دوستۇم.مۇرات.ھەمرايىۋ.خاتىرىسىگە - [ئەجرىمدىن گۈللەر]
_べ Tag:ئۆزبەكچە 2009年02月11日
版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
logs/34969484.html
دوستۇم مۇرات ھەمرايىۋ خاتىرىسىگە
ئابدۇللا ئارىپوۋ
كۆرۈپ تۇرۇپتىمەن،
يەر - كۆك تىلىنغان.
پەرزەنتىڭ پىغانى پەلەكنى بويلار.
بىر ياندا ئۆزبىكلەر باش ئېگىپ تۇرغان،
بىر ياندا بالام دەپ يىغلار ئۇيغۇرلار.
نىمە قىلغىنىڭ بۇ؟
ئاھ دوستۇم مۇرات!
ئۆلۈمدىمۇ ئۆتۈۋاپسەن ئالدىغا.
ئۇ ئەھدۇ پەيمانلار بولدىغۇ بەربات.
يەككە ئوۋلايدىكەن ئەجەل دائىما.
مىڭلاپ يىل ئۆتسىمۇ ئاسمان قەھرىدە
تاقاراشماس پەلەكنىڭ ئىككى توزانى.
خۇش ئىدىم ئۆزبىكنىڭ ھەمدەم باغرىدا،
ماڭا دوست بولغانتىڭ ئۇيغۇر ئوغلانى.
نىمىشقا ياخشىغا قىتىغىر ھايات؟
نىمىشقا ياۋ قېلىپ، دوست كېتىدىغاندۇ؟
ئۇلۇغ ئالىم ئىدىڭ، ئۆزۈڭ ئېيت مۇرات،
تەبىئەت ئىشىنى كىم بەللەيدىغاندۇ؟
نىتەي، جىنازەڭگە كېچىكىپ قالدىم،
تۇيۇقسىز بۇ دەردتىن قالدىم گاڭگىراپ.
كىمگە خىتاب قىلاي مۇرات ئەزىزىم؟
باقارمەن قەبرەڭگە ئەمدى تىڭىرقاپ.
(1983 - يىل)
****************************************
مەنبە: «ئابدۇللا ئارىپوۋ شېئىرلىرىدىن تاللانما»
تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي
بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللىماڭ
****************************************
收藏到:Del.icio.us