版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/156338545.html

    سومالىدىكى ئاچارچىلىق دۇنيانىڭ «ۋىجدانى»نى سىنىماقتا


    شىنخۇا تورى نايروبى 2011-يىلى 14-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى: ئافرىقا ئىتتىپاقى 15-ئاۋغۇستنى «سومالى كۈنى» قىلىپ بېكىتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان قۇرغاقچىلىق «ئافرىقا بۇلۇڭى»دىكى رايونلارغا يامراپ، 20 يىللىق ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەن سومالى «ئافرىقا تارىخىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر ئاشلىق كىرىزىسى»گە دۇچ كەلدى. نۆۋەتتە، ئىچكى قالايمىقانچىلىق، ئاپەتكە قارشى تۇرۇش ئىقدارىنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى، سومالىدىكى كىشلەر ئاچلىق ۋە ئەنسىزلىككە تولغان كۈنلەردە جان تالىشىشپ ئىڭرىماقتا.
    ئەنگىلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى بروۋېن ئىلگىرى مۇنداق دېگەنىدى: «ئافرىقا دۇنيا ۋىجدانىغا چۈشكەن بىر جاراھەت».  بۈگۈنكى كۈندە، سومالىدىكى بۇ ئېغىر ئاچارچىلىق ئاشۇ «جاراھەت»نىڭ كىشىنىڭ يۈرىكىنىڭ ئېزىدىغان بىر قىسمى بولۇپ قالدى.
    نۆۋەتتە، سومالىدا 3 مىليون 700 مىڭ ئادەم ئاچلىقنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى، 1 مىليون 460 مىڭ ئادەم يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم جىددىي ياردەمگە موھتاج بولماقتا.
    ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى باش كاتىپى كاسېرىن براگ 13-ئاۋغۇست ئاگاھلاندۇرۇپ: سومالىدىكى كىرزىس «بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسى» گە ئايلاندى، دېدى.
    سومالىدىكى ئاچارچىلىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدا تەبىئىي ئاپەت ئامىلى ھەم سۈنئىي ئاپەت ئامىلىمۇ بار.
    ئۆتكەن كۆپ يىللاردىن بۇيان يامغۇر پەسلىدە يامغۇر مىقدارى ئازلاپ،  سومالى ئىزچىل قۇرغاقچىلىقنىڭ ئېغىر سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ كەلدى، بۇ يىل قۇرغاقچىلىق ئەڭ ئېغىر بولۇپ،  60 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان ئېغىر قۇرغاقچىلىق سومالىغا ھۇجۇم قىلدى . ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل 8-ئايدا سومالىدا دانلىق زىرائەتلەرنىڭ ھوسۇل مىقدارى ئۆتكەن بەش يىلدىن بۇيانقى ئوتتۇرىچە ھوسۇل مىقدارىدىن %50 ئازلاپ كەتكەن.
    1991-يىلى سومالىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مۇھەممەت سەيىد ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، دۆلەت چاك-چېكىدىن پارچىلىنىپ ھۆكۈمەتسىز ھالتىىدە تۇردى. پاراكەندىچىلىككە تولغان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتى، ئاساسىي ئەسلىھەلەرنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت تۈزۈلمىسىدىكى يېتەرسىزلىك قاتارلىقئامىللار سومالىنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇپ، ئاپەتنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۈۋەتكەن؛ ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلارنىڭ ھۇجۇمى ۋە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ زوراۋانلىقى خەلقئارادىكى قۇتقۇزۇش تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردەم پائالىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلغان.
    ئەمەلىيەتتە، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرى، سومالىدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەندە، بۇ دۆلەت ئاشلىقتا ئۆز ئۆزىنى قامدىيالىغان ئىدى، بىراق بۈگۈنكى كۈندە، تەبىئىي ئاپەت ۋە سۈنئىي ئاپەتنىڭ قوش زەربىسىدە بۇ دۆلەت خارابىلىققا ئايلىنىپ، خەلقنىڭ كۈنى ئېغىرلىشىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك گىردابىغا دۇچ كەلدى.
    ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، خەلقئارا جەمئىيەت سومالىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك كىرزىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلدى، بىر قىسىم دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارمۇ ياردەم قولىنى سۇندى. لېكىن، سومالىدىكى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاۋاتقان كىرزىسكە سېلىشتۇرغاندا، دۇنيا تېخىمۇ كۆپلىگەن ياردەم بىلەن بۇ «جاراھەت»نى ساقايتىشقا ئېھتىياجلىق.
    يەر شارىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان «قۇياش نۇرى تەپتىدىن ئوتتەك قىزىغان» بۇ گۈزەل ئافرىقا زېمىندا قاتتىق ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئافرىقىلىق قېرىنداشلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ «ۋىجدانى»نى سىنىماقتا. ئافرىقا ئىتتىپاقى ب د ت نىڭ «مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى»نىڭ مۇھىم ۋە قىيىن نۇقتىسى بولۇپ، ئافرىقىدىكى ئاچارچىلىق مەسلىنى قانداق ھەل قىلىش«مىڭ يىللىق تەرەققىيات نىشانى»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى بىر چوڭ خىرىس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئافرىقا ئىتتىپاقى 15-ئاۋغۇستنى «سومالى كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سومالىدىكى كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىۋاتقان ئاچارچىلىق مەسلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئەسكەرتكەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-08-15)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سومالىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى قاتتىق سىناققا دۇچ كەلدى


    دۇنيا ئاشلىق پىلانى مەھكىمىسىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى جوسېت خىلاند يېقىندا سومالى پايتەختى مۇقدىشۇدا زىيارەتتە بولغاندا: سومالى ھايات-ماماتلىق پەيتتە جان تالىشىۋاتىدۇ، دېدى.
    بۇلتۇردىن بۇيان ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جىبۇتى، ئېفىئوپىيە، ئېرىترېيە، كېنىيە، سومالى، سۇدان ۋە ئۇگاندانى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئافرىقا تۇمشۇقى»دىكى رايونلار 60 يىلدىن بېرى كۆرۈلمىگەن ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتىگە ئۇچرىدى. قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سومالىغا ئەڭ قاتتىق زەربە بولدى.
    ب د ت نىڭ سومالىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىشخانىسى يېقىندا: سومالىدا %50 كە يېقىن ئاھالە، يەنى 3 مىليون 700 مىڭ كىشىنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قالدى، ئۇلار ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج، دېدى.

    ئاچارچىلىقتا قالغان مۇساپىرلار بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ
     
    20 يىل داۋاملاشقان قوراللىق توقۇنۇش، سىجىل داۋاملاشقان ئېغىر قۇرغاقچىلىق، دۇنيادا ئاشلىق باھاسىنىڭ ئۆسۈشى، چارۋىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئۆلۈشى سومالىلىقلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ناچارلاشتۇرۇۋەتتى.
    ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسى 22-ئىيۇل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كېنىيە بىلەن سومالى چېگرىسىدىكى كېنىيە دادائاب مۇساپىرلار لاگېرى كۈندە تەخمىنەن سومالىلىق 1500 مۇساپىرنى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ لاگېرغا سومالىلىق 60 مىڭ مۇساپىر كەلگەن. ئېفىئوپىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى سومالى بىلەن چېگرىلىنىدىغان دولوئادو رايونىغا كۈندە نۇرغۇن يېڭى مۇساپىر كېلىدىكەن.
    سومالىدا 1 مىليون 460 مىڭ سەرگەردان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىكەن.

    مۇساپىرلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ

    ئېغىر قۇرغاقچىلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئاچارچىلىق كۆپ ساندىكى مۇساپىرلارنىڭ سالامەتلىكىنى ناچارلاشتۇرۇۋەتتى. ب د ت نىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، ھازىر سومالىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدىغانلار %50كە يەتكەن، ئوزۇقلۇق ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەيدىغانلار%30تىن ئاشقان بولۇپ، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدىكەن.
    ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بالىلاردا تېخىمۇ ئېغىر. ب د ت بالىلار فوندى جەمئىيىتى 22-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئېفىئوپىيە، كېنىيە ۋە سومالىدا ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن تەخمىنەن 2 مىليون 230 مىڭ بالىغا ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيۋاتىدۇ، تەخمىنەن 780 مىڭ بالا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ئۆلۈم تەھدىتىگە دۇچ كەلدى.
    دۆلەت تەۋەلىكى يوق دوختۇرلار تەشكىلاتى ئېلان قىلغان دوكلاتتا: سومالىنىڭ جەنۇبىدا ھەر ئۈچ بالىنىڭ بىرىگە ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق يېتىشمەيدۇ، دېيىلدى.
     
    ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ

    سومالىدا ھايات-ماماتلىق كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن 3 مىليون 700 مىڭ كىشىنىڭ 2 مىليون 800 مىڭى جەنۇبتا. لېكىن، جەنۇبتىكى رايونلارنىڭ ۋەزىيىتى خەتەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش-قۇتقۇزۇش يوللىرى راۋان ئەمەس. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش-قۇتقۇزۇش ئىشلىرىغا ئاساسلىقى جەنۇبى ۋە ئوتتۇرا قىسىمدىكى كۆپ جايلارنى كونترول قىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق تەشكىلات «ياشلار پارتىيەسى» توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ. «ياشلار پارتىيەسى» مۇنداق دېدى: ب د ت سومالىدىكى قۇرغاقچىلىقنى «مۇبالىغىلەشتۈرۈۋەتتى»، ب د ت «تەشۋىقات ئېھتىياجى» ئۈچۈن، سومالىنىڭ جەنۇبى رايونىدا ئاچارچىلىق يۈز بەردى، دەپ جاكارلىدى. بۇنىڭدا «سىياسىي مۇددىئا» بار. ھەرىكىتىگە چەك قويۇلغان ياردەم بەرگۈچى تەشكىلاتلارنىڭ سومالىنىڭ جەنۇبىدا ھەرىكەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايمىز، ھەرىكىتىگە چەك قويۇلمىغان ئاپپاراتلارلا كونتروللۇقىمىزدىكى رايوندا ھەرىكەت قىلىشى كېرەك.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-08-04)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    سومالىدىكى بىر تېرە-بىر ئۇستىخان بالىلار


    بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېكىتىنىڭ 2011-يىلى 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، سومالىدىكى قۇرغاقچىلىق ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا، كۈنىگە بەش ياشتىن تۆۋەن ھەر 10 مىڭ بالىنىڭ تەخمىنەن 20 سى ئۆلۈپ كېتىدىكەن. سومالى زور مىقداردىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاچارچىلىق سەۋەبىدىن ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلارنى قۇتقۇزۇۋالغىلى بولىدىكەن. كۈنىگە بەش ياشتىن تۆۋەن ھەر 10 مىڭ بالىنىڭ تەخمىنەن 20 سى ئۆلۈپ كېتىدىغان بۇ نىسبەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى بېكىتىش ئۆلچىمىدىن بەش ھەسسىدىن كۆپرەك ئېشىپ كەتكەن.


    مۇناسىۋەتلىك خەۋەر:
    ئافرىقىنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر ئىنسانىيەت ئاپىتى
















    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-08-12)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئاچارچىلىق قاپلىغان دادائاب


    كىرپىكىگە چاڭ-توزان قونغان ھۈسەيىن ئەدھەمنىڭ كېنىيەنىڭ شىمالىدىكى دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئىف رايونىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزى ئالدىدا ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتقىنىغا 7-ئاۋغۇست تۆت كۈن بولدى.
    ھۈسەيىن ئەدھەم مۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇۋاتاتتى، چۈنكىمۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەندىلا، قەرەللىك نورما ئاشلىققا ئېرىشەلەيتتى.
    ھۈسەيىن ئەدھەم دادائابتىكى ئۈچ مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىدىكى ئۆچىرەت تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان، ئاچارچىلىقتا قالغان نەچچە ئون مىڭ مۇساپىرنىڭ بىرى. ئۇلار مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە كىرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسىمىيىتىنى بېجىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، ئاز دېگەندىمۇ 20 كۈندىن كېيىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان مۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ.
    ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارى ئەفزەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: دادائاب ئاللىبۇرۇن مۇساپىرلار بىلەن تولدى، ئەسلىدە بۇ مۇساپىرلار لاگېرىغا 90 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىنماقچى ئىدى، لېكىن ھازىر 400 مىڭغا يېقىن مۇساپىر توپلاندى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى سومالىلىق مۇساپىر. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، زاكىدىكى نۇرغۇن بوۋاق دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىغا كەلگەندىن كېيىن 24 سائەتكە قالماي ئۆلۈپ كېتىۋېتىپتۇ.
    تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىر سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، قورساق تويمايتتى. مۇخبىر بۇ يەردە قىسقىغىنا بىر نەچچە سائەتتە ئاشلىق، ئەدىيال، يامغۇرلۇق قاتارلىق جىددىي كېرەكلىك ماددىي بۇيۇملارنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغانلار قاتارىدا سومالىلىق ياشىنىپ قالغان ئىككى ئايالنىڭ ئاچلىقتىن ئايلىنىپ يىقىلىپ چۈشكەنلىكىنى كۆرگەن.
    دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ ئىف رايونىدا تۇرۇۋاتقىنىغا سەككىز ئايدىن ئاشقان لالە ئىسھاق تىزىمغا ئالدۇرغان مۇساپىر ئىدى. ئۇ ئۆزى ۋە ئىككى بالىسىنىڭ نورما ئاشلىقىنى ھەر 15 كۈندە بىر قېتىم ئالىدۇ، ھالبۇكى بۇ نورما ئاشلىقى ئادەتتە ئۇلارغا ئالتە كۈنلا يېتىدۇ. «كېيىنكى قېتىملىق نورما ئاشلىقى تارقىتىش كۈنى يېتىپ كەلگىچە بالىلىرىم بەرداشلىق بېرەلمەسمىكىن دەپ ھەمىشە دەككە-دۈككىدە يۈرىمەن» دېدى لالە ئىسھاق.
    لالە ئىسھاقنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەس ئىدى، مۇخبىر لالەدىن بالىڭىزنى نېمە ئۈچۈن دوختۇرغا كۆرسەتمەيسىز دەپ سورىغاندا: «ئۆچىرەت تەگمەيدۇ، ئۇ يەردە ئادەم بەك كۆپ»، دېدى.
    ئىف لاگېرىدىكى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەركىزىگە يېقىن بىر بوش جايدا ھۆكۈمەتكە تەۋە بولمىغان تەشكىلات خەلقئارا بىۋاسىتە ياردەم تەشكىلاتى قۇتقۇزۇش ئاشلىقى تارقىتىۋاتاتتى. تىزىمغا ئالدۇرمىغان بىر قانچە مىڭ سومالىلىق مۇساپىر ئاشلىق تارقىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئېتىلىپ كەلدى.
    پىدائىي مۇھەممەد ئۆمەر مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: خەلقئارا بىۋاسىتە ياردەم تەشكىلاتى بىر ھەپتە ئىچىدە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان 3000 مۇساپىر ئائىلىسىگە ياردەم بەرمەكچى بولغان، يەنى ھەر بىر كىشىگە 25 كىلوگرام گۈرۈچ، ئون كىلوگرام شېكەر، ئون كىلوگرام پۇرچاق، ئالتە لىتىر كىرسىن تارقىتىپ بەرمەكچى بولغان، بىراق قۇتقۇزۇش ماددىي ئەشيالىرىنى ئېلىشقا كەلگەن مۇساپىرلار سانى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتكەچكە، كېچىكىپ قالغانلارغا ھېچنېمە تەگمەسلىكى مۇمكىن.
    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دادائاب مۇساپىرلار لاگېرىدا تىزىمغا ئالدۇرغان %70 تىن كۆپرەك مۇساپىر سومالىدىن كەلگەن، ئافرىقا تۇمشۇقىدىكى بۇ دۆلەتنىڭ پايتەختى مۇقدېشونى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەش رايونى ب د ت تەرىپىدىن ئاچارچىلىق كۆرۈلگەن رايون دەپ جاكارلاندى. تىزىمغا ئالدۇرغان ۋە تىزىمغا ئالدۇرۇشنى كۈتۈپ تۇرغان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان مۇساپىر ياشاش ئۈچۈن يۇرت-ماكانىنى تاشلاپ دادائابقا كەلگەن. ئۇلار بۇ يەرگە كەلگەندىن كېيىن، ئازاب-ئوقۇبەتتىن يەنىلا قۇتۇلالمىدى، ئەكسىچە يەنە بىر ھاياتلىق سىنىقىغا دۇچ كەلدى.
    دادائابتا مۇساپىر بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. دادائابتىكىلەر ئاچارچىلىق ئازابىنى يەتكىچە تارتماقتا.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «شىنجاڭ گېزىتى»(2011-08-09)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: