版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/148125611.html

    جۇڭگو قاچان كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ؟


    ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دوكلاتىدا «جۇڭگو 2050-يىلى دۇنيا بويىچە 2-كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ» دېيىلدى
     
    شىنخۇا تورى: تۈنۈگۈن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ شەھەر ۋە رىقابەت كۈچى تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلار ئېلان قىلغان «جۇڭگونىڭ دۆلەت رىقابەت كۈچى توغرىسىدىكى دوكلات»تا، 1990-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە جۇڭگونىڭ دۆلەت ئۇنىۋېرىسال رىقابەت كۈچى ھالقىما شەكىلدە ئېشىپ، يەرشارى بويىچە 73-ئورۇندىن 17-ئورۇنغا ئۆتكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. رەت تەرتىپى بويىچە ئالدىنقى 10 دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، ياپۇنىيە، كورىيە، سىنگاپور، گېرمانىيە، ئەنگىليە، گوللاندىيە، شىۋېتسارىيە، فىرانسىيەلەردىن ئىبارەت. بۇ شۇنداقلا جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تۇنجى ئېلان قىلغان دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچىگە دائىر دوكلات ھېسابلىنىدۇ.

    2030-يىلى رەت تەرتىپىدە 3-بولىدۇ

    بۇ دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، دۆلەتلەرنىڭ رىقابەت كۈچىدە ئاساسلىقى كۆلىمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق بەش تەرەپ كۆزدە تۇتۇلىدىكەن.
    دوكلاتنىڭ باش مۇھەررىرى نى پېڭخې دوكتۇر تونۇشتۇرۇپ: «كۆلەم رىقابەت كۈچىدىن قارىغاندا، جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى غايەت زور، يەرشارى پويىچە ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، پەقەت ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ياپۇنىيەدىنلا كېيىن تۇرىدۇ. ئۈنۈم رىقابەت كۈچىدىن قارىغاندا، گەرچە ئىلگىرىلەش غايەت زور بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئوتتۇرا ھالدىن تۆۋەن سەۋىيەدە بولۇپ، 2008-يىلى 56-ئورۇندا تۇردى. جۇڭگو رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتا، ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئالدىنقى ئورۇندا بولۇپ، دۇنيا بويىچە باشتىن ئاخىرىغىچە ئالدىنقى 5-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، ئېشىش ۋەزىيىتى ناھايىتى ياخشى، قۇرۇلما رىقابەت كۈچى جەھەتتە، ئۇزۇن مەزگىلگىچە تۆۋەن ئورۇندا تېڭىرقاپ، 2008-يىلى 56-ئورۇندا تۇردى، ئېشىش كۈچى يېتەرسىز بولدى» دىگەن.
    دوكلاتتا، «1996-يىلىدىن 1998-يىلىغىچە بولغان بۇ ئىككى باسقۇچ جۇڭگونىڭ دۆلەت رىقابەت كۈچىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىر قەدەر تېز بولغان باسقۇچ بولدى، دۆلەتنىڭ رىقابەت كۈچى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ جاپالىق ھالدا ئايلىنىپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش يۇشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولدى. ھازىر جۇڭگونىڭ دۆلەت رىقابەت كۈچىنىڭ ئىچىدىكى رەت تەرتىپى 9-بولۇپ، ئوتتۇراھال سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش يۇشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، پەيدىنپەي دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىغا كىرىۋاتىدۇ» دەپ قارالغان.
    دوكلاتتا، جۇڭگو رىقابەت كۈچى جەھەتتە 2020-يىلى G20 بويىچە بەش كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كىرىدۇ، 2030-يىلى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچى ئامېرىكا بىلەن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىنلا كېيىن بولۇپ، 2050-يىلى ئامېرىكىدىنلا قالسا دۇنيا بويىچە 2-كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، دېيىلگەن، دوكلاتتا، جۇڭگونىڭ «پەلەمپەيسىمان قوشلاپ يېتىش ئىستراتېگىيەسى»نى قوللىنىپ، ئۇنىڭ يەر شارى بويىچە ئەڭ زور رىقابەت كۈچىگە ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلىنىشىغا ياردەم بېرىش تەكلىپ قىلىنغان.

    جۇڭگونىڭ رىقابەت كۈچى≠جۇڭگو تەھدىتى

    جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا تەھلىل قىلىپ سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، دوكلاتتا، «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت رىقابەت كۈچى يەرشارى بويىچە مۇتلەق ئالدىنقى قاتاردا بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان پەرقى بىر قەدەر چوڭ. گەرچە ئامېرىكىنىڭ بىر پۈتۈن رىقابەت ئۈستۈنلۈكى بىر قەدەر زور، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي قۇرۇلما، يەرشارى بويىچە ئالاقىلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، لېكىن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى، ئېھتىياج يۇشۇرۇن كۈچى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكىدىن ئېشىپ كېتىشكە باشلىدى» دەپ قارالغان.
    جۇڭگو ئجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-سودا ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىڭ لىنبو ئەسلىتىپ: جۇڭگونىڭ رىقابەت كۈچىنى بەزى كىشىلەر تەشەببۇس قىلغان «جۇڭگو تەھدىتى نەزەرىيەسى» بىلەن تەڭ قىلىۋالماسلىق كېرەك، «جۇڭگونىڭ رىقابەت كۈچىنىڭ كۈچىيىشى جۇڭگو تەھدىتىنىڭ ئاشقانلىقىغا تەڭ ئەمەس» دېگەن.
       
    ئىجتىمائىي باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى ئۇدا بەش يىل نۆل بولدى

    ھۆكۈمەت بىلەن خەلق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئىجتىمائىي باشقۇرۇش كۆرسەتكۈچى جەھەتتە جۇڭگونىڭ كۆرسەتكۈچى ئۇدا بەش يىل نۆل بولۇپ، G20 دىكى رەت تەرتىپى تۆۋەن بولدى، لېكىن ئامېرىكا رەت تەرتىپىدە 8-بولدى.
       
    ئالىي مائارىپ كۆرسەتكۈچى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ 10/1 گىمۇ يەتمەيدۇ
     
    ئادەم كۈچى بايلىقى ئومۇمىي مىقدارى جەھەتتە، جۇڭگو G20 دە مۇقىم 1-ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى، لېكىن بىر دۆلەتنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى سەۋىيەسىنى تېخىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئادەم كۈچى بايلىقى قۇرۇلمىسى كۆرسەتكۈچىدە ئاران 18-ئورۇندا بولۇپ، تېخنىكىلىق ئىقتىساسلىقلار، ئىنژېنېر ۋە ئالىملارغا ئىگە بولۇش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن. جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ كۆرسەتكۈچى ئىزچىل 4-ئورۇندا بولۇپ، پەقەت ئامېرىكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ياپۇنىيەدىن كېيىنلا تۇرىدۇ.
    جۇڭگو مائارىپىنىڭ بىر پۈتۈن سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەس، بولۇپمۇ دۇنيا بويىچە 1-دەرىجىلىك سەۋىيەدىكى ئۇنىۋېرستېتلار كەم. جۇڭگونىڭ ئالىي مائارىپ بويىچە، مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى، ھەر مىڭ ئادەمگە توغرا كېلىدىغان دوختۇر سانى ۋە ياخشىلانغان سەھىيە مۇئەسسەسەلىرىگە ئىگە بولۇش نىسبىتى كۆرسەتكۈچ جەھەتتە ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010-10-26)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: