版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34741530.html

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    «دىۋان ھىكمەت»
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    ئەھمەد يەسەۋىي


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (كەتمەنباينىڭ بايانى: «دىۋان ھىكمەت» دېگەن بۇ ئەسەر تەسەۋۋۇپ شېئىرىيىتىنىڭ مۇھىم بىر ۋەكىلى بولغان خوجا ئەھمەد يەسەۋىيگە مەنسۇپ بولۇپ، مەن بۇ ئەسەرنى ئۆزبېك تورىدىن چۈشۈرىۋالغان ئىدىم. بۇ ئەسەر نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ئۇيغۇر ئىدىيىسىگە بەلگىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىپ كەلگەنلىكى ھەم تەسەۋۋۇپ پەلسەپەسىنى چۈشىنىشتە بۇ ئەسەرنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش قىممىتى بولغانلىقى ئۈچۈن دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ ئەسەرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى نۇسخىلىرىمۇ «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئۆزبېك يېزىقىدىكى بۇ نۇسخىنى تەييارلىغۇچى ئەھمەد يەسەۋىينىڭ «پەقىرنامە» دېگەن رىسالەسىنى بۇ «دىۋان»غا قوشۇپ تەييارلىغان بولۇپ، مەن «پەقىرنامە» رىسالەسىنى ئايرىم يوللاشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.
    سەۋەب: «پەقىرنامە» تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى ھەققىدىكى نەزىرىيەۋىي ئەسەر ئىكەن.
    «دىۋان ھىكمەت»نىڭ 1-3-5-سىنى مەن ئۇيغۇرچىلاشتۇردۇم. 2-4-6-سىنى «ئىجادىيەت مۇنبىرى»دىن توردىشىمىز ‹گۈلسۇمئاي› ئۇيغۇرچىلاشتۇردى. ئاخىرىدا مەن بىر قىتىم تەھرىرلەپ چىقتىم.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    «دىۋان ھىكمەت»


    ئەھمەد يەسەۋىي



    بىرىنچى ھىكمەت

    (1)
    «بىسمىللاھ» دەپ بايان ئەيلەي ھىكمەت ئېيتىپ،
    تالىبلەرگە دۇررۇ گەۋھەر چاچتىم مانا.
    رىيازەتنى قاتتىق تارتىپ، قانلار يۇتۇپ،
    مەن دەپتەرى سانىي سۆزىن ئاچتىم مانا.

    (2)
    سۆزنى ئېيتتىم ھەركىم بولسا دىدار تەلەپ،
    جاننى جانغا پەيۋەند قىلىپ، رەگنى ئۇلاپ،
    غېرىپ، يېتىم، پەقىرلەرنىڭ كۆڭلىن سىيلاپ،
    كۆڭلى پۈتۈن خالايىقدىن قاچتىم مانا.

    (3)
    قايدا كۆرسەڭ كۆڭلى سۇنۇق مەلھەم بولغىل،
    ئانداق مەزلۇم يولدا قالسا ھەمدەم بولغىل،
    روزى مەھشەر دەرگاھىدا مەھرەم بولغىل،
    ماۋۇمەنلىك خالايىقتىن قاچتىم مانا.

    (4)
    غېرىپ، پەقىر، يېتىملەرنى رەسۇل سوردى،
    ئوشۇل كۈنى مېئراج چىقىپ دىدار كۆردى،
    قايتىپ چۈشۈپ غېرىپ، پەقىر ھالىن سوردى،
    غېرىپلەرنىڭ ئىزىن ئىزلەپ چۈشتۈم مانا.

    (5)
    ئۈممەت بولساڭ غېرىپلەرگە تەۋە بولغىل،
    ئايەت، ھەدىس ھەركىم ئېيتسا سامە بولغىل،
    رىسقى روزى ھەرنە بەرسە قانى بولغىل،
    قانى بولۇپ شەۋق شارابىن ئىچتىم مانا.

    (6)
    مەدىنىگە رەسۇل بېرىپ بولدى غېرىپ،
    غېرىپلىقتا مېھنەت تارتىپ بولدى ھەبىب،
    جاپا تارتىپ، ياراتقانغا بولدى قەرىب،
    غېرىپ بولۇپ ئۇقبالاردىن ئاشتىم مانا.

    (7)
    ئاقىل بولساڭ غېرىپلەرنىڭ كۆڭلىن ئوۋلا،
    مۇستاپادەك ئەلنى كېزىپ يېتىم كوۋلا،
    دۇنياپەرەست ناجىنسلاردىن بويۇن تولغا،
    بويۇن تولغاپ، دەريا بولۇپ تاشتىم مانا.

    (8)
    ئىشق بابىنى مەۋلام ئاچقاچ ماڭا تەگدى،
    تۇپراق قىلىپ، «ھازىر بول» دەپ بوينۇم ئەگدى.
    بوران سۈپەت مالامەتنىڭ ئوقى تەگدى.
    پەيكان ئېلىپ يۈرەك-باغرىم تەشتىم مانا.

    (9)
    كۆڭلۈم قاتتىق، تىلىم ئاچچىق، ئۆزۈم زالىم،
    قۇرئان ئوقۇپ ئەمەل قىلماي يالغان ئالىم،
    غېرىپ جانىم سەرىپ ئەيلەي، يوقتۇر مالىم،
    ھەقدىن قورقۇپ ئوتقا چۈشمەي، پىشتىم مانا.

    (10)
    ئاتمىش ئۈچكە ياشىم يەتتى، ئۆتتۈم غاپىل،
    ھەق ئەمرىنى مەھكەم تۇتماي، ئۆزۈم جاھىل،
    روزا، ناماز قازا قىلىپ بولدۇم كاھىل،
    يامان ئىزلەپ، ياخشىلاردىن كەچتىم مانا.

    (11)
    ۋا دەرىخا، مۇھەببەتنىڭ جامىن ئىچمەي،
    ئەھلى ئايال، خانۇماندىن تۈگەل كەچمەي،
    جۇرمۇ ئىسيان گىرىھلەرىن مۇندا چەچمەي،
    شەيتان غالىپ، جان بېرەردە شاشتىم مانا.

    (12)
    ئىمانىمغا چاڭگال ئۇرۇپ قىلدى غەمناك،
    پىرى مۇغان «ھازىر بول» دەپ چاچتى تەرياق،
    شەيتان لەئىن مەندىن قېچىپ كەتتى بىپاك،
    بىھەمدىللاھ، نۇرى ئىمان ئاچتىم مانا.

    (13)
    پىرى مۇغان خىزمىتىدە يۈگرەپ يۈردۈم،
    خىزمەت قىلىپ، كۆزۈم يۇمماي ھازىر تۇردۇم،
    مەدەت قىلدى، ھازازۇلنى قوغلاپ سۈردۈم،
    ئاندىم سوڭرە قانات قېقىپ ئۇچتۇم مانا.

    (14)
    غېرىب، پەقىر، يىتىملەرنى قىلغىن شادمان.
    ھەلقەلەر قىلىب ئەزىز جانىڭ ئەيلە قۇربان.
    تائام تاپساڭ جانىڭ بىرلە قىلغىل مىھمان.
    ھەقتىن ئىشتىب بۇ سۆزلەرنى ئېيتتىم مانا.

    (15)
    غېرىب، پەقىر، يىتىملەرنى ھەركىم سورار،
    رازى بولۇر ئول بەندەدىن پەرۋەردىگار.
    ئەي بىخەبەر، سەن بىر سەۋەب، ئۆزى ئاسرار،
    ھەق مۇستاپا پەندىن ئىشتىب ئېيتتىم مانا.

    (16)
    يەتتە ياشتا ئارسلانبابغا قىلدىم سالام،
    «ھەق مۇستاپا ئامانىتىن قىلىڭ ئىنئام»
    ئوشۇل ۋاقىتدا مىڭ بىر زىكرىن قىلدىم تامام.
    نەپسىم ئۆلۈپ لاماكانغا ئاشتىم مانا.

    (17)
    ھۇرما بېرىپ، باشىم سىيلاب نەزەر قىلدى.
    بىر پۇرسەتتە ئوقبا سارى سەپەر قىلدى.
    «ئەلۋىدا» دەپ بۇ ئالەمدىن گۈزەر قىلدى.
    مەكتەب بارىب، قايناب جوشۇب-تاشتىم مانا.

    (18)
    «ئىننا فەتەھنا»نى ئوقۇپ، مەنا سوردۇم،
    پەرتەۋ سالدى، بىخۇد بولۇپ، دىدار كۆردۈم.
    موللام ئۇرۇپ «سۈكۈت» دىدى، باقىپ تۇردۇم.
    ياشىم ساچىب، مۇزتەر بولۇپ تۇردۇم مانا.

    (19)
    «ئايا نادان، مەنا بۇ ...» دەپ ئېيتتى، بىلدىم.
    ئاندىن سوڭرە چۆللەر كېزىب ھەقنى سۆيدۈم.
    روزى قىلدى، ھازازۇلنى تۇتۇب مىندىم.
    لەنگەر تۈگۈپ، بەلدىن بېسىپ يەنچىدىم مانا.

    (20)
    زىكرىن تەمام قىلىپ، ئۆتتۈم «دىۋان»ىگە.
    ھەقدىن ئۆزگە ھىچ سۆزلىمەي بىگانىگە.
    شەمئىن ئىزلەب شاگىرت كىردىم پەرۋانىگە.
    ئەخگەر بولۇپ، كۆيۈپ-يېنىپ ئۆچتۈم مانا.

    (21)
    نامۇ-نىشان ھىچ قالمادى، لا-لا بولدۇم.
    ئاللاھ يادىن ئېيتىپ-ئېيتىپ ئىللا بولدۇم.
    خالىس بولۇپ، مۇخلىس بولۇپ لىللاھ بولدۇم.
    «فەنا فىللاھ» مەقامىغا ئاشتىم مانا.

    (22)
    سۈننەت ئىرمىش: كاپىر بولسا بەرمە ئازار،
    كۆڭلى قاتتىق دىل ئازاردىن خۇدا بىزار.
    ئاللاھ ھەققى، ئانداق قۇلغا سىججىن تەييار
    دانالاردىن ئېشتىب بۇ سۆز ئېيتتىم مانا.

    (23)
    سۈننەتلىرىن مەھكەم تۇتۇپ ئۈممەت بولدۇم.
    يەر ئاستىغا يالغۇز كىرىپ نۇرغا تولدۇم.
    ھەقپەرەستلەر مەقامىغا مەھرەم بولدۇم.
    باتىن تىغى بىرلە نەپسنى يەنچىدىم مانا.

    (24)
    نەپسىم مېنى يولدىن ئۆرۈپ، خار ئەيلىدى،
    تەلمۈرتۈرۈپ خالايىققا زار ئەيلىدى.
    زىكىز ئېيتقۇزماي شەيتان بىرلە يار ئەيلىدى.
    «ھازىر سەن» دەپ نەپس باشىنى سانچىدىم مانا.

    (25)
    قۇل خوجا ئەھمەد، غەپلەت بىلەن ئۆمرۈڭ ئۆتتى.
    ۋاي ھەسرىتا، كۆزدىن، تىزدىن قۇۋۋەت كەتتى.
    ۋاي-ۋايلىتا، نادامەتنىڭ ۋاقتى يەتتى.
    ئامال قىلماي، كارۋان بولۇپ كۆچتۈم مانا
    ★★★★★


    «ئىككىنچى ھىكمەت»

    (1)
    ئەي دوستلار، قۇلاق سېلىڭ ئېيتقىنىمغا،
    نە سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە،
    مىراج ئۈزرە ھەق مۇستافا روھىم كۆردى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

     (2)
    ھەق مۇستافا جەبرائىلدىن قىلدى سۇئال:
    «بۇ نىچۈك روھ تەنگە كىرمەي تاپتى كامال
    كۆزى ياشلىق، خەلقە باشلىق، قەددى ھىلال»
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (3)
    جەبرائىل ئېيتتى: «ئۈممەت ئىشى سىزگە بەرھەق،
    كۆككە چىقىپ،مالايىكتىن ئولۇر سەۋەپ،
    نالىسىگە نالە قىلۇر ھەفتۇم تەبەپ».
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (4)
    «پەرزەندىم» دەپ ھەق مۇستاپا قىلدى كالام،
    ئۇندىن كىيىن بارچە ئەرۋاھ قىلدى سالام،
    رەھمەت دەريا تولۇپ-تېشىپ يەتتى پەييام،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (5)
    رەھىم ئىچرە پەيدا بولدۇم، نىدا كەلدى،
    زىكىر ئېيت دىدى، بەدەنلىرىم جۇنبۇش قىلدى،
    «پەرزەندىم» دەپ ھەق مۇستافا ئۈلۈش بەردى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (6)
    تۆت يۈز يىلدىن كىيىن چىقىپ، ئۈممەت بولغاي، 
    نەچچە يىللار يۈرۈپ، خەلققە يول كۆرسەتكەي،
    ئون تۆت مىڭ مۇجتەھىتلار خىزمەت قىلغاي،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (7)
    توققۇز ئاي توققۇز كۈندە يەرگە تۈشتۈم،
    توققۇز سائەت تۇرالمىدىم كۆككە ئۇچتۇم،
    ئەرشى كۈرسى پايەسىنى بارىپ قۇچتۇم،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (8)
    ئەرش ئۈستىدە ناماز ئوقۇپ، تىزىم بۈكتۈم،
    روزا ئېيتىپ، ھەققە بۈكۈپ ياشىم تۆكتۈم،
    يالغان ئاشىق، يالغان سوفى كۆردۈم سۆكتۈم،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (9)
    جاندىن كەچمەي، ھۇ-ھۇ دىگەن بارى يالغان،
    بۇ قىلتاقتىن سورماڭ سۇئال، يولدا قالغان،
    ھەقنى تاپقان ئۆزى پىنھان، سۆزى پىنھان،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (10)
    بىر يېشىمدا ئەرۋاھ ماڭا ئۈلۈش بەردى،
    ئىككى ياشتا پەيغەمبەرلەر كىلىپ كۆردى،
    ئۈچ يېشىمدا چىلتەن كىلىپ ھالىم سوردى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (11)
    تۆت يېشىمدا ھەق مۇستافا بەردى خۇرما،
    يول كۆرسەتتىم، يولغا كىردى نەچچە گۇمراھ،
    قايدا بارسام، خىزىر بابام ماڭا ھەمراھ،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (12)
    بەش يېشىمدا بېلىم باغلاپ، تائەت قىلدىم،
    تەتاۋۋۇ روزا تۇتۇپ، ئادەت قىلدىم،
    كىچە-كۈندۈز زىكرىن ئېيتىپ، راھەت قىلدىم،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (13)
    يەتتە ياشتا ئارسلان بابام ئىزلەپ تاپتى،
    ھەر سىر كۆرۈپ، پەردە بىرلە بۈكۈپ ياپتى،
    بىھەمدۇللاھ، كۆردۈم، دىدى، ئىزىم ئۆپتى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (14)
    قابىز كىلىپ ئارسلان بابام جانىن ئالدى،
    ھۆرلەر كىلىپ ھەرىر توندىن كېپەن قىلدى،
    يەتمىش مىڭ پەرىشتىلەر يىغلاپ كەلدى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (15)
    جىنازىسىنى ئوقۇپ، يەردىن كۆتەردىلەر،
    بىر پۇرسەتتە ئۇجماق ئىچرە يەتكۇردىلار،
    روھىل ئېلىپ، ئىلىيىنگە كىرگۈزدىلەر،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (16)
    ئاللاھ، ئاللاھ يەر ئۈستىدە ۋەتەن قىلدى،
    مۇنكىر-نەكىر «مەن رەببۇك» دەپ سوراق سوردى،
    ئارسلان بابام ئىسلامىدىن بايان قىلدى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (17)
    ئەقلىڭ بولسا، ئېرەنلەرگە خىزمەت قىلغىل،
    «ئەمرى مەرۇپ» قىلغانلارنى ئىززەت قىلغىل،
    «نەھى مۇنكەر» قىلغانلارنى ھۈرمەت قىلغىل،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (18)
    سەككىزىمدە سەككىز يەردىن يول ئېچىلدى،
    ھىكمەت ئېيت، دەپ باشلىرىمغا نۇر چېچىلدى،
    بىھەمدۇللاھ ، پىرى مۇغان مەي ئىچۈردى،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (19)
    پىرى مۇغان ھەق مۇستافا بەرھەق بىلىڭ،
    قايدا بارساڭ ۋەسپىن ئېيتىپ تازىم قىلىڭ،
    دۇرۇد ئېيتىپ، مۇستافاغا ئۈممەت بولۇڭ،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (20)
    توققۇزۇمدا تولغانمىدىم توغرا يولغا،
    «تەبەررۇك»، دەپ ئېلىپ يۈردى قولدىن قولغا،
    قۇۋانمىدىم بۇ سۆزلەرگە، قاچتىم چۆلگە،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.

