تەكلىماكان...تەكلىماكان... - [شېئىرلىرىم]

    _べ Tag:ئىجادىيىتىم   2009年02月09日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34852979.html

     

    تەكلىماكان


    ساداقەتجان ھاجى


    ئانا تارىم باغرىدا تەكلىماكان
    ئانىمىزدەك ياشىدى نۇرغۇن زامان.

    تۈننى تاڭغا ئۇلىدى ئارمان بىلەن،
    تەلپۈنۈپ نۇرلۇق قۇياشقا ئۇ ھامان.

    روھى كۆكلەپ ھەر ۋاقىت توغراق مىسال،
    قۇدرىتىنى قىلدى ئالەمگە ئايان.

    باسمىدى غەپلەت ئۇنى غەم باسسىمۇ،
    شۇڭا ئۇ لايىق بولۇشقا قەھرىمان.

    بەختىمىزگە گۈللىسۇن بوستان بولۇپ،
    باغرىدا تارىم سۈيى ئاقسۇن راۋان.

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    1998-يىل 1-ئاي. قاشقەر
    («شىنجاڭ گېزىتى»دە ئىلان قىلىنغان)

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    تەكلىماكان

    (ساداقەتجان ھاجىنىڭ غەزىلىگە تەخمىس)


    جۈمە ئابدۇغېنى چوققا


    چۆل ئەمەس تەكتىماكان، ئەسلى ماكان،
    نەسلىمىز ئالدى ئۇنىڭدىن نان ۋە قان.
    بولدى جانلىققا ماكان ھەم بەردى جان.
    ئانا تارىم باغرىدا تەكلىماكان،
    ئانىمىزدەك ياشىدى نۇرغۇن زامان.

    كوپ ئەسىر ئېلىشتى قۇم، بوران بىلەن،
    قىلدى جەڭ باغرىدىكى بارخان بىلەن،
    قاپلىنارمەن دەپ قاچان ئورمان بىلەن،
    تۈننى تاڭغا ئۇلىدى ئارمان بىلەن.
    تەلمۇرۇپ نۇرلۇق قۇياشقا ئۇ ھامان.

    كۈز، باھاردا سوقسىمۇ بوران-شامال،
    يازدا ئاپتاپ كۆيدۈرۈپ قىلسا ئۇۋال،
    قىشتا توڭلاپ بولسىمۇ ھالى ئوسال،
    روھى كۆكلەپ ھەر ۋاقىت توغراق مىسال،
    قۇدرىتىنى ئالەم ئارا قىلدى ئايان.

    كەتمىسۇن ئۇ شۇ پېتى قۇمغا تولۇپ،
    تۈگىمىسۇن گۈل-گىياھ، جانلىق سولۇپ،
    ياشنىتايلى بىز ئۇنى قايتا قۇرۇپ!
    بەختىمىزگە گۈللىسۇن بوستان بولۇپ،
    باغرىدا تارىم سۈيى ئاقسۇن راۋان...

    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى»)
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: