版权声明:转载时请以超链接形式标明文章原始出处和作者信息及本声明
    logs/35156707.html

    شائىرغا نىمە كىرەك؟

     
    ساداقەتجان ھاجى

     
    بىلىمەن قولۇمدا بىر قەلەمنىڭ بارلىقىنى.
    بىلىمەن يېزىش كىرەكلىكىنى توختىماي.
    بىلىمەن قەلبىمدە دەرد-ئەلەمنىڭ بارلىقىنى.
    بىلىمەن ياشاش كىرەكلىكىنى ئۇخلىماي.


    شۇڭا ھاياتنىڭ
    مەن بىلىدىغان دوقمۇشىدا ئولتۇرۇپ
    يازدىم جۇۋازدىكى كالىدەك.
    يازدىم بەزىدە ھىسسىياتچان قۇشتەك.
    يازدىم كۆڭۈل سىرىمنى تۆكۈپ بىراقلا
    خۇددى شېئىر مەن بىلەن تونۇشتەك.
     

    يازدىم شېئىر يېزىش شۇنچە ئاساندەك.
    يازدىم ئىلاھىي سىرلار ماڭا ئاياندەك.
    يازدىم ... جەننەت ... كەۋسەر ... پەرىشتە ... دەپ
    قەلبىم كۆيۈۋاتسا باياۋاندەك ...


    يازدىم قەلبىمدە لاۋۇلداپ ھەۋەس.
    بىر تىنىق چىقمىدى ئالسام مىڭ نەپەس.
    مەن مۇھەببەتنى كۈيلىگەن بىلەن،
    مۇھەببەت ئىكەن شېئىرغا قەپەز.
     

    مۇھەببەت – شائىرنى ئازدۇرغان مۇھەببەت.
    مۇھەببەت – يالغاننى يازدۇرغان مۇھەببەت.
    مۇھەببەت سىغىشالمايدۇ ھەقىقەت بىلەن.
    شۇڭلاشقا شېئىر يازمىغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام؟
     

    لېكىن مەن ئازغۇچى.
    ساراڭدەك شېئىرغا قىلىمەن ھەۋەس
    يېزىش ئۈچۈن
    ھامان بىر كۈنى يازىدىغان شېئىرنى.
    تۈننىڭ پايانى يوق باياۋانىدا
    ئەيلەپ كالىدەك ياكى قۇشتەك نىدا
    مۇھەببەتنى كۈيلەيمەن يەنە
    كۈيلەيمەن ئازدۇرغۇچى مۇھەببەتنى
    توشقۇزۇپ جەننەت، كەۋسەر، پەرىشتە بىلەن دەپتىرىمنى.
     

    جەننەت – شېئىرمۇ؟
    كەۋسەر – شېئىرمۇ؟
    پەرىشتە – شېئىرمۇ؟
    مۇھەببەت – شېئىرمۇ؟
    كىم بىلىدۇ بۇنى مەندىن ياخشىراق؟
    قەلبىمىزنى يورۇتالامدۇ
    ئۆيىمىزگە يېقىلغان چىراق؟
    سەۋەب بولالامدۇ شېئىر يېزىشقا
    قەلبىمىزدىكى قەترە دەرد- ئەلەم؟
    مۇھەببەت سىغىشالامدۇ ھەقىقەت بىلەن
    ئەگەر شېئىر يازمىسا قەلەم؟
    ئېيتقىنا ئەي سۇ بولغان يۈرەك
    شائىرغا نىمە كىرەك؟؟

    ★★★★★★★★★★★
    (2008-يىل 1-ئاي. قەشقەر)
    بۇ شېئىرنى باشقا توربەتلەرگە كۆچۈرۈپ يوللاشقا بولمايدۇ
    ★★★★★★★★★★★


    历史上的今天:


    收藏到:Del.icio.us




    引用地址: