جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ «شىفىرى» قەيەردە؟ - [چوك گۈزەل ئەسەرلەر]

    _べ Tag:تارىخ   2011年07月17日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/148129386.html

    جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ «شىفىرى» قەيەردە؟


    بىر مىللەت ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ يوقىرى چوققىسىغا چىقىمەن دەيدىكەن، نەزەرىيە تەپەككۇرىنى بىر دەقىقىمۇ توختاتماسلىقى كېرەك. بىر دۆلەت مەدەنىيەتتە ئىلغارلىقنىڭ يوقىرى پەللىسىگە يېتىش ئۈچۈن، ئوخشاشلا نەزەرىيەنى تايانچ قىلمىسا بولمايدۇ.
    يېڭى جۇڭگونىڭ 60 نەچچە يىللىق تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى ئەسلەپ ئۆتىدىغان بولساق، قېيىن مەسىلىلەرنى يېشىش-چۈشەندۈرۈشتە، نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىك بىلەن قەتئىيلىك ھەمراھ بولۇپ كەلدى.

    ئىقتىسادتىكى مۆجىزىلەرنىڭ سىرى قەيەردە؟
    كىرىزىسكە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسىي جاسارەت قەيەردىن كەلگەن؟
    ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتىدىكى چىقىش يول قەيەردە؟
    يېقىنقى يىللاردىن بويان، بولۇپمۇ خەلقئارادا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغاندىن بۇيانقى بۇ مەسىلىلەر، كىشىلەرنىڭ بىر دۆلەتنىڭ «مەنىۋى ئىچكى يادروسى»غا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، يەنى سوتسيالىستىك جۇڭگونىڭ «غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان تۈزۈم ئەندىزىسى»نى، ھەمدە ئۆزىگە خاس «سىياسى قىممەت قارىشى»نى زادى نېمە ئاپىرىدە قىلغان؟ دېگەنگە باغلىنىپ كەلدى.

    ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلغان، ئىسلاھات قېيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتكەن، ئىجتىمائىي پىكىر ئېقىملىرى كۆپ خىللاشقان بۈگۈنكى كۈندە، ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقى، كۆزقاراشلارنىڭ ئېلىشىشى، ھەر قايسى دۆلەتلەرخەلقلىرىنىڭ ئەمەلىيەت بىلەن زىچ باغلانغان تۈرلۈك نەزەرىيە مەسىلىلىرى توغرىسىدا پىكىر قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى، مەسىلەن: ماركسىزىمنىڭ ھاياتى كۈچى توغرىسىدا، ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تاللاش توغرىسىدا، دېمۇكراتىيە ئەندىزىسى توغرىسىدا، مەدەنىيەتتىكى ئاڭلىقلىق توغرىسىدا قاتارلىقلار.

    تۆت چوڭ مەسىلە توغرىسىدا، پارتىيە 17-قۇرۇلتىيىنىڭ 4-ئومۇمىي يېغىنى پارتىيەمىزنىڭ يېقىنقى 90 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئاساس قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ 60 يىللىق كۆرەش ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، مېغىزلىق نەزەرىيەۋىي يەكۈننى چىقىرىپ، «تۆت چوڭ چەك»نى ئاجرىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، يېقىندامەركىزىي تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ نەزەرىيە ئىدارىسى تەشكىللەپ تۈزۈپ چىققان «تۆت چوڭ چەك» ئوقۇشلۇقى روشەن كۆز قاراش، چوڭقۇر چۈشەندۈرۈش، ئاممىباپ شەرھىلەش ئارقىلىق، «تۆت چوڭ چەك»نى بايان قىلىپ بەردى، بۇ بايانلار كىشىلەرنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشتا مۇجمەللىكتىن ئىناقلىققا، يۈزەكىلىكتىن ماھىيەتكە، بىر تەرەپلىمىلىكتىن ئوبيېكتىپ بولۇشقا ئۆتۈشتە، غايەت زور نەزەرىيەۋى ۋە ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
    بىر قانچە مىسال ئېلىپ كۆرەيلى، پۇل مۇئامىلە كرىزىسى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، «كاپتال» پۈتۈن دۇنيادا ناھايىتى بازار تاپتى، نۇرغۇن غەربلىكلەر نۆۋەتتىكى كىرىزىسنىڭ نېگىزىدىن ئالغاندا، 100نەچچە يىل ئىلگىرىكى ماركسىزمنىڭ كاپىتالىزم ئىقتىسادىي كىرىزىسى توغرىسىدىكى ھۆكۈمىدىن ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكىگە ھەيران قېلىشتى ۋە ئىنچىكە ئانالىز قىلىپ: جۇڭگونىڭ ماركىسىزمدا چىڭ تۇرۇشى ۋە ئۇنى تەرەققى قىلدۇرۇشى «سوتسىيالىزم 20-ئەسىردە چوقۇم ئاخىرلىشىدۇ» دېگەنگە ئوخشاش ھۆكۈملەرنى بۇزۇپ تاشلىدى، بۇ دەل ماركىس ئېيتقاندەك: «ئەڭ ياخشىسى ھەقىقەتنى تاش تەشكەنگە ئوخشاتسا بولىدۇ، ئۇ ئۇچرىغان زەربە قانچىكى كۈچلۈك بولغانسېرى، چاچرىتىپ چىقارغان ئوت ئۇچقۇنلىرى شۇنچە نۇرلۇق بولىدۇ».
    ماركىسىزم غايەت زور ھاياتى كۈچكە ئىگە. شۇڭا، ئۇ جۇڭگونىڭ ئىنقىلاب، قورۇلۇش ۋە ئىسلاھاتىغا توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچىلاشتۈرۈش، دەۋرلەشتۈرۈش، ئاممىۋىيلاشتۇرۇشنى ئۆزلۈكسىز رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، پۈتكۈل جۇڭگو جەمئىيىتىنىڭ مەدەنىي ئىلغارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. كىشلەر شۇڭا ئوبرازلىق قىلىپ: «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىلىرىنىڭ شىفىرى-سىياسى ساھەدە» دېيىشىدۇ.

    جۇڭگو زامانىۋىلاشتۇرۇش مەنزىلىدە يەنىلا داۋان ھالقىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، پارتىيەمىز ۋە پۈتۈن خەلقىمىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇ «شىفىر»لارنى چۈشىنىش ھەم ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇش بولسا، «جۇڭگو» ناملىق پويىزنىڭ سىجىل ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى.
    (1) يېتەكچى ئىدىيە جەھەتتە، ماركسىزم بىلەن ماركىسزمغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىش كېرەك.
    (2) ئاساسىي ئىقتىساد تۈزۈمىدە، سوتسىيالىستىك ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنى ئاساسى گەۋدە قىلىپ، كۆپ خىل ئىگىلىكتىكى ئىقتىساد ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈم بىلەن خۇسۇسىلاشقان ۋە يەككە ئومۇمىي مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىش كېرەك.
    (3) سىياسى تەرەققىيات جەھەتتە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە بىلەن بۇرژۇئازىيەچە دېموكراتىيەنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىش كېرەك.
    (4) مەدەنىيەت قورۇلۇشى جەھەتتە، سوتسىيالىستىك ئىدىيەۋى مەدەنىيەت بىلەن فېئوداللىق، كاپىتالىستىك چىرىكلەشكەن ئىدىيەۋى مەدەنىيەتنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايرىش كېرەك.
    بۇ تۆت چوڭ چەك، بىزنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىزدىنىش ئېلىپ بېرىشىمىزنىڭ مۇھىم جەۋھىرى، دۆلىتىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ قىممەتلىك بايلىق.

    جۇڭگونىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئەسلەپ كۆرسەك، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش تەجىرىبىلىرىمىز شۇكى، بىر مۇنچە زور مەسىلىلەرنى تاللاشتا، بىر مۇستەقىل ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇشتا چىڭ تۇردۇق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئەندىزىلىرىنى شۇ پېتى كۆچۈرۈپ كەلمىدۇق، سىرتتىن كەلگەن بېسىملارغا تىز پۈكمىدۇق، يالغۇز سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىلا ئەمەس، مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك خۇسۇسىيىتىمىزنى ساقلاپ كەلدۇق، بۇنىڭ بىلەن ئىقتىسادنى تېز تەرەققى قىلدۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىنچ ئايلاندۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدۇق.
    مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھازىر بىزنىڭ بۇ تۆت چەكنى ئايرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز، يالغۇز تارىخىي تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەشلا ئەمەس، بەلكى بىر خىل ئاساسى گەۋدىلىك ئاڭلىقلىقنى، يەنى ئاشۇ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان نەزەرىيەلەرنى تۇرغۇزۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ھەم ئىلغارلىقىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىدىغان زور كۈچكە ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى»(2010-08-19)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: