版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/34867141.html

    ***********************************************
    سىز پەلسەپەگە قىزىقامسىز؟
    دۇنيادىكى يۈز مەشھۇر پەيلاسوپنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالىنى بىلگىڭىز بارمۇ؟
    يۈز پەيلاسوپنىڭ ئۆزگىچە ھىكمەتلىك سۆزلىرىنى ئوقۇپ، پەيلاسوپلارنىڭ ئۆزىگە خاس تەپەككۇر دۇنياسىنى چۈشىنىشنى خالامسىز؟
    ئۇنداقتا، دىققىتىڭىز بۇ تىمىدا بولسۇن:
    سىز بۇ تىمىدا ھەزرەت سۇلايماندىن تارتىپ ۋاسىلىي رازانۇۋقىچە بولغان پەيلاسوپلارنىڭ ھىكمەتلىرى بىلەن ئۈچرىشىسىز.

    ***********************************************


    يۈز پەيلاسوپنىڭ ھىكمەتلىرى(1)


    (1) ھەزرەت سۇلايمان
    (تەخمىنەن مىلادىدىن ئاۋۋالقى 960 - يىلدىن 935 - يىلغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلغان)

    ھەزرەت سۇلايمان - ھەزرەت داۋۇتنىڭ ئوغلى. ئۇ قەدىمقى ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان. قۇددۇس شەرىپتىكى يەھۋا ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان. زامانداشلىرى سۇلايماننىڭ دانالىقىدىن زۇقلىناتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر ئەقلى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى بىلەن شۆھرەت قازانغان.
    رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە: ھەزرەت سۇلايماننىڭ : « بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسە - ئۆتكۈنچى » دىگەن سۆزلەر ئويۇلغان ئۈزۈكى بولغان. سۇلايمان ھاياتتىكى قايغۇلۇق دەملەردە ئۈزۈكتىكى ئەنە شۇ ھىكمەتنى ئوقۇپ ئۆزىگە تەسەللى بەرگەن.
    بىر كۈنى ئۇنىڭ بېشىغا شۇنداق بەختسىزلىك كېلىدۇكى، ئۈزۈكتىكى سۆزلەر دەردىگە دەرمان بولالمايدۇ. سۇلايمان غەزەپ بىلەن ئۈزۈكنى دەسسەپ، چۆرۈۋىتىدۇ. شۇ پەيتتە ئۇنىڭ كۆزى دومىلاپ كېتىۋاتقان ئۈزۈكنىڭ ئىچكى تەرىپىدە ئاللاقانداق بىر خەتكە چۈشىدۇ. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۈزۈكنى ئېلىپ، خەتنى ئوقۇيدۇ. ئۈزۈكنىڭ ئىچكى تەرىپىگە « بۇمۇ ھەم ئۆتۈپ كېتىدۇ » دىگەن سۆزلەر يېزىلغان ئىدى.
    سۇلايمان ئاچچىق كۈلۈمسىرەپ ئۈزۈكنى بارمىقىغا سالىدۇ ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۈزۈكتىن ئايرىلمايدۇ.

    سۇلايماننىڭ ھىكمەتلىك سۆزلىرىدىن ئۈزۈندىلەر:

    ★ ئەۋلادلار كېلىپ - كېتىدۇ. يەر بولسا ئەبەدىي قالىدۇ.
    ★ دانالىق ئارتقاندا قايغۇ ئارتىدۇ. بىلىمنىڭ كۆپىيىشى بولسا غەمكىنلىكنى كۆپەيتىدۇ.
    ★ بەزەن كۈلگەندە ھەم يۈرەكلەر سىقىرايدۇ. خۇشاللىقمۇ ھەم قايغۇ بىلەن يەكۈنلىنىدۇ.
    ★ مەن قاپ يۈرەكلىكتىن كۆرە دانىشمەنلىك ئەۋزەل دىگەن ئويدا ئىدىم. ئەمما كىشىلەر كەمبەغەلنىڭ دانالىقىدىن نەپرەتلىنىدىكەن ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايدىكەن.
    ★ ئەتىكى كۈنۈڭ بىلەن ماختانما. چۈنكى ئەتىنىڭ ساڭا نىمىلەرنى بېرىدىغانلىقىنى ئۇقمايسەن.
    ★ ئەقىللىق ئادەم كۈلپەتنى ئالدىن كۆرىدۇ ۋە ئۆزىنى ھىمايە قىلىدۇ. تەجرىبىسزلەر بولسا ئالغا ئىلگىرىلەپ، جازاسىنى تارتىدۇ.
    ★ شۇنداق يوللار باركى، ئۇلار ئىنسانغا توغرا كۆرۈنىدۇ. ئەمما بۇنداق يوللارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى - ئۆلۈمدۇر.


    *********************************************
    (ئۆزبىكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ساداقەتجان ھاجى)
    (باشقا تور بىكەت ۋە مەتبۇئاتلاردا ئىلان قىلىشقا بولمايدۇ)
    *********************************************


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: