版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34780093.html

    پەلسەپە دىگەن نىمە؟


    «پەلسەپە»نىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيمىز.
    بەجايىكى، ئۇ ئىلمىي ئىزدىنىشلەرگە ئوخشاپ كەتمەيدۇ.
    پەن ئېنىق تىمىغا ئىگە. پەلسەپە بارلىق شەيئى ۋە بىلىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھەمۇ قانداق؟
    بىز ئۇنىڭدا ئالاھىدە تىما يوق، پەقەت ئىدىيەلا بار، دەپ ئېيتامدۇق؟

    پەلسەپە پەنمۇ؟ ياكى بىر خىل پىكىر سەنئىتىمۇ؟

    پەلسەپەگە تەبىر بېرىش شۇنىڭ ئۈچۈن قىيىنكى،
    بىز ئۇنىڭ مۇددىئاسى ھەم ۋەزىپىسى ھەققىدە تۈرلۈك قاراشلارغا ئىگىمىز.
    بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپەنى بارلىق شەيئىلەرگە يېشىم بېرىدىغان ئاساسلىق بىلىم دەپ قارايمىز.
    يەنە بىر جەھەتتىن بىز پەلسەپەنى تۇرمۇشىمىزنىڭ يىتەكچىسى  دەپ قارايمىز.
    ئوتتۇرا ئەسىردە كىشىلەر پەلسەپەنى «ئىلاھىيەتنىڭ دېدىكى» دەيتتى.
    ئەمدىكى  كىشىلەر ئۇنى «تەبىئىي پەن ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ياردەمچىسى» دەپ قارايدۇ .

    «پەلسەپە»نىڭ سۆز مەنىسى - «ئەقىلنى سۆيۈش» دىگەنلىكتۇر.
    بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، پەلسەپە  بىلىم تاشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ياكى يۆتكەپ بېرىدىغان تاشچى ئۇستاملا ئەمەس، بەلكى  بىر خىل رىغبەت ۋە تەلەپتۇر.
    سوقرات ئېيتىدۇكى:
    «پەيلاسوپقا كىرەك بولىدىغىنى ئەقىل - پاراسەتكە ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى سۆيۈش».

    مەلۇمكى، سۇئال سوراش ۋە ئىزدىنىش كەيپىياتى دەل پەلسەپەنىڭ ئاساسلىق ئامىلىدۇر.

    ئارىستوتىل پەلسەپەنى بىر قانچە تۈرگە بۆلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تەڭداشسىز بولغىنى «بىرىنچى پەلسەپە» ياكى «مىتافىزىكا».
    ئۇ ئەڭ ئالىي قائىدە ۋە پىرىنسىپلار ھەققىدىكى  بىلىملەردىن ئىبارەت.

    كانت بىلىمنى ئىككىگە بۆلگەن:
    ئۇنىڭ بىرى، تەبىئىي پەنگە ماس تەجرىبىۋىي بىلىملەر.
    يەنە بىرى، پەلسەپە ئارقىلىق يەتكىلى بولىدىغان ئەقلىي بىلىملەر.

    ئادەتتىكى ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ قوغلىشىدىغىنى پەلسەپە ئەمەس، پەن.
    ھازىرقى زامان پەلسەپەلىرىنىڭ داغدۇغىسى ئەمەلىيەت نەزىرىيەسى.
    ئۇنىڭدا پەقەت تەجرىبىۋىي بىلىملا ھەقىقىي بىلىم بولۇپ، پەلسەپە پەقەت ئۇنىڭ شەرھىچىسى ۋە تەنقىدچىسىدىن ئىبارەت، خالاس.

    مەن شۇنداق قارايمەن:
    پەلسەپە پاراسەتكە تولغان روشەن بىلىملەرنى بېرىدۇ.
    ئۇ ئىنسانىيەت، دۇنيا، خۇدا، گۈزەل تۇرمۇش، جەمئىيەتكە ئائىت ئەقىل - پاراسەتلەرنى تەقدىم قىلىپ، شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە ھايات نىشانى توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ.

    ھەرقانداق كىشى پەلسەپەگە كۆڭۈل بۆلۈشى لازىم.
    پەلسەپە مۇرەككەپ مىتودولوگىيە، ئالىي ماتىماتىكا ياكى نازۇك دىففىرىنسىئال ۋە ئىنتىگراللارنى پۇختا بىلىشنى تەلەپ قىلىپ كەتمەيدۇ.

    ھەقىقىي پەيلاسوپ كەم تېپىلىدىغان گۆھەر.
    چۈنكى مۇشۇنداق تەرتىپسىز دۇنيادا جان - دىلى بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەش تولىمۇ قىممەتلىك روھ.

    دۇنيا پەيلاسوپنى چاقىرىدۇ.
    سەندە خۇدا ئاتا قىلغان قەلب، تەڭداشسىز ھەقىقەتكە بولغان تەشنالىقلا بولىدىكەن، پەيلاسوپ بولالايسەن.

    پەلسەپە بولسا فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە قاتارلىق تەجرىبىۋىي پەنلەرگە ئوخشىمايدۇ.
    ئۇ ماتىماتىكىغا ئوخشاش سىستىمىلىق پىكىر ۋە ئانالىزلار ئارقىلىق روياپقا چىقىدىغان ئەقلىي بىلىم.
    ماتىماتىكىچى بىلەن پەيلاسوپ ئورتاق تەجرىبىدىن تاشقىرى ھالدا ئەمەلىيەتكە قارىتا كۈزىتىشكە تايانسىمۇ بولىدۇ.
    ئۇلار شىرە ئالدىدا ئولتۇرۇپلا ئۆز بايقاشلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
    ئۇلار راھەتلىك ئورۇندۇقتىكى مۇتەپەككۇرلار.

    پەلسەپە سەنئەت ئەمەس،
    لېكىن ئۇنىڭ سەنئەتكە قارىتا يېتەكلەش رولى بولىدۇ.
    بولۇپمۇ دىئالىكتىكا تىخىمۇ شۇنداق.

    پەلسەپە ئىلاھىيەت ئەمەس،
    چۈنكى ئىلاھىيەت دىنىي ئىتىقادتىن كەلگەن.
    پەلسەپە ساۋاتلارنى چىقىش قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ساۋاتلىرىغا يوشورۇنغان ھەر خىل چۈشەنچىلەرنى گۈزەللەشتۈرىدۇ ۋە ئۆزگەرتىدۇ.

    تەجرىبە پەنلىرى پىشىپ يېتىلىپ، بەزى ساھەلەردە ئاخىرقى پەللىسىگە بېرىپ قالدى.
    پەلسەپە  بولسا تېخى بىر بالا،
    ئۇ يەنە نەچچە مىڭ يىلدىن كىيىن چوڭ بولىدۇ.

    *********************************
    (ئابدۇقادىر جالالىدىن تەرجىمە قىلغان،
    ئامىرىكىلىق مورتىمېر ئادلېرنىڭ «غەرپنىڭ تەپەككۇرى» دىگەن كىتابىدىن كەتمەنباي تەييارلىدى.)

    باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    ****************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: