版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/148127441.html

    «جۇڭگوچە قىممەت»نى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟


    شىنخۇا تورى:
    «ئورتاق ئىگە بولغان ۋە ئومۇميۈزلۈك تۇرغۇزۇلغان ئەخلاق قىممىتى ۋە مەسئۇلىيەت بولمىسا، قانۇن ۋە دېموكراتىك سىياسىيمۇ بولمايدۇ، ھەتتا بازار ئىگىلىكىمۇ مۇۋاپىق يۈرۈشەلمەيدۇ».
    مۇتەپەككۇرلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى قىممەت قارىشىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى قاتتىق باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تىرەپ تۇرىدىغىنى مۇقەررەركى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ قىممەت قارىشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
    دەل مۇشۇ مەنە جەھەتتە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قوغلىشىش مۇساپىسىدا ياراتقان «جۇڭگو مۆجىزىسى»گە دىققەت قىلىشتىن تەرەققىي قىلىپ، غايەت زور ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولۇۋاتقان «جۇڭگو ئەندىزىسى»نى تەكشۈرۈشكە ئۆزگەردى، ئۇلار «جۇڭگو مۆجىزىسى»، «جۇڭگو ئەندىزىسى»نىڭ كەينىدە جەزمەن ئۇنىڭغا مۇناسىپ «جۇڭگوچە قىممەت»نىڭ بارلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
    دەرۋەقە، جانلىقلارنىڭ تەرەققىياتى گېن ئىرسىيىتىدىن ئايرىلالمايدۇ.
    بىر مىللەت، بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشقا تايىنىدۇ.
    ۋاھالەنكى، قىممەت قارىشى-مەدەنىيەتنىڭ يادروسى بولۇپ، كىشىلەرنىڭ مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ تونۇشى پەقەت يۈزەكى جەلپ قىلىش ياكى ياخشى كۆرۈش بىلەنلا كۇپايىلەنمەيدۇ، تېخىمۇ ماھىيەتلىكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممەت قارىشىغا بېقىنىدىغان تونۇشتىن ئىبارەت. ئىدىيە، سىياسەت، ئىقتىساد، مەدەنىيەت قاتارلىق جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغامۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق ساھەلەردە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قىممەت تەسىر كۈچىگە سىڭگەن ھەل قىلغۇچ ئامىلنى تۇتۇش، جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تومۇرىنى، ۋارىسلىق قىلىش يادروسىنى تۇتقانلىق بولىدۇ.

    «جۇڭگوچە قىممەت»نى چۈشىنىشتە تۆۋەندىكى «تۆت زور چەك-چېگرا»نى ئېنىق ئايرىش لازىم:
    (1) ماركىسىزم بىلەن ماركىسىزمغا قارشى تۇرۇشنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش؛
    (2) سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، كۆپ خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىقتىسادنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم بىلەن خۇسۇسىيلاشقان ۋە بىرلا خىل ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش؛
    (3) جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە بىلەن غەربنىڭ كاپىتالىستىك دېموكراتىيەسىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش؛
    (4) سوتسىيالىستىك ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت بىلەن فېئوداللىق، كاپىتالىستىك چىرىك ئىدىيە ۋە مەدەنىيەتنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئېنىق ئايرىش.
    بۇ «تۆت زور چەك-چېگرا» سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى بەلگىلەشكە، ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمنى تاللاشقا، سىياسىينىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا ئەمەل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك، يېڭى جۇڭگونىڭ 60 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىياتى ۋە ئىزدىنىشى داۋامىدا، بۇ«چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق» دەپ ئاتالغان زور ھۆكۈملەر«جۇڭگوچە قىممەت تەسىرى»نىڭ ئاساسىي ئىچكى يادروسىنى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن دۇنيا كۆز تىككەن «جۇڭگو مۆجىزىسى»نى ياراتتى.

    بىر دۆلەت، بىر مىللەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قىممەت ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش ۋە قىممەت تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئەڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسىي دەرس ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، بىزنىڭ «جۇڭگوچە قىممەت»تە چىڭ تۇرۇپلا قالماي، يەنە «جۇڭگوچە قىممەت»كە پۈتۈن يەر شارى نۇقتىسىدىن كۆڭۈل بۆلۈشىمىزگە، «جۇڭگوچە قىممەت»نى تارقىتىش قانۇنىيىتىگە تايىنىپ ئومۇملاشتۇرۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ، شۈبھىسزكى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە ئېچىۋېتىشىتىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى«جۇڭگوچە قىممەت»نى ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم مەنبەسىگە ئايلاندى، «تۆت زور چەك-چېگرا» بولسا، «جۇڭگو مۆجىزىسى» ۋە «جۇڭگو ئەندىزىسى»نى تونۇشنىڭ جەۋھىرىدۇر.
    بۇ مەنە جەھەتتە، مەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ «‹تۆت زور چەك-چىگرا›نى ئېنىق ئايرىشنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى»نى تۈزۈشكە تەشكىللىگەنلىكى «جۇڭگوچە قىممەت»نى ئاشۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم سىناق بولۇپ، ئۇنىڭدا نۇرغۇنلىغان تارىخىي پاكىتلار ئارقىلىق بۇ «چەك-چېگرا»لارنىڭ نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ئۈچۈن «چوڭ ئىش» بولىدىغانلىقى شەرھىلەنگەن؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،
    سوتسىيالىستىك جۇڭگو نېمە ئۈچۈن ئىدىيەنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلالمايدۇ؟
    نېمە ئۈچۈن پۈتۈنلەي خۇسۇسىيلاشتۇرالمايدۇ؟
    نېمە ئۈچۈن ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىمايدۇ؟
    نېمە ئۈچۈن پۇل ئېتىقادچىلىقى قىلمايدۇ؟
    دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن رېئال مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىلگەن. بۇ، ئىچكى قىسىمغا قارىتا جامائەتنىڭ كەڭ قىممەت تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، سىرتقا قارىتا ئۇنىڭ دۇنيانىڭ «جۇڭگوچە قىممەت»نى چۈشىنىشىگە ۋە ئىگىلىشىگە ياردىمى بار.
    قىلچە شۈبھىسىزكى، بىز دەل «مەدەنىيەت ھەر قانداق ۋاقىتتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان دەۋر»گە كىرىۋاتىمىز. مەدەنىيەتنىڭ تارقىلىشى ئاللىقاچان دۆلەت چېگرىسىدىن ھالقىپ كەتتى، دۇنيا مىقياسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش، ئېلىشىش بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، مەدەنىيەت «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچ» دەپ قارىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەتلەر رىقابىتىنىڭ ھالقىسىغا ئايلىنىپ قالدى. ۋەھالەنكى، يادرولۇق قىممەتنىڭ تۈرتكە بولۇشى يېتەرلىك بولمىغان مەدەنىيەت «يۇمشاق ئەمەلىي كۈچى» ئانچە كۆپ جەلپ قىلىش كۈچى پەيدا قىلالمايدۇ، قىممەتنىڭ كېمىيىشى پەقەت مەدەنىيەتنىڭ پۈچەكلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جۇڭگوچە قىممەت قارىشىنىڭ دۇنيا دائىرىسىدىكى جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ ئېشىشى «كۇڭزى ئىنىسستۇتىنىڭ ئېچىلىشى»، «جۇڭگو كىنولىرى ۋە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ھەر قايسى دۆلەت پۇقرالىرىغا پىششىق تونۇش بولۇشى» بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى سوتسىيالىستىك جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان «سىياسىي قىممەت قارىشى»، «جەمئىيەت تەرەققىيات ئەندىزىسى»نىڭ دۇنيادا يەنىمۇ ھېسداشلىق ۋە تەسىر كۈچى پەيدا قىلىش-قىلالماسلىقىىدا ئىپادىلىنىدۇ.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010-09-14)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: