版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/157212501.html

    رامىزان ۋە ئاخىرقى ئون كۈن


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىنداشلىرىم!
    رامىزان تېخى يېڭى باشلىغاندەك قىلىۋاتاتتى. مانا بۈگۈن قاراپ باقىدىغان بولساق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «نىجاتلىق» دەپ تەرىپىنى قىلغان ئاخىرقى 10 كۈنى ئىچىدە تۇرىۋېتىپتىمىز. يەنى رامىزاننىڭ «رەھمەت» ۋە «بەرىكەت» بولغان قىسىملىرى ئۆتۈپ كېتىپتۇ. رامىزاننىڭ ئۆتۈپ كەتكەن قىسمىنى قانداق ئۆتكۈزگەنلكىمىز ھەققىدە ئۆز-ئۆزىمىزگە سوئال تاشلاپ باقىدىغان بولساق قانداق جاۋابقا ئېرىشەرمىز؟ ئەلۋەتتە ھەربىرىمىزنىڭ ئالىدىغان جاۋابىمىز ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ئېنىق. شۇنداقتىمۇ ئالغان جاۋابىمىز بۇ ئاينىڭ روھىغا قانچىلىك ئۇيغۇن؟
    ئاللاھ تەئەلا بۇ ئاينى: «ئىنسانلارغا يېتەكچى بولغان، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردىن ئىبارەت بولغان قۇرئان نازىل بولغان ئاي...» دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق بۇ ئاينىڭ باشقا ئايلاردىن پەرقلىق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنىڭ، قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايدا نازىل بولۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. يەنى بۇ ئاينىڭ ئۇلۇغلۇقى، باشقا ئايلاردىن پەرقلىق بولۇشى قۇرئان كەرىمنىڭ بۇ ئايدا نازىل بولغانلىقىغا باغلىق. دېمەك بۇ ئاي قۇرئان كەرىم ئېيىدۇر. ئەگەر بۇ ئايدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەر يىلى رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىمدىن ئۇ كۈنگە قەدەر ئۆزىگە نازىل بولغان قىسمىنى جىبرىل ئەلەيھىسسالامغا تىڭشاتقىنىغا ئوخشاش باشقا ئايلارغا نىسبەتەن قۇرئان كەرىمنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش ئارقىلىق ئۆتكۈزەلمىسەك، يەنى بۇ ئاينى قۇرئان كەرىم ئېيى قىلالمىساق، بۇ ئاينىڭ بىز ئۈچۈن باشقا ئايلاردىن ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ دېگەن گەپ. ئىنشائەللاھ ھەربىرىمىز ئۆزىمىزگە: «رامىزاننىڭ ئۆتۈپ كەتكەن قىسمىنى قانداق ئۆتكۈزدۈم» دەپ سوئال قويغىنىمىزدا ئالىدىغان جاۋابىمىز، «بۇ ئاينى قۇرئان كەرىم ئېيى قىلالىپتىمەن» شەكلىدە بولغۇسى!
    ئەگەر ئۇنداق قىلالمىغان بولساق ھېچبولمىغان پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ رامىزاننىڭ «نىجاتلىق» بولغان قىسمىنى؛ ئاخىرقى ئونىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئىھيا قىلىشقا، ئۇنى جانلاندۇرۇشقا، ئۇنى ئۆزىمىز ئۈچۈن، ئائىلىمىز ئۈچۈن، جەمىيىتىمىز ئۈچۈن ھەرخىل ناچار ئىللەت ۋە زىللەتلەردىن قۇتۇلۇش ۋەسىلىسى قىلىشقا قولىمىزدىن كېىلىشىچە تىرىشايلى.
    چۈنكى رەھبىرىمىز ۋە ئۈلگىمىز ۋە قۇرئان كەرىم ئۆزىگە نازىل قىلىنغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئاخىرقى قىسمى كىرگەن ۋاختىدا رامىزاننىڭ بېشىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچەپ ئىبادەت قىلاتتى، ئېتىكاپقا كىرەتتى ۋە بۇ ئارقىلىق قۇرئان كەرىم ئېيى بولغان رامىزان ئېيىنى روھىغا ئۇيغۇن ھالدا، لايىقىدا ئۆتكۈزۈشكە ئالاھىدە غەيرەت كۆرسىتەتتى.
    بۇ ھەقتە بىر نەچچە ھەدىسنى نەقىل قىلىپ سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇرىمەن:
    ئىبن ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولى بەك كەڭ ئىدى. بولۇپمۇ رامزان ئېيىدا جبرىئىل بىلەن ئۇچراشقان چاغلىرىدا تېخىمۇ سېخىيلىشىپ كېتەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رامزاندا ھەر كېچىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇنىڭغا «قۇرئان كەرىم»دىن تەلىم بېرەتتى. جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بىلەن ئۇچراشقان چاغلاردا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خەيرلىك ئىشلاردا يامغۇرلۇق بۇلۇتنى ئېلىپ كەلگەن شامالدىنمۇ تېز ۋە ئومۇمىي ئىدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)
    دېمەك پەيغەمبىرىمىزنى ئۆزىگە ئۈلگە قىلىپ ياشاشقا تىرىشۋاتقان كىشىنىڭ رامزان ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىش يۈزىسىدىن تېخىمۇ ساخاۋەتلىك بولۇشى، يىلنىڭ ھەر ئېيى ۋە پەسلىدە قۇرئان كەرىمنى قولىدىن چۈشۈرمىگەندىن سىرىت رامىزان ئېيىدا قۇرئان كەرىم ئۈچۈن ئالاھىدە ۋاقىت ئاجرىتىشقا، دۇنيا-ئاخىرەتلىكىمىزنىڭ نىجاتلىق رەھبىرى بولغان كىتاۋىمىزدا ئىگىمىز، ياراتقۇچىمىز ۋە تەربىيەتچىمىز ئاللاھنىڭ بىزگە قانداق يوليۇرۇقلارنى بەرگەنلىكى ۋە قانداق چەكلىمىلەرنى بىكىتكەنلىكىنى چۈشىنىپ ئەمەل قىلىش ئۈچۈن بۇ ئاينى تېپىلماس بىر پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۇنى روھىغا ئۇيغۇن ھالدا ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىشى لازىم ئىكەن.
    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن بىرەرسىڭلار روزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجىرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۈتۈرمىسۇن، ئەگەر بىر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇرۇشسا، مەن روزىدارمەن دېسۇن».(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
    ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمەيدىكەن، ئۇنىڭ تاماق يېمەي، سۇ ئىچمەي، تۇتقان روزىسىغا ئاللاھ تائالا موھتاج ئەمەس». (بۇخارى رىۋايەت قىلغان.)
    دېمەككى رامىزان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن سەۋرچانلىقنى، ئېغىر-بېسىقلىقنى، ئاللاھنىڭ دىنىنى ياشاش ۋە ياشىتىش يولىدا ئۆزىگە كەلگەن ئەزىيەتلەرگە چىداملىق بولۇشنى، خەير-ساخاۋەتلىك بولۇشنى، يالغان سۆزلەش ۋە يالغان بىلەن ئىش قىلىشتىن ساقلىنىشنى، ساختىپەزلىكتىن يىراق تۇرۇشنى، قولىمىزدا، يېنىمىزدا بار تۇرۇپمۇ يېمەسلىك ۋە ئىچمەسلىك ئارقىلىق بىزگە قول-ئىلكىدە بولمىغان ياردەمگە مۇھتاجلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغان ئىنتايىن مۇھىم تەربىيەتچىدۇر.
    شۇنىڭ ئۈچۈن مۇنۇ ھەدىستىكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزىمىزگە ئۈلگە قىلىپ قۇرئان ئېيى بولغان رامىزاننىڭ نىجاتلىق قىسمى؛ ئاخىرقى ئون كۈنىنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى:
    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرسە، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بىلىنى چىڭ باغلايتتى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش بىزمۇ ئائىلىمىزنى ئويغىتايلى، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن جانلاندۇرايلى، ئېتىكاپقا كىرىش پۇرسىتى بارلار ئىتىكاپكا كىرىپ ھېيتقىچىلىك ياكى بولمغان بىر نەچچە كۈن بولسىمۇ ۋاقتىمىزنى پۈتۈنلەي قۇلچىلىق بىلەن ئۆتكۈزەيلى ۋە بۇ كۈنلەردە رامىزاندىن كېيىن قىلىدىغان ياخشى ئىشلىرىمىزغا ئۇل سېلىۋالايلى!
    بۇ كۈنلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىشىمىز ئۈچۈن يەنە مۇھىم بىر سەۋەب بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قۇرئان كەرىمدە مىڭ ئايدىن خەيىرلىك دەپ كۆرسىتىلگەن (شۈبھىسىزكى، بىز ئۇ-قۇرئان-نى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ئامانلىقتۇر ئىبارەتتۇر. (قەدر سۈرىسى)) قەدىر كېچىسى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدادۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
    «قەدىر كېچىسىنى رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئو كۈنىدە ئىزدەڭلار!» (بۇخارىي ۋە مۇسلىم)
    بۇخارىينىڭ باشقا بىر رىۋايىتىدە: «رامىزننىڭ ئاخىرقى ئونىنىڭ تاق كېچىلىرىدە ئىزدەڭلار!» دەپ ئۆتىدۇ.
    بۇ ھەقتە بۇلاردىن باشقىمۇ نۇرغۇن رىيۋاتلەر بار. بىز بۇلار بىلەن كۇپايىلىنىمىز!
    ئاللاھ بىزنى رامىزاننى لايىقىدا تۇتقىلى، ئۇنى روھىغا ئۇيغۇن ئۆتكۈزگىلى مۇيەسسەر قىلسۇن! رامىزاندا قولغان كەلتۈگەن ياخشى ئادەتلىرىمىزنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغىلى نېسىپ قىلسۇن!

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=19613
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى غەنىمەت بىلەيلى!

    2009-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى


    ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا، "رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى يىلنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ كۈنلىرىدۇر" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
    ئى مۇسۇلمانلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋادارلىق قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
    ئىسلام ئۈممىتى نورمالدا ئادەتلەنگەن تۇرمۇشتىن باشقىچە، كۆنگەن زامان ۋە ماكاندىن ئۆزگىچە بىر ۋاقىتتا يەنى مۇبارەك رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى ياخشىلىقلار، خەيرى-ساخاۋەت، تائەت ئىبادەت ئىچىدە ئۆتكۈزمەكتە. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا مۇسۇلمانلارنىڭ دىللىرى سۆيۈنۈپ، روھىي كەيپىياتى ياخشىلىنىپ ئاللاھقا بولغان ئىمانى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ بارىدۇ. كېچىلەر تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن كۈندۈزلەر ئىش ھەرىكەت بىلەن ئىنتايىن روھلۇق ئۆتىدۇ. بۇ كۈنلەردە دۇئالار ئىجابەت، گۇناھلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. ئاللاھ خالىغان بەندىلىرىنى دوزاختىن ئازات قىلىپ تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان باغۇ-بوستانلىق جەننەتكە لاياقەتلىك قىلىدۇ. مۇسۇلمانلارغا كەلگەن بۇ خۇشاللىق مىنۇتلار رەھمان تائالانىڭ ئىسلام ئۈممىتىگە ئەۋەتكەن روھانىي سوغىتىدۇر. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ غاپىللار ئويغىنىشى كېرەك. ئاسىيلار گۇناھ-مەسىيەتلەردىن قول ئۈزۈپ ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە لايىق بولۇشقا تىرىشىشى لازىم. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن تەڭداشسىز نېمەتتۇر.
    ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلىپ بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە ئىبادەتكە مۇيەسسەر قىلدى. ئەلۋەتتە بىز بۇ نېمەتكە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتنى كۆپ ۋە ئىخلاس بىلەن قىلىشىمىز كېرەك.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاتۇ ۋەسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كېرىش بىلەن تەڭ ئائىلىسىنى ئويغىتىپ، ھىممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلاپ كېچىنى ئۇخلىماي ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى. رامزاندا ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىن بەكراق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپتا ئولتۇراتتى. دۇنيانىڭ غەلىغەشلىرىدىن ئاجراپ ئىبادەت ئۈچۈنلا بېرىلىپ قەدىر كېچىسىنى ئىزدەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىنمۇ سەلەپ سالىھلارمۇ بۇ سۈننەتنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. ھەقىقەتەن قەدىر كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەل بولغانىكەن قەدرى كېچىسىنى قولدىن بېرىش ھېچقاچان ئاقىلانىلىك ئەمەس. مىڭ ئاي نورمال ھېسابتا 83يىل ۋە 3ئاي بولۇپ قەدرى كېچىسىنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ مىڭ ئاي ئىبادەت قىلىش شەرىپىگە نائىل بولۇش نېمىدېگەن ياخشى. قەدرى كېچىسى قۇرئان نازىل قىلىنغان يۈكسەك پەزىلەتلىك بىر كېچە بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ شەرەپلىك نام بىلەن بىلەن ئاتالغان. قەدرى كېچىسىدە پەرىشتىلەر ئاسماندىن شۇنداق كۆپ چۈشىدىكى، بۇ كېچىدە زېمىنگە چۈشكەن پەرىشتىلەرنىڭ سانى زېمىندىكى شېغىل تاشلاردىنمۇ كۆپ بولىدۇ. بۇ كېچىدە كىمكى ساۋاپ ئۈمىد قىلىپ، خالىس نىيەت بىلەن ئىبادەت قىلىدىكەن، ئىلگىرى سادىر قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمكى، قەدرى كېچىسىدىن مەھرۇم قالىدىكەن بارلىق ياخشىلىقلاردىن مەھرۇم قالغان بولىدۇ. ئاللاھ بۇ كېچىنىڭ قايسى كۈنى ۋە قايسى سائەتتە بولىدىغانلىقىنى سىر ساقلىغانىكەن ئەلۋەتتە ئىنسان ئۇنى تېپىشقا تېرىشىشى كېرەك. قەدرى كېچىسى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى، تاق كېچىلەردە بولىشى بەلگىلەنگەندۇر. ئاللاھ قەدرى كېچىسىنىڭ ۋاقتىنى ئىبادەت قىلىدىغانلار تېخىمۇ ياخشى تىرىشسۇن ئۈچۈن ئاشكارىلىمىغان.
    قەدرى كېچىسى مىڭ ئايدىن ئەۋزەلدۇر. بۇ كېچىنى تېپىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلەر بىلەن تىرىشمايدىغانلارنىڭ پەرقلىق بولىشى ئۈچۈن ئاللاھ بۇ مۇبارەك ۋاقىتنى ئۆزى بىلىش بىلەنلا چەكلەنگەندۇر. بۇ كېچە ئىنسانلار ئۈچۈن ئىمتىھان ۋە سىناقتۇر.
    بۇ كۈنلەرمۇ ئاخىرلىشاي دېدى. بۇ كۈنلەردە ياخشى ئەمەللەر ئاسمانغا كۆتۈرىلىدۇ بىز بۇ كۈنلەرنى زايا قىلىۋەتمەستىن غەنىمەت بىلىپ ئاخىرەتلىكىمىز ئۈچۈن ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلىشىمىز لازىم.
    بۇ ئۇلۇغ كۈنلەردە پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن مەھرۇم قالغانلارمۇ يوق ئەمەس. شۇنداقلا ئاللاھ ھىدايەت قىلىپ توغرا يولغا يېتەكلىنىپ، رامزاندىن كېيىنمۇ ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىش ئارقىلىق، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەتئى نىيەتكە كەلگەنلەرمۇ ئانچە ئاز ساننى ئىگەللىمىسە كېرەك.
    ئى ئاللاھ دىنىڭغا نۇسرەت ئاتا قىلغىن. مۇسۇلمانلارنى ئازغۇن كۆز-قاراشلاردىن ساقلاپ، ئەقىدىسىنى، رەھبەرلىرىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ھىمايە قىلىدىغان ساغلام پرىنسىپقا يېتەكلىگىن.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى ۋە قەدىر كېچىسى توغرىسىدا

    2008-يىلى 09-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ تەپسىلى تەرجىمىسى


    بىرىنچى خۇتبە

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر، ئاللاھنى ئۆزىنىڭ كاتتىلىقىغا لايىق رەۋىشتە ماختايمىز، ئۇنىڭ پەزلى-ئېھسان ۋە نېمەتلىرىگە تەشەككۈر ئېيتىمىز، ئاللاھنى ئىسمى، سۈپەتلىرى ۋە ئىش-ھەرىكەتلىرىدە ھىچ شېرىكى يوق، يەككە-يىگانە دەپ، پەيغەمبىرىمىز ۋە يول باشچىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بارلىق ساھابىلەرگە ئاللاھدىن دائىم يېڭىلىنىپ، تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان رەھمەت ۋە سالاملارنى تەلەپ قىلىمىز.
    ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھغا تەقۋادارلىق قىلىش، ئۇ زاتقا ئىتائەت قىلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدىن ئىبارەت، «ئى مۆمىنلەر!ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، پەقەت مۇسۇلمانلىق ھالىتىڭلار بىلەنلا ۋاپات بولۇڭلار».
    ئى مۇسۇلمانلار! رامزاندا ئىنساننىڭ نەپسى غەپلەتتىن ۋە ھورۇنلۇق-بوشاڭلىقنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ، ئىبادەت مەيدانىغا، تائەت باغچىسىغا چىقىدۇ، تىللار ئاللاھدىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىدۇ، كۆزلەردىن ياشلار تۆكۈلىدۇ، قەلبلەر ئۆرتىنىدۇ، نەپسىلەر ئاللاھغا يۈزلىنىدۇ، ئىبادەتكە لەززەت، قەلبلەرگە خۇرسەنلىك ۋە ئۆمۈرگە بەرىكەت بولىدۇ.
    تەھەججۈد نامىزى، ئاللاھقا يېلىنىپ مۇناجات قىلىش، كىچىدە ئوقۇلغان قۇرئان تىلاۋىتىنىڭ لەززىتىگە نىسبەتەن دۇنيانىڭ لەززەتلىرى ھىچ نېمىگە ئەرزىمەيدۇ. سەھل ئىبنى سەئەد رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«جىبرىئل ئەلەيھىسسالام مىنىڭ يېنىمغا كېلىپ مۇنداق دېدى: ئى مۇھەممەد! سەن قانداق ياشىغىن، چوقۇم دۇنيادىن كېتىسەن، خالىغان نەرسىنى ياخشى كۆرگىن، ئۇنىڭدىن ئايرىلىسەن، دۇنيادا قانداق ئەمەللەرنى قىلساڭ، ئۇنىڭ مۇكاپىتىنى كۆرىسەن، بىلگىنكى، مۆمىننىڭ شان-شەرىپى كىچىدە ناماز ئوقۇش بىلەن، ئىززىتى كىشىلەردىن بىھاجەت بولۇش بىلەن بولىدۇ»(ھاكىم ۋە بەيھەقىيدىن).
    ئەبى ئۇمامە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«سىلەر كىچىدە ناماز ئوقۇڭلار، بۇ سىلەردىن ئىلگىركى ياخشى كىشىلەرنىڭ ئادىتى، بۇ ئىش سىلەرنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرىدۇ، خاتالىقنى كەچۈرۈم قىلىپ گۇناھنى ئۆچۈرىدۇ» (تىرمىزىيدىن).
    ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر ئىبنى ئاس رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمىكى كىچىدە تۇرۇپ قۇرئاندىن ئون ئايەت ئوقۇسا غاپىللارنىڭ قاتارىغا يېزىلمايدۇ، يۈز ئايەت ئوقۇسا كىچىدە قىيامدا تۇرغۇچىلار دەپ يېزىلىدۇ، مىڭ ئايەت ئوقۇسا كۆپ ئىبادەت قىلغۇچىلار دەپ يېزىلىدۇ»(ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبنى خۇزەيمەدىن).
    كىچىدە قىيامدا تۇرغۇچىلار ئۆز پەرۋەردىگارىغا ياخىشى كۆرەلگۈچى، راستچىل-سەمىمى كىشىلەردۇر، ئۇلار كېچىلەرنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا يېلىنىش، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش بىلەن بىدار ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىن يامغۇر تامچىلىغاندەك ياش تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ.
    مۇغىيرەتە ئىبنى شۆبە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېچىدە قىيامدا تۇرۇپ پۇتلىرى ئىششىپ كەتكەندە ئاياللىرى: ئاللاھ سىلىنىڭ ئىلگىركى ۋە كىيىنكى گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلغان تۇرسا نېمە ئۇنچە جاپا چىكىلا؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مەن ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتقۇچى بەندە بولمايمەنمۇ؟ !» دېگەن. (بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).
    مانا ھازىر رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى يېقىنلاشتى. ئاللاھغا يۈزلىنىدىغان ئەڭ كاتتا كېچىلەر كېلىپ قالدى، بۇ كېچىلەرنى غەنىمەت بىلەيلى، كېچىلەرنى قۇرئان تىلاۋەت قىلىش، ئاللاھقا يېلىنىش، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، تەھەججۈد نامىزى ئوقۇش بىلەن بىدار ئۆتكۈزەيلى، ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونى كىرسە، كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزەتتى، ئاياللىرىنىمۇ ئويغىتاتتى، ئادەتتىكىدىن ئارتۇقراق ئىبادەت قىلاتتى، ھىممەت كەمىرىنى مەھكەم باغلايتتى،(يەنى ئاياللىرىغا يېقىنچىلىق قىلىشتىن ئۆزىنى تارتاتتى)»(بىرلىككە كەلگەن ھەدىس).
    ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا(ئىبادەت، ياخشىلىق،ئاللاھقا يۈزلىنىش جەھەتلەردە) رامزاندىن باشقا چاغلاردا كۆرۈلۈپ باقمىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتەتتى» (مۇسلىمدىن).
    كېچىدە قىيامدا تۇرغۇچىلار! دۇئالارنى ئىجاۋەت قىلغۇچى ئاللاھغا ئىبادەت قىلىشقا تىرىشىڭلار، كېچىدە پەقەت كەسكىن ئىرادىلىك كىشىلەر تۇرالايدۇ، قەبرىدە ئىنسانغا كېچىدە ئوقۇغان نامازدەك مەنپەئەت بېرىدىغان نەرسە يوق.
    «شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار جەننەتلەردە ۋە ئېقىپ تۇرغان بۇلاقلارنىڭ ئارىسىدا بولىدۇ، ئۇلار پەرۋەردىگارى ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىدۇ، ئۇلار بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنى دۇنيادىكى چاغدا ياخشى ئىش قىلغۇچىلار ئىدى، ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى، ئۇلار سەھەرلەردە پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تىلەيتتى».
    ئاللاھ بۈيۈك قۇرئان كەرىم ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرى بىلەن ماڭا ۋە سىلەرگە بەرىكەت بەرسۇن، ئۇنىڭدىكى ۋەز نەسىھەتلەردىن ھەممەيلەنگە مەنپەئەت بەرسۇن، مەن ۋە سىلەر ئۈچۈن ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىمەن، ئاللاھتىن كەچۈرۈم تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھ غالىبتۇر، كەچۈرۈم تەلەپ قىلغۇچىلارنى كەچۈرگۈچىدۇر.

    ئىككىنچى خۇتبە

    ئاللاھنى بىزگە قىلغان خەيرى ئېھسانلىرىگە چەكسىز ماختايمىز، بەرگەن نېمەتلىرىگە ۋە توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلغانلىقىغا ھېسابسىز شۈكرى ئېيتىمىز، ئاللاھنىڭ شەنىنى كاتتىلاپ ھىچ شېرىكى يوق يەككە يىگانە دەپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمىز. ئاللاھتىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.
    ئى مۇسۇلمانلار! ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ كۈزۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭلار، ئاللاھغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئاسىيلىق قىلماڭلار. «ئى مۆمىنلەر!ئاللاھغا لايىق رەۋىشتە تەقۋالىق قىلىڭلار، راستچىل كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇڭلار».
    ئى مۇسۇلمانلار! قەدىر كېچىسى پەزىلەتلىك، كاتتا، بەركەتلىك ۋە شەرەپلىك كېچە، بۇ كېچىدە كۆپ ياخشىلىق ۋە ئالى ساۋاپلار تەقسىم قىلىنىدۇ، بۇ كېچىدە قىلىنغان ئەمەللەر باشقا مىڭ ئايدا قىلىنغان ئەمەللەردىن ياخشى، كىمىكى قەدىر كېچىسىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئىشەنگەن ۋە ساۋاپ ئۈمىد قىلغان ھالەتتە تۇرسا ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. بۇ كېچىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم بولغان كىشى كۆپ ياخشىلىقتىن مەھرۇم قالىدۇ. بۇ كېچىنىڭ ساۋابىغا ئېرىشكەن كىشى بەخىتلىك بولىدۇ.
    پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئاللاھغا يېقىنلىشىپ ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ، قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ ئېتىكاپ قىلاتتى، قەدىر كېچىسىنى بۇ ئاخىرقى مۇبارەك ئون كۈندە تەلەپ قىلىڭلار.
    ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىدا ئېتىكاپ قىلاتتى ۋە:«قەدىر كېچىسىنى رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈندە تەلەپ قىلىڭلار» دېگەن.
    ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! غەپلەتتىن بىشىڭلارنى سىلكىۋېتىپ، ھورۇنلۇق-بوشاڭلىقتىن ئاگاھ بولۇپ، قەدىر كېچىسىنى تەلەپ قىلىپ بىدار تۇرۇشقا تەييار بولۇڭلار.
    نەپسىڭلارنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭلار، ئىمام ئەھمەد ئۆز نەپسىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دەيتتى:" ئى نەپسىم! ئاللاھقا بويسۇنغىن، ئۇنداق قىلمىساڭ كىيىن مىنى بىئارام قىلىسەن".
    «ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى ئاخىرەت ئازابىدىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىت قىلىپ كېچىنىڭ سائەتلىرىنى سەجدە قىلغان ۋە قىيامدا تۇرغان ھالدا ئىبادەت قىلىپ ئۆتكۈزگەن ئادەم ياخشىمۇ؟، ئېيتقىنكى :«بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ پەقەت ساغلام ئەقىل ئىگىلىرى ئىبرەت ئالىدۇ».
    ئى مۆمىنلەر بىلىڭلاركى! ئاللاھ تائالا بىزنى ئالاھىدە بىر ئىشقا بۇيرۇپ، ئۇ ئىشنى ئالدى بىلەن ئۆزى باشلىدى، بۇنىڭغا ئاللاھقا دائىم تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى بىرگە قىلدى، ئىنسان ۋە جىنلارنى بۇنىڭغا بۇيرىدى، ئۇ بولسىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كۆپ دۇرۇت سالام يوللاشتىن ئىبارەت بولۇپ ئاللاھ مۇقەددەس كىتابىدىكى ئېسىل سۆزىدە مۇنداق دېدى:«ئاللاھ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە رەھمەت يوللايدۇ، پەرىشتىلەرمۇ ھەقىقەتەن پەيغەمبەرگە مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ،ئى مۆمىنلەر! سىلەر پەيغەمبەرگە دۇرۇت ئېيتىڭلار ۋە ئامانلىق تىلەڭلار».
    ئى ئاللاھ! سەندىن پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەن بارلىق ياخشى كىشىلەرگە كۆپلەپ رەھمەت، مەغپىرەت تەلەپ قىلىمىز.
    ئى ئاللاھ توغرا يول تۇتقۇچى، ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغۇچى، ھەقىقەتنى دۇنياغا تاراتقۇچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىز باسارلىرىدىن بولغان ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر، ئوسمان، ئەلى ۋە باشقا بارلىق ساھابىلاردىن رازى بولغىن. سىنىڭ سىخىلىقىڭ، رەھمىتىڭ ۋە خەيرى ئېھسانىڭ بىلەن بىزدىنمۇ رازى بولغىن.
    ئى ئاللاھ! ئىسلامنى ۋە مۇسۇلمانلارنى ئەزىز قىلغىن. مۇشرىكلار ۋە كاپىرلارنى خار قىلغىن، دىن دۈشمەنلىرىنى تارمار قىلغىن، ئى ئاللاھ! تۇتقان روزىمىزنى، كىچىدە ئوقۇغان تەراۋىھ نامازلىرىمىزنى ۋە ياخشى ئەمەللىرىمىزنى قوبۇل قىلغىن، باسقان قەدەملىرىمىزنى پاك قىلغىن. دەرىجىمىزنى ئالى قىلغىن، بىزنى گۇناھ-مەسىيەتتىن خالاس قىلغىن، نەپسىمىزگە ئەگىشىپ كېتىشتىن ساقلىغىن، بىز بىلەن خاتالىقنىڭ ئارىسىنى يىراق قىلغىن، شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىدىن ساقلىغىن.
    ئى ئاللاھ! سەن بىلەن ئۇچراشقاندا بىزنى خۇرسەن قىلغىن، بىزنى سەن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن قىلغىن، بىزگە سىنىڭ ھۆكمۈڭگە رازى بولۇش ۋە ئىتائەت قىلىش بىلەن قانائەتچان بولۇشنى ئاتا قىلغىن. سەن بىزگە ئاتا قىلغان ھالال نەرسىلەر بىلەن ھارامدىن ساقلىغىن، ئۆز پەزلىڭ بىلەن باشقىلاردىن بىھاجەت قىلغىن، بىزنى مۇسۇلمان ھالەتتە ۋاپات قىلدۇرغىن، بىزنىڭ رىزقىمىزنى كەڭرى قىلغىن، بىزنى باشقىلارنىڭ دەشنام قىلىشىدىن ساقلىغىن، كاپىرلارنى بىزدىن ئۈستۈن قىلمىغىن.
    ئى مەغپىرىتى كەڭرى، ئەپۇ قىلىشى كاتتا، رەھمىتى يېقىن بولغۇچى ئاللاھ! بىزگە ئۆز دەرگاھىڭدىن رەھمەت-مەغپىرەت ئاتا قىلغىن، ساڭا تەقۋادارلىق قىلىش بىلەن بىزنى بەخىتلىك قىلغىن، بىزگە سىنى كۆرۈپ تۇرغاندەك قورقۇنچ ئاتا قىلغىن.
    ئى ئاللاھ! ئىككى ھەرەم شەھىرىنىڭ تىنچلىق-باياشاتلىقىنى، شان-شەرىپى ۋە خاتىرجەملىكنى داۋاملاشتۇرغىن، رەھبەرلىرىنى ئىسلامنىڭ ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززىتى كۆتۈرىدىغان، ھەج-ئۆمۈر قىلغۇچى ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغانلاردىن قىلغىن. سىنىڭ رەھمەت-پەزلىڭ بىلەن بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ شەھىرىنىڭ تىنچلىق-باياشاتلىقىنى، شان-شەرىپى ۋە خاتىرجەملىكىنى داۋاملاشتۇرغىن، دۈشمەنلەرنىڭ ھىلى-مىكرىدىن، ئىپلاسلارنىڭ بۇزۇقچىلىقىدىن ساقلىغىن، دۇنيادا ئازاب چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا تىزدىن غەلبە-نۇسرەت، تەمكىنلىك ئاتا قىلغىن. ئەقسا مەسچىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئىپلاسلىقىدىن قۇتقازغىن، پەلەستىندىكى بىچارە قېرىنداشلىرىمىزغا بۇلاڭچى يەھۇدىيلار ئۈستىدىن غەلبە ئاتا قىلغىن، ئۇلارنىڭ بالا-مۇسىيبەتلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكىن، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىرىنىڭ قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرگىن، كېسەللىرىگە شىپالىق ئاتا قىلغىن، ئۇلارغا تاجاۋۇز قىلغانلارنى مەغلۇب قىلغىن، رامىزان ئېيىنى بارلىق مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىززەت، غەلبە، قۇتۇلۇش ۋە تەمكىن بولىدىغان ئاي قىلغىن، ئى مېھرىبان شەپقەتلىك ئاللاھ!.
    ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! ئاللاھ سىلەرنى ئادىللىق قىلىشقا، خەيرى ئېھسان قىلىشقا، ئۇرۇق تۇغقانلارغا ئېھسان قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، پاھىشە ئىشلاردىن، ھەددىدىن ئېشىشتىن توسىدۇ، سىلەرنىڭ نەسىھەت قوبۇل قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە نەسىھەت قىلىدۇ، ئاللاھغا بەرگەن ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، ئەھدىنى چىڭىتقاندىن كىيىن بۇزىۋەتمەڭلار، ئاللاھنى بۇ ئىشقا ۋەكىل قىلدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر، ناھايىتى كاتتا ۋە بۈيۈك ئاللاھنى يادىتىڭلار، ئاللاھمۇ سىلەرنى ئەسلەيدۇ، ئاللاھنىڭ ھېسابسىز نېمەتلىرىگە شۈكۈر ئېيتىڭلار، سىلەرگە زىيادە قىلىپ بېرىدۇ، ئاللاھنى يادىتىش كاتتا ئىشتۇر، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى بىلىپ تۇرغىچىدۇر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=24252
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: