يىگىرمە.يىل.بۇرۇن.نىمە.دىدىم؟ - [نەسىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2009年02月08日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34784675.html

    يىگىرمە يىل بۇرۇن نىمە دىدىم؟


    ساداقەتجان ھاجى


    (بىر نەچچە كۈندىن بىرى بۇرۇنقى كىتاب – ماتىرىياللىرىمنى رەتلەش جەريانىدا، ئوقۇغۇچىلىق ۋاقتىمدا يېزىپ قويغان بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىمنى تاپتىم. بۇ «ئۇزۇن – قىسقا جۈملىلەر» - شۇلاردىن بىرى. خالاس)


    (1)
    ئۈستۈنكى كىرپىك بىلەن ئاستىنقى كىرپىپ شۇنداق دىيىشەرمىش:
    ئەگەر ئارىمىزدا كۆز بولمىغان بولسا، بىز مۇرادىمىزغا يەتكەن بولاتتۇق.

    (2)
    قان تۆكۈش – ۋەھشىلىك،
    ياش تۆكۈش – نۇمۇس.
    لىكىن ياش تۆكۈشتىن قان تۆكۈش ئەۋزەلرەك.
    چۈنكى، كىم ياش تۆكۈشنى خالايدۇ؟

    (3)
    يەر شارىنى چۆرگىلىتىۋاتقانلارغا ھەۋىسىم كىلىدۇ، لىكىن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.
    يەر شارىدا چۆرگىلەۋاتقانلارغا ئاچچىقىم كېلىدۇ، لىكىن ئۇلارغا ھىسداشلىق قىلىمەن.

    (4)
    ئەگەر ئىشەنچ بولمىغان بولسا ئىدى، خۇدا ئىنسانلارغا رەھىم قىلمىغان بولاتتى.
    ئىنسانلارمۇ خۇداغا پىسەنت قىلمىغان بولاتتى.

    (5)
    سەن پەقەت ئۆزۈڭگىلا نەپرەتلىنىشكە ھەقلىقسەن!

    (6)
    شائىرنىڭ كۆرگەن چۈشى – چىنلىق.

    (7)
    مەن كىشىلەرنى بەك چۈشىنىپ كەتكەنلىكىمدىن، كىشىلەر مېنى چۈشىنەلمەيدۇ.

    (8)
    مەن گەرچە ئۆزۈمگە ئىشەنسەممۇ، ئۆزۈمگە تەئەللۇق بولغان كۆزۈم بىلەن قۇلىقىمغا ئىشەنمەيمەن.

    (9)
    توۋا، ئاسمانغا چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ روھى يەرگە كىرىدىكەن.
    يەرگە كىرىپ كەتكەنلەرنىڭ روھى بولسا ئاسمانغا چىقىدىكەن.

    (10)
    بالىلىق – كېچە كۆرگەن چۈش.
    ياشلىق – چۈشنىڭ بۇزۇلىشى.
    قېرىلىق – چۈشكە بېرىلگەن تەبىر.

    (11)
    نادانلارنىڭ ئەقلى دۇنياغا سىغمايدۇ.
    دانىشمەنلەرنىڭ ئەقلىگە دۇنيا سىغمايدۇ.

    (12)
    گۈزەللەر ھەسەتخور كېلىدۇ.

    (13)
    ئاسمان يىغلىسا دەردىنى يەر كۆتۈرىدۇ.
    يەر يىغلىسا دەردىنى كىم كۆتۈرىدۇ؟

    (14)
    ئەقىل بىلەن ھىسسىيات بىر- بىرىنى چۈشەنمەيدىغان دوستلاردۇر.

    (15)
    رەھىمدىللىق – ئاجىزلىقنىڭ ئالىجاناپ پەردىسى.

    (16)
    رەزىللىككە ھامىلدار بولغان تۇنجى ئايال – مۇھەببەت.
    گۈزەللىكنى تەشۋىق قىلغان تۇنجى ئەر – نەپرەت.

    (17)
    شائىر – ھەسەتخور، پەيلاسوپ – تەكەببۇر كېلىدۇ.
    ئەگەر شائىر پەيلاسوپ بولسا، تادانغا ئايلىنىدۇ.
    پەيلاسوپ شائىر بولسا، شەيتانغا ئايلىنىدۇ.

    (18)
    شۆھرەت تاماسى يوق ئادەم – مەڭگۈ ئالغا باسمايدىغان ئادەمدۇر.


    **********************************
    (1989– يىلى 2 - ئاي. قەشقەر)
    (باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ)
    **********************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: