قەبرىمىزدۇر.باياۋان - [شېئىرلىرىم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2009年02月07日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34742402.html
قەبرىمىزدۇر باياۋان
ساداقەتجان ھاجى
ئارمانلارغا ئارمان قوشۇپ نەۋرىمىز قالدى.
ئارمان ئۈچۈن چەككەن جاپا جەۋرىمىز قالدى.
ھىكمەتلەردىن ھاسىل بولغان سەبرىمىز قالدى.
نەۋرىمىزگە پاك قەلبىمىز، قەبرىمىز قالدى.
قەبرىمىز بىر باياۋاندۇر، چۈنكى ھاياتتا
ئېچىلمىغان يەنە نۇرغۇن گۈلىمىز قالدى.
تالاي تاڭلار ئاتتى، لېكىن قانمىدۇق نۇرغا،
تونۇردا ھەم چوغنى ساقلاپ كۈلىمىز قالدى.
بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئېغىر قىسمەت ئاشۇنداق.
قىسمەتلەرگە سىڭىپ كەتكەن ھىكمەت ئاشۇنداق.
بۇغداي پىشىپ بىز ئومىنى ئوراي دىگەندە،
بۇ جاھاننىڭ پەيلى بولدى نامەرد ئاشۇنداق …
ئىبرەت كۆزى بىلەن قارا تارىخىمىزغا،
ئۆزۈڭنى سۆي ئۆزگىلەرنى سۆيۈشتىن ئاۋۋال.
مۇھەببەتتە ئۆزلۈكۈڭنى بىلەلمەسلىكىڭ
كۈندۈزۈڭگە باشلاپ كىلەر بالدۇرلا زاۋال.
يىقىلمىغىن بىز يىقىلغان ئورەككە سەنمۇ،
ھاڭنى ئۇنتۇپ قالما ئېگىز تاغلارنى كۆرۈپ.
توختاپ قالما ئۆز بېغىڭنى پەرۋىش قىلىشتىن،
خەقلەر ياساپ بەرمەك بولغان باغلارنى كۆرۈپ.
سەنمۇ ئۆگەن سۇ قۇيۇشنى سامان تېگىدىن.
باپلاش ئۈچۈن ئورەك كولا يامان تېگىدىن.
يامانلارنى ئاياش بىلسەڭ ياخشىغا زۇلۇم،
غالىپلارنىڭ زامانىدۇر زامان تېگىدىن.
نادان ئەمەس ئىدۇق، لېكىن ساددا ئىدۇق بىز.
روھىمىزنى ئىنكار قىلىپ ماددا دىدۇق بىز.
گۆشنان يىدى ئۆز روھىنى يوقاتمىغانلار،
ھۇشىمىزنى تاپقان چاغدا پۇشمان يىدۇق بىز.
بۇ جاھاننىڭ ئىشىدا بىر قانۇنىيەت بار:
ئوخشىماس ھىچ مەۋجۇداتنىڭ ئىچى ۋە تېشى.
ھەممىمىزنىڭ ئاغزىدىغۇ ئىزگۈ نىيەت بار،
لېكىن قالتىس مۇرەككەپتۇر ئادەمنىڭ بېشى.
بەزى رەزىل باھارلاردىن ياخشى گۈزەل قىش.
ياغقان ئەمەس يامغۇر دائىم ئادالەت بولۇپ.
قەسەم بىلەن پۈتكەن ئەمەس ئەزەلدىن چوڭ ئىش.
ئارمىنىمىز قالدى شۇڭا ئامانەت بولۇپ.
ئالتۇن جامدا شەربەت ئىچىش بولمىدى نىسىپ،
بىزدىن يەنە ئەشۇ ساپال تاۋاقلار قالدى.
قەبرىمىز بىر باياۋاندۇر قۇملار كۆكلىگەن.
قىسمەتلەردىن ئەنە شۇنداق ساۋاقلار قالدى.
**************************
2000-يىل 29-ئىيۇل. قەشقەر
«ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» 2001-يىل 12-ئىيۇن.
(بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ)
*******************************
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us
评论
ئوخشىماس ھىچ مەۋجۇداتنىڭ ئىچى ۋە تېشى.
ھەممىمىزنىڭ ئاغزىدىغۇ ئىزگۈ نىيەت بار،
لېكىن قالتىس مۇرەككەپتۇر ئادەمنىڭ بېشى.
بەزى رەزىل باھارلاردىن ياخشى گۈزەل قىش.
ياغقان ئەمەس يامغۇر دائىم ئادالەت بولۇپ.
قەسەم بىلەن پۈتكەن ئەمەس ئەزەلدىن چوڭ ئىش.
ئارمىنىمىز قالدى شۇڭا ئامانەت بولۇپ.
ئاپىرىن، شۇنچە تېرەن پىكىرلەر بىلەن تويۇنغان، دىللارنى سۆيۈندۈرگۈچى ئۆلمەس- نادىر مىسرالىرىڭىزغا!!!
تېنىڭىز سالامەت، تۇرمۇشىڭىز خاتىرجەم بولغاي! ئىجاد تۇلپارلىرىڭىزنىڭ تەپەككۇر سامالىرىدا تېخىمۇ ئەركىن پەرۋاز قىلىشىغا تىلەكداشمەن!!!