版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34797694.html

    قۇم ۋە بۇژغۇن


    جىبران خېلىل جىبران (لىۋان)


    (1)
    بىز مەرۋايىت ئازابلار بىلەن ئورالغان بىر دۆۋە قۇمدىن پۈتكەن ئىبادەتخانا.
    ئۇنداقتا، ۋۇجۇدىمىز قانداق ئارزۇلار بىلەن ئورالغان، قانداق قۇملاردىن پۈتكەن بولغىيتى؟

    (2)
    قەلبىمىز بىر پارچە بۇلۇت بولسا، قەلب پىيالىمىزدىكىسى بىر دەريا سۇدۇر.
    بىراق كۆپ ساندىكىلىرىمىز قوبۇل قىلىشنىلا بىلىپ تەقدىم قىلىشنى بىلمەيمىز. بۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟
    پىيالە قۇرۇق بولسا ئۇنى شۇ پىتى قويۇپ قويىمەن. بىراق ئۇ يېرىم بولۇپ قالسا ئۇنىڭ يېرىملىقىدىن نەپرەتلىنىمەن.

    (3)
    بىر ئادەمنىڭ ماھىيىتى ئۇنىڭ سىزگە ئاشكارىلىغان تەرىپىدە بولماستىن، بەلكى سىزگە ئاشكارىلىيالمىغان يەنە بىر تەرىپىدە بولىدۇ.
    شۇڭا سىز ئۇنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ دىگەنلىرىگە قۇلاق سالماي، دىمىگەنلىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ.

    (4)
    ھەقىقەتنى بايقاش ئىككى ئادەمگە مۇھتاج. بىرى ئۇنى سۆزلەيدۇ. يەنە بىرى ئۇنى چۈشىنىدۇ.

    (5)
    دوستلۇق شىرىنلىككە تولغان مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەت. ئۇ ھەرگىزمۇ بىر خىل پۇرسەت ئەمەس.

    (6)
    گۈلنىڭ يىلتىزى شان-شۆھرەتتىن يىرگەنگەن غۇنچىدۇر.

    (7)
    سەن ھەرقانداق بىر تۇپراقنى قېزىپ بايلىق تاپالايسەن، بىراق دىھقاننىڭ ئىتىقادىدا تۇرۇپ قېزىشىڭ كىرەك.

    (8)
    مەن بىر يولۇچى ھەم بىر دېڭىزچى. ھەر كۈنى روھىمدىن يېڭى بىر پادىشاھلىقنى بايقاپ تۇرىمەن.

    (9)
    ھەقىقەتنى ئاڭلىغۇچىلار ھەقىقەتنى سۆزلىگۈچىلەردىن ئاجىز ئەمەس.

    (10)
    دۇنيادا گۈزەللىك ۋە چىنلىقتىن ئىبارەت ئىككى مەۋجۇتلۇق بار. گۈزەللىك مەشۇقنىڭ قەلبىدە بولىدۇ. چىنلىق دىھقاننىڭ بىلىكىدە بولىدۇ.

    (11)
    شامال سېنىڭ سىرىڭنى ئېچىۋەتكەنلىكى ئۈچۈنلا، دەرەخنىڭ سىرىنىمۇ ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئەيىپلىمەسلىكىڭ كىرەك.

    (12)
    بىر بۈيۈك ئادەمدە ئىككى يۈرەك بولىدۇ.
    بىرى قان تامىدىغان يۈرەك. يەنە بىرى كەڭ قەلب.

    (13)
    سەن ئۆزۈڭ بىلەن ئوخشاش كۈلگەنلەرنى ئۇنتۇپ كېتەلەيسەن. بىراق تەڭ يىغلىغانلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ كېتەلمەيسەن.

    (14)
    بىز تەلپۈنگەن، ئەمما ئېرىشەلمىگەن نەرسىلەر بىز ئېرىشكەن نەرسىلەردىن ھامان قىممەتلىك بولىدۇ.

    (15)
    سەن گۈزەللىكنى مەدھىيەلىمەكچى بولساڭ قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا تۇرساڭمۇ ھامان ئاڭلايدىغانلار چىقىدۇ.

    (16)
    روھ بىر خىل ناخشا. ئۇنى ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ.


    *************************************
    مەنبە: «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى».
    ئۆمەرجان ھەسەن تەرجىمە قىلغان.
    تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي.

    بۇ نەسىرنى باشقا تور بىكەتكە كۆچۈرۈپ يوللىشقا بولمايدۇ
    *************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: