版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/152286762.html

    مۇبارەك ئۈچ ئايلار ۋە قەندىللەر


    تۈركىيە ئاۋازى(12.08.2010) رادىيوسى:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «مۇبارەك ئۈچ ئايلار ۋە قەندىللەر» ناملىق مەخسۇس تېمىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
    ئىسلامدا ‹مۇبارەك ئۇچ ئايلار› دېيىلگەندە رەجەپ، شەئبان ۋە رامىزان ئېيى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھىجرىيە كالىندارىغا كۆرە ئارقا-ئارقىدىن كېلىدىغان بۇ ئايلار، مەنىۋىي جەھەتتىن بەرىكەتلىك ئايلاردۇر. بۇ ئايلار جەريانىدا مۇسۇلمانلار ھەر خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بىر قاتار مەنىۋىي يېڭىلىنىشلارنى باشتىن كەچۈرىدۇ. بۇ ئايلاردا ئادا قىلىنىدىغان ئەڭ گەۋدىلىك ئىبادەت «روزا» بولۇپ، پەيغەمبىرىمىز رەجەپ ۋە شەئبان ئايلىرىنىڭ مۇئەييەن كۈنلىرىدە ئۆزى روزا تۇتقان ۋە بىزلەرنىمۇ روزا تۇتۇشقا بۇيرىغان. رەجەپ ئېيى باشلانغان چاغدا پەيغەمبىرىمىز: «ئىي پەرۋەردىگارىم! رەجەپ ۋە شەئبان ئېيىنى بىزگە مۇبارەك قىلىپ بەرگىن. بىزنى رامىزانغا يەتكۈزگىن» دەپ دۇئا قىلغان. پەيغەمبىرىمىز يەنە «رەجەپ ئاللاھنىڭ ئېيى، شەئبان مېنىڭ ئېيىم، رامىزان بولسا ئۈممىتىمنىڭ ئېيىدۇر» دېيىش ئارقىلىق مەزكۇر ئۈچ ئاينىڭ ئەھمىيىتىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن. رەجەپ ئۇلۇغلاش ۋە ھۆرمەت، دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىمۇ ئەرەبلەر رەجەپ ئېيىغا شۇنچىلىك ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتىكى، رەجەپ ئېيى كىرگەن ھامان قىلىچلار غىلاپلىرىغا، ئوقلار قاپلىرىغا سېلىناتتى ۋە خاتىرجەم مۇھىتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلىكلەر ئۇنۇتۇلاتتى. مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە، بىرسى ئاتىسىنىڭ قاتىلىنى ئۇچراتقان تەقدىردىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىمايتتى. بۇ سەۋەبلىك كۈچلۈك خاتىرجەملىك ۋە ئامان-ئېسەنلىك كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئاي «سېزىمسىز ئاي» دەپمۇ ئاتىلاتتى.
    بۇنىڭدىن سىرت بۇ ئىككى ئايدا بەزى كۈن ۋە كېچىلەر باركى، پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام بىزنى ئۇ كۈن ۋە كېچىلەرنى مەنىۋىي تۇيغۇلار ئىچىدە ئۆتكۈزۈشىمىزنى بۇيرىغان. رەجەپ ئېيىدىكى «رەغائىب» كېچىسى، مەنە جەھەتتىن رىغبەت قىلىنغان نەرسە، كاتتا ئىنئام، دېگەن بولىدۇ. بەزى مەنبەلەرگە كۆرە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئانا رەھمىگە چۈشكەن كۈنىنى كۆرسىتىدىكەن. يەنە رەجەپ ئېيىدىكى مىراج كېچىسى، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاسمانغا چىقىشىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك پەيغەمبىرىمىز «كۆزۈمنىڭ نۇرى» دەپ سۈپەتلىگەن بەش ۋاقىت ناماز ئىبادىتى مىراج كېچىسىدە پەرز قىلىنغان. شەئبان ئېيىدىكى بەرائەت كېچىسى، گۇناھلاردىن پاكلىنىش، ئومۇمەن نىجاتلىقنى بايان قىلىدۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ خۇسۇسەن مەزكۇر كېچىدە ئوقۇلۇشىنى تەلەپ قىلغان دۇئالار بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرسى «پەرۋەردىگارىم! سەن مەغپىرەت قىلغۇچىسەن، مەغپىرەت قىلىشنى ياخشى كۆرىسەن، بىزنىمۇ مەغپىرەت قىلغىن» دېگەن دۇئادۇر. پەيغەمبىرىمىز بەرائەت كېچىسىنىڭ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى ئەڭ مول بولىدىغان ۋاقىتلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ رەھمەتنى تۆۋەندىكى مىسال ئارقىلىق ئىزاھلاپ ئۆتكەن. بىر كۈنى مەسچىتتە ئولتۇرۇۋاتقاندا بىر گۇرۇپپا ئەسىر كەلتۈرۈلدى. ئۇ ئەسنادا بىر ئايال پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر نەرسىنى ئىزدەۋاتاتتى. كەلگەنلەرنىڭ ئىچىدىكى تۇتۇۋالغان ھەر بىر بالىنى باغرىغا باساتتى، پۇرايتتى، ئاندىن قويۇپ بېرەتتى. ئاخىرىدا ئۆز بالىسىنى تاپتى. ئۇ پەرزەنتىنى سۆيۈپ قانمىدى، پۇرىدى، باغرىغا باستى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ مەنزىرىنى كۆرگەندىن كېيىن، ئەتراپىدىكىلەرگە ئۇ ئايالنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئۇ ئايالنىڭ بالىسىنى جەھەننەمگە تاشلايدىغان ياكى تاشلىمايدىغانلىقىنى سورىدى. ئەتراپىدىكىلەر ‹ئەلۋەتتە تاشلىمايدۇ› دەپ جاۋاب بېرىشتى. بۇ جاۋابتىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئەلەيھىسسالام، ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە بولغان رەھمەت ۋە مەرھەمىتىنىڭ بۇ ئايالنىڭكىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى ۋە بەندىلىرىنى جەھەننەمگە تاشلاشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. رامىزان ئېيىدىكى مىڭ ئايدىنمۇ خەيىرلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان «قەدىر كېچىسى» بولسا، «قۇرئانى كەرىم» نىڭ نازىل قىلىنىشقا باشلىغان كېچىسى، دەپ بايان قىلىنىدۇ. يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان كېچىلەر ئىچىدە پەقەت «قەدىر» كېچىسىلا ناھايىتى مۇھىم بىر كېچە سۈپىتىدە «قۇرئانى كەرىم» دە بايان قىلىنغان. ھەتتا بىر سۈرىگە ‹قەدىر سۈرىسى› دەپ نام بېرىلگەن. شۇنداقتىمۇ بارلىق كېچىلەرنىڭ ياخشى ئادەت ۋە كۆپلەپ ئىبادەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈلۈشىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ تەشۋىق قىلغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. مۇھىمى بۇ خىل ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەنىۋىي ھاياتنى بېيىتىشتۇر. ئىنسانلارنىڭ جامائەت ھالىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىبادەتلەردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ھۇزۇر ئېلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ئىجتىمائىيلىشىشقا ھەسسە قوشۇش ۋە ھەمكارلىقلارغا ۋاسىتە بولۇپ قېلىشى نۇقتىسىدىن مەزكۇر كېچىلەر ناھايىتى قىممەتلىكتۇر.
    مەزكۇر كېچىلەر خەلق ئارىسىدا «قەندىل» دەپ ئاتىلىدۇ. قەندىل، يەنى چىراق بىر يورۇتۇش ۋاسىتىسى بولۇپ، ئىچىدە ياغ ۋە پىلىك بار بولغان ئېغىزى تار يايپاق بىر قۇتىدىن ئىبارەت. بىر يورۇتقۇچ سۈپىتىدە قەندىل شامغا قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. تۈركلەر، ئېلېكتىر ئىجاد بولمىغان دەۋرلەردە قەندىل يەنى چىراقنى ئومۇميۈزلۈك شەكىلدە ئىشلەتكەن. بولۇپمۇ بىر خىل يورۇتقۇچ سۈپىتىدە قەبرىستانلىق ۋە ئىبادەتخانىلاردا ياندۇرۇلۇش ئارقىلىق سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە قىلىنغان. بۇ مەنىدە قەندىل «ھايات» قا ۋەكىللىك قىلىدۇ. قەندىلنىڭ يېغى تۈگەپ، ئۆچۈپ قېلىشى بولسا «ئۆلۈم»نى ئەسلىتىدۇ. قەدىمكى دەۋرلەردە تۈركلەر قەندىلنى دىنىي كېچىلەردىكى ئىبادەتلەردىن سىرت، ھەر خىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ مەركىزى ھالىغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن، جامە مۇنارلىرىدىن پەسكە تارتىلغان بىر يىپ ئارقىلىق يېنىپ تۇرغان ئاسما چىراقلارنى تۆۋەنگە سىيرىلدۇرۇش مۇھىم بىر ئىش ھالىغا كەلگەن. ئادەمگە گويا يۇلتۇزلارنىڭ ئېقىشنى ئەسلىتىدىغان شەكىلدىكى ئارقا-ئارقىدىن قايدۇرۇلغان قەندىللەر خەلق تەرىپىدىن ناھايىتى قىزىقىش ئىچىدە تاماشا قىلىناتتى. ھازىرقى كۈندە دېگەندەك بىلىنىپ كەتمەيدىغان مەزكۇر نومۇرلار «قەندىل ئۇچۇرۇش» دەپ ئاتىلاتتى. ئۇنىڭدىن باشقا جامە مۇنارلىرىنىڭ ئارىسىغا تارتىلغان يىپلارغا قەندىللەر بىلەن مەنىلىك سۆزلەرنى يېزىش ئادىتىمۇ پەيدا بولغان. «ماھيا» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئادەت، دەۋرىمىزدە چىراق ۋە لامپىلار بىلەن يېزىلغان خەتلەرنى شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇلماقتا.
    مۇبارەك ئۈچ ئايلار بويىچە مۆمىنلەر ھاياتنىڭ مەنىسىنى ۋە ھاياتلىرىدا نېمىلەرنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ، نېمىلەرگە پەرۋاسىز قارىغانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ. بۇ خىل تەكشۈرۈپ كۆرۈش نەتىجىسىدە تەۋبىلەر قىلىنىدۇ. ئۈمىدلەر يېڭىلىنىدۇ. ئىبادەتلەر قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە نەسىۋىلەر ئېلىنىدۇ. يىلىنىڭ ئېشىپ قالغان قىسمى ئۈچۈن مەنىۋىي ئۇزۇقلارنى جۇغلىنىدۇ. مەنىۋىي مەسئۇلىيەتنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن دۇئالار قىلىنىدۇ. مەلۇماتلار يېڭىلىنىدۇ. «قۇرئانى كەرىم» يەنە بىر قېتىم گويا تۇنجى قېتىم ئوقۇلۇۋاتقاندەك چۈشىنىشكە غەيرەت قىلىنغان ھالدا قايتا ئوقۇپ چىقىلىدۇ. ئۈچ ئاي بويىچە مەنىۋىي ھاۋادىن نەپەسلىنىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەر شەكىللەندۈرۈلىدۇ. بالىلارغا، يېڭى يېتىشىۋاتقان نەسىللەرگە بۇ مەنىۋىي ھاۋانىڭ پۇرسىتى بىلەن دىنىي ۋە مەنىۋىي مەسئۇلىيەتنىڭ ئۆگىتىلىشى نىشان قىلىنىدۇ. مىللىي ۋە دىنىي قىممەت-قاراشلار قايتىدىن كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىنىدۇ. ياخشى ئادەت ۋە ئەنئەنىلەر جانلاندۇرۇلىدۇ. چېكىلمىگەن ئىشىكلەر چېكىلىدۇ. يېتىم-يېسىرلار، يالغۇز كىشىلەر، كۆيۈنۈش ۋە سۆيگۈگە مۇھتاج كىشىلەر خوشال قىلىنىدۇ. نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئۈچ ئايلار مۆمىنلەرگە ناھايىتى بۈيۈك بىر مەنىۋىي توقلۇق پۇرسىتى بېغىشلايدۇ.
    ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا «دىن ۋە ئەخلاق» پىروگراممىمىز بويىچە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «مۇبارەك ئۈچ ئايلار ۋە قەندىللەر» ناملىق مەخسۇس پروگراممىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ئامان بولۇڭلار...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: