版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34743906.html

    نۇرمۇھەممەد ئېركى شېئىرلىرى

    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى


    (تولۇق نۇسخا)


    نۇرمۇھەممەد ئېركى
    (1927 - 1984)




    ئالىمدۇر دۇنيانىڭ، ئىنساننىڭ جېنى،
    ئالىملار ئالىمنىڭ بىلەر قەدرىنى.
    يۇرتىمىز ئالىمنىڭ، ئەدىبنىڭ كانى،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    شەرق ئىلىم دۇنياسى ئىچرە يىگانە -
    بىر يۇلتۇز شۇنچە ساپ، شۇنچە نۇرانە.
    ئەجرىگە قايىلدۇر ئۆز ۋە بىگانە،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا سەرۋەرى،
    يۇلتۇزكى يۇلتۇزلار ئارا ھۆكەرى.
    مۇبارەك ئىسمىدۇر مەھمۇد كاشغەرىي،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    تىل دېمەك - بىر ئەلنىڭ ھايات بەلگىسى،
    مەھمۇددۇر شۇنچە زور بەلگە ئىگىسى.
    ئانا تىل سۆيگۈسى - ۋەتەن سۆيگۈسى ...
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    «دىۋان»دۇر - تۈرك تىلى ئىرپان غەزنىمىز،
    مىڭ يىلدىن بۇرۇنقى بىلىم پەللىمىز.
    «دىۋان»دىن شەرەپ ھىس قىلار خەلقىمىز.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    «دىۋان»دۇر دۇنيادا ئەجەپ مۆجىزات.
    بولمىدى ئۇ تارىخ بەيگىسىدە مات.
    بەلكى ئۇ بولدى پەن ئەھلىگە قانات،
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    بىر ئەلكى، بەرسە ئۇ شۇنداق بىر ئوغۇل،
    بولسا ئۇ ئىرپاندا ئالەمگە مەقبۇل،
    قىسمامدۇ بېشىغا قىلىپ ئۇنى گۈل؟!
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    گۈل قىلىپ قىستىڭ سەن، ئاپىرىن ساڭا!
    كۆپ ئىززەت ۋە ھۆرمەت ئەيلىدىڭ ئاڭا.
    زامانەم، بۇ ئىشىڭ يارىدى ماڭا.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    ئالىمنى ھۆرمەتلەش - گۈللەشكە ئاساس.
    ھەر ئەلدە راۋاج ۋە ياشناشقا ئاساس.
    ئىرپانغا ھەممىنى ئۈندەشكە ئاساس.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    مەھمۇدنىڭ ۋەتىنى - ئەي ئەزىز قەشقەر!
    قەدىرلە ئوغلۇڭنى ئوغلۇڭنى، ئۇ گوياكى زەر!
    ئۇ - ئادەم شەكلىدە يارالغان گۆھەر ...
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    گەر ئاڭا زامانداش بولمىسام ئۆزۈم،
    تۇپراقداش بولغاچقا ئاپتاپتۇر يۈزۈم ...
    قەبرىنىڭ خاكىنى سۈرتىۋال كۆزۈم.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    بوۋامنى ئالەمگە راسا داملىتاي.
    ۋەسىيەت: مەن ئۆلسەم يېنىدا ياتاي.
    جاۋاھىر ئورنىدا شېئىرىمگە قاتاي.
    كىمنىڭ بار مۇشۇنداق ئالىمى قېنى؟
    پەخىرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى!

    (1983 - يىل. قەشقەر)
    &&&&&&&&&&&&&&
    بۇ شېئىر شائىر نۇرمۇھەممەد ئېركىنىڭ «ئۆچمەس تامغىلار» دىگەن شېئىرلار توپلىمىدىن تەييارلاندى.
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    &&&&&&&&&&&&&&


    قاپىيە


    نۇرمۇھەممەد ئېركى


    نەزمە يازماقلىق ئۈچۈن ئەلۋەتتە دەركار قاپىيە.
    ئوخشىمايدۇ بولمىسا بىزنىڭچە ئەشئار قاپىيە.

    نەزمىنىڭ مەزمۇنى ئەمما قاپىيە قوغلاشمىسۇن،
    پىكرىگە ئەگەشسە ياخشى بولسا خۇشتار قاپىيە.

    كەلتۈرۈپ ‹ئارمان› غا ‹دەرمان› ئېيتمىساڭ بىر يېڭى گەپ،
    ئەل تۈگۈل، شۇ قاپىيەڭدىن بەلكى بىزار قاپىيە.

    نىمە ئۇ ‹ئىجادىيەت› ناملىق سۆزۈڭنىڭ مەنىسى؟
    نىمە ئېيتساڭ يېڭى سۆز ئېيت، تىزما بىكار قاپىيە.

    خەلقىمىز ئامراق غەزەلگە، چىقسا ئۇ جان دەپ سۆيەر.
    قارىسا گەپ - سۆزى ئەرزان، ئۆزى بىمار قاپىيە.

    قاپىيە ئەشئار ئەمەس، ئەشئار ئۈچۈن بىر خىل بىزەك.
    ئەلنى تارتماققا ئېتەر پىكرىڭنى رەڭدار قاپىيە.

    پىكرى بولسا رەخقە ئوخشاش، يېڭى پىكرىڭ يېڭى رەخ،
    كونا رەخقە رەڭ ياراشماس بەرسە بىسيار قاپىيە.

    ئەسلىدە بولساڭ گۈزەل چۈشمەس گىرىمگە ھاجىتىڭ،
    خام پىكىرنى قىلمىغاي بىر ياخشى رۇخسار قاپىيە.

    قاپىيەسىز ھەم شېئىر ياز. نەزمىدە ئەلا پىكىر.
    گەپكە كىرمەس ئېركى دەر: كەت قاپىيە، بار قاپىيە!


    (1981 - يىل. قەشقەر)
    &&&&&&&&&&&&&&

    (مەنبە: «غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر» مىللەتلەر نەشرىياتى)
    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    &&&&&&&&&&&&&&

     



    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: