版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/155694229.html

    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ

    (بىر شائىرغا تەقلىت)

    نۇرمۇھەممەت ئېركى


    ۋەتىنىم مېنىڭ گۈزەل لالە باغ...
    بوغۇلغان بۇ كۈن مەندە باش ئاياغ،
    يۇرىگىم شۇڭا ۋولقانلىق بىر تاغ...
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    ئېيتسام، بېشىمدا سانسىز ئاپىتىم،
    ئاغرىپ باشلىنار دىل جاراھىتىم...
    دىمەي دىسەم يوق سەبرۇ-تاقىتىم،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    تىلىمدىن كورە كۇچلۇكرەك دىلىم،
    ئېيتالمىدى ھېچ دىلىمنى تىلىم...
    رازى قىلمىسام يېزىپ مەن ئېلىم،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    دوستۇم ھال سوراپ «يازمىدىڭ» دىدى،
    «ئەلھەمدۇلىللا، ئازمىدىڭ» دىدى!
    دىدىم: «يازمىغىم لازىم ھەم ئىدى»،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    بۇ كۇن راست ئۇچۇن چوڭ توسالغۇ تام،
    شېئىرىم كورمىدى ئوز ۋاقتىدا ئام...
    كوڭلۇم ئېچىنىپ شۇڭا سۇبھى-شام،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    ھەر خىل ناھەقلىق دەھشەت تۇنىدىن،
    دەۋزەختە قالغان دىخان كۇنىدىن...
    ئاچۇ-زارلىقنىڭ نالە ئۇنىدىن،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    تولغان كوچىغا خىلمۇ-خىل گادا...
    نان، ئىش، ئادالەت دىگەن بىر سادا.
    قانچە كۇيلىسەم بولمىغاي ئادا،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    خەلقىم كۇلپەتتە، ئېچىشار يۇرەك!
    قوزغاپ ئىدىئال، قىستايدۇ تىلەك...
    ئىشلىشىم كېرەك، يېزىشىم كېرەك...
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    كۇرەش ئۇستىدە شېئىرىم سەپمۇ-سەپ،
    يالماۋۇزلارغا ئوت ئېچىپ غەزەپ!
    ھامان دىگەندەك يازالمىدىم دەپ،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    ئەتراپىم قىلتاق...بىر توزاقتا مەن،
    گويا گوردىكى چوڭ سوراقتا مەن...
    بولۇپ مەن شائىر شۇنداق چاغدا مەن،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    ئاغزىم بوغاقلىق...ۋاقىرالمىسام!
    دەريادەك تېشىپ شاقىرالمىسام...
    كومۇپ تۇرماقتا، پاقىرالمىسام...
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ

    يازسام يازغۇدەك ماغدۇرۇممۇ بار،
    پۇتۇم پاتمايدۇ، يولۇم شۇنچە تار...
    بۇلبۇل سايرىماس يوق ئىكەن باھار،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    قىلىچ بېشىمدا ھەقنى ھەق دىدىم،
    نېسى قويمىدىم، گەپنى نەق دىدىم،
    ھەق سوز تىڭلاۋچى كېلەر ۋەخ دىدىم،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    تاشنى ئويغىتىپ ئادەم قىلمىسام،
    ياۋغا ئالەمنى مالەم قىلمىسام...
    ئالەمنى ئوبدان ئالەم قىلمىسام،
    يازسام داغدا مەن، يازمىساممۇ داغ.

    گېپىمدىن تولا ئىشىم بولسا دەپ،
    ئىشىم بىلەن ياز قىشىم بولسا دەپ،
    گېپىمنى ئاڭلار كىشىم بولسا دەپ...
    يازسام داغدا مەن يازمىساممۇ داغ.

    1968-يىل نۇيابىر، قەشقەر.

    (شائىرنىڭ «بۇلبۇل ۋە باھار» ناملىق توپلامىدىن «غازى ئوغلى» تەييارلاپ «يازغۇچىلار مۇنبىرى»گە يوللىغان.)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «غازى ئوغلى»نىڭ ئىزاھاتى:
    بۇ شىئېر مەرھۇم شائېر نۇرمۇھەممەت ئېركى ئۆزى 1968-يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ۋاقتىدا يازغان شىئېر ئوخشايدۇ. شۇڭا بۇ شىئېرنىڭ مەزمۇنىنى ھازىر تەھلىل قىلىش توغرا كەلمەيدۇ. لىكىن، ئوقۇپ بەھرىلىنىش ۋە ئۇلگە قىلىش ئۈچۈن يوللىدىم. تورداشلارنىڭ توغرا مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.(ئەسلىدىكى ئىملا بويىچە كۆچۈرۈلدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.xjzjxh.com/Topic.aspx?BoardID=14&TopicID=5190
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: