ئاقسارايدىكى ئەرزىيەت ئىشخانىسى - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]
_べ Tag:تارىخ 2011年08月18日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/156749067.html
ئاقسارايدىكى ئەرزىيەت ئىشخانىسى
لى جېڭمىڭ
ئاق سارايغا كىرگىنىگە ئۇزۇن بولمىغان ئوبامانى بىر تالاي ئىشلار كۈتۈپ تۇرغان بولسىمۇ، ئوباما يەنىلا زۇڭتۇڭ بولغان تۇنجى ھەپتىسىلا زۇڭتۇڭ ئالاقە ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كورېلنى چاقىرتىپ: «مەن ھەر كۈنى ئاممىدىن كەلگەن 10 پارچە خەتنى كۆرەي» دەيدۇ. كورېل: بىز ھەر كۈنى نەچچە ئون مىڭ پارچە خەت تاپشۇرۇۋالىمىز، سىز قانداق خەتنى كۆرۈشنى خالايسىز؟ دەپ سورايدۇ. ئوباما ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇرۇپ: مەن سىزگە ماڭا قانداق خەتنى كۆرسىتىشىڭىزنى دەپ بەرمەيمەن، مېنىڭ مەقسىدىمنى چۈشەندىڭىزمۇ؟ دەيدۇ.
كورېل زۇڭتۇڭنىڭ مەقسىتىنى چۈشىنىپ كۈلۈپ قويىدۇ. ئوبامانىڭ قول ئاستىدا ئىشلىگەن كونا خىزمەتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ «خوجايىن»ىنىڭ مەقسىتىنى ئوبدان چۈشەنگەن ئىدى. كورېلنىڭ قارىشىچە ئوباما ئېغىر-بېسىق، مەسىلىلەرگە سوغۇققانلىق بىلەن ئەتراپلىق قارايدىغان كىشى بولۇپ، مەدھىيە خەتلىرىنى ئانچە ياقتۇرماي، «ئامېرىكا خەلقىنىڭ ھەقىقىي ساداسى»نى ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلاتتى. كېيىن كورېل مۇنداق دەيدۇ:بىز تاللىغان خەتلەرنىڭ ھەممىسى تەسىرلىك خەتلەر ئىدى، ئوقۇغان كىشىنىڭ قەلبى لەرزىگە كېلەتتى. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، زۇڭتۇڭغا ‹ئاممىنىڭ غەم-قايغۇسى يەتكۈزۈلۈپ، خۇشاللىقى مەلۇم قىلىنمايتتى.
خەت تاللاش ئۇنداق ئاسان ئىش ھېسابلانمايدىكەن. ئاق ساراي ھۆكۈمەت تور پونكىتى زۇڭتۇڭنىڭ ئالاقىلىشىش ئادرېسىنى ئېلان قىلىپ، ئاممىنى خەت يېزىشقا ئىلھاملاندۇرغان، ئەمما، ئاممىدىن كەلگەن خەتلەرنى ئاق ساراي بىر تەرەپ قىلمايدىكەن. ھەر كۈنى پوچتا ئىدارىسى زۇڭتۇڭغا يېزىلغان كەم دېگەندە نەچچە مىڭ، كۆپ دېگەندە نەچچە ئون مىڭ پارچە خەتنى تاپشۇرۇۋالىدىكەن، تەكشۈرۈش ئارقىلىق خەتتە خەتەرلىك بۇيۇم يوقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنغاندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار 1000 پارچە خەتنى تاللاپ، «ئاق ساراينىڭ خېتى» دېگەن خەت يېزىلغان ئاق قۇتىغا سېلىپ، ئاق ساراي يېنىدىكى بىر بىناغا ئېلىپ كېلىدىكەن. بۇ يەردە خەت بىر تەرەپ قىلىدىغان مەخسۇس ئۆي بار بولۇپ، خېلى كۆپ پىدائىيلار ۋە خىزمەتچى خادىملار كونۋېرتنى ئېچىشقا، خەتنى كۆرۈشكە، خەتلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ، ھۆججەت رامكىسى كاتەكچىسىگە سېلىپ قويۇشقا مەسئۇل ئىكەن، كاتەكچىنىڭ ھەممىسىگە بەلگە چاپلاپ قويىدىكەن. مەسىلەن، كاتەكچىنىڭ ئۈستىگە «ئىت» دېگەن خەت چاپلانسا، ئاق ساراينىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك خېتى دەپ قارالغان خەتلەر شۇ كاتەكچىگە سېلىنىدىكەن.
كورېلنىڭ ئىشخانىسىدا يەنە بىر قىزىل قۇتا بار ئىكەن، ئۇ بۇنىڭغا مەخسۇس « ھاياتقا مۇناسىۋەتلىك خەتلەر»نى سېلىپ قويىدىكەن. كورېلنىڭ ئېيتىشىچە بەزى كىشىلەر خېتىدە: «ناھايىتى چۈشكۈنلىشىپ كەتتىم، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن» دەپ يازسا، بەزى كىشىلەر: «ساقايماس كېسەل بولۇپ قالدىم، ياردىمىڭىزگە ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدىم» دەپ يازغان. بۇنداق خەتلەرگە كورېل قاتارلىقلار تېز جاۋاب قايتۇرىدىكەن. ئەلۋەتتە كورېلنىڭ ۋەزىپىسى ئوباماغا 10 پارچە خەت تاللاپ بېرىش ئىكەن.
كورېل تاللىغان خەتلەردە تەنقىدلەش خۇشامەت قىلىشقا قارىغاندا كۆپ بولۇپ، ئاچچىقلىنىش ماختاشتىن كۆپ. ئوباما چاقچاق قىلىپ: كورېلنىڭ ‹ياخشى غەرىزى يوق›، ئەكەلگەن خەتلىرىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك مېنى ‹ئەخمەق› دەپ تىللىغان خەتلەر›، دېگەن. ئەمما ئوباما كورېلدىن ناھايىتى رازى بولغان. بىر يىلدىن كۆپ ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئوبامانى ئوچۇق-ئاشكارە تەنقىدلەش سادالىرى كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا ھەر كۈنى كەچتە 10 پارچە خەتنى ئوقۇشنى ئەستايىدىل داۋاملاشتۇرغان، ھەم ئۈچ-تۆت پارچە خەتنى تاللاپ، ئۆزى جاۋاب خەت قايتۇرغان.
ئوباما مەزمۇنى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان 10 پارچە خەتكىلا جاۋاب قايتۇرىدىكەن. بەزى خەتلەرنى بالىلار يازغان بولۇپ، خەتلەردە رەڭلىك موم قەلەم بىلەن سىزغان رەسىملەر بار ئىكەن، بەزى خەتلەردىن بوۋايلار ئەۋەتكەن ئاتكېرتكىلار چىقىدىكەن، بەزى خەتلەر كونا خەت بېسىش ماشىنىسىدا بېسىلغان، بەزىلىرى قولدا يېزىلغان، بەزىلىرىنىڭ قەغەزلىرى پۈرلىشىپ كەتكەن، يەنە بەزىلىرىدە خاتا خەتلەر بار بولۇپ، ئوباما بۇنداق خەتلەرنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىكەن. بۇ خەتلەردە داۋالىنىش ئىسلاھاتى، خىزمەت تىلغا ئېلىنغان، ئېقىم مەسىلىلىرى مۇنازىرە قىلىنغان، ھەتتا بەزى خەتلەردە كىچىك بالىلار ئوباماغا خەت يېزىپ، ئائىلە تاپشۇرۇقىنى توغرا ئىشلىگەن-ئىشلىمىگەنلىكىنى سورىغان. ئوباما بۇنداق خەت يازغان بالىغا ئەستايىدىل ياردەم بېرىپ، تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرۈپ بەرگەن. ئۇلارغا يازغان جاۋاب خېتىدە: «سىز ئىككى سوئالنى خاتا ئىشلەپسىز...» دەپ يازغان.
خېلى ئۇزۇن مەزگىل ئاممىدىن كەلگەن خەت ئوبامانى مەيۈسلەندۈرۈپ قويغان. بۇ يىل 8-نويابىر، ئۇ بۇ خەتنى ئوقۇغان: «زۇڭتۇڭ ئەپەندىم، خىزمەتتىن، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ۋە ئۆز قىممىتىمدىن مەھرۇم قالدىم». بۇ خەتنى يازغۇچى كولان ئىسىملىك 27 ياشلىق بىر قىز بولۇپ، مىچىگان ئىشتاتىدا ئولتۇرىدىكەن، ئۇ يەر ئامېرىكا بويىچە پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىگە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان جايلارنىڭ بىرى ئىكەن. كولان خىزمەتتىن قالغان، ئوغۇل دوستىنىڭ شىركىتىمۇ تاقالغان، ئىككەيلەن قەرزگە بوغۇلغان بولۇپ، ئۆيىنىمۇ بانكا مۇسادىرە قىلىۋالغان ئىكەن. ئۇلار ئىلاجىسىز ئىككى بالىسىنى ئېلىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆچۈپ بارغان. «بالا كەلسە قوش كەپتۇ» دېگەندەك، كولانغا يەنە تېرە راكى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. بىر كۈنى ئۇ تېلېۋىزوردىن ئوبامانى كۆرۈپ، قىزىنىڭ خاتىرە دەپتىرىدىن بىر بەتنى يىرتىپ ئېلىپ بۇ خەتنى يازغان.
خەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، ئوباما ناھايىتى قايغۇرغان. ئۇ زۇڭتۇڭ بولۇش سۈپىتى بىلەنمۇ كولاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بېرەلمەيتتى. ئەمما ئۇ زۇڭتۇڭ تامغىسى بار قولايلىق دەپتىرىنى ئېلىپ، قەغەزنى ئاتكېرتكا چوڭلۇقىدا كېسىپ ئېلىپ: «سىلەرنىڭ ھازىر كۈنلىرىڭلارنى ناھايىتى غورىگۈل ئۆتكۈزىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلىمەن، ئەمما سىلەر ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدىڭلار، ئەھۋالىڭلاردا ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىڭلار!» دەپ جاۋاب خېتى يازغان.
2009-يىلى فېۋرال، ئوباما ئاق سارايدا ئاممىدىن كەلگەن خەتلەرنى ئوقۇماقتا
ئوباما بۇ خەتلەرنىڭ دۆلەتتە قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھەر قانداق نەرسىدىن ئېنىق ئەسكەرتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ بالىلاردىن كەلگەن خەتنىڭ ئۆزىنى مەيۈسلەندۈرىدىغانلىقىنىمۇ ئېيتقان. چۈنكى ئۇلار: «دادام خىزمىتىدىن ئايرىلدى، مومام ئاغرىپ قالدى، ئاپام داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا چىقىش قىلالمىدى...» دېگەندەك خەتلەرنى يازغان. يەنە بىر 50 ياشلىق تازىلىق ئىشچىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا چىقىش قىلالماي، ئوباماغا خەت يېزىپ دەرد تۆككەن. ئوباما جاۋاب خېتىدە: «سىلەر بولغاچقا، بىز داۋاملىق داۋالىنىش ئىسلاھاتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز» دەپ يازغان. بىر قېتىم ئوباما ئاممىدىن كەلگەن خەتنى كۆرۈپ بولۇپ، بىر ھازاغىچە گەپ قىلماي، جىمىپ كەتكەن، ياردەمچىسى بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا، ئوباما: «بۇ خەتلەر سىزنى ئىختىيارسىز يىغلىتىۋېتىدىكەن» دېگەن. ئۇ دائىم بۇ خەتلەرنى يېنىدا ئېلىپ يۈرۈپ، خەتتە بايان قىلىنغان مەزمۇنلارغا قىزىقىپ قالغان. ئاۋامغا داۋالىنىش ئىسلاھاتى لايىھەسىنى قوللاشنى دەۋەت قىلغاندا، ئۇ ھەتتا يۇقىرى ئاۋازدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى شىركىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى خادىملارغا ئاممىدىن كەلگەن خەتنى ئوقۇپ بەرگەن.
ئوباما يازغان جاۋاب خەتلەر ئاق ساراي ئىشخانىسىنىڭ كاتىبات باشقارمىسىغا يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن، كۆپەيتىلىپ ئارخىپتا ساقلىنىشقا بېرىلىدىكەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت-بۇ خەتلەر تارىخنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ، كىشىلەرگە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرۇش ئىكەن. ئاممىدىن كەلگەن بىر پارچە خەتتە، ئوبامانىڭ ھۆكۈمەتنى داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا باشلامچى بولۇشقا تەشەببۇس قىلغانلىقى، ئەمما دادىسىنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ داۋالىنىش ياردىمىنى ساقلاپ بولالماي تۈگەپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى يازغان. ئوباما جاۋاب خېتىدە: «قانۇن لايىھەسى بەلكىم ئۇنچە مۇكەممەل ئەمەس، ئەمما بۇ لايىھەنىڭ دادىڭىزغا ئوخشاش نەچچە يۈز مىليون كىشىگە ياردەم بېرىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دەپ يازغان.
قۇربانجان مۇھەممەدئېلى تەرجىمىسى
(«فىليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى»نىڭ 2011-يىل 3-ئايلىق سانىنىڭ كېيىنكى يېرىم ئايلىق سانىدىن تاللاپ تەرجىمە قىلىندى)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
«تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2011-08-17)
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
收藏到:Del.icio.us