    (21)
    ئون يېشىڭدا ئوغلان بولدۇڭ، قۇل خوجا ئەخمەت،
    خوجالىققا بىنا قويۇپ، قىلماي تائەت،
    «خوجا مەن» دەپ يولدا قالساڭ، ۋاي، نە ھەسرەت،
    ئۇل سەۋەپتىن ئاتمىش ئۈچتە كىردىم يەرگە.
    ★★★★★


    «ئۈچىنچى ھىكمەت»

    (1)
    ھەر سۇبھى دەم نىدا كەلدى قۇلاغىمغا،
    «زىكىر ئېيت» دىدى، زىكىر ئېيتىپ يۈردۈم مانا.
    ئىشقسىزلەرنى كۆردۈم ئېرسە يولدا قالدى.
    ئول سەۋەپتىن ئىشق دۇكانىن قۇردۇم مانا.

    (2)
    ئون بىرىمدە رەھمەت دەريا تولۇپ تاشتى.
    «ئاللاھ» دىدىم، شەيتان مەندىن يىراق قاچتى.
    ھايۇ-ھەۋەس، ماۋۇ مەنلىك تۇرماي كۆچتى.
    ئون ئىككىمدە بۇ سىرلارنى كۆردۈم مانا.

    (3)
    ئون ئۈچىمدە نەپسى ھەۋانى قولغا ئالدىم.
    نەپسى باشىغا يۈز مىڭ بالا قارماپ سالدىم.
    تەكەببۇرنى ئاياق ئاستىدا باسىپ ئالدىم.
    ئون تۆرتىمدە تۇپراق سۈپەت بولدۇم مانا.

    (4)
    ئون بەشىمدە ھۆرۇ غىلمان قارشى كەلدى،
    باشىن ئۇرۇب، قول قوۋۇشتۇرۇب تازىم قىلدى.
    فىردەۋس ئاتلىق جەننىتىدىن مەزھەر كەلدى.
    دىدار ئۈچۈن بارچەسىنى قويدۇم مانا.

    (5)
    ئون ئالتىمدە بارچە ئەرۋاھ ئۈلۈش بەردى.
    «ھەي-ھەي سىزگە مۇبارەك» دەپ ئادەم كەلدى.
    «پەرزەندىم» دەپ بوينۇم قۇچۇپ كۆڭلۈم ئالدى.
    ئون يەتتىمدە تۈركىستاندا تۇردۇم مانا.

    (6)
    ئون سەككىزدە چىلتەن بىلەن شاراب ئىچتىم.
    زىكىر ئېيتىپ، ھازىر تۇرۇپ كۆكسۈم تەشتىم.
    روزى قىلدى، جەننەت كېزىپ ھۆرلەر قۇچتۇم.
    ھەق مۇستاپا جاماللارىن كۆردۈم مانا.

    (7)
    ئون توققۇزدا يەتمىش مەقام زاھىر بولدى.
    زىكىر ئېيتىپ ئىچى-تاشىم تاھىر بولدى.
    قايدا بارسام خىزىر بابام ھازىر بولدى.
    غەۋسۇل-غىياس مەي ئىچۈردى، تويدۇم مانا.

    (8)
    ياشىم يەتتى يىگىرمىگە، ئۆتتۈم مەقام.
    بىھەمدىللاھ، پىر خىزمەتىن قىلدىم تەمام.
    ............................
    ئول سەۋەپتىن ھەققە يېقىن بولدۇم مانا.

    (9)
    مۆئمىن ئەمەس-ھىكمەت ئاڭلاپ يىغلىمىسا،
    ئېرەنلەرنىڭ ئېيتقان سۆزىن تىڭلىمىسا،
    ئايەت، ھەدىس، گويا قۇرئان ئاڭلىمىسا،
    بۇل رىۋايەت، ئەرش ئۈستىدە كۆردۈم مانا.

    (10)
    رىۋايەتنى كۆرۈپ مەن ھەق، سۆزلەشتىم مەن،
    يۈز مىڭ تۈرلۈك مەلائىكغا يۈزلەشتىم مەن.
    ئول سەۋەبتىن ھەقنى سۆزلەپ ئىزلاشتىم مەن.
    جانۇ-دىلىم ئاڭا پىدا قىلدىم مانا.

    (11)
    قۇل خوجا ئەھمەد، ياشىڭ يەتتى يىگىرمە بىر.
    نە قىلغايسەن گۇناھلىرىڭ تاغدىن ئېغىر؟
    قىيامەت كۈن غەزەب قىلسا رەببىم قادىر،
    ئايا دۇستلار، نىچۈك جاۋاب ئېيتغۇم مانا؟
    ★★★★★


    «تۆتىنچى ھېكمەت»

    (1)
    خۇش غايىپتىن قۇلىقىمغا ئىلھام كەلدى،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا،
    بارچە بۇزرۇك يىغىلىپ كىلىپ ئىنئام بەردى،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (2)
    مەن يىگىرمە ئىككى ياشتا فەنا بولدۇم،
    مەرھەم بولۇپ، چىن دەردلىككە داۋا بولدۇم،
    يالغان ئاشىق، چىن ئاشىققا گۇۋاھ بولدۇم،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (3)
    ئايا دوستلار، يېشىم يەتتى يىگىرمە ئۈچ،
    يالغان دەۋا تائەتلىرىم، بارچىسى پۇچ،
    قىيامەت كۈن نە قىلغايمەن بەرەھنە لۇچ،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (4)
    مەن يىگىرمە تۆتكە كىردىم ھەقتىن يىراق،
    ئاخىرەتكە بارار بولسام، قېنى ياراق؟
    ئۆلگىنىمدە يىغىلىپ ئۇرۇڭ يۈزمىڭ تاياق،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (5)
    جىنازەمنىڭ ئارقىسىدىن تاشلار ئېتىڭ،
    ئايىقىمدىن تۇتۇپ سۆرەپ گۆرگە ئېتىڭ،
    ھەققە قۇللۇق قىلمىدىڭ دەپ يانچىپ تىپىڭ،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (6)
    يازۇق بىلەن ياشىم يەتتى يىگىرمە بەش،
    سۇبھان ئىگەم، زىكىر ئۆگۈتۈپ، كۆكسۈمنى تەش،
    كۆكسۈمدىكى گىرىھلەرىم سەن ئۆزۈڭ يەش،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (7)
    مەن يىگىرمە ئالتە ياشتا سەۋدا قىلدىم،
    مەنسۈر سۈپەت دىدار ئۈچۈن غەۋغا قىلدىم،
    پىرسىز يۈرۈپ، دەردۇ ھالەت پەيدا قىلدىم،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (8)
    مەن يىگىرمە يەتتە ياشتا پىرنى تاپتىم،
    ھەر نە كۆردۈم، پەردە بىرلە سىرنى ياپتىم،
    ئاستانەسىن ياستەنىبان ئەزىز ئۆپتۈم،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (9)
    مەن يىگىرمە سەككىز ياشتا ئاشىق بولدۇم،
    كىچە ياتماي، مېھنەت تارتىپ، سادىق بولدۇم،
    ئۇندىن سوڭرە دەرگاھىغا لايىق بولدۇم،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (10)
    بىر كەم ئوتتۇز ياشقا كىردىم ھالىم خاراب،
    ئىشىق ئوتىدا بولالمىدىم مىسلى تۇراب،
    ھالىم خاراب، باغرىم كاۋاپ، كۆزۈم پۇرئاب،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (11)
    ئوتتۇز ياشتا ئوتۇن قىلىپ كۆيدۈردىلەر،
    جۈملە بۇزرۇك يىغىلىپ دۇنيا قويدۇردىلار،
    ئۇرۇپ سوقۇپ، دۇنيا ئۇقبىن قويدۈردىلەر،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.

    (12)
    قۇل خوجا ئەھمەد دۇنيا قويساڭ ئىشىڭ بىتەر،
    كۆكسۈڭدىكى چىققان ئاھىڭ ئەرشكە يىتەر،
    جان بىرەردە ھەق مۇستافا قولۇڭ تۇتار،
    ئول سەۋەپتىن ھەققە سىغىنىپ كەلدىم مانا.
    ★★★★★


    «بەشىنچى ھىكمەت»

    (1)
    يا ئىلاھىم، ھەمدىڭ بىرلە ھىكمەت ئېيتتىم.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.
    تەۋبە قىلىپ، گۇناھىمدىن قورقۇپ قايتتىم،
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (2)
     قىرىق بىرىمدە ئىخلاس قىلدىم يول تاپاي دەپ،
    ئېرەنلەردىن ھەر سىر كۆرسەم مەن ياپاي دەپ،
    پىرى مۇغان ئىزىن ئېلىپ مەن ئۈپەي دەپ،
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (3)
    قىرىق ئىككىمدە تالىب بولۇپ يولغا كىردىم،
    ئىخلاس قىلىپ يالغۇز ھەققە كۆڭۈل بەردىم،
    ئەرشۇ كۇرسى، لەۋھىدىن ئۆتۈپ قەلەم كەزدىم،
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (4)
    قىرىق ئۈچىمدە ھەقنى ئىزلەپ نالە قىلدىم،
    كۆز ياشىمنى ئاققۇزىبان جالە قىلدىم،
    باياۋانلەر كېزىپ ئۆزۈم ۋالە قىلدىم،
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (5)
    قىرىق تۆرتىمدە مۇھەببەتنىڭ بازارىدا،
    ياقام تۇتۇپ يىغلاپ يۈردۈم گۈلزارىدا،
    مەنسۇر سۈپەت باشىم بېرىپ ئىشق دارىدا،
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (6)
    قىرىق بەشىمدە سەندىن ھاجەت تىلەپ كەلدىم،
    تەۋبە قىلدىم، ھەر ئىش قىلدىم، خاتا قىلدىم،
    يا ئىلاھىم، رەھمىتىڭنى ئۇلۇغ بىلدىم.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (7)
    قىرىق ئالتىمدە زەۋقۇ-شەۋقىم تولۇپ تاشتى.
    رەھمىتىڭدىن قەترە تامدى، شەيتان قاچتى.
    ھەقدىن ئىلھام رەفىق بولۇپ، بابىن ئاچتى.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (8)
    قىرىق يەتتىمدە يەتتە ياقتىن ئىلھام يەتتى،
    ساقىي بولۇپ جامى شاراب خوجام تۇتتى.
    شەيتان كېلىپ نەپسى ھەۋانى ئۆزى يۇتتى.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (9)
    قىرىق شەككىزدە ئەزىز جاندىن بىزار بولدۇم،
    گۈناھ دەردى كېسەل قىلدى، بىمار بولدۇم.
    ئول سەۋەبتىن ھەقتىن قورقۇپ بىدار بولدۇم.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (10)
    قىرىق توققۇزدا ئىشقىڭ چۈشتى، كۆيۈپ ياندىم.
    مەجنۇن سۈپەت خەيلى خەستىن  قېچىپ، تاندىم.
    تۈرلۈك-تۈرلۈك جاپا تەگدى، بويۇن ئەگدىم.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (11)
    ئەللىك ياشتا «ئەر مەن» دىدىم، ھالىم زەئىپ.
    قان تۆكمىدىم كۆزلىرىمدىن باغرىم ئېزىپ.
    نەپسىم ئۈچۈن يۈرەر ئىدىم ئىتتەك كېزىپ.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.

    (12)
    قۇل خوجا ئەھمەد، ئەر بولمىساڭ ئۆلگەن ياخشى.
    قىزىل يۈزۈڭ قارا يەردە سولغان ياخشى.
    تۇپراق سۈپەت يەر ئاستىدا بولغان ياخشى.
    زاتى ئۇلۇغ خوجام، سېغىنىپ كەلدىم ساڭا.
    ★★★★★


    «ئالتىنچى ھېكمەت»

    (1)
    سۈبھى سادىق دۈشەنبىدە دۈن يەرگە كىردىم
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.
    ئاتمىش ئۈچتە سۈننەت دىدى، ئىشىتىپ بىلدىم،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (2)
    يەر ئۈستىدە يارەنلىرىم ماتەم تۇتتى،
    ئالەم ھەممە «سۇلتانىم» دەپ نەرە تارتتى،
    ھەقنى تاپقان چىن سوپىلار قانلار يۇتتى،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (3)
    ئەلۋىدا، دەپ يەر ئاستىغا قەدەم قويدۇم،
    يورۇق دۇنيا ھارام قىلىپ، ھەقنى سۆيدۈم،
    زىكرىن ئېيتىپ يالغۇز بولۇپ، يالغۇز كۆيدۈم،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (4)
    «تاھا» ئوقۇپ، تۈن كىچىلەر قايىم بولدۇم،
    كېچە ناماز، كۈندۈزلىرى سايىم بولدۇم،
    بۇ ھال بىرلە يەر ئاستىدە دائىم بولدۇم،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (5)
    ئاتمىش كېچە، ئاتمىش كۈندۈز بىر يول تائام،
    تاڭ ئاتقۇچە ناماز ئوقۇپ، بىر يول سالام،
    ئاتمىش ئۈچتە بولدى ئۆمرۈم ئاخىر تامام،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (6)
    ھەق مۇستاپا روھى كېلىپ بولدى ئىمام،
    جۈملە مەلەك يەر ئاستىدا بولدى غولام،
    كۆپ يىغلىدىم، ھەق مۇستاپا بەردى ئىنئام.
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (7)
    مىراج تۈنى، نۇرى دىدەم، پەرزەنت، دىدى،
    قولۇم تۇتۇپ، ئۈممىتىمسەن، ئۈممەت، دىدى،
    سۈننىتىمنى مەھكەم تۇتقىل، دىلبەند، دىدى،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (8)
    قىيامەتتە يول ئاداشساڭ، يولغا سالاي،
    مۇھەممەد دەپ تەشنا بولساڭ قولۇڭ ئالاي،
    پەرزەنتىم، دەپ ئىلكىڭ تۇتۇپ جەننەت كىرەي،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (9)
    ئەي يارەنلەر، بۇ سۆز ئىشىتىپ شەۋقىم ئارتتى،
    ئۈممەت،دىدى، ئىچى-تېشىم نۇرغا پاتتى،
    پەرتەۋ سالىپ، دىدارىنى ھەق كۆرسەتتى،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (10)
    دىدار كۆرۈپ، روھىم ئۇچۇپ، ئەرشكە قوندى،
    موسا سۈپەت ۋۇجۇدلىرىم كۆيۈپ ياندى،
    مەجنۇن سۈپەت خايلى خېشتىن قېچىپ تاندى،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (11)
    يەر ئۈستىدە خارلىق تارتتىم، كۆپ مۇشەققەت،
    تۆشەك، ياستۇق تاشتىن قىلىپ، چەكتىم مېھنەت،
    ئەي يارەنلەر، بۇ دۇنيادا يوق پاراغەت،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (12)
    تا مۇشەققەت تارتمۇغۇچە ۋەسلى قايدا؟
    خىزمەت قىلماي، دەردى ھالەت بولماس پەيدا،
    جانۇ-دىلنى تا قىلمىساڭ ھەققە شەيدا،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (13)
    يەر ئاستىغا كىردىم ئېرسە بىخۇد بولدۇم،
    كۆزۈم ئېچىپ، مۇستافانى ھازىر كۆردۈم،
    ئاسىي، جافىي ئۈممەتلەرنىڭ ھالىن سوردۇم،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (14)
    ئەيا پەرزەنت، مەندىن سورىساڭ قانى ئۈممەت؟
    ئۈممەت، دىدى، كۆكسۈم تولا داغى ھەسرەت،
    ئۈممەت ئۈچۈن كۆپ تارتىمەن ھەقتىن كۈلپەت،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (15)
    ئۈممەتلىرىم يازۇقلارىن ھەر جۈمە كەچ،
    ئالىپ كەلگەي، يا مۇھەممەت، ھەن مۇنى چەچ،
    تاكى يىغلاپ سەجدە ئالاي، تەڭرىگە كەچ،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (16)
    ھەر جۈمە كەچ ئۈممەتلەرنىڭ گۇناھىنى،
    ئېلىپ كەلگەن، يا مۇھەممەت، كۆرگىل مۇنى،
    ئۈممەتلىرىڭ نالە قىلۇر، ئەھمەد، سېنى،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (17)
    مەن مەلەكتىن شەرم ئالۇرمەن، ئەي ئۈممەتىم،
    ياراتقاندىن قورقماسمۇسەن، پەست ھىممەتىم،
    كېچە ياتماي، تائەت قىلساڭ خۇش دەۋلىتىم،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (18)
    يەر ئاستىغا كىردىم، دوستلار، بى ئىختىيار،
    ئامىن، دەڭلار ئالۇ ئاسھاپ ھەم چاھاريار،
    ئۈممەتلەرنىڭ جۈرمىن كەچگىل، پەرۋەردىگار،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.

    (19)
    قۇل خوجا ئەھمەد، مەن دەفتەرى سانىي ئەيتتىم،
    ئىككى ئالەم ئىشرەتلەرىن مەيگە ساتتىم،
    ئۆلمەس بۇرۇن جان ئاچچىغىن زەھرىن تاتتىم،
    مۇستافاغا ماتەم تۇتۇپ كىردىم مانا.
    ★★★★★

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    ئۆزبىك يېزىقىدىن ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆرۈگۈچىلەر: ساداقەتجان ھاجى بىلەن «ئىجادىيەت مۇنبىرى»دىن توردىشىمىز ‹گۈلسۇمئاي›.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: