版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/156110846.html

    شائىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى
    (نەسىر)

    ساداقەتجان ھاجى


    شائىر سېنى سۆيدى، پۇلى بىلەن ئەمەس، قەلبى بىلەن؛
    شائىر سېنى سۆيدى، ساختىلىقى بىلەن ئەمەس، سەمىمىيلىكى بىلەن؛
    شائىر سېنى سۆيدى، بىردەملىك ياشلىقى بىلەن ئەمەس، پۈتۈن ھاياتى بىلەن.
    بىراق، شائىر سېنى سۆيۈشتىن ئۇلۇغۋار ئازابقا ۋە بۈيۈك بەختسىزلىككە ئېرىشتى.
    ئازاب- شائىرنىڭ ئىلھام بۇلىقى. شائىرنىڭ ھىس-تۇيغۇلىرى مۇشۇ بۇلاقتىن بۇلدۇقلاپ چىقىدۇ. مۇشۇ بۇلاقنىڭ كۆزيېشى شائىرنى مەڭگۈ ئويغاق ياشاشقا ئۈندەيدۇ. شائىرنىڭ سەن ئۈچۈن پەرۋىش قىلىۋاتقان گۈللىرى مۇشۇ بۇلاقنىڭ يۈرىكىدىن ئۈنۈپ چىققاندۇر. بۇ گۈللەر ئېچىلسا چوقۇم قۇياشتەك ئېچىلىدۇ.
    بەختسىزلىك- شائىرنى بەختكە ئېلىپ بارىدىغان يول. شائىر بۇ يولدا ھاياتنىڭ تاغ-داۋانلىرىدىن ھالقىپ، چۆل-باياۋانلىرىنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ تاپىنىغا سانچىلغان ھەربىر تىكەن، قىپقىزىل گۈلگە ئايلىنىدۇ!
    ئايرىلىش- مەھرۇم قالغانلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ. بىلسەڭ، شائىر ئەسلىدىن مەھرۇم قالغۇچى ئەمەس. ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ گۈزەل ۋە پارلاق خاتىرىسى ئۇنىڭ خىيال ۋە چۈشلىرىدە ھەرۋاقىت نامايەن بولۇپ تۇرىدۇ.
    شائىر ھىچنىمىدىن ئايرىلمىدى. ئۇ پەقەت سېنىڭ ھاقارىتىڭنى رەت قىلدى. ئۇنىڭ قەلبى ھىلىمۇ چەكسىز مۇھەببەتكە تولغان. ئۇ مەڭگۈ ئەستىن چىقارمايدۇ. چۈنكى، ئۇنتۇش- شائىرنىڭ پەزىلىتىگە مۇناسىپ كەلمەيدۇ.
    تەنھالىق- يامغۇرلۇق كېچىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق كېچىدىن سۈكۈت ئىزدىسەڭ سۈكۈت، سۆيگۈ ئىزدىسەڭ سۆيگۈ تېپىلىدۇ.
    يامغۇر- شائىرنىڭ روھىنى يۇيۇپ پاكلايدۇ،
    كېچە- شائىرنىڭ بەخت يۇلتۇزىنى پارلىتىدۇ.
    يەنە شۇ كېچە- شائىرنىڭ خىيال گۈللىرى ئېچىلىدىغان باھاردۇر.
    سەن نادانمۇ ياكى شائىرمۇ؟ بۇنى بىلىپ بولمايدۇ. لىكىن ھەر ئىككىڭلار دانىشمەن ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تاقەت قىلغىنىڭلار بىلەن، ئىتائەت قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدىڭلار.
    شائىردىن مۇكەممەللىك ئىزدىمە. ئۇ- خۇدا ئەمەس، بەلكى ئاددى بىر شېئىر. ئەگەر سېنىڭ شېئىر ئوقۇشقا ئىشتىياقىڭ بولمىسا، شېئىرنىڭ گۈزەللىكىنى ھىس قىلالمايسەن. شېئىرغا يوشۇرۇنغان بەختنى بايقىيالمايسەن. شېئىرنىڭ ھەربىر مىسراسىدىن چاقناپ تۇرغان پارلاق كەلگۈسىنى كۆرەلمەيسەن.
    شائىر- بايۋەتچە ئەمەس، بەلكى بايلىق ئىگىسى. ئۇنىڭ بايلىقى پۇل ئەمەس، بەلكى مۇھەببەت! شائىرنىڭ مۇھەببىتى ئاددىي-ساددىيلىق ۋە سەمىمىيلىك بىلەن زىننەتلەنگەن.
    شائىر سېنى ئويلىغان چاغدا، سەن شائىرنى ئويلىمىدىڭ؟ شائىر سەن ئۈچۈن شېئىر يازغاندا، سەن شائىر ئۈچۈن شېئىر ئوقۇمىدىڭ؟ شائىر سەن ئۈچۈن بۈگۈننى باغرىغا چىڭ باسقىنىدا، سەن شائىر ئۈچۈن ئەتىنى ئېسىڭدا چىڭ ساقلىمىدىڭ؟ بۇنداق تەڭسىز مۇھەببەت شائىرنى بەختلىك قىلالامدۇ!؟
    دەرۋەقە، مۇھەببەتتە تەڭلىك يوق! شائىر بۇنى بىلىدۇ. لېكىن تەڭسىزلىكنىڭمۇ چېكى بولۇشى كىرەكتە؟ چۈنكى، مۇھەببەت- مەڭگۈ بويسۇنۇش ئەمەس، شۇنداقلا مەڭگۈ بويسۇندۇرۇشمۇ ئەمەس.
    ئەگەر شائىر يىغلىغان بولسا، سەن كۈلۈپ تاشلىما. چۈنكى شائىرنىڭ يىغىسى كۈلكىسىگە ئوخشاشلا گۈزەل ۋە مەردانە. شائىرنىڭ ھەربىر تامچە كۆزيېشىدا مىڭ يىللىق ئىشەنچ ۋە ئۈمىد بار!
    شائىرنىڭ ئاجىزلىقى شۇكى، ئۇ ئۆز ئەقىدىسىنى نائۈمىد قويدى. سېنىڭ ھاقارىتىڭنى رەت قىلىمەن دەپ، گۈزەل ئارزۇسىدىن ۋاز كەچتى. بەلكىم بۇنداق ۋاز كېچىش ئەرزىيدىغاندۇ؟
    شائىرنىڭ نىمىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى سەن ئوبدان بىلىسەن؟
    شائىر دائىم شۇنداق كۇيلەيدۇ: مۇھەببەت مەڭگۈلۈك بولسۇن!

    ★★★★★★
    (1995-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى. قەشقەر)
    («تۇرپان گېزىتى»نىڭ 1996-يىللىق 8-نويابىر سانى)

    ★★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: