版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/156568241.html

    سىگانلارنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشى


    جىپساي(سىگان)لار- بوھىمىيەلىكلەر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. چۈنكى بىر قىسىم جىپسايلار باشقىلارنىڭ «جىپساي» دەپ چاقىرىشىنى پەقەتلا خالىمايدۇ، 1971–يىلى دۇنيا رومالار (Roma) ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، جىپسايلار ئۆزلىرىنى «رومالار» دەپ ئاتاشنى قارار قىلغان ھەمدە خەلقئارانىڭ «رومالار»نىڭ مۇستەقىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. جىپسايلار ئۆزلىرىنىڭ سىرلىق ئوبرازى بىلەن شۆھرەت قازانغان، تارىختا كۆپىنچە پالچىلىق، ناخشا–ئۇسسۇل قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللانغان. بىراق سىگانلار تارىختا يەنە كەمسىتىش ۋە زىيانكەشلىككىمۇ ئۇچرىغان، ناتسىست گېرمانىيەسى سىگانلارنى يەھۇدىيلارغا ئوخشاشلا جازا لاگېرىغا يىغىپ قىرغىن قىلغان، بۈگۈنكى كۈندىمۇ نۇرغۇنلىغان كىشىلەر سىگانلارغا نىسبەتەن يەنىلا ئىنتايىن سەلبىي تەسىراتقا ئىگە بولۇپ، رومالارنى تىلەمچى، ئوغرى ياكى ئادەم بېدىكى دەپ قارايدۇ.
    ئەنئەنە بويىچە، سىگانلار تېرىقچىلىق، پىلىچىلىك بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئادەتتە يېيىلىدىغان ئۆي ھايۋانلىرىنىمۇ باقمايدۇ، بەلكى شەھەر–بازار ۋە كەنتلەردىكى ئاھالىلەرگە تايىنىپ جان باقىدۇ.ئۇلار ھەمىشە شەھەر–بازار ۋە كەنتلەردىكى ئاھالىلەر رايونى ئەتراپىدىن ئۆزلىرىنىڭ سەرگەردانلىق تۇرمۇشىغا ماس تىرىكچىلىك يولىنى ئىزدەيدۇ. ئەرلەر ئۆي ھايۋانلىرىنى ئېلىپ–سېتىش، ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، قازان ياماش (تۆمۈرچىلىك) ۋە رول ئېلىش، ساز چېلىشنى كەسىپ قىلىدۇ. ئاياللار پالچىلىق، دورا سېتىش، تىلەمچىلىك قىلىش ۋە ئويۇن قويۇش قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مال دوختۇرلۇق ئىلمى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇنلىغان دېھقانلار مال توپى(پادا)نى ئاسراش، باشقۇرۇشتا سىگان ئۆي ھايۋىنى سودىگەرلىرىنىڭ كۆرسەتمىسىگە تايىناتتى.
    گەرچە ھازىرقى زاماندىكى سىگانلار يەنىلا ھەممىلا يەردە سەرگەردان بولۇپ يۈرسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىمۇ سىرتقى دۇنيانىڭ تەرەققىياتلىرى ئەكس ئەتكەن. ئۇلار ئۈستى يېپىق ئاپتوموبىل، يۈك ئاپتوموبىللىرىغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىدۇ، كونا ئاپتوموبىللارنى سېتىش ئۆي ھايۋانلىرى سودىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. داتلاشماس پولات قازان–قومۇچلارنىڭ كۆپ مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىشى قازان ياماش كەسپىنى شاللىۋەتتى، بىر قىسىم شەھەرلىك سىگانلار ئاپتوموبىل تېخنىك ئىشچىسى ۋە رېمونتچىسى بولدى. سەييارە سېرك ئۆمىكى ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ھازىرقى سىگانلارنى ياۋايى ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش، ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىچىلىقى، پال ئېچىش قاتارلىق خىزمەت پۇرسەتلىرى بىلەن تەمىنلىدى.
    ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامېرىكىدىكى بەزى شەھەرلەردە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان سىگانلار توپى بار، ئۇلار سىگانلارنىڭ نۇرغۇن ئۆرپ–ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، سىگان تىلىدا سۆزلەيدۇ، بىراق ئۇلار يەرلىك تىلنىڭ زور تەسىرىگە ئۇچرىغان. رومالار ئاللىقاچان مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ بولغان بۇ سىگانلارنى «سىند»لار دەپ ئاتايدۇ، ئۇلارنى ھەقىقىي سىگان تۇرمۇشىنى ئاللىبۇرۇن تاشلىۋەتتى، دەپ قارايدۇ.
    تۇرمۇش ئۇسۇلى (نوپۇسىنى رەسمىي رويخەتكە ئالدۇرۇش ۋە نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتىن قېچىش سىگانلارنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى)، شۇنداقلا ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۇزاق مەزگىل كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبىدىن، سىگانلارنىڭ سانىنى توغرا مۆلچەرلەش نىسبەتەن قىيىن. پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 2 ~ 3 مىليون سىگان بار، 20–ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە كۆپ قىسمى يەنىلا ياۋروپادا، بولۇپمۇ ئوتتۇرا قىسىم ۋە جەنۇبىي قىسىم رايونلىرىغا ماكانلاشقان.


    مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر:















    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-08-17)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: