版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34866924.html

    مۇقەددىر ساھىت شېئىرلىرى


    شېئىر پۇرايدۇ

    گۈلزارلىقتىن ھەر قېتىم ئۆتسەم
    دىلنى ئىلھام گۈلى ئورايدۇ.
    گۈل ئەمەسكى، گۈل يۈزلۈك نىگار
    يوللىرىمنى توسۇپ - تورايدۇ.

    قاش ياسىدىن ئوقلار ئۈزۈپ ئۇ
    مەندىن دائىم شېئىر سورايدۇ.
    سورايدۇ - يۇ، ۋەلىكىن ئۆزى
    گۈل پۇرايدۇ، شېئىر پۇرايدۇ.


    چىشلەپ ياتقىن كېپەننى

    كەلگىنىمدە سەكرات ئارا يېتىپسەن،
    تىلىڭ كەلمەي ‹ۋەئەلەيكۇم› دىيىشكە.
    ئەڭ ئاخىرقى ئېيتار گېپىم ئامانەت،
    ئالدىراپلا قاپسەن كېپەن كىيىشكە.

    ئاجايىپ بىر مەخلۇق ئىدىڭ بىر چېغى،
    سەن قىلاتتىڭ چىشلەشكىلا جان پىدا.
    قىلمىشىڭنى ئەپسۇس قالدىم دىيەلمەي،
    لېكىن ساڭا شۇدۇر سۆزۈم: ئەلۋىدا!

    تىرىك چېغىڭ كىشىلەرنى غاجايتىڭ
    كۆرەلمەستىن تىنچ - ئامان، ئىسەننى.
    قارا گۆردە غاجايدىغان كىشى يوق،
    خۇمار تۇتسا چىشلەپ ياتقىن كىپەننى.


    كۆرۈندۈڭ

    يىراقلاردىن نەزەر سالسام
    گۈلدەك كۆرۈندۈڭ.
    يېقىنلاشسام گەپ - سۆزۈڭدىن
    تۇلدەك كۆرۈندۈڭ.
    ساڭا كۆڭۈل بېرەي دىسەم
    كۆپ ئىكەن يارىڭ،
    بىر پۇل ئۈچۈن جان بەرگۈچى
    قۇلدەك كۆرۈندۈڭ.


    *******************************
    (مەنبە: «قەشقەر ئەدەبىياتى» 1985- يىللىق 5- سان)
    بۇ شېئىرلارنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    *******************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: