版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/158737096.html

    رۇزا ھېيت ۋە ھېيتقا ئالاقىدار ئەنئەنىلىرىمىز


    تۈركىيە ئاۋازى(16.09.2010) رادىئوسى:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رۇزا ھېيت ۋە ھېيتقا ئالاقىدار ئەنئەنىلىرىمىز...» ناملىق مەخسۇس تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
    رۇزا ھېيت، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىككى چوڭ ھېيتىنىڭ بىرىدۇر. رامىزان ئېيىدىن كېيىنلا كېلىدىغان شەۋۋال ئېيىنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنىدە مۇسۇلمانلار بۇ ھېيىتنى تەبرىكلەيدۇ. رۇزا ھېيتىنىڭ ئىسلام مەدەنىيىتىدىكى نامى «فىتىر ھېيتى» بولۇپ، فىتىر رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەن ۋە ئۆزىنىڭ ئادەتتىكى ئېھتىياجلىرىدىن ئاشىدىغان مال-مۈلۈككە ئىگە بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بېرىشى كېرەك بولغان بىر سەدىقىدۇر. خەلق ئارىسىدا ‹فىترە› دەپ ئاتىلىدىغان مەزكۇر سەدىقە، ئاللاھقا شۈكۈر قىلىشنىڭ ئىپادىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. مۇھتاج، يوقسۇل كىشىلەرنىڭمۇ ئېھتىياجلىرىنى قامداپ، ھېيىت-ئايەم شاتلىقىغا ئورتاق بولۇشلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان فىترىنى، كېچىككەندىمۇ ھېيىت كۈنى ئەتىگەندىن بۇرۇن تېگىشلىك كىشىلەرگە بېرىش كېرەك. تېخىمۇ بۇرۇن بېرىش تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ھېيىتلىق لازىمەتلىكلىرىنى ۋاقتىدا سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. مانا مۇشۇنداق پەيتلەردە مەزكۇر سەدىقىنىڭ نامى سەۋەبىدىن رۇزا ھېيتى «فىتىر ھېيتى» دەپ ئاتالغان.
    پەيغەمبىرىمىز مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندا، مەدىنىلىكلەرنىڭ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىككى بايرىمى بار ئىدى. ئۇ بايراملار ئەلۋەتتە ئۇ دەۋرنىڭ ئادەت ۋە ئەنئەنىلىرىگە كۆرە تەبرىكلىنەتتى. پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلمانلارغا بۇ ئىككى بايرامنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى بولغان رۇزا ۋە قۇربان ھېيىتلىرىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ئېيتىپ خوشخەۋەر بەرگەنىدى. ھېيىتتا پەيغەمبىرىمىزنىڭ «بۈگۈنىمىزدە قىلىدىغان تۇنجى ئىشىمىز ناماز ئوقۇشتۇر» دېگەن ھەدىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا قىلىنىدىغان بىرىنچى ئىش ناماز ئوقۇشتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھېيىتلارنىڭ خوشال-خورام ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلغان. شۇڭا، ھېيىت نامىزىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن خەلق ئويۇنلىرىنى كۆرگەن ۋە بۇلارنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق بىر نەرسە دېمىگەن. ئەبۇ بەكىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى بولغان قىزى ئائىشەنىڭ ئۆيىگە بارغىنىدا، ئىككى ئايال خىزمەتچىنىڭ كىچىك بىر ناغرىنى چېلىپ ئويناۋاتقانلىقىنى، باشقا ئاياللارنىڭ بۇلارنى تاماشا قىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندىن كېيىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۆيىدە بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنى توسۇماقچى بولغىنىدا، پەيغەمبىرىمىز «ئۇلارنى توسما، ھەر قەۋمنىڭ بىر بايرىمى بار، بۇ بىزنىڭ بايرىمىمىز. بايراملار خوشاللىق كۈنلىرىدۇر» دېگەن.
    رۇزا ھېيتىنىڭ ئىسلام ۋە تۈرك مەدەنىيىتىدە ناھايىتى مۇھىم ئورنى بار. رامىزان ئېيى بويىچە جامەلەرنىڭ مۇنارلىرى ئارىسىغا ئېسىلغان چىراقلاردىكى «رامىزان خوش كەلدىڭ» دېگەن خەتلەر «ئەلۋىدا» دېگەن خەتلەرگە ئايلىنىدۇ. ھېيىت ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىقلار باشلىنىدۇ. چۈنكى رامىزان ئېيى بويىچە چەكلەنگەن ئىش-ھەرىكەتلەرگە قايتىش باشلىنىدۇ. بولۇپمۇ مېھمانلارغا قويۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ھەر خىل تۈردىكى ھېيىتلىق يېمەك-ئىچمەك، ۋە تاتلىق-تۈرۈملەر رامىزان ئېيى ۋە رۇزىنىڭ ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ خەۋەرچىسىدۇر. ھېيىت كۈنىنى تاتلىق-تۈرۈم بىر نەرسىلەرنى يېيىش بىلەن باشلاش ۋە تاتلىق نەرسىلەرنى تەقدىم قىلىش ئادىتىنىڭمۇ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ نامازدىن ئىلگىرى بىر دانە خورما يېيىش ئادىتى بىلەن باشلانغان ۋە ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ. ھېيىت ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلىق قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى ئۆيلەرنىڭ تازىلىنىشى، پاكىز كېيىملەرنىڭ ھازىرلىنىشىدىن ئىبارەت. ھېيت كۈنى ئەتىگەن تۇرۇش، يۇيۇنۇش، پاكىز كىيىملەرنى كىيىپ، ئەتىرلەرنى چېچىش، خوشاللىقىنى ئىپادىلەش ۋە كىشىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلار سۈننەتتۇر.
    ھېيىت-بايراملار كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئارام ئېلىشتىن سىرت ئائىلە، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا ۋە يېقىن-يۇرۇقلارنى زىيارەت قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى ھېسابلىنىدۇ. يىلنىڭ باشقا ۋاقىتلىرىدا يوقلاش، زىيارەت قىلىش پۇرسىتى چىقمىغان يېقىن-يۇرۇقلارنى زىيارەت قىلىش ۋە ئۇلار بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزۈش نۇقتىسىدىن ھېيىت-بايراملار ئۆزگىچە ئورۇنغا ئىگە. پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىلە-رەھىم قىلىش؛ يەنى يېقىن-يۇرۇق ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلارنى يوقلاشقا ئالاقىدار ھەدىسلىرىگە نەزەر سېلىپ، ھېيىت-ئايەملەردىن ئالاھىدە ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.
    ھېيىت-ئايەملەر، ئارىسىدا سوغۇقچىلىق بارلارنىڭ يارىشىۋېلىشى ئۈچۈنمۇ بىر ياخشى پۇرسەت. ئوتتۇرىسىدا سوغۇقچىلىق بارلارنى ياراشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقارغان كىشىلەرمۇ مەزكۇر يارىشىشنىڭ ساۋابىغا شېرىك بولىدۇ. شۇڭا، بايراملاردا يارىشىش قانچىلىك مۇھىم بولسا، ياراشتۇرۇشمۇ شۇنچىلىك مۇھىمدۇر. ھېيىت-ئايەملەردە ھەممىدىن بەك بالىلار ۋە ياشانغانلار خوشاللىققا چۈمىدۇ.
    بالىلار ئۆزلىرىنى خوشال قىلىدىغان ناھايىتى كۆپ نەرسىلەرگە ئېرىشىدۇ. ھېيىتلىق كېيىملەر، ھېيىت كۈنلىرىدىكى پەتىلەشلەردە چوڭلارنىڭ ئۇلارغا ئاتاپ تەييارلىغان ھەدىيەلىرى، دوستلىرى بىلەن خوشال-خورام ئويناش ئىمكانىيىتى ئۇلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ياشانغانلارمۇ ئۆزلىرىنى يوقلاپ كېلىدىغانلارنىڭ يوللىرىغا قاراپ ھاياجانلىنىدۇ. دېگەندەك كۆپ ئۇچرىشالمايدىغانلار ئائىلە كىشىلىرى، بالىلىرى، نەۋرىلىرى، بىر تۇغقانلىرى، جىيەنلىرى... قاتارلىقلارنىڭ زىيارەتلىرىدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولىدۇ. سېغىنشلىرى بېسىقىدۇ. بىللە خوشال بولۇپ، بىللە قايغۇرىدۇ. دەرت-ئەھۋال ئېيتىشىدۇ، قىيىنچىلىقلىرىغا چارە ئىزدىشىدۇ. يېڭى بىر ئايەمدە بىر يەرگە جەم بولۇشنىڭ خوشاللىقىنى نامايان قىلىشىدۇ. چۈنكى يەنە بىر قېتىملىق ئايەمدە ئۇچرىشىشقا ھېچكىم كاپالەت بېرەلمەيدۇ. بەزىدە ئۆتكەن قېتىملىق ھېيىت-ئايەمدە بىللە بولغان، ئۇچراشقان كىشىلەر بۇ ھېيىتقىچە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالىشىپ كەتكەن ئەھۋاللارمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھېيىت-ئايەملەردە ئۇلارمۇ ئونۇتۇلۇپ قالمايدۇ. قەبرىستانلىقلار زىيارەت قىلىنىپ، ۋاپات بولۇپ كەتكەنلەر ئۈچۈن دۇئالار قىلىنىدۇ. ھېيىت-بايراملاردا ئىگە-چاقىسىزلارمۇ ئەستىن چىقىرىلمايدۇ. ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىرى ئىگە-چاقىسىزلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىشتىن باشلىنىدۇ. يالغۇز ياشايدىغان، زىيارەت قىلىدىغان، يوقلاپ تۇرىدىغان ھېچقانداق ئادىمى بولمىغان كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش لازىم. ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا كېلىپ قېلىش ئېھتىمالى بولغان بىر خىل ئەھۋالدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، ئۇلارنىڭ روھىنى كۆتۈرۈش، ئەينى ۋاقىتتا ئىنساننىڭ ئۆزىنى ياخشى ھېس قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ساناتورىيەلەردە، خەير-ساخاۋەت ئورۇنلىرىدا تۇرىدىغان، ھۆرمەتكە، سۆيگۈگە، ھېسداشلىققا ئېھتىياجى بار كىشىلەرنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈنمۇ ھېيىت-ئايەم بىر پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. چوڭ-كىچىك، قېرى-ياش، ئۆي-ماكانى يوق ياكى باشقىلارنىڭ قارىشىغا مۇھتاج بولۇپ، كوللېكتىپ جايلاردا ياشايدىغان كىشىلەرنىڭمۇ ھېيت-ئايەمنى ھېيت-ئايەمدەك ئۆتكۈزەلىشى ئۈچۈن كۈچ سەرپ قىلىنىشى كېرەك.
    ئۆتۈپ كەتكەن بايرىمىمىزدىمۇ ھېيىت-ئايەمگە ساق-سالامەت يېتىپ كەلگەنلىكنىڭ خوشاللىقىنى ھەممە ئورتاقلاشتۇق، رامىزان ئېيىنىڭ بەرىكىتىنىڭ داۋاملىشىشىنى ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ يەنە قانچىلىغان گۈزەل بايرام شاتلىقلىرىغا چۈمۈشىنى جانابى ئاللاھتىن تىلەپ، پىروگراممىمىزنى ئاخىرلاشتۇرىمىز...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: