نۇرمۇھەممەت.بۇساقوپ.شېئىرلىرى - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:ئەدەبىيات   2009年02月09日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34866770.html

    نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ شېئىرلىرى


    نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ ھەققىدە:
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    تالانتلىق شائىر ۋە ژورنالىست نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ 1918 - يىلى بىر كەمبەغەل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1950 -يىلى 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 32 يېشىدا ۋاپات بولغان. شائىرنىڭ «يېڭىلمەس كۈچ»  ناملىق شېئىرلار توپلىمى 1951 - يىلى نەشىر قىلىنغان.
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    مېھرىنى ئۈزمەس


    نۇرمۇھەممەت بۇساقوپ


    ئايلار، يىللار ئۆتۈپ ھامان قېرىساممۇ،
    كۆڭلۈم مېنىڭ ھىچ قېرىماس، ياپ - ياش تۇرار.
    بەل ئېگىلىپ، ھاسا تايىنىپ مۈكچەيسەممۇ،
    ياشلىقىمدىن ئىلھام ئېلىپ يۈرەك ئوينار.


    ساپ ئىلھامىم ساقى بولۇپ مەدەت بېرەر،
    قېرىساممۇ كۆتىرەرمەن ئېغىر تاغنى.
    مۇڭلۇق كۆڭلۈم كىملەرگە دوست؟
    كىملەرگە يات؟
    زەن قويغانلار دائىم كۆرەر بۇندا باغنى.


    ئوخشىماسمەن قېرىساممۇ باشقىلارغا،
    ‹قول كۆتۈرۈپ› ئامەت تىلەش مەندە بولماس.
    ئەمگىكىم - گۈل.
    ئەمگىكىم - باغ.
    جۈملەم - بەخت.
    شېئىرلىرىم كۆرەشتە ھىچ تىنىپ قالماس.


    قېنىم توختاپ جېنىم چىقسا ئەزىز تەندىن،
    كۆرەش ئىزى قالار شۇندا پىشانەمدە.
    چىكىتلەر - قان.
    ئۈندەش - غەزەپ.
    جۈملىلىرىم -
    كۆرەش قىلار ھامان تىنماي بۇ دۇنيادا.


    مىليون ئەلنىڭ قەلبىدە ئۇ ئوتتەك يانار،
    شۇم زۇلمەتنى يوق قىلىشقا تەشنا بولۇپ.
    ‹روھىمنى›  ئۇ خۇش قىلىشار ئازاتلىقتا
    ياشىغان تەڭ، ئۆگىيى يوق كاممۇنا توپ.


    قېرىساممۇ، ئۆلسەممۇ مەن بىللە دائىم،
    ھاياتتىكى كۆرەشلەردە ئىزىم ئۆچمەس.
    ئاتاپ ماڭا شېئىر توقار ياش بوغۇنلار،
    ھىچ ۋاقىتتا مەندىن ئۇلار مېھرىن ئۈزمەس.


    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
    (مەنبە: «گۈدۈك». شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى. 1982-يىل 8-ئاي نەشرى)
    بۇ شېئىرلارنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
    ٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: