版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/152288021.html

    رامىزان ئېيى ۋە رۇزا ئىبادىتى


    تۈركىيە ئاۋازى(23.08.2010) رادىيوسى:
    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۇ ھەپتىلىك «دىن ۋە ئەخلاق» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رامىزان ئېيى ۋە رۇزا ئىبادىتى» ناملىق مەخسۇس تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.
    رامىزان ئېيى، «ئۈچ ئايلار» دەپ ئاتىلىدىغان مۇبارەك ئايلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، بۇ ئاينىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى، پەرز قىلىنغان رۇزا ئىبادىتىنىڭ ئادا قىلىنىشىدۇر. رۇزا تۇتۇش، ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردىن بويان مەۋجۇت بولۇپ كېلىۋاتقان بىر خىل ئىبادەت شەكلى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامدا بولسا ھىجرەتنىڭ ئىككىنچى يىلى رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمانلارغا رۇرا تۇتۇش پەرز قىلىنغان. مۇئەييەن شەرتلەرنى ھازىرلىغان كىشىلەرنىڭ رامىزان ئېيىدا رۇزا تۇتۇشى پەرزدۇر. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 183-ئايىتىدىن 185-ئايىتىگىچە بولغان ئارىلىقلاردا جانابى ئاللاھ رامىزان ئېيى ۋە رۇزا ئىبادىتى ھەققىدە ئىزاھات بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
    «(بۇ پەرز قىلىنغان روزا) ساناقلىق كۈنلەردۇر، سىلەردىن كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە بولۇپ (روزا تۇتمىغان بولسا)، تۇتمىغان كۈنلەرنى (يەنى قازاسىنى) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن، روزىنى (قېرىلىق ياكى ئاجىزلىق تۈپەيلىدىن مۇشەققەت بىلەن) ئاران تۇتىدىغان كىشىلەر تۇتمىسا، (كۈنلۈكى ئۈچۈن) بىر مىسكىن تويغۇدەك تاماق فىدىيە بېرىشى لازىم. كىمكى فىدىيىنى (بەلگىلەنگەن مىقداردىن) ئارتۇق بەرسە، بۇ ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر، ئەگەر بىلسەڭلار، روزا تۇتۇش سىلەر ئۈچۈن (ئېغىز ئوچۇق يۈرۈشتىن ۋە فىدىيە بېرىشتىن) ياخشىدۇر. رامىزان ئېيىدا قۇرئان نازىل بولۇشقا باشلىدى، قۇرئان ئىنسانلارغا يېتەكچىدۇر، ھىدايەت قىلغۇچى ۋە ھەق بىلەن ناھەقنى ئايرىغۇچى روشەن ئايەتلەردۇر، سىلەردىن كىمكى رامىزان ئېيىدا ھازىر بولسا رامىزان روزىسىنى تۇتسۇن؛ كىمكى كېسەل ياكى سەپەر ئۈستىدە (يەنى مۇساپىر) بولۇپ (تۇتمىغان بولسا، تۇتمىغان كۈنلەر ئۈچۈن) باشقا كۈنلەردە تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى خالايدۇ، تەسلىكنى خالىمايدۇ، (ئاغزىڭلار ئوچۇق يۈرگەن كۈنلەرنىڭ قازاسىنى قىلىش بىلەن رامىزان روزىسىنىڭ) سانىنى تولدۇرشۇڭلارنى، سىلەرنى ھىدايەت قىلغانلىقىغا ئاللاھنى ئۇلۇغلىشىڭلارنى، (ئۇنىڭ ئىنئاملىرىغا) شۈكۈر قىلىشىڭلارنى خالايدۇ.»
    ئەمدى يۇقىرىقى ئايەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەھۋاللار ئۈستىدە بىرمۇ بىر توختىلىپ ئۆتەيلى:
    رامىزان رۇزىسى بىر پەرز ئىبادەت بولۇپ، مۇئەييەن ۋاقتى بار. رامىزان ئېيىغا قەدەم باسقان ۋە شەرتلىرىنى ھازىرلىغان بارلىق مۆمىنلەرنىڭ رۇزا تۇتۇشى پەرز. دائىملىق ياكى ئۆتكۈنچى كېسەللىكى بارلار رۇزا تۇتۇشقا زورلانمايدۇ. مۇئەييەن ۋاقىتلاردا ئۇزۇقلىنىشى ۋە داۋالىنىشى كېرەك بولغان، شۇنداقلا تېببىي جەھەتتىن رۇزا تۇتۇشى مۇۋاپىق، دەپ قارالمايدىغان سۇزۇلۇشچان بىر كېسەللىككە دۇچار بولغان كىشىلەر ئۈچۈن چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ فىدىيە بېرىشتۇر. فىدىيە، رۇزا تۇتالماي قالغان ھەر بىر كۈن ئۈچۈن ئادا قىلىنىشى كېرەك بولغان بىر خىل مەجبۇرىيەت بولۇپ، مۇھتاج ھالەتتىكى بىر مۇسۇلماننىڭ رامىزان ئېيى بويىچە قورسىقىنىڭ تويغۇزۇلۇشى ۋە ئېھتىياجلىرىنىڭ قامدىلىشى كۆزدە تۇتىلىدۇ. بۇ ئېھتىياجنى قايسى شەكىلدە قامداش مەسىلىسى شۇ كىشى بىرلىكتە ياشايدىغان خەلقنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا كۆرە پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. دىن ئىشلىرىغا مەسئۇل بەزى رەسمىي ئورۇنلار فىدىيە ئۈچۈن ھەر رامىزان ئېيىدا مۇئەييەن مىقدار بەلگىلەپ چىقىدۇ. بەلگىلەنگەن مەزكۇر مىقدار كۆپىنچە ھاللاردا ئەڭ تۆۋەن مىقدارنى ئۆلچەم قىلىدۇ. تېخىمۇ كۆپ فىدىيە بېرىش ئىنساننىڭ ئۆز ئىمكانىيىتى ۋە تېخىمۇ مۇھىمى ئۇنىڭ خۇسۇسىي قاراشلىرىغا باغلىق. يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە ئۆلچەم قىلىپ بەلگىلەنگەن مىقداردىن باشقا ‹ئىختىيارى› يۇسۇندا قىلىنغان خەير-ساخاۋەتلەرنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا تېخىمۇ ياخشى ئىكەنلىكى ئېنىق قىلىپ ئەسكەرتىلگەن. بۇنىڭدىن باشقا كېسەللىكى سەۋەبىدىن رۇزىسىنى تۇتالمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش، يوقسۇللۇقى سەۋەبىدىن فىدىيەسىنى بېرەلمىگەن كىشىلەرنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاللاھ تەرىپىدىن كۆزىتىلىپ تۇرىدۇ. يەنە يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كۆرە، دائىملىق بولمىسىمۇ، ئۆتكۈنچى بىرەر كېسەللىككە دۇچار بولۇپ، داۋالىنىۋاتقان كىشىنىڭمۇ رۇزا تۇتماسلىقى ئۈچۈن رۇخسەت قىلىنغان. بۇ دائىرىگە كىرىدىغان كىشىلەر رامىزان ئېيىدا تۇتالمىغان رۇزىلىرىنى رامىزاندىن كېيىنكى ئايلاردا تۇتۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. سالامەتلىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۇمكىنچىلىكى بارلار ئۈچۈن فىدىيە بېرىش ئەمەس، قانچە كۈن رۇزا تۇتالمىغان بولسا، بىر كۈنگە بىر كۈن ھېسابلاپ رۇزا تۇتۇشى بۇيرۇلغان. يۇقىرىقىلاردىن كېسەللىكنىڭ مۇھىم بىر ئۆزۈر ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. دىن ئىنساننىڭ ساغلام-سالامەت بولۇشىنى خالايدۇ. ئىبادەتلەرنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سالامەتلىكنىڭ ياخشى بولۇشى شەرت. شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرلارنىڭ تەۋسىيەسىگە پەرۋا قىلماستىن ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن سالامەتلىكىنى خەۋپكە ئىتتىرىش دىنىي جەھەتتىن ياخشى كۆرۈلمەيدۇ. ئايەتنىڭ داۋامىدا، سەپەر ئۈستىدە بولۇشنىڭمۇ رۇزا تۇتماسلىق ئۈچۈن ئۆزۈر ھېسابلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. يەنى سەپەر ئۈستىدىكى كىشىلەرگىمۇ رۇزا تۇتماسلىق ئۈچۈن ئىجازەت بېرىلگەن. چۈنكى دىن ئىشلارنى ئاسانلاشتۇرىدۇ، قىيىنلاشتۇرمايدۇ. سەپەر ئۈستىدىكى كىشلەرمۇ كېيىنچە رۇزىسىنى تۇتۇپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ.
    بەقەرە سۈرىسىنىڭ 187-ئايىتىمۇ رۇزا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۈرىدە رۇزىدار ھالەتتە دىققەت قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر بايان قىلىنىدۇ:
    «روزا كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلارغا يېقىنچىلىق قىلىش سىلەرگە ھالال قىلىندى، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن كىيىمدۇر (يەنى ئۇلار سىلەرگە ئارىلىشىپ ياشايدۇ ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىدۇ)، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن كىيىمسىلەر (يەنى سىلەرمۇ ئۇلارغا ئارىلىشىپ ياشايسىلەر ۋە كىيىم بەدەنگە يېپىشقاندەك يېپىشىسىلەر). ئاللاھ ئۆزۈڭلارنىڭ ئۆزۈڭلارنى ئالدىغانلىقىڭلارنى بىلدى. ئاللاھ تەۋبەڭلارنى قوبۇل قىلدى، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى ئۇلارغا (يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلىڭلار، ئاللاھ سىلەرگە تەقدىر قىلغان نەرسىنى (يەنى پەرزەنتنى) تەلەپ قىلىڭلار، تاكى تاڭنىڭ ئاق يىپى قارا يىپىدىن ئايرىلغانغا (يەنى تاڭ يورۇغانغا) قەدەر يەڭلار، ئىچىڭلار، ئاندىن كەچ كىرگىچە روزا تۇتۇڭلار، سىلەر مەسجىدتە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا (كۈندۈز بولسۇن كېچە بولسۇن)، ئۇلارغا يېقىنچىلىق قىلماڭلار، ئەنە شۇلار ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرىلاردۇر (يەنى مەنئى قىلغان ئىشلاردۇر)، ئۇنىڭغا يېقىنلاشماڭلار. كىشىلەرنىڭ (ھارام قىلىنغان ئىشلاردىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى ئۇلارغا مۇشۇنداق بايان قىلىدۇ.»
    يۇقىرىقى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا كۆرسىتىلگىنىدەك، رۇزا تۇتۇش پەقەت يېمەك-ئىچمەكتىن يىراق تۇرۇش، دېگەنلىكلا بولمايدۇ. رۇزىدار ئۈچۈن جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ مەنئىي قىلىنغان. بىراق ئىپتار قىلىپ بولغاندىن كېيىن بۇ خىل مۇناسىۋەتلەردە بولۇشقا بولىدۇ. مەزكۇر ئايەتتە رازا ۋاقتىغا ئالاقىدار باشقا بىر قاتار ئۇقۇملارغىمۇ ئىشارەت قىلىنغان. بۇلارنىڭ بىرى پەيغەمبىرىمىز تولىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن ‹سوھۇر› ئوقۇمى بولۇپ، رۇزا تۇتۇش ئۈچۈن كېچىدە يىيىلىدىغان تاماق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. سوھۇرلۇق يېيىش ھەم سالامەتلىكىمىزنى ئاسراش، ھەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىنى ئادا قىلىش نۇقتىسىدىن مۇھىم. پەيغەمبىرىمىز ‹سوھۇرغا تۇرۇڭلار، سوھۇردا بەرىكەت بار› دېگەن. بۇ ھەم كېچىنىڭ ئۆزىگە خاس بەرىكىتىدىن پايدىلىنىش، ھەم ئۇزۇن رۇزا كۈنلىرىدە تېتىك تۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم، دەپ قارالغان. رامىزان ئېيىنىڭ ھەم كۈندۈز، ھەم كېچىلىرى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ‹كىمكى ھەقىقىي شەكىلدە ئىشەنگەن ۋە ساۋابىنى ئاللاھتىن ئۈمىد قىلغان ھالدا رامىزان رۇزىسىنى تۇتۇپ، كېچىسىنىمۇ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزىدىكەن، ئۆتۈپ كەتكەن بارلىق گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىمكى ئىشەنگەن ۋە ساۋابىنى ئاللاھتىن كۈتكەن ھالدا قەدىر كېچىسىدە ئىبادەت قىلسا ئۆتمۈش گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ.› دېيىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن. يۇقىرىقى ئايەتنىڭ ئاخىرىدا بولسا، ‹ئېتىكاپ› دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئىبادەت بايان قىلىنغان بولۇپ، ئېتىكاپ دېگەندە، رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە بىرەر مەسچىت ياكى جامەگە كېرىپ، كېچە-كۈندۈز ئىبادەت قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئېتىكاپقا كىرگەن كىشى يېمەك-ئىچمىكىنى جامە ياكى مەسچىتتە يەپ-ئىچىدۇ، ئۇخلايدۇ، ئارام ئالىدۇ. پەقەت تاھارەت ئېلىشقا ئوخشىغان بىر قاتار ئېھتىياجلىرى ئۈچۈنلا سىرتقا چىقىدۇ. ئېتىكاپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننەتلىرىنىڭ بىرىدۇر؛ قىيىن بىر خىل ئىبادەتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىبادەتنى كۈچى يېتىدىغانلار ئورۇندىسا بولىدۇ. چۈنكى دىن ئاسانچىلىق دىنىدۇر، ھېچكىمنىڭ ئىبادەت قىلغاندا تاقىتىدىن ھالقىپ كېتىدىغان شەكىلدە ئۆزىنى زورلىشىنى خالىمايدۇ. ئېتىكاپ، ئىنساننىڭ يالغۇز ئۆتكۈزگەن كۈنلىرى بويىچە ئىبادىتىدىن سىرت، ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىش نۇقتىسىدىنمۇ مۇھىم. ئىنسان ئېتىكاپ جەريانىدا ئۆتۈپ كەتكەن ھاياتىنى كۆزدىن كەچۈرىدىغان بولغانلىقى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزلۈكىدىن پاكلىنىش باسقۇچىغا كېرىدۇ. ئەينى زاماندا ئۆزىنى پىنھانلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ھەر خىل ناشايان ئىشلاردىن يىراقلىشىدۇ ۋە بۇ سايىدا گۇناھلاردىنمۇ يىراقلاشقان بولىدۇ. پەيغەمبىرىمىز «ئېتىكاپقا كىرگەن كىشى گۇناھلاردىن يىراقلىشىدۇ، بارلىق ياخشىلىقلارنى قىلغان كىشىگە ئوخشاش ساۋابقا ئېرىشىدۇ» دېيىش ئارقىلىق بۇ ئەھۋالغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتكەن.
    يۇقىرىقىلاردىن مەلۇم بولىدۇكى، رامىزان ئېيى ھەر خىل ئىبادەتتىن ھۇزۇر ئېلىش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلۈشى كېرەك بولغان بەرىكەتلىك بىر ئايدۇر.
    ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا «دىن ۋە ئەخلاق» پىروگراممىمىز بويىچە، دوكتور رەمزىيە ئەگە تەرىپىدىن تەييارلانغان «رامىزان ئېيى ۋە رۇزا ئىبادىتى» ناملىق مەخسۇس پروگراممىنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق. ئامان بولۇڭلار...
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: