版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34772231.html


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    («شەبنەم مۇنبىرى»گە يوللانغان «ئوقۇتقۇچى مۇنبەردە خۇدا» دىگەن شېئىرنى ئوقۇغاندىن كىيىن بۇ شېئىرنى يازغۇم كەلدى)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

    ئوقۇتقۇچى ئەمەستۇر خۇدا

    ساداقەتجان ھاجى

    ئوقۇتقۇچى ئەمەستۇر خۇدا.
    ئوقۇتقۇچى ئاددى بىر ئىنسان.
    ھەتتاكى ئۇ ئۆز روھىنىمۇ
    يارىتىشقا تاپالماس ئىمكان.

    ئوقۇتقۇچى ئەمەستۇر خۇدا.
    ئۇ مۇنبەرگە باغلانغان بىر قۇش.
    ئۇ تۇرمۇشنى يارىتالمايدۇ.
    بەلكى ئۇنى يارىتار تۇرمۇش.

    ئوقۇتقۇچى ئەمەستۇر خۇدا.
    ئۇ يەنىلا كىچىك بىر تال شام.
    ئۇ نۇر بەرگەن يۈرىكىم بىلەن
    شەربەت تۇتاي ئۇنىڭغا بىر جام.

    ئوقۇتقۇچى ئەمەستۇر خۇدا.
    ئۇ مۇنبەردە ياڭرىغان سادا؟
    كۇپايىدۇر قىلسا ئۇ پەقەت
    ئادىمىيلىك بۇرچىنى ئادا...

    ★★★★★
    (2008-يىل 9-ئاينىڭ 9-كۈنى. قەشقەر)
    ★★★★★


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: