپ ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇشقىچە بولغان تۈرلۈك ئىشلاردا مۇھىم ئالاقە قورالىغا ئايلانغان بولۇپ، بارغانسىرى كۆپلىگەن شىركەت ۋە ئاپپاراتلار ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى ئادەم ياللاش ۋە ئۆستۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ،  ئىنگلىزچە سۆزلىشەلەيدىغان كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئىگە قىلىپ، نەتىجىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىنگلىز تىلى ئۆگىنىش دولقۇنىنى رىغبەتلەندۈرمەكتە. ئىنگلىز تىلىنىڭ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلىدىغانلىقى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت، ئۇنىڭ كەڭ تارقىلىشىنى، ھازىرقى ئەھۋالدىن ئېيتقاندا، توسۇشمۇ قىيىن.
    تىل ئىدېئولوگىيەگە باراۋەر ئەمەس، دۆلەت مەنپەئەتىگىمۇ باراۋەر ئەمەس. لېكىن تىل ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ قىممەت قارىشىنى تارقىتىش، دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزلەش مۇمكىن. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىل ئەۋزەللىكى ئۇلارنى ئۇچۇر ئەۋزەللكىگە تېخىمۇ ئوڭاي ئېرىشتۈرىدۇ، ھالبۇكى ئۇچۇر جەمئىيىتىدە، ئۇچۇر ئەۋزەللىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئېرىشىشكە ياردەم بېرىدۇ،  ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەشمەيدىغان دۆلەتلەر بولسا پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئىنگلىز تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ئىنگلىز تىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ،  تىل ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىمەكتە ۋە كېڭەيتمەكتە، بەلكى  چەتكە تاۋار ۋە كاپىتال چىقىرىش ئارقىلىق پايدىنى ئەڭ زور دەرىجىگە يەتكۈزگەنگە ئوخشاش، چەتكە قارىتىلغان ئىنگلىز تىلى ئوقۇتۇشىنى پۇل تېپىش كەسپىگە ئايلاندۇرماقتا.  ئامېرىكا تىل ئەۋزەللىكى ۋە ھوللىۋودنىڭ فىلىملىرى، مودا  ناخشىلىرى، يېمەكلىك، ئىچىملىك، گىرىم بۇيۇملىرى، كىيىم-كېچەكلىرىدىن پايدىلىنىپ،  ئامېرىكىنىڭ ھەممىباب مەدەنىيىتى، تۇرمۇش شەكلى، قىممەت قارىشى، ھەتتا پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى چەتكە چىقىرىپ، پۈتۈن دۇنيانى «غەربلەشتۈرۈش»كە ۋە «ئامېرىكالاشتۈرۈش»قا ئۇرۇنماقتا؛ ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، تېخنىكا جەھەتتە  تەڭداشسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن يەرشارىدا ئامېرىكىنىڭ «مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى باش يېتەكچىلىك ئورنىنى  ئۇزاققىچە مۇقىم ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتىدۇ. ھازىر ئىنگلىز تىلىنىڭ تارقىلىشى مىسلىسىز كەڭلىككە يېتىپ، بىر خىل مىسلىسىز كۈچكە ئىگە بولدى. خەلقئارا ئىشلاردا،  ئىنگلىزتىلى باشقا تىللارنى كۈندىن-كۈنگە «چەتكە قاقماقتا»؛ ئىنگلىز تىلىدا  سۆزلىشەلمەيدىغان نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىدا، ھەتتا كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ ئىنگلىز تىلى يەرلىك تىللارنى «بېسىش»قا باشلىدى. بەزى ئالىملارنىڭ ئىنگلىز تىلىنى «تىل قاتىلى» دەپ، ئىنگلىز تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى  زورلۇق-زومبۇلۇق قىلمىشلارنى «تىل جاھانگىرلىكى» دەپ ئاتىشىدا چوڭقۇر مەنا بار.
    لېكىن، تىل زوراۋانلىقى ئەۋج ئالغان چاغدا، «بېسىمغا ئۇچرىغان» تىللار مۇقەررەر ھالدا قارشىلىق كۆرسىتىپ، تىل توقۇنۇشىدىن خالىي بولغىلى بولمايدۇ. تىل  توقۇنۇشىدا ئىنگلىز تىلى كۈچلۈك ئورۇندا تۇرماقتا. بەزىلەر ھەتتا ئاجىز تىللارنى «ئاۋارىچىلىق پەيدا قىلىپ، تىنچلىقنى بۇزدى، ئىرقىي زوراۋانلىق ۋە بۆلگۈنچىلىكنى  قۇتراتتى» دەپ ئەيىبلەپ، ئۇنى بېسىۋاتىدۇ. باشقا تىللار قىيىن ۋە ئاجىز ئورۇندا تۇرماقتا. ئەگەر ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەشمەيدىغان دۆلەتلەر ئۆز تىلىنىڭ چىرىتىلىشى ۋە يوقۇلۇشىغا يول قويىدىغان بولسا، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىدىنمۇ ئايرىلىپ، مەدەنىيەت جەھەتتە مەڭگۈ باشقىلارنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالىدۇ. بىرخىل مىللىي تىلنىڭ يوقالغانلىقى شۇ مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنىڭمۇ شۇنىڭ بىلەن  بىللە يوقالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، قەدىمكى زاماندىمۇ، ھازىرقى زاماندىمۇ، جۇڭگودىمۇ، چەت ئەللەردىمۇ بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس. ھەرقانداق بىر مىللەت چەتتىن كەلگەن مەدەنىيەت ھۆكۈمرانلىقى ۋە سىياسىي قۇللۇقنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل  قىلمايدۇ. ئۇلار ئۆز ئانا تىلىنىلا كۈچىنىڭ بارىچە قوغداپ، ئىنگلىز تىلىنىڭ «بېسىشى»غا قارشى تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى قوغداشتىكى قەتئىي مەيدانىنى ئالدى بىلەن تىلغا بولغان مۇھەببەت بەلگىلەيدۇ. بىرخىل ئورتاق تىل گەۋدىسى ئەۋلاد مۇئەۋلاد ئورتاق تۇرمۇش كەچۈرۈپ، بىر خىل ئالاقە قورالىنى ئورتاق قوللىنىپ،  ئۆز ئورتاق تىلىغا نىسبەتەن چوڭقۇر مۇھەببەت شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ - ۋاز كېچىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر خىل كۈچلۈك مۇھەببەت. فىرانسىيە يازغۇچىسى دوۋدنىڭ «ئاخىرقى دەرس» دېگەن ھېكايىسىدا فىرانسوز تىلىغا بولغان مۇھەببەت - ئانا  تىلغا بولغان رىشتە ۋە چىن مۇھەببەت ھەقىقىي ئىپادىلەنگەن. تىل بىر ئورتاق گەۋدىنىڭ رېئال پىسخىك، مەدەنىيەت ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئاشۇ ئورتاق گەۋدە ئۈچۈن ئورتاق بولغان تارىخىي كەچۈرمىش ۋە مەدەنىيەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، بارلىق ئەزالاردا بىر خىل كۈچلۈك مەدەنىيەت چۈشەنچىسى ھاسىل قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى پۈتۈن كۈچى  بىلەن قوغدايدىغان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تىل توقۇنۇشى كۆپ ھاللاردا يالغۇز تىلغا بولغان مۇھەببەت مەسىلىسىلا بولماستىن، ئۇ كۆپ ھاللاردا تېخىمۇ چوڭقۇر مىللىي مەسىلە ۋە ئىجتىمائىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي مەسىلىگە بېرىپ تاقىلىدۇ.
    ھازىرقى كۈندە، ئىنگلىز تىلى ئاساسەن يەرشارى تىلىغا ئايلاندى، ئىنگلىز تىلىدا سۆزلەشمەيدىغان دۆلەتلەر مىللىي تىل، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ تەھدىتىگە  دۇچ كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا. لېكىن نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭ تاللىشى ئىنتايىن قىيىن: «تىل بۇلغىنىشى»غا قارشى تۇرۇش لازىم، شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، ئىنگلىز تىلىنىڭ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلمايمۇ بولمايدۇ، شۇڭلاشقا دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش، «چەتلىشىپ كېتىش»تىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەم تەدبىر قوللىنىپ ئانا تىلنىڭ ساپلىقىنى قوغداش، ھەم مەملىكەت ئىچىدىكى ئىنگلىز تىلى مائارىپىنى كېڭەيتىش لازىم.  ھەممىگە ئايانكى، فىرانسوزلار ئۇزاقتىن بۇيان ئىنگلىز تىلىنىڭ «سىڭىپ كىرىشى»دىن قاتتىق تەشۋىشلىنىپ، ئۇنى توسۇش ئۈچۈن بەزى قاتتىق بەلگىلىمىلەرنى تۈزگەن.  فىرانسىيە ھۆكۈمىتى فىرانسىيەدە ئىنگلىز تىلىدا ئېلان چىقىرىشنى مەنئى قىلغان،  فىرانسىيەدە قويۇلىدىغان ئىنگلىز تىلىدىكى فىلىملەرنىڭ سانىنى تىزگىنلىگەن. فىرانسۇز تىلىنى بۇلغىنىشتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مەدەنىيەت مىنىستىرى فىرانسۇز  تىلىنىڭ ساپلىقىنى قوغداشقا، فىرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىنگلىز تىلىدىن فىرانسوز تىلىغا كىرگەن يېڭى سۆزلۈكلەرنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان. ئەمما فىرانسىيەدىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنگلىز تىلى دەرسىنى تېخىمۇ بۇرۇنراق  قوبۇل قىلىىشىنى تەۋسىيە قىلىشقا باشلىغان. گېرمانلار ئۆز ئالىملىرىنىڭ  ئاساسلىقى ئىنگلىز تىلىدا ماقالە ۋە ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغانلىقىنى ھەيرانلىق بىلەن بايقىغان چاغدا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىمۇ كۆپلەپ مەبلەغ سەرپ قىلىپ، نېمىس تىلىنىڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولغان.
    ئەمەلىيەتتە، دۇنياۋىلىشىش بىلەن ياندىشىپ مېڭىۋاتقان يەنە بىر خىل يۈزلىنىش شۇكى، رايونلىشىشمۇ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلماقتا. كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىۋاتقان  رايون خاراكتېرلىك سودا، ساياھەت، دىن تارقىتىش، ئىرقتىن ھالقىپ نىكاھلىنىش، ئاھالىلەرنىڭ كۆچۈشى رايون خاراكتېرلىك تىل تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە،  بەزىلىرى كېڭىيىپ خېلى زور دەرىجىگە بېرىپ يەتتى. مەسىلەن، خەنزۇ ئورتاق تىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ؛ ئەرەب تىلىمۇ ئىسلام دىنى تىلى  بولۇش، شۇنداقلا رايون خاراكتېرلىك سودىدىكى مۇھىم تىل بولۇش سۈپىتى بىلەن شىمالىي ئافرىقا ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كەڭ تارقىلىۋاتىدۇ؛ ئىسپان تىلى  ئامېرىكا قىتئەسىدە تارقىلىۋاتىدۇ؛ فىرانسۇز تىلىنىڭ فىرانسىيەنىڭ ئەسلىدىكى مۇستەملىكىلىرىدىكى قوللىنىش دائىرىسى گەرچە ئۇنىڭ مۇستەملىكە تەسىر كۈچى يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەن مەزگىلىدىكىگە قارىغاندا ئاستىلىغان بولسىمۇ، لېكىن داۋاملىق كېڭەيمەكتە. رايون خاراكتېرلىك تىللارنىڭ تارقىلىشى، مەلۇم مەنىدە ئېيتقاندا،  بەزى تەشكىلات ۋە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. فىرانسىيە ھەر يىلى نەچچە مىليارد فىرانك سەرپ قىلىپ، فىرانسۇز تىلىدا ئېچىلغان يىغىنلارغا ۋە فىرانسۇز تىلىدىكى مەكتەپلەرگە ياردەم بەرگەن، فىرانسۇز تىلىدىكى ئاخبارات  ۋاسىتىلىرىنىڭ فىرانسىيە مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىشىنى قوللىغان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى نېمىس تىلىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، چەت ئەللەردىكى 78 گورد  تەتقىقات تۈرىگە ياردەم بەرگەن، نېمىس تىلى دەرسلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا، نېمىس تىلىدىكى درامىلارغا، سەنئەت كۆرگەزمىلىرىنى ۋە كىنو ھەپتىلىكلىرىنى ئۆتكۈزۈشكە ياردەم بەرگەن. يېقىن كەلگۈسىدە، رايون خاراكتېرلىك تىللارنىڭ مۇھىملىقى داۋاملىق كۈچىيىشى مۇمكىن.
    ئىنگلىز تىلى ۋە رايون خاراكتېرلىك تىللارنىڭ قوش بېسىمى ئاستىدا، كىچىكرەك  تىل ئورتاق گەۋدىلىرىنىڭ ھالى تېخىمۇ قىيىنلاشماقتا. ئۇلار يەرلىك ئالاھىدىلىكنى زور كۈچ بىلەن تەكىتلەپ، ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ، كۈچلۈك  تىللارنىڭ زىيانكەشلىك قىلىش دەرىجىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن چەكلىمەكتە. مەسىلەن، ئالياسكا ۋە ئامېرىكىنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىندىئان مەھەلىلىرى ئىنتېرنېتتا مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز مىللىي تىلىنى ياش ئەۋلادلارغا قالدۇرۇشقا تىرىشقان. بەزى كىچىك تىل ئورتاق گەۋدىلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، ئۆز تىلىدا  مەلۇم دەرىجىدە گۈللىنىش بارلىققا كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا، يەرلىك تىلنى قوللانغۇچىلارمۇ كۆپ تىللىق بولۇش ئىقتىدارىغا ئېرىشىپ، رايونلىشىش ۋە دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن ئوخشاش بولمىغان سورۇنلاردا ئوخشاش بولمىغان تىللارنى قوللىنىشقا باشلىغان. بىراق، بىرمۇنچە يەرلىك تىللار، مەسىلەن، ئافرىقىدىكى بەزى تىللار كۈندىن-كۈنگە زاۋاللىققا يۈز تۇتماقتا، بەزى تىللار 21-ئەسىردە يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە.
    ئىنگلىز تىلىنىڭ كۈچلۈك ئورنى داۋاملىق كۈچىيىۋاتىدۇ، رايون خاراكتېرلىك بەزى تىللاردا داۋاملىق كېڭىيىش ھالىتى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، يەنە بەزى تىللار يوقىلىش مۇساپىسىدە كېتىۋاتىدۇ. تىل زوراۋانلىقى دۇنيادىكى تىلنىڭ كۆپ خىللىقى، مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىغا ئېغىر تەھلىكە پەيدا قىلماقتا.  مانا بۇ - ھازىرقى تىل  دۇنياسىدىكى رېئاللىق. كىشىلەر «ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان  مىللەتنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، ئىدېئولوگىيەسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىختىلاپلاردىن ھالقىپ، زامان، ماكان ۋە ئىرق، رايون چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ يەر شارى  مەدەنىيەتىنى شەكىللەندۈرۈش»نى تەكىتلەۋاتقان چاغدا، «تىل زوراۋانلىقى»دىن ئىبارەت رېئاللىققا نىسبەتەن كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىش پوزىتسىيەسىنى  تۇتۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. كۈندىن-كۈنگە يەرشارىلىشىۋاتقان ھازىرقى دۇنيادا،  ھەرقانداق مىللەتنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىپ تېز تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن ئەمەس،  «ئىشىكنى تاقىۋېلىش، ئالغا باسماي بىر ئىزدا توختاپ قېلىش، ھالىغا باقماي  ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش» بىلەن تەرەققىي قىلغىلى بولمايدۇ» ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل جەھەتتىكى ئۇچرىشىشى تىلنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى، مەدەنىيەتنىڭ  ئالماشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى ئىنسانىيەتنىڭ بارلىق ئىلغار مەدەنىيەت نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. جۇڭگو  يەر شارىلىشىش جەريانىغا پۈتۈنلەي كىرىشى لازىم، ئەمما «تىل جاھانگىرلىكى» ۋە «مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى»نىڭ زىيىنىغا ئۇچراشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مېڭىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز، نەزەرىيە ۋە تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى ئۈستىدە چوڭقۇر  تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، «سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشىمىز»  لازىم.

    تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇكېرىم مامۇت
    (ج ك پ مەركىزىي پارتىيەمەكتىپى «نەزەرىيە ئالدىنقى سېپى» ژۇرنىلىنىڭ 2000-يىل 10-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى)
    *************
    مەنبە: http://bbs.bagdax.cn/read.php?tid=12645
    *************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: