«ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» - [ئەجرىمدىن گۈللەر]

    _べ Tag:تارىخ   2009年02月11日

    版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35012440.html

    «ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!»


    ئەك.شىمىس (گىرمانىيە)
     


    (كەتمەنباينىڭ بايانى : ھۇنلار تارىخىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر قەدىمقى مىللەت. ئۇلارنى بىلىش ۋە چۈشىنىش تارىختىكى ھەم بۈگۈنكى ئۆزىمىزنى بىلىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بىز ھۇنلارنى كۆپ ھاللاردا جۇڭگۇنىڭ قەدىمقى تارىخ كىتاپلىرىغا تايىنىپ چۈشىنىپ كەلدۇق. ھۇنلار تارىخىنىڭ يەنە بىر ئەڭ شانلىق سەھىپىسى ياۋرۇپادا يېزىلغان. ياۋرۇپانىڭ كۆزى بىلەن ھۇنلارنى كۆرۇپ بېقىش بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولسا كىرەك. «ئاتتىللا ھەققىدە رىۋايەت» دىگەن كىتاپنى بەلكىم تورداشلار ئوقۇغان بولسا كىرەك. لېكىن ئۇنىڭ جەۋھەرلەنگەن قىسمىنى ئەمدى ئوقۇيدۇ. بۇ مېنىڭ ھۇنلار توغرىسىدا تەييارلاۋاتقان تىمامنىڭ بىرىنچىسى.)


    مىلادىيە 375-يىلى پۈتكۈل ياۋرۇپا يەر تەۋرىگەندەك تىترەپ كەتتى. ئاسىيادىن يوپۇرۇلۇپ كەلگەن ياۋايى ئاتلىقلار ياۋرۇپانىڭ شەرقىي چېگرىسىنى بۆسۈپ تاشلىدى.
    «ھۇنلار كەپتۇ، قىيامەت بولغۇدەك!» ئەجەبا، بۇ «ئىنجىل» دا بىشارەت بېرىلگەن زامانىي ئاخىرنىڭ ئۆزىمىدۇ؟
    ھۇنلار بېسىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، رىم ئىمپىرىيەسىنىڭ شىمالى چېگرىسى دائىم بەدەۋىي قەبىلىلەرنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرسىمۇ، ئەمما رىملىقلارنى ھەقىقىي باش ئەگدۈرگەنلەر يەنىلا ھۇنلار بولدى.
    1500 يىل ئىلگىرى ھۇنلار ياۋرۇپاغا يۈرۈش قىلغاندىن باشلاپ، ئۇلار ئاسىيادىن كەلگەن ۋەھىمە دەپ قارالدى. شۇ چاغدىن ئېتىبارەن مەدەنىيەتلىك غەرب دۇنياسىدىكىلەر ئۆزلىرىنى ساراسىمىگە سالغان شەرقلىق غەيرى قەۋملەردىن ھەزەر ئەيلەيدىغان بولۇپ قالدى.
    ھۇنلارنىڭ ياۋرۇپاغا بېسىپ كىرىشى غەرب جەمئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ سىرلارنىڭ بىرى.
    ھۇنلار يەر شارىدىكى ئەڭ مەشھۇر مىللەتلەرنىڭ بىرى. ئۇلار ئەينى چاغدىكى دۇنيادىكى ئۈچ چوڭ ئىمپىرىيە بولمىش – جۇڭگۇ، پىرسىيە ۋە رىمغا تەھدىت سالغان بىردىنبىر مىللەت.
    ھۇنلار يېزىقى يوق مىللەت بولغاچقا، زامانىمىز تارىخشۇناسلىرى بۈگۈنكى روسىيەنىڭ جەنۇبىدا ئولتۇراقلاشقان سىكەنتلەر ئارقىلىق ھۇنلارنى چۈشىنىشكە مەجبۇر بولماقتا.
    رىملىقلار بۇ مۇقىم تۇرالغۇسى، مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ-ئادىتى يوق دەپ قارالغان ھۇنلارغا قىلچە قىزىقمىغان. لېكىن، ھۇنلار كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى چۈشەنچىسىدىكىدەك ھۆكۈمەتسىز پىدائىيلار بولماستىن، ئەكسىچە، تەشكىلچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، مۇستەقىل مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەتتۇر.
    375-يىلدىن 469-يىلغىچە ھۇنلار ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يۈز يىلدەك جەرياندا، پۈتكۈل ھۇنلار ھاكىمىيىتىنىڭ سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان تەڭرىقۇتلار بىرلا جەمەتتىن كېلىپ چىققان.
    ھۇنلار چارۋىچى ۋە چەۋەندازلا بولۇپ قالماستىن، ئۇلارنىڭ قول سانائىتىمۇ يۈكسەك تەرەققىي قىلغان. ھۇنلارنىڭ «سىرلىق قورالى» ئوقيانى ياساش ناھايىتى يۇقۇرى ھۈنەر ۋە مۇناسىپ بىلىملەرنى تەلەپ قىلىدۇ.
    يۇنانلىق پىرىسكائۇس «ھۇنلار ناھايىتى مىھماندوست» دەپ تەسۋىرلىگەن. يۇنانلىقلار بىلەن قانداش بولغان رىملىق تارىخشۇناش ئامىيانوستۇر شەرقتىن كەلگەن بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەتنى «مەدەنىيەتسىز چارۋىچىلار، ئىپتىدائىي تاش قورال دەۋرىدە تۇرۇۋاتقان تەرتىپسىز ئالامانلار» دەپ تەسۋىرلىگەن.
    قانداشلىق جەھەتتىن موڭغۇللار بىلەن ئەمەس، بەلكى تۈركلەر بىلەن تېخىمۇ يېقىن بۇ مىللەتنىڭ زادى قانداق تىلدا سۆزلەشكەنلىكى ئالىملار ئۈچۈن بۈگۈنگىچە بىر سىر بولۇپ تۇرماقتا.
    ھۇنلار ئۆي سالمىغان، شەھەرمۇ قۇرمىغان، ئۆلگەندىن كىيىن تاش لەھەتكە سېلىپ دەپنە قىلىش ئادىتىمۇ بولمىغاچقا، ئۇلاردىن قالغان ئىزلار ئاساسەن يوق دىيەرلىك.
    قاتتىق زىلزىلە پەيدا قىلغان بىر ئارخىئولوگىيەلىك بايقاش كىشىلەرنى ھۇنلارنىڭ ئانا يۇرتى ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىدە، بۈگۈنكى جۇڭگۇ بىلەن چاۋشيەن تۇتاشقان جايدا بولسا كېرەك دىگەن خۇلاسىگە كەلتۈرمەكتە.
    كىشىلەر بۈگۈنكى موڭغۇلىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى ئۇرۇشقاق كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىلەرنىڭ ماكانى دەپ قارايدىغان بولغان.
    ھازىر نۇرغۇن تارىخشۇناسلار ياۋرۇپالىقلار تىلغا ئالغان ھۇنلار بىلەن جۇڭگۇلۇقلار ئېيتقان ھۇنلارنىڭ بىر مىللەت ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمانلانماقتا. ياۋرۇپالىقلار ئېيتقان ھۇنلار ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ئوخشاش بولمىغان كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەردىن تەركىپ تاپقان بىرلەشكەن گەۋدە بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىرق تەۋەلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلىنىپ چىققىنى يوق.
    ھۇنلاردىن ئىبارەت بۇ كۆچمەن چارۋىچى مىللەت موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، جەنۇپ ۋە غەرپ تەرەپلەرگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئاسىيانىڭ كۆپ قىسىم زىمىنىنى ئىگەللىگەن. ھەتتا قۇدرەتلىك جۇڭگۇمۇ مەلۇم تەدبىر قوللىنىش ئارقىلىق ئۇلاردىن مۇداپىئەلىنىش كىرەكلىكىنى مۇۋاپىق كۆرگەن. شۇنىڭ بىلەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 214-يىلى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھازىرغىچە كەم ئۇچرايدىغان ئەڭ كاتتا قۇرۇلۇش  سەددىچىن ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئەينى چاغدىكى جۇڭگۇلۇق بىر ئەمەلدار ھۇنلارنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «ئۇلارنىڭ كۆكرىكىدە سوقۇۋاتقىنى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ يۈرىكى. ئەلمىساقتىن ئۇلار ئىنسانىيەتنىڭ بىر ئەزاسى دەپ قارالغان ئەمەس».
    ھۇنلار ئىگەللىۋالغان جۇڭگۇ زىمىنىدا ئۆز ئۆيىدەكلا ياشاپ، ئۆزلىرىنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى قۇرغان. ئۇلار شەھەرلەرگە ھۆكۈمران بولۇپ، خەنزۇلار بىلەن قۇدىلىشىش ئارقىلىق جۇڭگۇ جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرگەن. 350-يىلىغا كەلگەندە، بىر مەيدان ۋەھشىلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي زىيانكەشلىك نەچچە ئەۋلاتتىن بىرى جۇڭگۇدا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن ھۇنلارنىڭ ئۇرۇقىنى قۇرۇتىۋەتكەن. ماتىرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، ھۇنلاردىن قېرى-ياش، ئەر-ئايال، پۇقرا ۋە ئاقسۆڭەكلەر بولۇپ جەمئىي ئىككى يۈزمىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ بىر يۈگەنسىز ھەم ھۆكۈمران بولغان مىللەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، شۇبھىسىزكى، كىشىنى قاتتىق چۆچىتىدىغان ۋەقە.
    ھايات قالغان ھۇنلار ئاۋۋال شىمالغا قاراپ قاچقان. ئۇلارنىڭ كۆچىشى نەتىجىسىدە، ئەسلىدە شىمالدا تۇرۇۋاتقان ھۇن قەبىلىلىرى غەرپكە كۆچۈشكە باشلىغان بولۇشى مۈمكىن. ئۇلارنىڭ كۆچۈپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، ھاۋا كىلىماتىنىڭ ئۆزگىرىشى بولسا كىرەك. بۈگۈنكى كۈندىمۇ موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدە چارۋا مال باقماق ناھايىتى مۈشكۈل ئىش بولۇپ، قارا قىش دائىم ئاپەت خاراكتىرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ. 1992-يىلدىكى زىمىستان قىش سوغۇقىدا، مۇشۇنداق قاباھەتلىك ھاۋا كىلىماتىغا ئالاھىدە ماسلىشالايدىغان قوتازلارمۇ توڭلاپ ئۆلگەن.
    373-يىلدىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق سوغۇق قىش ھۇنلارغا ئېغىر بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن. ئاچارچىلىق ۋە ئارتۇقچە نوپۇس ھۇنلارنى كۆچۈشكە مەجبۇرلىغان.ھۇنلار بىپايان موڭغۇلىيە ئىگىزلىكىدىن يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئالتاي تاغلىرى، ئارال دېڭىزى، كاسپى دېڭىزى، ۋە قارادېڭىزنى بويلاپ مېڭىپ ياۋرۇپادىكى كارپات تاغلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن. بۈگۈنكى كۈندە تارىخشۇناسلار ھۇنلار بۇ يوللاردا قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى تەكشۈرۈپ، ھۇنلار ئىشلەتكەن مەشھۇر مىس قازانلارنى تاپتى. بۇ مىس قازانلارنىڭ ئەڭ ئېغىرى ئەللىك نەچچە كىلوگىرام كىلىدۇ. بۇ مىس قازانلاردا ئىپادىلەنگەن قۇيمىچىلىق تېخنىكىسى بىلەن سىرتقى يۈزى ۋە گىرۋىكىدىكى بىزەكلەردە جۇڭگۇ سەنئىتىنىڭ تەسىرى بولۇپلا قالماستىن، يەنە ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە ئۇسلۇبىمۇ گەۋدىلەنگەن. بۇ مىس قازانلار بەلكىم دىن بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كىرەك.
    ياۋرۇپالىقلار تۇنجى قىتىم ھۇن چەۋەندازلىرىنى كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ ئات بىلەن بولغان شۇ قەدەر ئىجىللىقىدىن قاتتىق ھەيران قالغان. رىملىق بىر تارىخشۇناس: «ھەتتا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادەم تەنلىك ئاتمۇ ھۇنلاردەك ئات بىلەن مەھكەم باغلانغان ئەمەس» دەپ يازغان.
    ھۇنلار بىلەن زامانداش كىشىلەر ھۇنلارنىڭ ئاتلىرىنى ۋىجىك، كۆرۈمسىز، تۈكلىرى پاخپايغان ھالەتتە تەسۋىرلىگەن.
    ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە ئات ئىگىرى رىملىقلارنى ھەيرەتتە قالدۇرغان. ھۇنلارنىڭ ئىگىرى رىملىقلارنىڭكىدەك ئاتنىڭ تۆشىگە تارتىلىدىغان كۆندىن ياسالغان بولماستىن، ئىككى بېشى ئېگىز ياغاچ كۆتۈرگۈچلۈك بولۇشى بىلەن باشقا ئىگەرلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇنداق ئىگەردە ئولتۇرغان چەۋەنداز ئات ھەرقانچە چاپسىمۇ مەھكەم ئولتۇرالايدۇ. رىملىقلارنىڭ ئات مىنىش جەھەتتىكى قوپاللىقى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن چەۋەندازلار دائىم جەڭدە تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ ئاتتىن چۈشۈپ كېتىدىكەن. ھۇنلارنىڭ ئاتلىرى قاۋۇل ھەم چىداملىق، بوغۇزلۇق كىلىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە، ھەر بىر ھۇن ئەسكىرىدە يەتتىدىن زاپاس ئات بولىدىكەن.
    ئىگەردىن باشقا ھۇنلار يەنە ئاسىيادىن ئەينى چاغدا ئىنقىلاب خاراكتىرلىك بىر خىل يېڭىلىق ئېلىپ كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ ياۋرۇپالىقلار كۆرۈپمۇ باقمىغان ئۈزەڭگىدۇر. ياغاچ ياكى تۆمۈردىن ياسالغان ئۈزەڭگە بەشىنچى ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھۇنلار دەۋرى ئاخىرلىشاي دىگەندە ئاندىن مەيدانغا كەلگەن. ياغاچ ئىگەر ۋە ئۈزەڭگە بولغاچقا، ھۇن چەۋەندازلار ئاتقا مىنىپ ھەر تەرەپكە ئوق ئاتالىغان.
    مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئىككىنچى ئەسىردە، تەڭرىقۇت موتۇن «ھۇن» قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسىنى «ئوقياچى مىللەت» دەپ ئاتىغان. ھۇنلارنىڭ ئاجايىپ قورالى ئۆزگىچە لايىھەلەنگەن يا بىلەن يېڭىچە ئوقتۇر. ھۇنلار ئوقنىمۇ ئاسىيادىن ئېلىپ كەلگەن. ھۇنلار ئىشلەتكەن ئوقنىڭ دەستىسىگە ئالاھىدە تۆشۈك ئېچىلغان بولۇپ، ئاتقان ئوقتىن ئوخشىمىغان ئاۋازلار چىققان. مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن ھۇنلار جەڭلەردە دۈشمەن ئۇقمايدىغان بۇيرۇقلارنى يەتكۈزگەن. ئوق بېشى تۆمۈردىن ياسالغان بولۇپ، ئۈچ قىرلىق، ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن ئاتمىش سانتىمىتىر كىلىدۇ. ئوقنىڭ تېشىپ ئۆتۈش كۈچى جان ئالغۇدەك دەرىجىدە بولۇپ، بۇنداق ئوقنى ياۋرۇپالىقلار شۇ چاغقىچە ئۇچرىتىپ باقمىغان. ھۇنلار ئوقياسى بىلەن ئاتمىش مىتىر يىراقلىقتىكى نىشانغا دەل جايىدا تەككۈزەلەيدىكەن.
    ھەربى جەھەتتىكى بۇنداق ئەۋزەللىككە ئىگە ھۇنلارنىڭ توساتتىن ياۋرۇپا چىگرىسىدا پەيدا بولۇشى ياۋرۇپالىقلارنى بىردىنلا زامانىي ئاخىر يېتىپ كەلگەندەك ساراسىمىگە چۈشۈرىۋەتكەن. ياۋرۇپالىقلار بۇنداق ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىغا ئامالسىز قالغان. قەدىمدىن قالغان يۈزمۇيۈز ئىلىشىپ كۈچلۈكلەر غەلىبە قىلىدىغان ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى بولسا ھازىر ئاقمايدىغان بولۇپ قالدى.
    ھۇنلارنىڭ ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسى ئۇلارنى ئىنتايىن مۇھىم غەلىبىلەرگە ئېلىپ بارغان. 5-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياشىغان يۇنانلىق تارىخشۇناس سوشموس «يېڭى تارىخ» دىگەن كىتابىدا ھۇنلارنىڭ ئۆزگىچە جەڭ قىلىش تاكتىكىسى ھەققىدە خاتىرە قالدۇرغان.
    ھۇنلار تاكتىكىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بىرىدۇ. كىمكى ھۇنلارنىڭ ئوقىدىن ئامان قالغان بولسا، ئۇ ھۇن چەۋەندازلىرىنىڭ قوش بىسلىق ئۇزۇن قىلىچىدىن ئاگاھ بولۇشى كىرەك. ھۇنلارنىڭ ئوقياسىغا ئوخشاش، بۇنداق قوش بىسلىق قىلىچىمىۇ ياۋرۇپالىقلارنىڭ قىلىچىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئۇرۇش ھۇنلار ئۈچۈن ئېيتقاندا خىزمەتتۇر. ئات بولسا ئۇلارنىڭ ئىش بىجىرىش ئورنى. ھۇنلار ھەم ئۆزى ئۈچۈن، ھەم باشقىلار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ.
    بۇ غەلىتە ھۇنلارنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان تەرىپى شۇكى، ئۇلار ئىگەللىۋالغان زىمىنىنى قوغداپ قىلىشنىڭ كويىدا بولمايدۇ. ھۇنلار ھەرگىزمۇ ئۆزى تېرىقچىلىق قىلىش ئۈچۈن دىھقانلارنى ئېتىزلىقىدىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئارامبەخش ئۆيىنى تارتىۋىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى شەھەردىن قوغلىمايدۇ. ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ھۆكۈمەتنى تارقىتىۋەتمەيدۇ. ئۇلار شەپقەتسىزلەرچە بۇلاپ-تالاپ، قىرغىنچىلىق قىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار كىشىلەر بىلىدىغان ھەممە دۈشمەنلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق. پىشىۋا پوپلار بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشۈپ، (زامانىي ئاخىرنىڭ بىشارىتىدە تەسۋىرلەنگەن چەۋەندازلار ئەمدى كەپتۇ، ھۇنلار جازالىغۇچىلاركەن، بۇ دىگەن «تەڭرىنىڭ جازاسى») دەپ ئويلاپ قىلىشقان. ھالاكەتلىك كۈنلەر يېقىنلاشقاندا، ئاۋگوستىنۇس: «دۇنيا ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالدى، پات ئارىدا يوقالغۇسى» دەپ يازغان.


    *******************************

    (مەنبە: ئۆمەرجان نۇرى تەرجىمە قىلغان، گىرمانىيەلىك ئەك.شىمىس يازغان «ئاتتىللا ھەققىدە رىۋايەت».
    قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 2004-يىل 4-ئاي نەشرى. تورغا تەييارلىغۇچى: كەتمەنباي.
    *******************************

     



    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: