版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/220685258.html

    ئوتتۇرا شەرق قايتىدىن شەكىللەنمەكتە


    تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى(31.07.2012) ماقالىسى:
    ئوتتۇرا شەرقتە ئۆتمۈشكە نەزەر تاشلاش
    ئوتتۇرا شەرقتىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىش دولقۇنى، «ئەرەب باھارى» ئاتالغۇسىدىكى ئۇقۇمىنىڭ دەل ئەكسىچە داۋاملاشماقتا. ئىراق، لىۋان، پەلەستىن ۋە قىسمەن باشقا دۆلەتلەردە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان قان ۋە كۆز يېشى مەنزىرىسىگە نۆۋەتتە سۈرىيە كىرىزىسى ئىلاۋە قىلىندى. بۇنىڭغا ئەرەب باھارى بىر قەدەر تىنچ مۇھىت ئىچىدە ئۆتكەن ئەمما ھازىرغىچە مۇقىملىق ئىشقا ئاشۇرۇلالمىغان مىسىر، يەمەن ۋە لىۋىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ ئىلاۋە قىلىشىمىز مۇمكىن. بۇ مەنزىرىنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى بولسا، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى دۆلەت سىستېمىسىنىڭ گۇمران بولۇشى ۋە ئورنىغا قانۇنلۇق، مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك ھاكىمىيەتلەرنىڭ تېخىچە شەكىللىنەلمەسلىكىدۇر. يېقىن كەلگۈسىگە قارىتا ھېچقانداق يىپ ئۇچى بولمىغىنىدەك، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىغا قارىتا ئىشارەتلەر بار.
    مەزكۇر سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوتتۇرا شەرق تېرروتېرىيەسى ۋە خەلقلىرى ناھايىتى مۇرەككەپ بىر خىل قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قالدى. شۇنى ئالاھىدە تەكىتلەش كېرەككى، ئوتتۇرا شەرق رايونى بۇنىڭدىن 100 يىل ئىلگىرىمۇ ئەنە شۇنداق بىر خىل باسقۇچنى باشتىن كەچۈرگەنىدى. ئوتتۇرا شەرق رايونى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى دەۋرىدىن كېيىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ھالدا شەكىللەندۈرۈلگەنىدى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ كونتروللىقىدا سۈننىي دۆلەتلەر قۇرۇلغان، چېگرا لىنىيەلىرى بەلگىلەپ چىقىلغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن بەلگىلەپ چىقىلغانىدى. خەلقئارالىق ۋە رايونلۇق كۈچلەر ھاكىممۇتلەق دۆلەتلەرنى كونترول قىلىۋالغانىدى. دۆلەتلەر ۋە ئىدىئولوگىيەلەر، يېڭى ئۇلۇس يارىتىش ئارقىلىق كىشىلەرنى ئاسسىمىلاتسىيەلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنغانىدى. كۆپ ساندىكى ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە، تۈرلۈك مەزھەپلەرگە ۋە پەرقلىق ئىدىئولوگىيەلەر ۋە خاراكتېرلارغا ئىگە ئېتنىك ۋە دىنى گۇرۇپپىلار ، دۆلەتلەرنىڭ سىياسەتلىرىگە كۆرە بىرخىللاشتۇرۇلۇشقا ئۇرۇنۇلغانىدى.
    بۇ دۆلەتلەر، ئىچكى سىياسەتتە خەلققە قاتتىق قوللۇق سىياسىتى يۈرگۈزۈش ئارقىلىق ھاكىمىيەت قۇرۇشقا، دىپلوماتىيە سىياسىتىدىمۇ خەلقئارالىق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋەياكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلەش ۋە بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىرىشقانىدى. ئەنە شۇنداق شەكىللەنگەن دۆلەتلەر سىستېمىسى، سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە قىسمەن ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز پېتى قالغانىدى. بۇ باسقۇچ، دىكتاتورلارنىڭ ۋە ئۇلارنى قوللىغان خەلقئارالىق ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەرنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا ئىلگىرىلىگەن، ئەمما خەلقلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان، ياكى ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى.
    ئەلۋەتتە بۇ ھەرگىزمۇ، خەلقلەر ۋەياكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار «ھېچقانداق ھوقۇققا ئىگە ئەمەس ئىدى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ. چۈنكى 20-ئەسىر مابەينىدە پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق رايونىدا تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك خەلق ھەرىكەتلىرى بار ئىدى. ئالايلۇق مەزكۇر دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھەمىشە ناھايىتى ئاكتىپ ئىدى، بىراق ، ئىراننىڭ سىرتىدىكى مۇسۇلمان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمەي، سىياسەتكە ئىشتىراك قىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغانىدى. بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان سەۋەبلىرى بار بولۇپ، بۇ سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى ئالدى بىلەن مۇسۇلمان ئۆكتىچى گۇرۇپپىلار ۋە پارتىيەلەرنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە تەشكىللىنەلمەسلىكى ۋە كۈچلۈك بولالماسلىقى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق بېسىم ئاستىدا ئۆز كۈچىنى ساقلاپ قالالماسلىقىدۇر.
    سوغۇق ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر، يەر شارىلىشىش دولقۇنى ۋە ناھايەت ئەرەب باھارى ئىنقىلابلىرى، 20-ئەسىردە قۇرۇلغان دۆلەت سىستېمىسىنى پاچاقلاپ تاشلىدى. 20-ئەسىردە قۇرۇلغان سىستېما ۋە قۇرۇلما نىشانغا يېتەلمەستىن مەغلۇب بولدى. ئىراق، لىۋىيە، پەلەستىن، مىسىر، لىۋان، يەمەن ۋە نۆۋەتتە سۈرىيەدە مەيدانغا كېلىۋاتقان ئۆزگىرىشلەر بۇنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى، ئەلۋەتتە.
    بۇنىڭغا تۈركىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ ئىلاۋە قىلىش مۇمكىن. بىراق بۇ دۆلەتلەر ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى تۈپەيلى، ئالدىنقىلىرىغا كۆرە تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بولسا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنى مەركەز قىلغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى، بۇ دۆلەتلەرنى باشقىلىرىدىن ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلماقتا. بۇ دۆلەتلەردە دۆلەت سىستېمىسى ھازىرمۇ كۈچلۈك ھالدا داۋاملاشماقتا. بىراق بۇ، ھەرگىزمۇ مەزكۇر دۆلەتلەر بۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن مۇقىمسىزلىق ۋە ھاكىمىيەت ئالمىشىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ دېگەن ئۇقۇمنى بىلدۈرمەيدۇ. مەسىلەن. ئىراق، لىۋان ۋە نۆۋەتتە سۈرىيەدىكى داۋالغۇش مەزكۇر دۆلەتلەرگە تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسمەن دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى مەنپەئەتلىرىنىڭ ناھايىتى كۆپ بولۇشى، قىسمەن دۇنياۋى ۋە رايونلۇق كۈچ تەڭپۇقلۇقلىرىدىكى ئورنى تۈپەيلى، رايوندىكى ھەر بىر ئۆزگىرىش مەزكۇر دۆلەتلەرنى داۋالغۇشنىڭ ئىچىگە سۆرەپ كىرمەكتە. قايسى سەۋەبتىن بولسا بولسۇن، تۈركىيە، ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان، بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەركىزىدىن ئورۇن ئالىدۇ. سۈرىيە بولسا بۇنىڭ ئەڭ روشەن دەلىلىدۇر.
    ھەم تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ھەمدە تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بارلىق كۈچلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق كۈنتەرتىپى، ئوتتۇرا شەرقتە يېڭى كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرى ۋە سىياسىتىنىڭ قانداق شەكىللىنىدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بۇ تەرىپى بىلەن، ئوتتۇرا شەرق خۇددى 20-ئەسىردىكىگە ئوخشاشلا قايتىدىن شەكىللەنمەكتە. بىراق بۇ شەكىللىنىش، 20-ەسىردىكىكىگە ئوخشىمايدىغان ئامىللار ۋە شەرتلەرگە كۆرە ئىشقا ئاشماقتا. تۆۋەندە مەن بۇلاردىن ئۈچى توغرۇلۇق توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
    بىرىنچىسى، بۈگۈنكى كۈندىكى ئوتتۇرا شەرق ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، رۇسىيە ۋە جۇڭگوغا ئوخشىغان ئادەتتىن تاشقىرى كۈچلەر تەرىپىدىن شەكىللەنمەكتە. بۇ كۈچلەر ئۆز ئالدىغا ئەمەس، باشقا يەرشارى خاراكتېرلىك ۋە رايونلۇق كۈچلەر بىلەن ھەمكارلىق ۋەياكى رىقابەت ھالىتىدە ھەرىكەت قىلماقتا.
    ئىككىنچىسى، رايوندىكى بۇ شەكىللىنىش، 20-ئەسىردىكىگە ئوخشاشلا ھاكىممۇتلەقلىق ۋە مەركەزلىك ھالدا ئەمەس، ئاممىۋى دىنامىكىلارغا ئاساسەن تەرەققىي قىلماقتا. جۈملىدىن يا ئەرەب باھارىدا كۆرۈلگىنىدەك قوزغىلاڭلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق، ياكى ئىراق، لىۋان ۋە نۆۋەتتە سۈرىيەدە ئوتتۇرىغا چىققىنىدەك ئېتنىك ۋە مەزھەپ خاراكتېرلىك ئىتتىپاقداشلىق ۋاستىسى ئارقىلىق، ۋەياكى تۈركىيەدىكىگە ئوخشاش دېموكراتىك باسقۇچلار ئارقىلىق ئىشقا ئاشماقتا. بۇ بولسا بۈگۈنكى كۈندىكى ھاكىمىيەت ئالمىشىشنىڭ قىيىن نۇقتىلىرىدىن بىرىدۇر.
    ئۈچىنچىسى، يېڭى ھۆكۈمەت مودېللىرى ۋە ھاكىمىيەتلەرگە ئېھتىياج باردۇر. بۇ ھاكىمىيەتلەرنىڭ قانداق قۇرۇلىدىغانلىقى بولسا تېخىچە ئېنىق ئەمەس. ئەمما ئېنىق بولغان بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ كىلاسسىك مىللەتچىلىك ۋە ئۇلۇس-دۆلەت مودېلىغا ئاساسلىنىدىغان بىر ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىش نۆۋەتتە كۈچكە ئىگە ئەمەس. بۇنىڭ ئورنىغا ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىدىغان كەڭ كۆلەملىك ۋە ھەممىنى باغرىغا باسىدىغان مىخانىزىملار ئارقىلىق تۈرلۈك ئاڭلارغا ئېھتىياج باردۇر. بارلىق گۇرۇپپىلارنى بىر يەرگە مۇجەسسەم قىلالايدىغان قىممەت ئۆلچەملىرى بىلەن ئورگانلارندىن پايدىلىنىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ قىممەت ئۆلچەملىرى ۋە ئورگانلار، غەرب مەنبەلىك دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئوخشىغان پىرىنسىپلارغا ئاساسلىنىش قاتارلىق رايوننىڭ مەدەنىي ۋە دىنىي قىممەت ئۆلچەملىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىلمەسلىكى كېرەك.
    خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، 21-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونى ۋە خەلقلىرىنىڭ، نۆۋەتتىكى داۋالغۇش ۋە مۇقىمسىزلىق گىردابىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يېڭى ۋە پەرقلىق مودېللارنى يارىتىشىغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى كونا مودېللار نۆۋەتتە ئىشقا يارىمايدۇ.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: