ئافرىقىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەت ئاپىتى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年08月16日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/156335967.html

    ئافرىقا جىددىي قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج


    2011-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى باكۇل ۋە شىبىلاخ شىتاتىنىڭ ئاچارچىلىق ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى، 3 مىليون 700مىڭ كىشىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغانلىقىنى جاكارلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى بولۇپمۇ گېرمانىيە ئافرىقا تۇمشۇقى رايونىدىكى ئاچارچىلىقتا قالغان خەلققە بېرىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمنى كۆپەيتتى. گېرمانىيە ئافرىقىغا ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ئافرىقىدىكى تەسىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكچى بولدى.
    گېرمانىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شەرقىي ئافرىقا رايونىدا 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق بولغان، سومالى، كېنىيە، ئىفىئوپىيە، جىبۇتى، سۇدان ۋە ئۇگاندادا 12 مىليون نوپۇسقا ئاشلىق يېتىشمەيدىكەن، سۇمالىنىڭ جەنۇبىي رايونىدا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن نەچچە ئون مىڭ كىشى ئۆلۈپ كەتكەن، ھازىر تەخمىنەن 500 مىڭ ئافرىقىلىق بالا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچراۋېتىپتۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوند جەمئىيىتى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئاپەتكە ئۇچرىغان %40 لا بالىنىڭ ھايات قىلىشىدىن ئۈمىد بار. بولۇپمۇ، قۇرغاقچىلىق، پۇل پاخاللىقى شۇنىڭدەك سىياسىي توقۇنۇش قوشۇلۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى. ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغىنى ئۇرۇش ئوتى ئاستىدىكى سومالى بولدى، ھازىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 20مىڭدىن ئارتۇق سومالىلىق پايتەخت موقدىشۇغا ياردەم سوراپ باردى. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپلىگەن سۇمالىلىقلار قوشنا دۆلەت ئىفىئوپىيە ۋە كىنىيەدىكى مۇساپىرلار لاگېرىغا قېچىپ بېرىۋالدى. ئىفىئوپىيەنىڭ دولوئاد رايونىدىكى كىبىر مۇساپىرلار لاگىرى ئۆتكەن ئايدىن باشلاپ سومالىدىن كەلگەن مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىشقا باشلىغان، ھازىر بۇ مۇساپىرلار لاگىرى ئادەملەر بىلەن لىق تولدى. دولوئاد رايونىغا بارغان سومالى مۇساپىرلىرىنىڭ ئىچىدە قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ ئوزۇقلىنىشى ناچار ئىكەن. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارى بوۋدىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: ناۋادا ھازىر دەرھال ھەرىكەت قوللانمىساق، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق يېتىشمەسلىك ۋە كېسەللىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق ئىككى ئاي ئىچىدە سومالىدىكى 8 رايونغا كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن.
    خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقىدىكى ئېغىر ئاچارچىلىققا بەس-بەستە ياردەم بەرمەكتە. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى، ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى، بالىلار فوند جەمئىيىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شۇنىڭدەك خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى قاتارلىق ئاپپاراتلار ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى ئاشلىق ۋە باشقا ياردەم بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. دۇنيا بانكىسى جىبۇتىدىن كېنىيەدىكى ئافرىقا تۇمشۇقى رايونىغىچە بولغان رايونلارغا ياردەم بېرىش تۈرىگە بەش يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بېرىشنى قارار قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بالىلار فوندى جەمئىيىتىنىڭ باياناتچىسى مېركادو مۇنۇلارنى جاكارلىدى: بالىلار فوندى جەمئىيىتى سومالىدىكى قۇرغاقچىلىق ئەڭ ئېغىر بولغان باكۇل ۋە شىبىلاخ شىتاتىنى 1300 توننا قۇتقۇزۇش بۇيۇمى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ ئاساسلىقى 66مىڭ بالىنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
    ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى ئاچارچىلىققا قالغان خەلقنى قۇتقۇزۇشنى كۈچەيتتى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە مەسئۇل خادىمى گىئورگى ئىۋا كېنىيەدە زىيارەتتە بولغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا يەنە 88 مىليون ياۋرو ياردەم قىلماقچى. شۇنداق بولغاندا ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇ رايونغا ياردەم بەرگەن پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 160 مىليون ياۋروغا يېقىنلىشىدۇ. يېقىندا، رىمدا ئېچىلغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق، يېزا-ئىگىلىك تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا شەرقى ئافرىقىغا جىددىي ياردەم بېرىش لايىھەسى بېكىتىلدى. گېرمانىيەنىڭ تەرەققىيات ياردەم بېرىش مىنىستىرى نىبايىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جىددىي ياردەم بېرىش مەبلىغىنى30 مىليون ياۋرو كۆپەيتىمىز، بۇ پاكىز سۇغا، ئوزۇقلۇققا ۋە دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا گېرمانىيە يەنە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋەدە قىلغان 160 مىليون ياۋرولۇق ياردەمنىڭ %20 نى ئۈستىگە ئالىدۇ. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ياردەمدىن باشقا يەنە ئافرىقىغا ئۇزاق مۇددەت ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش پىلانى تۈزۈپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، شۇ يەرنى يېزا-ئىگىلىك ئىقتىسادىدا ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، تەكرار يۈز بېرىۋاتقان ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
    گېرمانىيەنىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىۋاتقىنىغا 50 نەچچە يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئافرىقىدىكى ئەنئەنىۋى تەسىرى كەڭ ئەمەس، گېرمانىيەنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى زورايدى شۇنىڭدەك سىياسىي ئورنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، گېرمانىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ يەرشارىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيادىكى چوڭ سىياسىي دۆلەتلىك رولىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاۋاتىدۇ. گېرمانىيە ئاسىياغا تەسىر كۆرسەتكەندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە نەزىرىنى ئافرىقىغا قاراتماقتا.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-07-29)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    قاتتىق قۇرغاقچىلىقتا قالغان ئافرىقا


    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2011-يىلى 20-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قاتتىق قۇرغاقچىلىق ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى 10 مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ، سومالىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى رايون ئاچارچىلىقتا قالدى. بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1984-يىلى ئېفئوپىيەدىكى ئاچارچىلىقتىن كېيىن ئافرىقىدا يۈز بەرگەن ئاچارچىلىقنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
    ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى <ئافرىقا تۇمشۇقى> رايونىدا ھازىر نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىۋاتىدۇ، سومالى، كېنىيە، جىبۇتى ۋە ئىفئوپىيەنىڭ زور بىر قىسىم رايونلىرىدىمۇ ئاپەت يۈز بېرىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ سانى 11مىليونغا يەتتى، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبىتى ۋە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ. يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ۋە ھۆكۈمەتسىز ھالەتتە تۇرىۋاتقان سومالىغا نىسبەتەن قۇرغاقچىلىقنىڭ زەربىسى بەكلا چوڭ بولدى. سومالى دېھقان چارۋىچىلىرى پەقەت دۆلەت ئىچىدە يۆتكىلىپلا قالماستىن، يەنە كېنىيە، ئېفئوپىيە، جىبۇتى، يەمەن ۋە سۇدانلارغىچە كۆچۈپ بېرىپ، زور كۆلەمدىكى مىسلى كۆرۈلمىگەن كۆچۈش دولقۇنىنى قوزغىدى. كۆچۈش يۇقىرى پەللىگە چىققان مەزگىللەردە، ھەر كۈنى كېنىيە ۋە ئېفئوپىيەگە بارغان سومالىلىقلار 4000 ئادەمگە يەتتى.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باياناتىدا، ئۆتكەن بىر قانچە يىلدا سومالىدا ئۇدا قۇرغاقچىلىق ۋە قوراللىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، سومالىنىڭ جەنۇبىيدىكى رايونلارغا ياردەم بېرىش تەسكە توختىدى، دەپ كۆرسىتىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئەمەلدارى بوۋدىن ئاگاھلاندۇرپ مۇنداق دېدى، ناۋادا ھازىر جىددىي تەدبىر قوللىنىلمايدىغان بولساق، زور مىقداردىكى ئاشلىق كەمچىللىكى ۋە كېسەللىكىنىڭ يامرىشى سەۋەبىدىن ئىككى ئاي ئىچىدىلا سومالىدىكى سەككىز رايوندا ئاچارچىلىق بولىدۇ. ئىگىلىنىشچە، سومالىدىكى ئاچارچىلىق بولىۋاتقان بىر قىسىم رايونلاردىكى ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاچارچىلىق ھەققىدىكى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغان ئادەم سانىدىن 10 ھەسسە كۆپ بولۇپ، سومالىنىڭ جەنۇبىدا يەنە نۇرغۇن ئادەملەر ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئاشلىق زور دەرىجىدە قىس بولغاچقا، سومالىدا ھەر ئالتە بالىنىڭ بىرسى بەش ياشقا كىرە-كىرمەيلا ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئافرىقىنىڭ شەرقىدا بۇ يىل 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بېرىپ، ئىفئوپىيە، كېنىيە، سومالى قاتارلىق دۆلەتلەردە 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم كەسكىن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىگە دۇچ كەلمەكتە.
    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى ئاممىۋى ساغلاملىق مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سىپىيگول يېقىندا ئىفئوپىيە چېگراسى ئىچىدىكى سومالى مۇساپىرلىرىنى كۈتىۋالىدىغان تىروئاتۇ مۇساپىرلار لاگىرىدا زىيارەتتە بولدى. ئۇ 19-ئىيۇل جەنۋەدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى. بۇ يىل ئالتىنچى ئايدا يېڭىدىن كەلگەن مۇساپىرلانىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ھەر ئون مىڭ ئادەمگە كۈنىگە 7.4تىن توغرا كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە زور بىر قىسمى بەش ياشتىن كىچىك بالىلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئۆلۈم يېتىمنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى. ئالتىنچى ئايدا سومالىلىق بەش ياشتىن كىچىك مۇساپىر بالىلار ئارىسىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبىتى ٪26.8كە يەتتى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سومالىدا تۇرۇشلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى، پۈتۈن سومالى نوپۇسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئاچارچىلىق كىرزىسىگە دۇچار بولىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى مىليون 800مىڭ ئادەم سومالىنىڭ جەنۇبىدا ياشاۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ جىددىي ياردەمنى ماسلاشتۇرۇش ئەمەلدارى ئاموس ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلارنى تەكشۈرگەندىن كىيىن، تېخىمۇ كۆپ بالىلار ئوزۇقلۇق يېتىشمەي قىينىلىۋاتىدۇ، مال چارۋىلار كۆپلەپ ئۆلۈپ كېتىۋاتىدۇ، كىشىلەر بارلىق نەرسىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى، دېدى. نۇرغۇن سومالىلىق ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ياشاپ كەلگەن ئانا تۇپرىقىنى تاشلاپ، پايتەخت مۇقدىشۇغا پاناھلىق ئىزدەپ باردى.
    خەلقئارا جەمئىيەت ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى ئېغىر ئاچارچىلىق بولىۋاتقان رايونلارغا بەس-بەستە ياردەم قولىنى سۇندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى، ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى،بالىلار فوندى جەمئىيىتى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، شۇنداقلا خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ئاشلىق ۋە باشقا ياردەملەرنى بېرىۋاتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بانكىمون 12-ئىيۇل، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كىرزىسنىڭ تېخىمۇ ئەۋجىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
    ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى يېقىندا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سومالىدىكى قۇرغاقچىلىق بولىۋاتقان رايونىغا قىلغان ياردىمىنى كۈچەيتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھازىر سومالىدا ئۈچتىن بىر قىسىم نوپۇس قۇرغاقچىلىق ۋە مالىمانچىلىقنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتىدۇ. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى ژان پېڭ ئافرىقا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللانغىلى بولىدىغان ھەر قانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلققە ياردەم بېرىپ، ئاپەتنىڭ تەسىرىنى ئازايتىشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاچارچىلىققا ياردەم بېرىش سىگنال سىستېمىسىنىڭ ئېيتىشىچە، كىرىزىس يۈز بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى جىددىي ئاشلىق، ئىچىملىك سۇ ۋە سەھىيە، داۋالاش قاتارلىق جەھەتلەردە 383 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ياردەم بەرگەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئاچارچىلىق ۋە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى تاشقى ياردەم كېرەككەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: «جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى»(2011-07-21)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئافرىقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەت ئاپىتى


    ب د ت ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىكى تەشكىلاتى 2011-يىلى 25-ئىيۇل ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدىكى باش ئىشتابتا جىددىي مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىپ، «ئافرىقا بۇلۇڭى»دىكى ئۈزلۈكسىز يامانلىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىق ۋە ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى. باش خادىم دىئۇف يىغىندا بۇ قېتىمقى ئاچارچىلىقنى «دۇنيا دۇچ كەلگەن ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەت ئاپەتلىرىنىڭ بىرى» دېدى.
    ئافرىقىنىڭ شەرقىدىكى «ئافرىقا بۇلۇڭى» رايونى نۆۋەتتە 60 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قۇرغاقچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، سومالى، كىنىيە، جىبۇتى ۋە ئېفىئوپىيەلەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى ئاپەتكە ئۇچرىدى. ب د ت نىڭ ھۆكۈمەت تورىدا دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قۇرغاقچىلىقتا 11 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەن. سومالىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر كۈنى 4000 غا يېقىن ئادەم سومالىدىن ئايرىلىپ، كىنىيە ۋە ئېفىئوپىيەدىكى نامراتلار لاگېرىغا كېتىدىكەن. 
    «لانىنا» كىلىمات ئۆزگىرىشىدىن كېلىپ چىققان قۇرغاقچىلىق بۇ قېتىمقى «ئافرىقا بۇلۇڭى» ئاچارچىلىقىنىڭ بىۋاستە سەۋەبى.بىراق ئاچارچىلىقنىڭ بۇنچە ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى پەقەت تەبىئىي ئاپەتلا بولۇپ قالماي، يەنە ئىنسانلار ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان بالايىئاپەتلەرمۇ بار. دىئۇف مۇنداق دېدى:«قۇرغاقچىلىق، پۇل پاخاللىقى ۋە ئىچكى توقۇنۇش قاتارلىق ئامىللار بىرلىشىپ ئاپەت خاراكتېرلىك بۇ ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان». يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «ئافرىقا بۇلۇڭى» دۆلەتلىرىدە ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئۈزۈلمەي، ھۆكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى قالمىدى، تەبىئىي ئاپەت ئالدىدا بىر تۇتاش پىلانلاپ ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشقا ئامالسىز قالدى. بۇنىڭدىن سىرت، زوراۋانلىق توقۇنۇشىنىڭ يامرىشى تۈپەيلىدىن سىرتقى دۇنيانىڭ ياردەم ئەشيالىرىنىڭ شۇ جايغا يەتكۈزۈلۈشى قىيىنلىشىپ، ئاچارچىلىق تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتتى.


    ئاچارچىلىق بۇ زېمىنغا توختىماي ھۇجۇم قىلدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدىن بۇيان، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى دەۋرىيلىك ھالدا قورشىۋالدى، ئادەمگە باغلىق باشقا سەۋەبلەرنى قوشقاندا، ھەر يىلى دېگۈدەك 20 ~ 30 دۆلەتتە ئاشلىق قەھەتچىلىكى يۈز بېرىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى لېسوتو، ئانگولا، زامبىيە قاتارلىق 15 دۆلەتتە دائىم ئاشلىق ئېغىر كەمچىل بولىدۇ. 1982-يىلىدىن 1984-يىلىغىچە، ئافرىقىدا ئالاھىدە ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، 24 دۆلەتتە ئاشلىق جىددىي كەمچىل بولۇپ، 1 مىليارد 500 مىليوندىن 1 مىليارد 800 مىليونغىچە ئادەم ئاچارچىلىق تەھدىتىگە ئۇچرىغان. جەنۋە قىزىل كىرىسىت جەمئىيىتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىدىن قارىغاندا، 1983-يىلى ئافرىقىدا 16 مىليون ئادەم ئاچلىق ياكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەن، 1984-يىلى ئۆلگۈچىلەر سانى تېخىمۇ كۆپ بولغان. ب د ت بۇ قېتىمقى ئېغىر ئاچارچىلىقنى «ئافرىقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەت ئاپىتى» دېگەن.
    ھەر قېتىم ئافرىقىدا ئاچارچىلىق كۆرۈلگەندە، خەلقئارا جەمئىيەت ھەمىشە ياردەم قولىنى سۇنىدۇ، بىر تۈركۈم ماددىي ئەشيالار توختىماي ئېھتىياجلىق جايلارغا ئەۋەتىلىپ، كىشىلەرنىڭ جىددىي ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. بىراق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرگىزمۇ ئافرىقىنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر ئەمەس. ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى ئاموس مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئافرىقا رايونىنىڭ ئاچارچىلىق مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشتا، قىسقا مۇددەتلىك ياردەم چوقۇم ئۇزاق مۇددەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۆزئارا بىرلىشىشى، يېزا ئىگىلىك تىپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، دېھقانلارنىڭ ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلۈشى كېرەك.




















    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-08-02)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: