版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/153493059.html

    رامىزان ئېيى-قۇرئان ئېيىدۇر


    تۈركىيە ئاۋازى(02.09.2010) رادىيوسى:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رامىزان ئېيى-قۇرئان ئېيىدۇر» ناملىق مەخسۇس تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
    رامىزان ئېيى، «قۇرئانى كەرىم» نازىل قىلىنىشقا باشلىغان ئاي بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇسۇلمانلار ئارىسىدا رامىزان ئېيى «قۇرئانى كەرىم ئېيى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلار ھەر خىل ئىبادەتلەر بىلەن بىرگە، كۆپلەپ «قۇرئانى كەرىم»نى ئوقۇيدۇ. ھەتتا بىر ئاي ئىچىدە «قۇرئانى كەرىم»نى باشتىن ئاخىرىغىچە ئوقۇپ خەتىم قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. ئەگەر مەزكۇر ‹خەتىمى قۇرئان› بىر گۇرۇپپا كىشى تەرىپىدىن ئوقۇلسا، يەنى كوللېكتىپ ھالدا بىرى ئۈنلۈك ئوقۇپ، باشقىلار ئۇنىڭغا قۇلاق سالغان ھالدا ئىسلامنىڭ ‹مۇقابەلە› ئەنئەنىسىگە رېئايە قىلغان بولىدۇ.
    مۇقابەلە، سېلىشتۇرۇش، روبىرو قىلىش... دېگەندەك مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. ئىسلام مەدەنىيىتىدە مۇقابەلە ھەققىدە سۆز بولغاندا، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ رامىزان ئايلىرىدا «قۇرئانى كەرىم»نى تىڭشىتىپ ئوقۇشلىرى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ئوقۇش، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋاپاتىدىن ئىلگىرىكى رامىزان ئېيىدا ئىككى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى. بۇنداق ئوقۇشتىكى مەقسەت، ئەينى ۋاقىتتا تەكىتلەش رولىنى ئوينايدۇ. يەنى پەيغەمبىرىمىز، جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۆز ئارا بىر-بىرلىرىگە ئوقۇپ بەرگىنىدە، ئايەت ۋە سۈرىلەرنىڭ ئورۇنلىرىنى مۇقىملاشتۇرغان، شۇنداقلا سۆز ۋە ھەرپلەرنىڭ توغرا ئوقۇلۇشىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولاتتى. بۇ خىل ئوقۇش شەكىللىرىگە بىر خىل قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈش ۋە توغرا چۈشۈنۈپ يېتىش يولىدىكى تىرىشچانلىق، دەپ قاراشقا بولىدۇ. مەزكۇر ئادەت، ھازىرقى دەۋر مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىمۇ كەڭ ئومۇملاشقان بولۇپ، مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە.
    ھەر يىلى رامىزان ئېيى، بۇ ئىش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارغا بىباھا پۇرسەتلەرنى بېغىشلايدۇ. «قۇرئانى كەرىم»نى ئوقۇشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل ئىبادەتتۇر؛ «قۇرئانى كەرىم» ئۆيلەرنى نۇرغا پۇركەيدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام «ئۆيلىرىڭلارنى ناماز ئوقۇش ۋە قۇرئان ئوقۇش ئارقىلىق نۇرلاندۇرۇڭلار» دېگەن ۋە «قۇرئانى كەرىم» ئوقۇلمايدىغان ئۆيلەرنى ‹خارابە›لەرگە ئوخشاتقان. يەنە «كىشىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرئانى كەرىمنى ئوقۇشقا باشلاپ، ئۇنى ئاخىرلاشتۇرغان كىشىدۇر» دېيىش ئارقىلىق باشتىن ئاخىر ئوقۇشنىڭ، يەنى خەتمى قۇرئان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيقاندا «قۇرئانى كەرىم»نى ئوقۇش بىر ئىبادەتتۇر. شۇنىمۇ بىلىش كېرەككى، ئۇنى ئۆز تىلىمىزدا چۈشۈنۈپ ئوقۇش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىزدۇر. «قۇرئانى كەرىم»نى ئەرەبچىسىدىن ئوقۇغۇنىمىزدا گەرچە ئەرەبچە بىلىدىغان بولساقمۇ، ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرنى ئانا تىلىمىزدىكىگە ئوخشاش قۇلاي شەكىلدە چۈشىنەلمەسلىكىمىز مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇسۇلمانلار بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن جانابى ئاللاھنىڭ بىزلەرگە نېمىلەرنى بۇيرىغانلىقى، بايان قىلىپ بەرگەنلىكىنى، بىزلەردىن نېمىلەرنى كۈتىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى چۈشۈنۈپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، تەپسىرى تەرجىمىلەردىن پايدىلىنىشىمىز لازىم. ئىنسانلار چوقۇم ئەرەبچە ئەسلىسىدىن ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ۋە ئىبادەتنىڭمۇ بۇ شەكىلدە روياپقا چىقىدىغانلىقىنى بىلىدىغان بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇشقا دېگەندەك ئەھمىيەت بېرىپ كەتمەيدىغان بولۇشى مۇمكىن. بىراق مەنىسىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇشقا ئورۇنۇشمۇ جانابى ئاللاھنىڭ ئەمرى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئوخشاش دەرىجىدە ساۋاب ۋە ئىبادەت ھېسابلىنىدۇ، دېگەن مەنىنىمۇ ئىپادىلەيدۇ. جانابى ئاللاھ «قۇرئانى كەرىم»نى بىزنىڭ چۈشىنىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشىمىز ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىنى بىۋاسىتە ئۆزى بايان قىلىپ، زۇمەر سۈرىسىنىڭ 41-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: «شۈبھىسىزكى، بىز ساڭا كىتابنى ئىنسانلار ئۈچۈن ھەق بىلەن نازىل قىلدۇق، كىمكى ھىدايەت تاپىدىكەن، ئۆزى ئۈچۈن ھىدايەت تاپقان بولىدۇ، كىمكى ئازىدىكەن، ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن ئازغان بولىدۇ، سەن ئۇلارغا ھامىي ئەمەسسەن (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا زورلاشقا مۇئەككەل ئەمەسسەن).
    پايدىلىنىش ياكى پايدىلانماسلىق بىزگە قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشقا قارار قىلالىشىمىز ئۈچۈنمۇ، پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بىر جاۋابكارلىقنى ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز ئۈچۈنمۇ يەنە ئۇنى چۈشۈنۈپ ئوقۇشىمىز شەرت بولىدۇ. زامانىمىزدا مۇقابەلە ئەنئەنىسىگە بۇمۇ ئىلاۋە قىلىنغان بولۇپ، كىشىلەر «قۇرئانى كەرىم»نى ئەسلىسىنى ئوقۇپ خەتىم قىلىش بىلەن بىرگە، ئۆز تىلىدا تەرجىمىسىنى ئوقۇپمۇ خەتىم قىلىدىغان ئەھۋاللار پەيدا بولدى. پەيغەمبىرىمىز، «ئاللاھنىڭ كىتابىنى ئوقۇغان ۋە ئۇ ھەقتە مۇزاكىرە قىلغان خەلقنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنىڭ ئوراپ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە پەرىشتىلەرنىڭ مۇھاپىزەت قىلىدىغانلىقى»نى قەيت قىلىش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى «قۇرئانى كەرىم» نى ئوقۇش ۋە مەنىسىنى چۈشۈنۈشكە رىغبەتلەندۈرگەن.
    مۇقابەلە، پەقەت مەسچىت-جامەلەردىلا ئادا قىلىنىدىغان بىر ئىبادەت ئەمەس. كىشىلەر ئۆيلىرىدە يىغىلىپمۇ بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلىپ كەلمەكتە. ياكى يالغۇز خەتمى قۇرئان قىلماقچى بولغانلار ئەرگە رادىيو، تېلېۋىزور ۋە ئىنتېرنېتلاردا «قۇرئانى كەرىم» ئاڭلىتىشلىرى بولسا، ئۇنىڭدىن پايدىلانسا بولىدۇ. كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ياخشى ئوقۇيدىغان قارىلارنىڭ قىرائەتلىرىنى ئاڭلاش، قۇرئانغا قاراپ تىڭشاش ئارقىلىق بۇ ئىبادەتنى روياپقا چىقارماقتا. مەزكۇر ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ناھايىتى قىممەتلىك ئىشلار ھېسابلىنىدۇ.
    رامىزان ئېيىغا خاس ئىبادەتلەرنىڭ يەنە بىرى تەراۋىھ نامىزىدۇر. خۇپتەن نامىزىدىن كېيىن ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدۇر. پەيغەمبىرىمىز، ئەڭ كۆپ يىگىرمە رەكئەت ئوقۇلىدىغان تەراۋىھ نامىزىنى پەقەت بولمىغاندا سەككىز رەكئەت ئوقۇشىمىزنى بۇيرىغان. تەراۋىھ نامىزى كۆپىنچە ھاللاردا جامائەت بىلەن ئوقۇلىدىغان نامازدۇر. رامىزان ئېيى بويىچە ئىنسانلارنىڭ «قۇرئانى كەرىم» بىلەن ئۇچرىشىشلىرىنىڭ يەنە بىر پۇرسىتىنى يەنە تەراۋىھ نامىزى يارىتىپ بېرىدۇ. تەراۋىھ نامىزىدا قىرائەت قىلىش، يەنى «قۇرئانى كەرىم»نى ئوقۇش شەرت بولۇپ، تەراۋىھقا ئوخشاش ئۇزۇن ئوقۇلىدىغان بىر نامازدا كۆپىنچە ھاللاردا «قۇرئانى كەرىم» خەتمى قىلىنىدۇ. ھەتتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدىن تارتىپ «خەتىم بىلەن تەراۋىھ نامىزىنى ئوقۇش» ئادىتى داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تەراۋىھ نامىزى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك جامائەت بىلەن بىرلىكتە ئوقۇلىدىغان بولۇپ، جەمئىي 20 رەكئەتتۇر. ئىمام ھەر بىر رەكئەتتە بىر سەھىپە «قۇرئانى كەرىم» ئوقۇش ئارقىلىق تەراۋىھ نامىزى بويىچە يىگىرمە سەھىپىدىن تەشكىل تاپىدىغان بىر پارىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رامىزان ئاخىرلاشقاندا بولسا، 30 پارە «قۇرئانى كەرىم» تولۇق ئوقۇلۇپ، خەتىم قىلىنغان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىنىڭ بىر كېچىسى مەسچىتكە كەلگەن چېغىدا، مەسچىتنىڭ بىر بولۇڭىدا ناماز ئوقۇۋاتقان كىشىلەرگە ئىشارەت قىلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى سورايدۇ. ئەتراپىدىكىلەرنىڭ بىرى «بۇلار قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ بولالمىغان كىشىلەردۇر. ئۇبەي ئىبنى كەئب ئۇلارغا خەتىم نامىزى ئوقۇپ بېرىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋالدىن سۆيۈنگەن ھالدا، «توغرا قىلىشىپتۇ، قىلغان ئىشلىرى نېمە دېگەن گۈزەل-ھە!» دەيدۇ. شۇ چاغلاردا باشلىغان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەستىقىنى ئېلىپ، يۇقىرى باھا بېرىشىگە ئېرىشكەن مەزكۇر ئادەت ھازىرقى كۈنلەردە خۇسۇسەن چوڭ جامە ۋە مەسچىتلەردە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
    رامىزان ئېيى، ناھايىتى كۆپ نۇقتىدىن تەربىيە ئېلىشىمىز كېرەك بولغان بىر ئاي بولۇپ، قانداق تەربىيە ئالىدىغانلىقىمىزنى، قايسى ئىشلارنى قىلىپ، قايسى ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشىمىزنى تەكرار خاتىرىلەپ چىقىش ئۈچۈنمۇ ئاللاھنىڭ كىتابىغا مۇراجىئەت قىلىش ئەڭ ياخشى يولدۇر.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: