版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/223643540.html

    بىز ھوقۇققا چوقۇنىمىز


    سىلەر جۇڭگونىڭ ھوقۇق كارىدورىدا ساياھەت قىلىپ باققانمۇ؟
    ئۇ يەردە سىياسىي نەچچە مىڭ يىلغا سوزۇلغان بىر تۈرلۈك قابىلىيەت، ئۇ يەردە يەنە دۆلەتنىڭ نۇرغۇن سىرلىرى بار. ۋاڭشىياۋفاڭ ئىلگىرى ئۇ يەردە 10 يىلدەك تۇرغان، لېكىن ئاخىرىدا ئۇ يەردىن چىقىپ شۇ يەرنىڭ ھېكايىسىنى يازغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى شىنياڭ شەھىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ماشياڭدۇڭنىڭ مەخسوس كاتىپى بولۇپ ئىشلىگىنىنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇمۇ ئۇنىڭ بىر نەتىجىسى ھىسابلىنىدۇ. ماشىياڭدۇڭ 2001 يىلى خىيانەتچىلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان، شۇ يىلى ۋاڭشىياۋفاڭ خىزمەتتىن ۋاز كېچىپ يازغۇچى بولغان.
    ھازىرغىچە ئۇ 10 نەچچە ھېكايە يازغان بولۇپ ئىنگىلىزچە نۇسخىدىكى تۇنجى ھېكايىسى «مەمۇرىلار خاتىرىسى»مۇ تېخى ئەمدىلا ئاشكارىلانغان. تېلېفون زىيارىتىدە ئۇ ئۆزىنىڭ مەقسىتىنىڭ «ھەقىقىي ئەھۋالنى دېيىش(جۇڭگوغا مۇناسىۋەتلىك)»  ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئۇ دەل خەينەنداۋدا دۆلەت بايراملىق دەم ئېلىشتا ئىكەن.
    ئۇنداقتا جۇڭگونىڭ ھەقىقىي قىياپىتى نېمە؟
    ۋاڭشىياۋفاڭ: «بىز ھوقۇققا چوقۇنىمىز. مانا بۇ جۇڭگونىڭ ھەقىقىي قىياپىتى، مانا بۇ جۇڭگونىڭ ماھىيتى» دىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ ھوقۇق ھەمدە ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەدەنىيىتىنى بۇندىن تەخمىنەن 2200 يىل ئىلگىرىكى چىنشىخۇاڭنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغىچە سۈرۈشتە قىلغان. چىنشىخۇاڭ بولسا جۇڭگودىكى بىرىنچى ئېمپىراتۇر بولۇپ، ئۇ ئىدىيە ئەركىنلىكىنى چەكلەپ، ۋەھشىي جازالارنى يۈرگۈزگەن.
    بۈگۈنكى كۈندە بوشىلەينىڭ تەختتىن چۈشۈشى، ۋاڭشىياۋفاڭنىڭ سۆزىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. بوشىلەي بىر سىياسىيون، لېكىن ھازىر ئۇ چىرىكلىك ھەم تۇرمۇشتا ئەيىپلەندى، بۇ ئىش جۇڭگونىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ سىياسى سەتچىلىكى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى، ئادۋۇكات گۇكەيلەي ئەنگلىيەلىك سودىگەرنى ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقتىن تۈرمىگە كىردى. ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى، چۇڭچىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىدارە باشلىقى ۋاڭلىجۈن بۇ يىل 2-ئايدا ئۇنىڭ قولىدىن قېچىپ چىقىپ ئامېرىكا كونسۇلخانىسىغا يوشۇرنىۋالغان، ھازىر ئاسىيلىق قىلىپ قېچىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن تۈرمىدە. بوشىلەي بىلەن گۇكەيلەينىڭ ئوغلى بوگۇاگۇا ئامېرىكىدا سەرگەردان تەخت ۋارىسى بولۇپ قېچىپ يۈرمەكتە.
    ۋاڭشىياۋفاڭنىڭ سۆزىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرگەن يەنە بىر سەۋەب: 18-قۇرۇلتاينىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىشلىنىش بىلەن بىرگە، كومپارتىيەنىڭ نەچچە يۈزلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى تېخىمۇ چوڭ ھوقۇقنىڭ كويىدا كەسكىن رىقابەتكە چۈشۈپ كەتكەن. 18-نويابىردا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان قورۇلتاي ئۆتكەن ئون يىلدىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي يىغىن، بۇ قېتىمقى يىغىندا جۇڭگونىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى تاللىنىپ چىقىدۇ.
    ۋاڭشىياۋفاڭ يەنە مۇنداق دېدى: «ھوقۇققا چوقۇنۇش سەۋەبىدىن جۇڭگولۇقلار روھىي جەھەتتىن ئېغىر بەدەل تۆلىدى». ئۇ «مەمۇرىلار خاتىرىسى»نى تىلغا ئېلىپ «بىز ھەممىمىز ھوقۇققا چوقۇنىمىز، ئەمما بىزنىڭ روھىمىز ھوقۇق تەرىپىدىن چىرىتىلىپ بولغان. بۇ دەل مېنىڭ ھېكايەمدىكى يادرولۇق مەركىزى ئىدىيە» دىدى. ئۇ ھېكايىدىكى ئەمەلدار ياڭخىڭدا يوشۇرۇن ھالدا بۇ نۇقتىنى يورۇتۇپ بەرگەن
    ياڭخىڭدا ئەمدىلا ئۆستۈرۈلۈپ دوڭجۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشخانىسىنىڭ باشقارما باشلىقى بولىدۇ. «ھەر كۈنى ئىشىكنى ئېچىپ كىرگىنىمدە ناھايىتى روھلۇق ھەم يەڭگىل تۇرسام» دەپ ئويلايدۇ. ياڭخىڭدا يەنە، ئۆزىنىڭ كېچىككىنە تەتقىقاتچىدىن مۇشۇنداق بىر باشقارما باشلىقلىق ئورنىغا چىقىشى ۋىجدانىغا قارشى ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىنى بەش يىل ئىچىپ شۇ ئارقىلىق ياشانغان رەھبەرلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قېرى باشلىق پەردە ئارقىسىدىكى ھۆكۈمران، ئۇ سۈيدۈك ئېچسە ئۆمۈرنى ئوزارتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھېكايىنىڭ بېشىدا قېرى باشلىق سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىپ دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ.
    ۋاڭشىياۋفاڭ كىتابىدا ياڭخىڭدانىڭ تۇرمۇشىنى سۈيقەست، ئاسىيلىق ۋە رەھىمسىزلىك تولغان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ، ئۇ: «بوشىلەينىڭ يىقىلىپ چۈشۈشىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئويۇننىڭ بىر قىسمى خۇددى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى ئالدىدىكى مەخپىي سىياسىي ھەرىكەتتەك. كۆپلىگەن ئامما بۇ يىغىننىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز، ئەمما ئاشۇ بىر قىسىم ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر بۇ ئىش توغرىلىق ئاشكارە مۇزاكىرە قىلالمايدۇ» دەيدۇ.
    گەرچە ۋاڭشىياۋفاڭ بوشىلەينىڭ تەقدىرى توغرىسىدا بىر نېمە دېمىسىمۇ، لېكىن ئۇ: «ھوقۇقى بار ئەمەلدارلارنىڭ پوزىتسىيەىسى بولسا: سېنىڭ ھەممىنى بىلىشىڭنىڭ كېرىكى يوق. چۇنكى ئەگەر سەن ھەممە ئەھۋالنى بىلسەڭ سەن مېنىڭ ھوقۇقۇمغا تەھدىت ئېلىپ كېلىسەن. شۇڭلاشقا ئەتراپىمىز نۇرغۇن سىرلار بىلەن تولغان، دەيدۇ. ھوقۇق چوقۇم مونۇپول قىلىنغان بولىدۇ. ھوقۇق يوشۇرۇن بولىدۇ. ھوقۇق يورۇقلۇقنى ياقتۇرمايدۇ. ئەگەر سېنىڭ بىلىدىغىنىڭ كۆپ بولۇپ كەتسە ئۇلار ھوقۇقىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ» دېدى.
    «بەزى ئادەملەر مېنىڭ ھېكايەمنى يېتەكچىلىك قوللانمىسى دەيدۇ، ئۇلارنىڭ قەدەممۇ قەدەم ئۆسىدىغان دۆلەت مەمۇرى بولىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن». بۇ ئىشقا قارىتا ئۇ: «بۇنىڭغا مەن قەتئىي قوشۇلمايمەن، ھېكايىدىكى پېرسوناژ ھايات، لېكىن جېنى يوق. مەن بۇ ھېكايىنىڭ سىرلىق كوزىنى ئېچىپ بېرىشىنى، ئىللىق قۇياشنىڭ ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۇ بەلكىم بۇ كوزا چىرىپ كېتىشى، بەلكىم ھايات قېلىشى، ياكى بەلكىم ئەركىنلىككە ئېرىشىشىمۇ مۇمكىن» دېدى.
    جۇڭگو جىددىي ئۆزگەرتىشكە موھتاج. ئۇ يەنە 1976-يىلى ماۋزېدۇڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىش سىياسىتىگە قارىتا« ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىش بىزگە نېمە ئېلىپ كەلدى؟» دەپ سوئال قويدى.
    ئۇ: «ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ئاشۇ بىر قىسىم نەپەس ئالالمىغان كىشىلەرنى نەپەسلەندۈردى. ئەمما بىز ماددىزىمنى ئىسلاھات-ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ئېلىپ كەلگەن بىردىنبىر بايلىق دەپ قارىساق بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز ئەركىنلىكنىڭ تارقىلىشىغا موھتاج، ئەمما بۇ ئەركىنلىك چىنشىخۇاڭ دەۋرىدىن باشلاپلا چەكلىنىشكە ئۇچراپ كەلدى، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان ئەركىنلىكى بوغۇلۇپ، ھۆكۈمران كۈچلەرنىڭ ئىدىيەسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلدى» دىدى.
    ئۇ: «جۇڭگودىكى يازغۇچىلار جۇڭگودىكى ھوقۇقنىڭ ھەقىقىي قىياپىتى ھەم يۈرگۈزۈلۈش ئەھۋالىنى يېزىشقا پېتىنالمىدى» دېدى.
    «ئۇلار قاراڭغۇلۇقنى يېزىشنى خالىمىدى». ئۇ يەنە توختىلىپ: «كۆپىنچە يازغۇچىلار تۈزۈم تەرىپىدىن سېتىۋىلىنغان. ھەممىسى باشلىق بولساملا دەيدۇ، بۇ تۈزۈم ئۇلارنى يۇتۇۋەتتى» دېدى.
    ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر يازغۇچىلار ھوقۇق ئالدىدا گەپ قىلالمىسا، قاراڭغۇلۇق ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرسا ئۇ ۋاقىتتا كۆپچىلىك، ھەتتا تەڭرىمۇ سۈكۈت قىلىدۇ».

    تەرجىمە قىلغۇچى: مىنەۋەر
    *******************
    مەنبە: http://cn.nytimes.com/article/china/2012/10/09/c09wangxiaofang
    http://www.sodiger.net/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=955
    *******************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: