كىتاب . كىتاب . كىتاب - [شېئىرلىرىم]
_べ Tag:ئىجادىيىتىم 2009年02月08日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34795292.html
كىتاب . كىتاب . كىتاب
ساداقەتجان ھاجى
ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە ئەۋەتكىنى
كىتابتۇر. ئالتۇن ئەمەس، قورال ئەمەس.
ئىدىيە خەزىنىسى بولغان كىتاب،
ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ مۇقەددەس.
بىلەمسەن، كىتابنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە
جاھاندا ھىچنىمە تەڭ كېلەلمەيدۇ.
بولمىسا ئادەمدە گەر ئاشۇ كىتاب،
ئالەمنىڭ سىرلىرىنى بىلەلمەيدۇ.
كىتابتا دولقۇنلىغان ئىدىيەلەر،
ئادەمنىڭ يۈرىكىگە سىڭىپ كېتەر.
پەقەت شۇ ئىدىيەگە تايانسىلا،
ئادەم ئۆز شەيتىنىنى يېڭىپ كېتەر.
كىتابنىڭ ئۆزى ئالتۇن، ئۆزى قورال.
ئادەملەر يول تاپىدۇ كىتاب بىلەن.
شۇ كىتاب يىغالايدۇ مىليونلىغان
ئادەمنى بىر چاقىرىق، خىتاب بىلەن.
شۇڭا سەن بۈيۈك ئادەم بولاي دىسەڭ،
قولۇڭغا كىتاب ئالغىن ئاۋال باشلاپ.
قولۇڭدا كىتاب بولسا دۈشمەنلىرىڭ
بەختىڭگە كېلەلمەيدۇ زاۋال باشلاپ.
**********************
(1999-يىل 7-ئاينىڭ 13-كۈنى. قەشقەر)
(«ئىشچىلار ۋاقت گېزىتى» 2001-يىل 6-ئاينىڭ 12-كۈنى)
**********************
باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
**********************
历史上的今天:
收藏到:Del.icio.us