版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/220685693.html

    ئىسلامىي جامائەتلەر ۋە يېڭىلىنىش


    تۇران قىشلاقچى
    ئۇيغۇرئونلاين.نت ئۈچۈن تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئا.قارلۇقىي



    زامانىۋىي دەۋرلەردە شەكىللەنگەن ئىسلام تەپەككۇرى ۋە بۇنىڭدىن ئاپىرىدە بولغان دىنىي جامائەتلەر، گۇرۇپپىلار ياكى تەرىقەتلەر ئۆزلىرىنى قايتىدىن يېڭىلاشلىرى لازىم. چۈنكى ئىسلامىي خەلىپىلىككە ۋاكالىتەن مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە توپلاپ تۇرغان ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە، 19- ۋە 20-ئەسىردە ئوتتۇرىغا چىققان جامائەتلەر ۋە گۇرۇپپىلار ئۆزلىرى ئاپىرىدە بولغان دەۋرنىڭ ئىزنالىرى ۋە خاراكتېرلىرىنى ھېلىھەم داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
    دىنىي جامائەتلەر ئوتتۇرىغا چىققان مەزگىللەردە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك دىنىي رەھبەرلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئازاتلىق كۈرەشلىرى داۋاملىشىۋاتاتتى. مەزكۇر مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە ئەڭ چوڭ پىداكارلىقنى دىنىي رەھبەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ سېپىدىكى قەھرىمان ئىنسانلار  كۆرسەتكەنىدى. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن كېيىن، ئىسلام ئالەمى ناھايىتى چوڭقۇر بىر سۈكۈنات دەۋرىگە قەدەم باستى.
    مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن قايتىدىن ئۆزىگە كېلىش دەۋرىگە كىرگەن دىنىي رەھبەرلەر تەشكىللىگەن جامائەتلەر، دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققاندا «مۇسۇلمان جەمئىيەت»، «ئۈممەتنىڭ بىرلىكى» ۋە «ئىسلامىي دۆلەت» ئوقۇملىرىنى ئاساسلىق خىزمەت جەدۋىلى ھالىغا كەلتۈردى. بۇ مەزگىلدە، ئوتتۇرىغا چىققان خېلى كۆپ دۆلەت، مىللىي دۆلەت بولۇپ شەكىللەنمەكتە ۋە سۈرئەت بىلەن غەربكە قاراپ ئاقماقتا ئىدى.
    لېكىن، بىر ئەسىر ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەن بولۇشىغا قارىماي جامائەتلەر ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان دۆلەت ۋە جەمئىيەتلەرنى شەكىللەندۈرەلمىدى، كېيىنكى يىللاردا پاكىستان، لىۋىيە، ئىران ۋە سۇداندا قىسمەن بولسىمۇ ئارمانلىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، تەسەۋۋۇرلىرىدا شەكىللەندۈرگەن «ئەسىرى سائادەت» مودېلىنى يارىتالمىدى.
    ئوسمان ئىمپېرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ۋە مىللىي دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش پەيتلىرىدە مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلار ئاساسەن دېگۈدەك سىرتقا قارشى نەپسى مۇداپىئە (ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىش) كۈرىشى ئېلىپ باردى. بۇ مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ مۇداپىئە روھى ئۆزلەشتۈرۈلدى ۋە دىنىي خىتابلارنىمۇ تەسىرى ئاستىغا ئالدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنمۇ دۇنيانى سورغان سوتسىيالىست ۋە كاپالىست لاگىرلار ئىسلام دۇنياسىنى ئوڭ ۋە سول قۇتۇبلارغا ئايرىدى. مىللىي دۆلەت ۋە مۇداپىئە روھىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دىنىي خىتاب سوغۇق ئۇرۇش مەزگىلىدە ئوڭچى ۋە سولچى تەبىرلىرىنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىردى.
    مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇش مەزگىللىرىگە قەدەر ئىسلام دۇنياسىدا ئىلىم ئەھلى كىشىلەر جامەئەتلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت بولسا، 60-يىللاردىن كېيىن غەربتە تەلىم – تەربىيە ئالغان ياكى ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتتە دىندىن تاشقىرى ھاكىمىيەت سىستېمىسى (سكۇلارىزم) نىڭ تەلىم – تەربىيە باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەدەبىي ۋە تېخنىكىلىق تەرىپى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيدىغان كىشىلەرنىڭ جامائەتلەرگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى بارغانچە كۈچلەندى. ئافغانىستان جىھادى ۋە ئىران ئىنقىلابىدىن كېيىن، يەنى 80-يىللاردا قايتىدىن سىلكىنگەن جامائەتلەر، مىللىي دۆلەت، سوغۇق ئۇرۇشنىڭ شۇئارۋاز قۇرۇلمىسى ۋە ئوڭ-سول ئوقۇملىرىغا بۇ قېتىم ئىنقىلابچىلىق مودىلىنى كىيگۈزدى. بىراق نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ناھايىتى ئېغىر تۇرغۇنلۇق ياكى تېخىمۇ توغرىراق بىر تەبىر بويىچە ئېيتقاندا، ۋاكۇئۇم دەۋرىنى باشتىن كەچۈرمەكتە.
    21- ئەسىرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، دۇنيادا ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكى كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدۇ. 19- ۋە 20-ئەسىرنىڭ پائال ئىدېئولوگىيىلىرى ئورۇنلىرىنى بىكارلىماقتا. پوست مودېرن دەۋر مودېرن دەۋرگە ئائىت بارلىق نەرسىلەرنى تاشلاپ، يېڭى ئەمما بىكىك بىر قۇرۇلما يارىتىشقا تىرىشىۋاتقان بىر پەيتتە، بارلىق ئوڭچى ۋە سولچى گۇرۇپپىلارغا ئوخشاشلا دىنىي جامائەتلەرمۇ رېئال ئەھۋاللارنى تەرىپلەشتە قېيىنچىلىقلارغا دۈچ كەلمەكتە.
    ئىسلامىي جامائەتلەر، تەرىقەتلەر، تەسەۋۋۇپ ئەھلى نۆۋەتتە ئۈچكە ئايرىلدى؛ بۇلار، بىرىنچىسى ئەنئەنىنى قارىغۇلارچە تەقىلىد قىلىپ، مەھكەم يېپىشۋالغانلار، ئىككىنچىسى پوست مودېرنىزمنىڭ تەسىرى ئۇچراپ ھەممە نەرسىگە مۇكەممەللىك كۆزى بىلەن قارايدىغانلار، ئۈچىنچىسى، دەرد تارتىۋاتقان، زۇلۇمغا ئۇچرىغانلاردىن ئىبارەت. لېكىن غەرب بولسا، بۇنىڭدىن بىخەۋەر ھالدا، دىندار كىشىلەرنى «مۆتىدىل» ۋە «رادىكال» دېگەندەك تۈرلەرگە ئايرىشنىڭ كويىدا. ئۇلار، ئوڭچىل قاراشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى «مۆتىدىل»، سولچىل قاراشلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنى «رادىكال»  دەپ ئاتاشماقتا.
    نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە تۇرۇپ ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، ئىسلامىي جامائەت ۋە تەرىقەتلەرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ زېھىنلىرىنى يېڭىلاشلىرى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىمىز. دەرۋەقە، ئۆتكەن ئىككى ئەسىرنىڭ جاھالەت تومانلىرىدىن قۇرتۇلۇش ئۈچۈن جىددى شەكىلدە بىر ئېپىستېمولوگىيىلىك (بىلىش نەزىرىيىسى – ت) يېڭىلىنىشقا ئېھتىياجىمىز بار. بۇمۇ يەر شارىلاشقان دەۋردە ئىسلامنى قايتىدىن ۋە توغرا نۇقتىدا تۇرۇپ چۈشۈنىشىمىزگە زېمىن ھازىرلاپ بېرىدۇ.
    مۇسۇلمانلار، قانداق بىر دۇنيا بىلەن قارشىلىشىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىشى ۋە يېڭى بىر ھەرىكەت فىقھىنسىنى ‹دىنىي مەنبەلەرنىڭ نۇرى› ئاستىدا قايتىدىن شەكىللەندۈرۈشلىرى لازىم. بۇنىڭدىن باشقا ئۆز ئۇقۇملىرىمىزغا نەزەر ئىتىبارىمىزنى ئاغدۇرۇپ، ئۇلارنى شۇئارۋاز سۆزلەر بىلەن ئەمەس، ئىلمىي ئاساسلار بىلەن بېيىتىشىمىز كېرەك. ئارقىدىن پوست مودېرن دەۋرىدە ۋە چوڭ شەھەرلەردە ھاياتنىڭ قانداق قۇرۇلۇشى كېرەكلىكى ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىمىز، ھەقىقەتنى رەت قىلغان پوست مودېرن دەۋرگە ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشىمىز لازىم. ھەقىقەت يوق يەردە ھەممە نەرسە مەۋھۇملۇققا يۈزلىنىدۇ. ھاياتقا، توغرا-خاتاغا، ھالال ۋە ھارامغا ئائىت بىر سۆزىمىز بولۇشى كېرەك.
    تەبىئەتتە ئۆزگىرىشچان نەرسىلەر بولغىنىدەك ئۆزگەرمەيدىغان نەرسىلەرمۇ بار، گويا مۇھكەم ۋە مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئوخشاش... ئۆتمۈشتە ئۆلىمالار ئولتۇرغان مۇنبەر ئۆزگەرمەيتتى. ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياغا نەزەر تاشلايتتى. بۈگۈننىڭ ئەدەبىياتچى، ئىنژېنېر ۋە سىياسەتچى مۇسۇلمانلىرى ئۆزگىرىشچان نەرسىلەر ئۈستىگە بەرپا قىلغان ئايلانما ئورۇندۇقلىرى بىلەن ئۆزگەرمەس نەرسىلەرگىلا نەزەر تاشلايدۇ. نەتىجىدە زىيان سېلىۋاتقان ياكى يىلتىزىغا پالتا سېلىۋاتقان ئىشنى پەقەتلا ھېس قىلمايدۇ ياكى قىلالمايدۇ.
    قىسقىسى، ئىسلامىي جامائەتلەر ماكان، زامان ۋە ئەشيانى قايتىدىن تەرىپلىشى لازىم. شۇنىسى ئىنىقكى بۇ ھەقتە، «قۇرئانى كەرىم» ۋە «سۈننەت» نۇرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر پىكرى پائالىيەت بىزلەرنى قەبىلىۋاز، ئىرقچىل ۋە جاھىلىيەتكە مەنسۇپ بارلىق توسالغۇلاردىن قۇتۇلدۇرغىنىدەك، ئالەملەرگىمۇ بىر ‹رەھمەت› بولۇپ قايتىدۇ.
    ھاسىل كالام، دىنىي جامائەتلەرنىڭ قايتىدىن ئۆزلىرىنى يېڭىلىشى كېرەكلىكى ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان بىر رېئاللىق. بۇ خاتا ‹ۋەقىف› چۈشەنچىمىز بىلەن تۈزۈلۈپ كېتىدىغان بىر ئىش ئەمەس. جامائەتلىرىمىز، دەسلەپتە بىر ‹ۋەقىف›، ‹جەمئىيەت› ۋە ‹ئىجتىمائىي تەشكىلات› ئەمەسلىكلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلىشلىرى كېرەك. جامائەت بۇلاردىن ناھايىتى يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدىغان بىر نەرسە... شۇنداق تولىمۇ يۈكسەك ئورۇندا...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    turankislakci@timeturk.com
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://uyghuronline.net/2011/05/18/20.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: