版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/157328678.html

    رامىزان بىلەن قانداق ۋىدالىشىشىمىز كېرەك؟


    2008-يىلى 09-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى


    ئىمام ئاللاھ تائالاغا ھەمدۇ-سانا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا دۇرۇتلار ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن ھەرەمدە جۈمە نامىزى ئۈچۈن يىغىلغان يۈزمىڭلارچە مۇسۇلمانلارغا:
    «رامىزان ئېيى بىلەن ۋىدالىشىش ۋىژداننى ئازابلايدۇ، غەم-قايغۇنى قوزغايدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
    ئى مۇسۇلمانلار ئاللادىن قورقۇڭلار! ئاشكارا-مەخپى ھاللاردا تەقۋا قىلىڭلار! تەقۋادارلىق ئىنساننى دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ. ئاللاھ بۇيرىغان ئىشلارغا ئالدىراش، ئاللاھ توسقان ئىشلاردىن يىراق بولۇش ھەقىقىي تەقۋادارلىقتۇر.
    ھەقىقەتەن ئۇلۇغ رامىزان ئاي بىلەن ۋىدالىشىۋاتىمىز، بۇ ئاينى كۆڭۈلدىكىدەك ئۆتكۈزەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ۋىجدان ئازابى تارتىمىز، مەھبۇبىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن قايغۇرماي تۇرالمايمىز. چۈنكى رامىزان ئېيى بىز ئۈچۈن ئاللاھنىڭ بۈيۈك نېمىتى ئىدى، بۇ نېمەتتىن ئايرىلىش ئىنساننى غەم-قايغۇغا سالماي قالمايدۇ. بىز تۈنۈگۈن قارشى ئالغان رامىزان كۆز يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئاينى قانداق ئۇزىتىمىز؟ خۇشاللىق بىلەن ئۇزىتامدۇق؟ ئاخىرلاشقىنىغا خۇرسەن بولامدۇق؟ ياكى سەلەپ سالىھلاردەك چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇن ياخشلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش، كۆپرەك ئەجىرگە ئېگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشامدۇق؟ ئىلگىركى سەلەپلەر ۋە ئالىملار رامىزاننى ئۇلۇغ ھىممەت بىلەن قارشى ئالاتتى، رامزاننىڭ ئاخىرقى ئونىنى كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزەتتى. رامىزان چىقىپ كەتكەندە رامزاندا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ قوبۇل بولۇش بولماسلىقىدىن ئەنسىرەپ ئەندىشە قىلاتتى. شۇڭا بەزى سەلەپ ئالىملىرى رامىزان يىتىپ كېلىشتىن 6ئاي بورۇن رامزانغا يەتكۈزۈشنى تىلىسە رامىزان چىقىپ كەتكەندىن كېيىن يەنە 6 ئاي رامزاندا قىلغان ئەمەللەرنىڭ قوبۇل بولۇشىنى تىلەپ دۇئا قىلاتتى. ئۆلىمالارمۇ ۋەسىيەتلىرىدە رامزاننىڭ ئىبادىتىنى نەزەردىن ھېچقاچان ساقىت قىلماسلىقلىرى، بۇ ئىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرمىسە بولمايدىغان ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىپ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: "سىلە ئەمەلىڭلارنىڭ قوبۇل بولىشى ئۈچۈن ئەمەلنىڭ ئۆزىدىنمۇ بەكراق ئەھمىيەت بىرىڭلار. سىلەر ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ «ئاللاھ تەقۋادارلارنىڭلا ئىبادىتىنى قوبۇل قىلىدۇ»". رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامزاننىڭ ئاخىرقى كېچىسىدە مۇنداق چاقىراتتى: "كاشكى، كىمنىڭ ئەمىلى مەقبۇل بولدى ئۇنى تەبرىكلىسەم. كىمنىڭ ئەمىلى مەقبۇل بولمىدى ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈرسەم دەيمەن". ئەبى ھۇرەيرە رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەرگە چىقىپلا ئامىن، ئامىن، ئامىن دەپ ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان. ساھابىلار ئى رەسۇلۇللاھ! مۇنبەرگە چىقتىڭىز ئامىننى 3 قېتىم تەكرارلىدىڭىز. دېگەندە رەسۇلۇللاھ: ماڭا جىبرىئل ئەلەيھىسسالام كېلىپ ئى مۇھەممەد كىمكى رامزانغا ئۇلىشىپمۇ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمىغان بولسا ئاللاھ ئۇنى يىراقلاشتۇرۇپتۇ، ئامىن دېگىن دېدى. ئاتا-ئانىسى ياكى ئىككىسىدىن بىرىنى ھايات تېپىپ يەنە جەننەتكە كىرەلمىگەن بولسا ئاللاھ ئۇنىمۇ يىراق قىلسۇن. ئامىن دېگىن دېگەندىن كېيىن ئامىن دېدىم. كىمكى سەن ئۇنىڭ قېشىدا زىكىر قىلىنساڭ دۇرۇت ئوقۇمىسا، ئۆلگەندىن كېيىن دوزاخقا كىرىپ قالسا ئاللاھ ئۇنى ئۆزىدىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ئامىن دېگىن دېدى. مەن ئامىن دېدىم.
    روزا تۇتقان كىشىلەرنىڭ بۇ ئۇلۇغ ئاينى ئۇزىتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئۇزىتىش شوئارى لائىلاھە ئىللەللاھۇدىن ئىبارەت تەۋھىد كەلىمىسىدۇر. ۋە ئىستىغپاردۇر. ئىبنى رەجەپ دېگەندەك تەۋھىد كەلىمىسى گۇناھلارنى تازىلايدۇ ۋە توقىتىدۇ. ئەبۇ داۋۇد ۋە نەسەئى رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە: «كىمكى تەۋھىد كەلىمىسىنى قەلبىدىن چىقىرىپ خالىس دىسە ئاللاھ ئۇنىڭغا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ» دېگەن. ئىستىغپار(يەنى گۇناھقا تەۋبە قىلىش)بولسا ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە نائىل بولۇشنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەپلىرىدىندۇر. ئىستىغپار دېمەك گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان دۇئادۇر. روزا تۇتقۇچىنىڭ دۇئاسى ئىجابەتتۇر. ئاللاھ تائالا داۋاملىق تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن ئىستىغفارنى يانداش كەلتۈرىدۇ.
    ئىستىغپار بارلىق ياخشى ئەمەللەرنىڭ تۈگەنچىسى بولۇپ ناماز، ھەج، قىيامۇللەيل،(كېچىدە ئوقۇلىدىغان ناماز) زىكىر-تەسبىھ ئوقۇلغان يىغىلىشلار ئىستىغپار بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.يىغىلىش زىكىر تەسبىھ يىغىلىشى بولسا مەجلىسكە مۇناسىپ بولغان بولىدۇ. مەجلىس ئەھمىيەتسىز يىغىلىش بولغان بولسا ئۇنىڭغا كاپارەت بولىدۇ. رامىزان روزىسىمۇ ئىستىغپار بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئىبادەتلەردىندۇر. ھەقىقىي ئاللاھ قۇبۇل قىلىدىغان ئىستىغپار تەۋبە قىلىش، گۇناھقا قايتماسلىق ئىرادىسى بىلەن قىلىنغان ئىستىغفاردۇر. ئىنسان رامزاندا قىلغان ئىبادەتنى رامزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشقا مۇۋەپپەق قىلىنغانلىقى، ئىنساننىڭ روزىسىنىڭ قوبۇل بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر.
    ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئاللاھتىن قورقۇڭلار. بۇ ئاينى ئۇزىتىش مۇراسىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈڭلار. ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇڭلار. قالغان ساناقلىق كۈنلەرنى غەنىمەت بىلىڭلار. ياخشى ئەمەللەرنى كۆپ قىلىڭلار. ئاللاھنىڭ ئالدىدا مال دۇنيا، بالا-چاقا ئەسقاتمايدىغان ۋاقىت كەلگەندە ئەنە شۇ ئەمەللىرىڭلار ئەسقاتىدۇ. رامىزاننى ئۇزىتىۋاتقان روزىدار شۇنى ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەككى، رامزاندا ئېچىلغان ياخشىلىقلارنىڭ دەرۋازىلىرى رامزاندىن كېيىن تاقىلىپ قالمايدۇ. تائەت-ئىبادەت مەيدانلىرىدىكى كۈچلۈك رىقابەت توختاپ قالمايدۇ. رامىزان ئېيى ئاخىرلاشقان بولسا روزا ئىبادىتى ئاخىرلاشقىنى يوق. ئاخىرلاشمايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام شەۋۋالدا 6 كۈن روزا تۇتۇش بىر ئۆمۈر روزا تۇتقان بىلەن باراۋەر دېگەن. ھەر ھەپتە دۈشەنبە، پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش سۈننەتتۇر. ئەرەفات كۈنىدە روزا تۈتۈش. ئاشۇرا كۈنى روزىسى، شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمان ئۈچۈن يىل بويى روزا تۇتۇش پۇرسىتى باردۇر. رامزاندا كېچىدىكى تەھەججۈد نامىزى ئاخىرلاشقان بولسا ھەركۈنى كېچە ئاخىرىدا ئوقۇلىدىغان قىيامۇللەيل نامىزى يىل بويى داۋام قىلىدۇ.
    قەدىر كېچىسىنىڭ بەلگىلىرى توغرۇلۇق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى تەبەرانى رىۋايەت قىلغان ھەدىسى كۇپايە قىلىدۇ، : قەدىر كېچىسىنىڭ ئالامەتلىرى كۆپىنچە ۋاقىتتا كېيىن مەلۈم بولىدۇ. قەدىر كېچىسىنىڭ ئەتىسى كۈن ئاق لېكىن نۇرسىز چىقىدۇ، كىچە سۈزۈك ئەمما ھاۋا ئىسسىقمۇ ئەمەس، سوغۇقمۇ ئەمەس. ئاي نۇرلۇق پاقىراپ چىقىدۇ. يۇلتۇز چۈشمەيدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ كۆپىنچىسى زېمىندا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ سانى زېمىندىكى شېغىل تاشلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. قەدىر كېچىسىدە ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىدۇ. (يەنى ئاللاھ بەندىلەرگە مەرھەمەت قىلىپ دۇئا ۋە تېلەكلىرىنى ئىجابەت قىلىدۇ) ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىگە خالىس ئىبادەت قىلىشقا مۇيەسسەر قىلسۇن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    مەنبە: http://www.islamhouse.com/p/178386
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=19753
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنلىرىدە ئېتىكاپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى

    2009-يىلى 09-ئاينىڭ 11-كۈنىدىكى جۈمە خۇتبىسىنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى


    پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئاللاھنى ماختاپ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت سالام يوللىغاندىن كىيىن جۈمە نامىزى ئۈچۈن جەم بولغان يۈزمىڭلىغان جامائەتكە "كېچە-كۈندۈزنىڭ ئالمىشىشى ۋە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى نېمە دېگەن تىز! مانا رامزان ئېيى ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ، ھەر بىرىمىز رامزاننىڭ قالغان ۋاقىتلىرىنى غەنىمەت بىلىپ، بىزنى ئاللاھغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ۋە دۇنيا-ئاخىرەتلىك بەختىمىزگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشايلى" دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكى تەۋسىيەلەرنى قىلدى:
    بىز ھازىر پەزىلەتلىك ۋە ساۋابى كاتتا بولغان رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە تۇرۇۋاتىمىز، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئون كۈندە ئىبادەتكە باشقا ۋاقىتلاردىكىدىنمۇ بەك تىرىشچانلىق كۆرسىتەتتى. رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنى كىرگەندە بېلىنى چىڭ باغلاپ تېرىشىپ كېچىلەرنى ئىبادەت بىلەن بىدار ئۆتكۈزەتتى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرنى ئويغىتاتتى. بۇ ئون كۈندە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بىر كېچە بولۇپ، بۇ كېچىدە ئاللاھنىڭ ۋەدىسىگە ئېشىنىپ ۋە ساۋاپ ئۈمىت قىلىپ ئىبادەت بىلەن بىدار بولغان كىشىنىڭ ئىلگىرىكى گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇ كېچىنىڭ ئاخىرقى تاق كېچىلەردە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. بۇ كېچىدە دۇئا قىلىشقا بەك ئەھمىيەت بېرىش ھەققىدە ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھادىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: «يا رەسۇلۇللاھ! مەن قەدىر كېچىسىنى تاپسام نېمە دەپ دۇئا قىلىمەن؟ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭغا: ئى ئاللاھ! سىلە كەچۈرۈم قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىلا، مېنى كەچۈرۈم قىلسىلا دېگىن» دەپ جاۋاپ بەرگەن.
    بۇ ئون كۈندە قىلىش سۈننەت بولغان ئىشلارنىڭ بىرى ئېتىكاپ قىلىشتۇر، يەنى ئاللاھغا تائەت-ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مەسچىتنى لازىم تۇتۇشتۇر. بۇخارىي ۋە مۇسلىمدا رىۋايەت قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا رامزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى. ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئېتىكاپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان».
    ئېتىكاپ قىلىشتىكى مەقسەت: ئىنسان ئۆز نەپسىنى ئىبادەتكە ئادەتلەندۈرۈش، دۇنيا ئىشلىرى ۋە كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىلارنى مۇددەتلىك ئۈزۈش، قەلبىنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە بېغىشلاپ، ئاللاھنى زىكىر قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان ئىشلاردىن خالى قىلىپ، تۈرلۈك ئىبادەت ۋە ئاللاھغا يېقىنلاشتۇرىدىغان ياخشى ئەمەللەر بىلەن زىننەتلەش كېرەك.
    بەزى ئۆلىمالارنىڭ قارىشىدا: "ئېتىكاپنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقتى بىر كېچە ياكى بىر كۈندۈز بولۇپ، ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ رۇخسىتىسىز ئېتىكاپ قىلىشى توغرا بولمايدۇ. شۇنداقلا جۈمە نامىزى ئوقۇش ئۈچۈن يىراقلارغا كېتىپ قالماسلىق ئۈچۈن جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان مەسچىتلەردە ئېتىكاپ قىلىشمۇ توغرا بولمايدۇ. ئاياللار ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى ناماز ئوقۇيدىغان ئورۇندىن باشقا قانداق مەسچىتتە ئېتىكاپ قىلسا بولىۋېرىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئېتىكاپتىمۇ تولۇق ھىجابلانغان ۋە ھايالىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
    ئېتىكاپ قىلغۇچى شەرئى تەرەپتىن زۆرۈر بولمىغان ئەھۋالدا ئېتىكاپ قىلىۋاتقان ئورۇندىن سىرتقا چىقماسلىقى كېرەك. ئەمما جۈمە نامىزى ئوقۇش، چوڭ-كېچىك تاھارەت ئېلىش، يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىدىغان كىشى بولمىسا يېمەكلىك ئېلىش ئۈچۈن چىقسا بولىدۇ. ئائىشە رەزىيەللاھۇئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ زۆرۈر بولغان ئىشلار ئۈچۈن سىرتقا چېقىشى سۈننەت ھېسابلىنىدۇ. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئېتىكاپ قىلىۋاتقاندا زۆرۈر ئىش بولمىسا ئۆيگە كىرمەيتتى». ئېتىكاپ قىلغۇچى ئېتىكاپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا كېسەل يوقلاشقا چىقمايدۇ. جىنازا نامىزىغا بارمايدۇ. ھەتتا يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ زىيارەت قىلىشقا بارمايدۇ. ئەمما يۇقىرىدىكى ئىشلارنى ئېتىكاپقا كېرىش ۋاقتىدا شەرت قىلغان بولسا قىلسا بولىدۇ. بارلىق ئالىملارنىڭ قارىشىدا ئېتىكاپ قىلىشنى مەقسەت قىلغان كىشى ياخشىسى رامزاننىڭ 21-كېچىسى كۈن ئولتۇرغاندا مەسچىتكە كېرىشى كېرەك. ئىلگىرىكى ياخشى كىشىلەرنىڭ قىلغىنىدەك ھېيت كېچىسى ئۆزىنىڭ ئېتىكاپ قىلغان ئورنىدا قىلىپ ئەتتىگەندە ھېيت نامىزىغا چىقسا ياخشى بولىدۇ.
    مۇسۇلمانلارنىڭ سۈننەت بولغان ئېتىكاپنىڭ ساۋابىغا ئېرىشىش ئۈچۈن باشقا زۆرۈر بولغان ئىشلارنى زايا قىلىۋېتىشى توغرا بولمايدۇ. مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ياخشى، چۈنكى باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۆزىگىلا مەنپەئەتلىك بولغان ئىشلاردىن ياخشى، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنى ئېتىكاپ قىلىشتىن چەكلىسە، ئۇلار ئاتا-ئانىسىغا ئىتائەت قىلىشى كېرەك. شەرىئەت قائىدىلىرى ۋە توغرا بولغان دەلىللەرمۇ بۇنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېتىكاپ قىلغان ۋاقىتلاردىمۇ پەرزەنتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىشى، ئەگەر بالىلار كېچىك بولسا ئېھتىماللىقى بولغان بۇزغۇنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، كۆزلىگەن مەقسەتلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بەكراق كۆڭۈل بۆلىشى كېرەك.
    ئېتىكاپتىن بولغان مەقسەتكە زىت كىلىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش، كېچە-كۈندۈزدە يوقلاپ كېلىدىغان زىيارەتچىلەر بىلەن ئورۇنسىز پاراڭلارنى قىلىپ ۋاقىتنى زايا قىلىش، بولۇپمۇ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى بىلەن ئېتىكاپنى بىكار قىلىۋېتىدىغان غەيبەتلەرنى قىلىشتىن ھەزەر قىلىش كېرەك. چۈنكى شەيتان بۇنداق بولىشىنى بەك ياقتۇرىدۇ، ئەمما يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن نورمال پاراڭلىشىپ ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرسا بۇنىڭ زېيىنى يوق، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنى سەپىييە رەزىيەللاھۇئەنھا يوقلاپ كەلگەندە پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان.
    ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ ئېتىكاپتىن ئىبارەت بولغان ئالى مەقسەتنى ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن زىيادە ئۇيقىدىن، ئورۇنسىز پاراڭلاردىن ۋە كىشىلەر بىلەن ئارتۇقچە ئارىلىشىشتىن ساقلىنىشى ياخشى بولىدۇ. شۇنداقلا مەسچىتكە كەلگەن باشقا ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ئازار يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش، مەسچىتنىڭ ئەدەپلىرى ۋە تازىلىقىغا رىئايە قىلىشى لازىم. بولۇپمۇ بەيتۇللاھ ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مەسچىتىدە ئېتىكاپتا تۇرۇۋاتقانلار ناماز ۋاقىتلىرىدا ئۇخلاش كىيىمى بىلەن تۇرماستىن بەلكى چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ تۇرۇشى كېرەك.
    ئېتىكاپ قىلغۇچىلار توپلىشپ ئىلمى ۋە پىقھى مەسىلىلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى ئېتىكاپ قىلىش دېگەن خالى-تىنچ يەردە تۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئىمام مالىك ۋە ئەھمەدتىن بايان قىلىنىشچە ئېتىكاپ قىلغۇچىنىڭ ئېتىكاپ قىلىشتىن ئىبارەت بولغان ئالى مەقسەتكە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن باشقىلارغا قۇرئان، پىقھى دەرسلەرنى ئۆگىتىشىمۇ ياخشى كۆرۈلمەيدۇ دېيىلگەن.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=24252
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى


    49002-نومۇرلۇق سوئال
    سوئال:
    ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى قانچىلىك بولىدۇ؟، قىسقا ۋاقىت ئېتىكاپ قىلسىمۇ بولامدۇ ياكى بىرقانچە كۈن قىلىش كېرەكمۇ؟ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىلگەن بولسا.

    جاۋاپ:
    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا خاستۇر.
    ئۆلىمالار ئېتىكاپنىڭ ئەڭ ئاز مۇددىتى توغرىسىدا ئىختىلاپ قىلىشقان بولۇپ، ھەنەفىي، شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدىكى كۆپچىلىك ئالىملار ئېتىكاپنىڭ ئاز مۇددىتى بىر مىنۇتتىن ياكى كۆز يۇمۇپ ئاچقىچىلىك مۇددەتتە بولسىمۇ بولىدۇ دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
    بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشنى ئىستىگەن كىشىلەر: «دۇررۇل مۇختار» ناملىق ئەسەر 1-توم 445-بەت، «ئەلمەجمۇئ» ناملىق ئەسەر 6-توم 489-بەت، «ئەلئىنساپ» ناملىق ئەسەر 7-توم 566-بەتلەرگە مۇراجىئەت قىلسۇن.
    ئىمام نەۋەۋىي «ئەلمەجمۇئ» ناملىق ئەسەر 6-توم 514-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ بىرلىككە كەلگەن كەسكىن كۆز قاراشتا ئېتىكاپنىڭ ئەڭ قىسقا مۇددىتى مەسچىتتە بىرئاز تۇرۇش بولۇپ، مەسچىتتە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرسىمۇ ياكى قىسقا ۋاقىت يەنى بىر سائەت ياكى بىر قانچە مىنۇت تۇرسىمۇ بولىدۇ». بۇ سۆزىنى تۆۋەندىكى دەلىللەر بىلەن كۈچلەندۈرىدۇ:
    1-ئېتىكاپ قىلىش دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا: بىر ئورۇندا تۇرۇش دېگەننى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، شەرىئەت بۇ ئىبادەتكە كەسكىن بىر مۇددەت بەلگىلەپ بەرمىگەن بولۇپ، بۇ سۆزلۈك قىسقا ۋە ئۇزۇن مۇددەتكە بىردەك قوللىنىدۇ.
    ئىبنى ھەزمى مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىكاپ قىلىش دېگەن سۆز ئەرەب تىلىدا: بىر ئورۇندا تۇرۇش دېگەننى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، ئاللاھغا يېقىنلىشىشنى مەقسەت قىلىپ مەسچىتتە تۇرۇش ئاز ياكى كۆپ بولسۇن بۇنىڭ ھەممىسى ئېتىكاپ بولىدۇ. چۈنكى قۇرئان-ھەدىستە بۇ ئىبادەتكە ئېنىق مۇددەت بەلگىلەنمىگەن». «ئەلمۇھەللا» 5-توم 179-بەتكە قارالسۇن.
    2-ئىبنى ئەبى شەيبە يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان ئەسەردە مۇنداق دەيدۇ: «مەن مەسچىتتە مەلۇم ۋاقىت ئېتىكاپ قىلىش مەقسىتىدە تۇرىمەن، ئىبنى ھەزمى بۇ سۆزنى ‹ئەلمۇھەللا› ناملىق ئەسەردە (5\179)دەلىل قىلىپ بايان قىلغان. ئىبنى ھەجەر بۇنى پەتھۇل بارىدا بايان قىلىپ مەسچىتتە بىر سائەت تۇرىمەن دېگەن سۆز ھازىرقى بىز بىلىدىغان 60 مىنۇت ۋاقىتنى ئىپادىلەيدىغان بىر سائەت بولماستىن بەلكى ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدىن ئىبارەت دەپ ئىزاھات بېرىدۇ.
    بەزى ئالىملار ئېتىكاپنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقتى بىر كۈن دېگەن قاراشقا بارغان بولۇپ، بۇ ئىمام ئەبۇ ھەنىيپە ۋە بەزى مالىكىي مەزھەپ ئالىملىرىنىڭ قارىشى.
    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ «پەتىۋالار توپلىمى» ناملىق ئەسىرى 15-توم 441-بەتتە مۇنداق دەيدۇ: «ئېتىكاپ قىلىش ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن ئاللاھغا ئىتائەت قىلىش بىلەن مەسچىتتە تۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئىبادەت ئۈچۈن بىر كۈن ياكى ئىككى كۈن ياكى بۇنىڭدىن ئازراق دەپ ئېنىق ۋاقتىنى بەلگىلەيدىغان دەلىللەر بايان قىلىنمىغان، بۇ شەرىئەت يولغا قويغان ئىبادەت بولۇپ، ئەگەر ئىنسان ئۆزىگە ئېتىكاپ قىلىشنى نەزىر قىلسا، ئۇ ۋاقىتتا ئېتىكاپ قىلىش شۇ كىشى ئۈچۈن پەرز بولىدۇ، بۇ ھۆكۈم ئەر-ئاياللار ئۈچۈن ئوخشاشتۇر. ھەممىنىڭ توغرىسىنى بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=24252
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

     

    قەدىر كېچىسى ۋە رامىزان بىلەن ۋىدالاشقاندا


    تۈركىيە ئاۋازى(16.09.2010) رادىئوسى:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «قەدىر كېچىسى ۋە رامىزان بىلەن ۋىدالاشقاندا..» ناملىق مەخسۇس تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
    جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسىنىڭ 185-ئايىتىدە «رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر» دېيىش ئارقىلىق «قۇرئان كەرىم»نىڭ بۇ ئايدا نازىل قىلىنغانلىقىنى خاتىرىلىپ، رامىزان ئېيىنىڭ ئەھمىيىتىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. مەزكۇر بايانلار ئەينى ۋاقىتتا ‹قەدر سۈرىسى›دىمۇ تەكرارلىنىدۇ. قەدر سۈرىسىدە «مىڭ ئايدىنمۇ ئەۋزەل» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن قەدىر كېچىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلىدۇ. قەدىر كېچىسى، «قۇرئان كەرىم» دە مەدھىيىلەنگەن ئەڭ قىممەتلىك كېچە بولۇپ، جانابى ئاللاھ قەدر سۈرىسىدە مۇنداق دەيدۇ: « بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدرىدە نازىل قىلدۇق. شەبى قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ شەبى قەدرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا ئاللاھ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ  ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر.»
    بۇ كېچىنىڭ ئەھمىيىتى، سۈرىدە بايان قىلىنغىنىدەك «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزكۇر كېچىدە نازىل قىلىنىشقا باشلانغان بولۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. مۇسۇلمانلار، ھەر رامىزان ئېيىنىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كېچىسىنى ‹قەدىر كېچىسى› دەپ تونۇپ، ئۇنى ئالاھىدە كۈتۈۋالىدۇ. بىراق مەنبەلەردە قەدىر كېچىسىنىڭ، رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون ياكى يەتتە كۈنىنىڭ بىرىگە يۇشۇرۇنغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. ھەتتا رامىزان ئېيى ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ كالىندارغا كۆرە ھېسابلىنىدىغانلىقى نەزەرگە ئېلىنغىنىدا، ئاي كالىندارىنىڭ ئايلىنىشىغا كۆرە قەدىر كېچىسىنىڭ يىلنىڭ پۈتۈن كۈنلىرىدە ئۇچرىشىنىڭ مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بۇ ئەھۋالنى ئېتىبارغا ئالغانلار بارلىق كېچىلەرنى قەدىر كېچىسىگە ئوخشاشلا قەدىرلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. «ھەر كېچىنى قەدىر، دەپ بىل، ھەر كۆرگەننى خىزىر دەپ (بىل)» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزمۇ يۇقىرىقى نۇقتىنى چىقىش قىلىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك كىشىلەر ‹خىزىر›نىڭمۇ مەخپى يۇرىدىغانلىقى، قاچان ۋە قەيەردە كىشىلەرنىڭ ئالدىغا چىقىدىغانلىقىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشىدۇ. مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق بارلىق كىشىلەردە ئوخشاش سەۋىيەدە ھۆرمەت بىلدۈرۈش كېرەكلىكى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولىدۇ.
    پەيغەمبىرىمىزنىڭ رەپىقىسى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا: «ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! قەدىر كېچىسىنى بىلىپ قالسام، ئۇنىڭدا قايسى شەكىلدە دۇئا قىلاي؟» دەپ سورىغاندا پەيغەمبىرىمىز، ‹پەرۋەردىگارىم، سەن مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مەغپىرەت قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، مېنى مەغپىرەت قىلغىن» دەپ دۇئا قىلىشىنى تەۋسىيە قىلغان. بۇ يەردە ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ‹بىلىپ قالسام› دېگەن سۆزى، مەزكۇر كېچىنىڭ ۋاقىتىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەۋسىيە قىلىنغان دۇئا بولسا، ئۇ كېچىنىڭ ئىنساننىڭ ئاللاھتىن يېڭى پۇرسەتلەرنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىشى ۋە پاكلىنىشىغا ۋاسىتە بولىدىغانلىقى، شۇنداقلا كۈنلىرىنى ئىبادەتلەرنى كۆپلەپ قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. يەنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، كىمكى ئۇ كېچىدە ئىشەنگەن ھالدا سەمىمىيەت بىلەن ئىبادەت قىلىپ، ئاللاھقا يالۋۇرسا، ئۇنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ. قەدىر كېچىسىنى ناماز ئوقۇش، ‹قۇرئان كەرىم› ئوقۇش، تەۋبە ۋە دۇئا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزۈش لازىم. ئۆزىمىزگە تىلىگىنىمىزگە ئوخشاشلا باشقا مۇسۇلمانلار ۋە بارلىق ئىنسانىيەت ئۈچۈنمۇ ياخشىلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلىشىمىز كېرەك. قەدىر كېچىسى رامىزان ئېيى بىلەن ۋىدالاشقان بىر مەزگىلدە، ئەينى ۋاقىتتا چوڭقۇر تەپەككۇر، يەنى ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشلەر روياپقا چىقىرىلغان بىر پۇرسەتتۇر. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رامىزان ئېيىنى ئۆتكۈزگەن مۇسۇلمان، ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىدا نېمە ئىشلارنى قىلغانلىقى ۋە نېمىلەرنى قىلالمىغانلىقى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم ئويلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. ھازىرغىچە بىر ئاي ۋاقتىنى باشقا ۋاقىتلاردىن پەرقلىق شەكىلدە ئۆتكۈزگەن بولسا، بۇ ئوخشىماسلىقلارنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئۆزىدە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشلەرنى چۈشىنىپ يېتىشكە تىرىشىدۇ. بىر ئاي ۋاقىت بويىچە بارلىق نورمال ئىشلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ بىر قىسىم ئادەتلىرىنى ئاڭلىق ھالدا ۋە كۈچلۈك ئىرادە بىلەن ئۆزگەرتكەن بولىدۇ. مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇرئان كەرىمنى باشقا ۋاقىتلارغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇيدۇ ۋە چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ. ھازىرغىچە ئوقۇغان ۋە چۈشەنگەنلىرىگە قانداق يېڭىلىقلار قوشۇلدى؟ بۇ يىل ئىلگىرى چۈشىنىپ يېتەلمىگەن نەرسىلەرنى چۈشەندىمۇ ياكى يېڭى نەرسىلەرنى ئۈگەندىمۇ؟ روزىدار ھالەتتە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىدىكى تەسىراتى قانداق بولدى؟ ئاچلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېمىلەرنى باشتىن كەچۈردى؟ ئۆزىنى مۇنتىزىم تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى يوق يوقسۇل كىشلەرنىڭ ئورنىغا قويۇپ باقتىمۇ؟ ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ باقتىمۇ؟ تەييارلىغان نورمال ياكى ئالاھىدە داستىخانلىرىغا يوقسۇل كىشىلەرنى تەكلىپ قىلىپ باقتىمۇ؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ «كىمكى بىر روزىدارغا ئىپتارلىق بەرسە، ئۇنىڭغا ئۇنىڭ ساۋابىچىلىك ساۋاب يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە روزىدارنىڭ ساۋابى پەقەت كەملەپ كەتمەيدۇ» دېگەن سۆزىنى چۈشەندىمۇ؟ باي بىلەن كەمبەغەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى تونۇپ يەتتىمۇ؟ ئاچلىقنىڭ مۇشكۈل بىر ئىمتىھان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يىتەلىدىمۇ؟ بىر يۇتۇم سۇ، بىر لوقما تائامغا قانچىلىك مۇھتاج بىر ئاجىز مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلىدىمۇ؟ بۇ ئاجىزلىقنىڭ ئىچىدە ئەينى ۋاقىتتا قانچىلىك دەرىجىدە سەۋر تاقەت قىلالىغانلىقىنى تونۇپ يىتەلىدىمۇ؟ روزىدار بولۇشنىڭ يالغۇز بىر قىسىم ئىشلاردىن يىراق تۇرۇشتىن ئىبارەتلا ئەمەسلىكىنى، بىر پۈتۈن شەكىلدە ھەر خىل تۇيغۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئىسلاھ قىلىنىشى ئۈچۈن بىر خىل ئادەتلەندۈرۈش بولۇپ قېلىش ئېھتىمالىنى پەرقلەندۈرەلىدىمۇ؟ روھى ۋە جىسمانى جەھەتتىن ئىجرا قىلغان ئىنتىزاملارنى رامىزان ئېيىدىن باشقا ۋاقىتلاردىمۇ داۋاملاشتۇرالامدۇ؟ «مەن روزىدار» دېيىش ئارقىلىق يىراق تۇرۇشى كېرەك بولغان سەلبىي ئەھۋال ۋە ئىش-ھەرىكەتلەردىن، روزىدار ئەمەس ۋاقىتلاردىمۇ يىراق تۇرالامدۇ؟ مانا قەدىر كېچىسى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش سوئاللارنى سورايدىغان بىر ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ۋاقتى بولۇشى كېرەك. چۈنكى قىممىتىنى بىلىش كېرەك بولغان ئەڭ قىممەتلىك ۋاقىتلار ئارقىدا قالدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش جەريانى، كىشىنىڭ رامىزان ئېيى بويىچە شەكىللەنگەن تۇيغۇنىڭ داۋاملىشىشى نۇقتىسىدىن پايدىلىق بولىدۇ. ئىنساننىڭ يەنە بىر رامىزان ئېيى ۋە قەدىر كېچىسىگە قەدەر قولغا كەلتۈرگەن مەزكۇر مەنىۋىي رىزىق بىلەن ياخشىلىقلىرىنى كۆپەيتىشى ۋە روھىي جەھەتتىن ئويغاق تۇرۇشى ئۈچۈنمۇ يۇقىرىقىدەك بىر ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىش جەريانىغا ئېھتىياجى بار. ئۆز-ئۆزىدىن ھېساب ئېلىشقا ۋاقىت ئاجرىتىش، رامىزان ئېيى ۋە قەدىر كېچىسىنىڭ مۇسۇلمانلارغا بەخشەندە قىلغان ئەڭ چوڭ ئىمكانىيەتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىشى كېرەك. چۈنكى رامىزان ئېيىدا ئادا قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئىجتىمائىي تەرەپلىرىمۇ بار. مۇسۇلمانلار، ئۆز ئالدىلىرىغا ئادا قىلغان ئىبادەتلىرىدىن باشقا، كوللېكتىپ شەكىلدىمۇ بىر-بىرلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە، «ياخشى ئىشلاردا مۇسابىقىلىشىدىغان ۋە ئۆز ئارا ياردەملىشىدىغان بىر جەمئىيەت بولۇش» كۆرسەتمىسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىش ئىمكانىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مۇسۇلمانلار شەخسىيەتچىلىكلىرى بىلەن يۈزلىشىدۇ، باشقا يېتەرسىز تۇيغۇ ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان ۋە ئۆزلىرىگە ئائىت بارلىق نەرسىلەرنى ئارقىدا قالدۇرۇپ كەتكەن مۇسۇلمانلارغا، بارلىق نەرسىلىرى بىلەن قوينىنى كەڭ ئاچقان مەدىنىلىك مۇسۇلمانلارنىڭ ئېسىل روھلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلىدۇ. ئورتاقلىشىشنىڭ كەملىتىۋەتكۈچى ئەمەس، پۈتۈنلەي ئەكسىچە بەرىكەت بېغىشلايدىغان بىر مۆجىزە ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي شەكىلدە باشتىن كەچۈرىدۇ. ئاللاھنىڭ ئامانىتى بولغان بەدەن ۋە مال بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىبادەتلەردىن ھۇزۇر ئېلىنىدۇ.
    نەتىجە ئېتىبارى بىلەن، ئاللاھ بارلىق مۇسۇلمانلارغا، «ھەر بىر ياخشىلىق ئۈچۈن ئون ھەسسىدىن يەتتە يۈز ھەسسىگىچە ساۋابى بېرىلىدۇ، ئەمما روزا ئۇنىڭ سىرتىدا. چۈنكى روزا مېنىڭ ئۈچۈندۇر ۋە ئۇنىڭ ساۋابىنى مەن بېرىمەن» دېگەن خوشخەۋەرنىڭ ئوبيېكتى بولۇشنى ۋە جەننەتكە پەقەت روزا تۇتقۇچىلار كېرىدىغان ‹رەييان ئىشىكى›دىن كېرىشكە نېسىپ قىلغاي، ئامىن!
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: