版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34795842.html

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى


    ساداقەتجان ھاجى


    بۇ ھەجۋى ئەمەستۇر. بۇ ئەمەس يۇمۇر.
    بۇمۇ بىر قەسىدە. ئوقۇپ باق ئۇيغۇر.

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ تاتلىق؟
    ئۇيغۇرۇم ئۇيقۇدىن ئىزدەيدۇ شاتلىق؟
    ئەمگەكچان، مىھماندوست ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن،
    ئۇيقۇدۇر - ئەڭ گۈزەل شىرىن ھاياتلىق؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ راھەت؟
    ئۇيغۇرۇم ئۇيقۇدىن ئىزدەيدۇ ئامەت؟
    ياخشىدۇر ئۇيغۇرنىڭ ھەممە نىمىسى؟
    ئۇيغۇرنىڭ چۈشىگە كىرمەس قىيامەت؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى كاتتا بىر سەنئەت؟
    ئەللىيى - ناخشىدۇر. خورىكى - ناخشا؟
    ئۇخلايدۇ ئويلىماي ئاقىۋىتىنى؟
    ئاڭلىسا ئۇيغۇرنىڭ يۈرىكى ناخشا؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ ئۇزۇن؟
    ئۇخلايدۇ ناخشىنى ئاڭلىغانسىرى؟
    ئۇيغۇردا بار شۇنداق بىر ئادەت - يوسۇن؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرنى داڭلىغانسىرى؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى ئەجەپمۇ داڭلىق؟
    ئۇيغۇرنىڭ دۇنيادا تەڭدىشى يوقتۇر؟
    ئۇيغۇرۇم ئەزەلدىن ئۇخلايدۇ ئاڭلىق؟
    ئۇيقۇسىز قالغۇدەك تەشۋىشى يوقتۇر؟

    ئاسماندا ئۇچۇش ھەم دېڭىزدا ئۈزۈش...
    ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئەمەس؟ ئويغاقنىڭ ئىشى؟
    ئىجاد دەرياسىدىن جاۋاھىر سۈزۈش...
    ئۇيغۇرنىڭ ئىشى ئەمەس؟ ئويغاقنىڭ ئىشى؟

    كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ ئاي، يۇلتۇز بىلەن؟
    كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ تىرىلسە جەسەت؟
    كارى يوق ئۇيغۇرنىڭ ئويغاقلار بىلەن؟
    ئۇيغۇرۇم ھىچكىمگە قىلمايدۇ ھەسەت؟

    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم پولو، كاۋاپ يەپ؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم مۇقامنى ئاڭلاپ؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم «ئۇخلاش - ساۋاب» دەپ؟
    ئۇخلايدۇ ئۇيغۇرۇم ئۆزىنى داڭلاپ؟

    ئۇيغۇرنىڭ ئۇيقۇسى  ئۇلۇغ ئۇيقۇدۇر؟
    ئويغانما؟ ئويلانما؟ ئۇخلا ئۇيغۇرۇم؟
    ئۆزگىلەر ئويغانسا ئۆزىنىڭ ئىشى؟
    سەن ھەرگىز ئويغانما؟ ئۇخلا ئۇيغۇرۇم؟

    ئوڭۇڭدا يوقىنى ئۇيقۇڭ بېرىدۇ؟
    قالىسەن چۈشۈڭدە بولۇپ قاناتلىق؟
    ئۇيغۇرۇم ئەيلىمە ئىشقىڭنى بىدار؟
    ئۇيغۇرۇم! سەن ئۈچۈن ئۇيقۇ  ھاياتلىق؟؟؟


    *********************************
    (2004-يىل 10-ئاي. قەشقەر)
    (بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ)
    *********************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址:

    评论

  • 这么好的诗 为什么不能贴别的网站作者???
    写的非常好@!!!!!!!!!!!!!