版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/220685183.html

    «سىياسەت پالەچلىكى» ۋە ئامىرىكا


    جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى(2012-08-02) ماقالىسى:
    «سىياسەت پالەچلىكى» دېگەن ئاتالغۇ ئامېرىكىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
    ئامېرىكا سىياسىتىنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك، لېكىن بۇ خىل ئىسلاھات ئۇنداق ئاسان قولغا كەلمەيدۇ، ھەتتا ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىدۇ. ئوخشاش بىر ئىچكى ئىتتىپاقلىق كەمچىل بولغان ۋاشىنگتون بىلەن ئالاقە قىلىش، ئوخشاش بىر ئىككى پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان ۋاشىنگتون بىلەن ئالاقە قىلىشقا قارىغاندا ئاسان ئەمەس.
    بىر قېتىملىق سايلام بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيە ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىپ، ئىتتىپاق، ئۈنۈملۈك ھۆكۈمەت قۇرۇش ساددىلىق بولۇشى مۇمكىن. «ۋول كوچىسى گېزىتى» يېقىندا ماقالە ئېلان قىلىپ: ۋاشىنگتوننىڭ قاتمال ئەھۋالىنىڭ بۇزۇپ تاشلىنىشىدىن چوڭ ئۈمىد كۈتمەسلىك كېرەك، دېدى. بۇ «بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك بولمىغان ۋاشىنگتون يەنە مۇشۇنداق كېتىۋېرىدىغانلىقىنى» كىشىلەرنىڭ سەمىگە سالامدۇ يوق؟
    نۆۋەتتە، ئامېرىكا سايلىمى ئەۋجىگە چىقتى. 100 كۈنگە بارمىغان ۋاقىتتا، ئوبامانىڭ ئۇدا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى ياكى رۇمىينىنىڭ تەختكە چىقىشى ئايان بولىدۇ. ماتېرىياللارغا قارىساق، ئامېرىكا تارىخىدا ئىشسىزلىق نىسبىتى %8تىن ئېشىپ كەتكەن، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش نىسبىتى %2تىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا تېخى ھېچقانداق بىر پىرېزىدېنت ئۇدا ۋەزىپەگە ئولتۇرۇپ باقمىغان.
    2008-يىلى ئوباما بىر قېتىم تارىخ ياراتقان، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئۇ يەنە تارىخ يارىتالامدۇ يوق؟
    سايلام پىلانىدىن قارىغاندا، تەخمىنەن 10 ئەتراپىدىكى «مۇقىمسىز ئىشتات»تىن باشقا ئامېرىكىدىكى 40قا يېقىن ئىشتات «قىزىل» ۋە «كۆك» ئىشتات دەپ ئىككىگە ئايرىلغان، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا دېموكراتىك پارتىيە ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ «بېلەت ئامبىرى»غا ئايلانغان، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى «يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېدى.
    ئىككى پارتىيەنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ئەنئەنىۋى ئەھمىيەتتىكى ئۆز ئارا تولۇقلاش روشەن ھالدا ئاجىزلاپ، چوڭ مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلىرى كۈچىيىپ، ئۆز ئارا ئورا كولايدىغان ئىشلار كۈنسېرى كۆپىيىپ، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك چوڭ مەسىلىلەردىكى تەدبىرىنىڭ تەستىقلىنىشىنى قىيىنغا چۈشۈپ قالدى. دۆلەت قەرزىگە چەك قويۇش، كۆچمەنلەر ئىسلاھاتى، باج تۈزۈمى ئىسلاھاتى، پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەدبىرى قاتارلىقلار تاختا بېشىغا ئېلىنىپ قويۇلدى ياكى تەسلىكتە يولغا قويۇلدى، شۇ سەۋەبلىك ئىككى پارتىيەنىڭ زىددىيىتىمۇ كۈچەيدى.
    فېدېراتسىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋىتىدىن قارىغاندا، ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ چوڭ تەدبىرلىرى دائىم يەرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، يېڭى ئېنېرگىيە، ياسىمىچىلىقنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى، مائارىپ ئىسلاھاتىدا دائىم فېدېراتسىيە بىر خىل، يەرلىك يەنە بىر خىل ھەرىكەت قوللىنىدۇ. ئىككى پارتىيەنىڭ ئېغىر ئىختىلاپلىرى ۋاشىنگتوننى تەدبىر چىقارمايدىغان قىلىپ قويدى، ھەتتا «سىياسەت پالەچلىكى» دېگەن ئاتالغۇ ئامېرىكىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
    نۆۋەتتىكى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىسى قىيىن، ئىجتىمائىي مەسىلىلىرى كۆپ، يىغىپ ئېيتقاندا ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىدە مەسىلە كۆرۈلدى. سىياسىي مەسىلە ھەل قىلىنمىسا، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز كۆرۈلىدۇ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىمۇ سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ.
    ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش، ھۆكۈمەت بىلەن پارلامېنتنى تىزگىنلەش، ئىككى پارتىيە سىياسىتى، فېدېراتسىيە تۈزۈمى، سىياسەتنى تۈزىتىش مېخانىزىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئامېرىكىنىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى، ئامېرىكا ئۇزۇندىن بېرى پەخىرلىنىدىغان ئەڭگۈشتەر ئىدى. ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ئاۋارىچىلىقى بولسا دەل سىياسەتتىكى مەسىلە. مەسىلىنىڭ تۈگۈنى بولسا، ئاتالمىش سىياسەتتىكى «قۇتۇپلىنىش» ھادىسىسى بىر چەككە يەتكەنلىكىدە، بۇنداق ئىككى قۇتۇپقا بۆلىنىشنىڭ ئىقتىسادىي قىينچىلىق مەزگىلىدىكى زەربىسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ.
    ئامېرىكا نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە كاپىتالىزىمنىڭ تۈزۈلمە، قۇرۇلما خاراكتېرىدىكى مەسىلىدىن ئىبارەت، بۇ ئۆتكەن 20 نەچچە يىل «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن ئالغان پايدا»دىن بەھرىلىنىپ، ئىستراتېگىيەنى كېڭەيتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا سەل قارىغانلىقنىڭ نەتىجىسى. بۇ قېتىمقى سايلام ماھىيەتتە كەلگۈسىدىكى ئامېرىكا تەرەققىيات يۆلىنىشىنىڭ تالاش-تارتىشىغا ئايلىنىپ قالدى، لېكىن سىياسىي ئىسراپچىلىقنى تولۇقلاپ، ئىككى پارتىيەنىڭ بىردەكلىكلىرىنى مۇجەسسەملەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىقتىسادنى قوزغىتىش، بىر قېتىملىق سايلام تاماملىيالايدىغان ۋەزىپە ئەمەس، شۇنداقلا كۈچلۈك ئادەمنى تاللاپ پىرېزىدېنت قىلسىلا ھەل قىلىنىدىغان ئىش ئەمەس.
    ۋاشىنگتون ئىسلاھقا مۇھتاج، لېكىن بۇنداق ئىسلاھنىڭ كېلىشى ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ھەتتا ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر خىل مۇمكىنچىلىق بار، ئۇ بولسىمۇ ئۇنداق كۈچلۈك بولمىغان، بەزىدە ئۆتكۈر قارشىلىشىش بولغان ۋاشىنگتون پەيدا بولىدۇ. ياپونىيەنىڭ داڭلىق ئىقتىسادشۇناسى ناكاتانى ئىلگىرى «ئامېرىكىچە بازار ئۇنىۋېرسال تەلىماتى» شۇنداقلا يېڭى لېبىرالىزىمغا ئېتىقاد قىلاتتى، ئۇ «كاپىتالىزىم نېمىشقا ئۆزىنى ۋەيران قىلىدۇ» ناملىق كىتابىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، ئامېرىكىنىڭ كۆپىك ئىقتىسادىنىڭ ۋەيران بولۇشىنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكا باشچىلىق قىلغان دۇنيا خاراكتېرلىك كاپىتالىزىمنىڭ يۆلىنىشىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، لېكىن يېڭى بىر چىقىش نۇقتىسى ۋە ھەل قىلىش يولىنى ئىزدەش ئۈچۈن ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.
    كىشىلەر يۇقىرىقى كۆز قاراشلارنى ئامېرىكىنىڭ چېكىنىۋاتقانلىقى بىلەن بىرلەشتۈرىۋالمىسىمۇ بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ داڭلىق مۇتەخەسسىسى يېسىف نەي بۇ يىلقى سايلامغا قارىتا مۇنداق دېدى: بىز تېخى كېيىنكى ئامېرىكا دۇنياسىغا قەدەم قويمىدۇق، لېكىن 20-ئەسەرنىڭ ئاخىرىدىكى ئامېرىكا دەۋرى ئۆتۈپ كەتتى. دۇنيا ۋاشىنگتوننىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇشۇنداق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تېخى كۆنەلمىدى. ئوخشاش بىر ئىچكى ئىتتىپاقلىق كەمچىل بولغان ۋاشىنگتون بىلەن ئالاقە قىلىش، ئوخشاش بىر ئىككى پارتىيەنىڭ ئىرادىسىنى ئۇيۇشتۇرالايدىغان ۋاشىنگتون بىلەن ئالاقە قىلىشقا قارىغاندا ئاسان ئەمەس.
    چوڭقۇرلاپ پىكىر قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، پەقەت ۋاشىنگتون تېخىمۇ كۈچلۈك بولالامدۇ يوق؟ يەنە ۋاشىنگتون بۇرۇنقىدەك كۈچلۈك بولالامدۇ يوق؟ دېگەن مەسىلە. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئامېرىكا، دۇنياغا نىسبەتەن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://www.uycnr.com/xwzx/lwsj/201208/t20120801_364612.html
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: